< ئايۇپ 41 >
لېۋىئاتاننى قارماق بىلەن تارتالامسەن؟ ئۇنىڭ تىلىنى ئارغامچا بىلەن [باغلاپ] باسالامسەن؟ | 1 |
Lewiatanni ⱪarmaⱪ bilǝn tartalamsǝn? Uning tilini arƣamqa bilǝn [baƣlap] basalamsǝn?
ئۇنىڭ بۇرنىغا قومۇش چۈلۈكنى كىرگۈزەلەمسەن؟ ئۇنىڭ ئېڭىكىنى تۆمۈر نەيزە بىلەن تېشەلەمسەن؟ | 2 |
Uning burniƣa ⱪomux qülükni kirgüzǝlǝmsǝn? Uning engikini tɵmür nǝyzǝ bilǝn texǝlǝmsǝn?
ئۇ ساڭا ئارقا-ئارقىدىن ئىلتىجا قىلامدۇ؟ ياكى ساڭا ياۋاشلىق بىلەن سۆز قىلامدۇ؟ | 3 |
U sanga arⱪa-arⱪidin iltija ⱪilamdu? Yaki sanga yawaxliⱪ bilǝn sɵz ⱪilamdu?
ئۇ سەن بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى مەڭگۈ مالاي سۈپىتىدە قوبۇل قىلالامسەن؟ | 4 |
U sǝn bilǝn ǝⱨdǝ tüzüp, Xuning bilǝn sǝn uni mǝnggü malay süpitidǝ ⱪobul ⱪilalamsǝn?
سەن ئۇنى قۇشقاچنى ئويناتقاندەك ئوينىتامسەن؟ دېدەكلىرىڭنىڭ ھۇزۇرى ئۈچۈن ئۇنى باغلاپ قويامسەن؟ | 5 |
Sǝn uni ⱪuxⱪaqni oynatⱪandǝk oynitamsǝn? Dedǝkliringning ⱨuzuri üqün uni baƣlap ⱪoyamsǝn?
تىجارەتچىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدە سودىلىشامدۇ؟ ئۇنى سودىگەرلەرگە بۆلۈشتۈرۈپ بېرەمدۇ؟ | 6 |
Tijarǝtqilǝr uning üstidǝ sodilixamdu? Uni sodigǝrlǝrgǝ bɵlüxtürüp berǝmdu?
سەن ئۇنىڭ پۈتكۈل تېرىسىگە ئاتارنەيزىنى سانجىيالامسەن؟ ئۇنىڭ بېشىغا چاڭگاك بىلەن سانجىيالامسەن؟! | 7 |
Sǝn uning pütkül terisigǝ atarnǝyzini sanjiyalamsǝn? Uning bexiƣa qanggak bilǝn sanjiyalamsǝn?!
قولۇڭنى ئۇنىڭغا بىرلا تەگكۈزگەندىن كېيىن، بۇ جەڭنى ئەسلەپ ئىككىنچى ئۇنداق قىلغۇچى بولمايسەن! | 8 |
Ⱪolungni uningƣa birla tǝgküzgǝndin keyin, Bu jǝngni ǝslǝp ikkinqi undaⱪ ⱪilƣuqi bolmaysǝn!
مانا، «[ئۇنى بويسۇندۇرىمەن]» دېگەن ھەرقانداق ئۈمىد بىھۇدىلىكتۇر؛ ھەتتا ئۇنى بىر كۆرۈپلا، ئۈمىدسىزلىنىپ يەرگە قاراپ قالىدۇ ئەمەسمۇ؟ | 9 |
Mana, «[uni boysundurimǝn]» degǝn ⱨǝrⱪandaⱪ ümid biⱨudiliktur; Ⱨǝtta uni bir kɵrüpla, ümidsizlinip yǝrgǝ ⱪarap ⱪalidu ǝmǝsmu?
ئۇنىڭ جېنىغا تېگىشكە پېتىنالايدىغان ھېچكىم يوقتۇر؛ ئۇنداقتا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرماقچى بولغان كىمدۇر؟ | 10 |
Uning jeniƣa tegixkǝ petinalaydiƣan ⱨeqkim yoⱪtur; Undaⱪta Mening aldimda turmaⱪqi bolƣan kimdur?
