< زەبۇر 1 >
رەزىللەرنىڭ گېپى بويىچە ماڭمايدىغان، گۇناھكارلارنىڭ يولىدا تۇرمايدىغان، مەسخىرە قىلغۇچىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرمايدىغان ئادەم بەخت تاپۇر! | 1 |
Rǝzillǝrning gepi boyiqǝ mangmaydiƣan, Gunaⱨkarlarning yolida turmaydiƣan, Mǝshirǝ ⱪilƣuqining ornida olturmaydiƣan adǝm bǝht tapur!
ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىدىلىدۇر؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ. | 2 |
Uning hursǝnliki pǝⱪǝt Pǝrwǝrdigarning tǝwrat-ⱪanunidilidur; U Pǝrwǝrdigarning ⱪanunini keqǝ-kündüz seƣinip oylaydu.
ئۇ خۇددى ئېرىق بويىغا تىكىلگەن، ئۆز پەسلىدە مېۋىسىنى بېرىدىغان، يوپۇرماقلىرى سولاشمايدىغان دەرەختەكتۇر؛ ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ. | 3 |
U huddi eriⱪ boyiƣa tikilgǝn, Ɵz pǝslidǝ mewisini beridiƣan, Yopurmaⱪliri solaxmaydiƣan dǝrǝhtǝktur; U nemila ⱪilsa ronaⱪ tapidu.
رەزىل ئادەملەر بولسا ئۇنداق بولماس؛ ئۇلار خۇددى شامال ئۇچۇرىۋەتكەن توزاندەكتۇر. | 4 |
Rǝzil adǝmlǝr bolsa undaⱪ bolmas; Ular huddi xamal uquriwǝtkǝn tozandǝktur.
شۇنىڭ ئۈچۈن رەزىللەر سوراق كۈنىدە تىك تۇرالمايدۇ، گۇناھكارلار ھەققانىيلارنىڭ جامائىتىدە ھېچ بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرالمايدۇ. | 5 |
Xuning üqün rǝzillǝr soraⱪ künidǝ tik turalmaydu, Gunaⱨkarlar ⱨǝⱪⱪaniylarning jamaitidǝ ⱨeq bexini kɵtürüp turalmaydu.
چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنىڭ يولىنى كۆڭلىگە پۈككەن؛ رەزىللەرنىڭ يولى بولسا يوقىلىدۇ. | 6 |
Qünki Pǝrwǝrdigar ⱨǝⱪⱪaniylarning yolini kɵngligǝ pükkǝn; Rǝzillǝrning yoli bolsa yoⱪilidu.