ئاسمان ئاستىدىكى ھەممە نەرسە مېنىڭ تۇرسا، مېنىڭ ئالدىمغا كىم كېلىپ «ماڭا تېگىشلىكىنى بەرگىنە» دەپ باققان ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا قايتۇرۇشقا تېگىشلىكمۇ؟ | 11 |
Asman astidiki ⱨǝmmǝ nǝrsǝ Mening tursa, Mening aldimƣa kim kelip «manga tegixlikini bǝrginǝ» dǝp baⱪⱪan ikǝn, Mǝn uningƣa ⱪayturuxⱪa tegixlikmu?
[لېۋىئاتاننىڭ] ئەزالىرى، ئۇنىڭ زور كۈچى، ئۇنىڭ تۈزۈلۈشىنىڭ گۈزەللىكى توغرۇلۇق، مەن سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن. | 12 |
[Lewiatanning] ǝzaliri, Uning zor küqi, Uning tüzülüxining güzǝlliki toƣruluⱪ, Mǝn süküt ⱪilip turalmaymǝn.
كىم ئۇنىڭ ساۋۇتلۇق تونىنى سالدۇرۇۋېتەلىسۇن؟ كىم ئۇنىڭ قوش ئېڭىكى ئىچىگە كىرىۋالالىسۇن؟ | 13 |
Kim uning sawutluⱪ tonini salduruwetǝlisun? Kim uning ⱪox engiki iqigǝ kiriwalalisun?
كىم ئۇنىڭ يۈز دەرۋازىلىرىنى ئاچالالىسۇن؟ ئۇنىڭ چىشلىرى ئەتراپىدا ۋەھىمە ياتىدۇ. | 14 |
Kim uning yüz dǝrwazilirini aqalalisun? Uning qixliri ǝtrapida wǝⱨimǝ yatidu.
قاسىراقلىرىنىڭ سەپلىرى ئۇنىڭ پەخرىدۇر، ئۇلار بىر-بىرىگە چىڭ چاپلاشتۇرۇلغانكى، | 15 |
Ⱪasiraⱪlirining sǝpliri uning pǝhridur, Ular bir-birigǝ qing qaplaxturulƣanki,
بىر-بىرىگە شامال كىرمەس يېقىن تۇرىدۇ. | 16 |
Bir-birigǝ xamal kirmǝs yeⱪin turidu.
ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ھەمراھلىرىغا چاپلاشقاندۇر؛ بىر-بىرىگە زىچ يېپىشتۇرۇلغان، ھېچ ئايرىلماستۇر. | 17 |
Ularning ⱨǝrbiri ɵz ⱨǝmraⱨliriƣa qaplaxⱪandur; Bir-birigǝ ziq yepixturulƣan, ⱨeq ayrilmastur.
ئۇنىڭ چۈشكۈرۈشلىرىدىن نۇر چاقنايدۇ، ئۇنىڭ كۆزلىرى سەھەردىكى قاپاقتەكتۇر. | 18 |
Uning qüxkürüxliridin nur qaⱪnaydu, Uning kɵzliri sǝⱨǝrdiki ⱪapaⱪtǝktur.
ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئوتلار چىقىپ تۇرىدۇ؛ ئوت ئۇچقۇنلىرى سەكرەپ چىقىدۇ. | 19 |
Uning aƣzidin otlar qiⱪip turidu; Ot uqⱪunliri sǝkrǝp qiⱪidu.
قومۇش گۈلخانغا قويغان قايناۋاتقان قازاندىن چىققان ھوردەك، ئۇنىڭ بۇرۇن تۆشۈكىدىن تۈتۈن چىقىپ تۇرىدۇ؛ | 20 |
Ⱪomux gülhanƣa ⱪoyƣan ⱪaynawatⱪan ⱪazandin qiⱪⱪan ⱨordǝk, Uning burun tɵxükidin tütün qiⱪip turidu;
ئۇنىڭ نەپىسى كۆمۈرلەرنى تۇتاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىر يالقۇن چىقىدۇ. | 21 |
Uning nǝpisi kɵmürlǝrni tutaxturidu, Uning aƣzidin bir yalⱪun qiⱪidu.
بوينىدا زور كۈچ ياتىدۇ، ۋەھىمە ئۇنىڭ ئالدىدا سەكرىشىپ ئوينايدۇ. | 22 |
Boynida zor küq yatidu, Wǝⱨimǝ uning aldida sǝkrixip oynaydu.
ئۇنىڭ ئەتلىرى قات-قات بىرلەشتۈرۈلۈپ چىڭ تۇرىدۇ؛ ئۈستىدىكى [قاسىراقلىرى] يېپىشتۇرۇلۇپ، مىدىرلىماي تۇرىدۇ. | 23 |
Uning ǝtliri ⱪat-ⱪat birlǝxtürülüp qing turidu; Üstidiki [ⱪasiraⱪliri] yepixturulup, midirlimay turidu.
ئۇنىڭ يۈرىكى بەئەينى تاشتەك مۇستەھكەم تۇرىدۇ، ھەتتا تۈگمەننىڭ ئاستى تېشىدەك مەزمۇت تۇرىدۇ. | 24 |
Uning yüriki bǝǝyni taxtǝk mustǝⱨkǝm turidu, Ⱨǝtta tügmǝnning asti texidǝk mǝzmut turidu.
ئۇ ئورنىدىن قوزغالسا، پالۋانلارمۇ قورقۇپ قالىدۇ؛ ئۇنىڭ تولغىنىپ شاۋقۇنلىشىدىن ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ. | 25 |
U ornidin ⱪozƣalsa, palwanlarmu ⱪorⱪup ⱪalidu; Uning tolƣinip xawⱪunlixidin alaⱪzadǝ bolup ketidu.
بىرسى قىلىچنى ئۇنىڭغا تەگكۈزسىمۇ، ھېچ ئۈنۈمى يوق؛ نەيزە، ئاتارنەيزە ۋە ياكى چاڭگاق بولسىمۇ بەرىبىر ئۈنۈمسىزدۇر. | 26 |
Birsi ⱪiliqni uningƣa tǝgküzsimu, ⱨeq ünümi yoⱪ; Nǝyzǝ, atarnǝyzǝ wǝ yaki qanggaⱪ bolsimu bǝribir ünümsizdur.
ئۇ تۆمۈرنى ساماندەك، مىسنى پور ياغاچتەك چاغلايدۇ. | 27 |
U tɵmürni samandǝk, Misni por yaƣaqtǝk qaƣlaydu.
ئوقيا بولسا ئۇنى قورقىتىپ قاچقۇزالمايدۇ؛ سالغا تاشلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا پاخالغا ئايلىنىدۇ. | 28 |
Oⱪya bolsa uni ⱪorⱪitip ⱪaqⱪuzalmaydu; Salƣa taxliri uning aldida pahalƣa aylinidu.
توقماقلارمۇ پاخالدەك ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ؛ ئۇ نەيزە-شەشبەرنىڭ تەڭلىنىشىگە قاراپ كۈلۈپ قويىدۇ. | 29 |
Toⱪmaⱪlarmu pahaldǝk ⱨeqnemǝ ⱨesablanmaydu; U nǝyzǝ-xǝxbǝrning tǝnglinixigǝ ⱪarap külüp ⱪoyidu.
ئۇنىڭ ئاستى قىسمى بولسا ئۆتكۈر ساپال پارچىلىرىدۇر؛ ئۇ لاي ئۈستىگە چوڭ تىرنا بىلەن تاتىلىغاندەك ئىز قالدۇرىدۇ. | 30 |
Uning asti ⱪismi bolsa ɵtkür sapal parqiliridur; U lay üstigǝ qong tirna bilǝn tatiliƣandǝk iz ⱪalduridu.
ئۇ دېڭىز-ئوكيانلارنى قازاندەك قاينىتىۋېتىدۇ؛ ئۇ دېڭىزنى قازاندىكى مەلھەمدەك ۋاراقشىتىدۇ؛ | 31 |
U dengiz-okyanlarni ⱪazandǝk ⱪaynitiwetidu; U dengizni ⱪazandiki mǝlⱨǝmdǝk waraⱪxitidu;
ئۇ ماڭسا ماڭغان يولى پارقىرايدۇ؛ ئادەم [بۇژغۇنلارنى كۆرۈپ] چوڭقۇر دېڭىزنى ئاپئاق چاچلىق بوۋاي دەپ ئويلاپ قالىدۇ. | 32 |
U mangsa mangƣan yoli parⱪiraydu; Adǝm [buȥƣunlarni kɵrüp] qongⱪur dengizni ap’aⱪ qaqliⱪ boway dǝp oylap ⱪalidu.
يەر يۈزىدە ئۇنىڭ تەڭدىشى يوقتۇر، ئۇ ھېچ قورقماس يارىتىلغان. | 33 |
Yǝr yüzidǝ uning tǝngdixi yoⱪtur, U ⱨeq ⱪorⱪmas yaritilƣan.
ئۇ بۈيۈكلەرنىڭ ھەرقاندىقىغا [جۈرئەت بىلەن] نەزەر سېلىپ، قورقمايدۇ؛ ئۇ بارلىق مەغرۇر ھايۋانلارنىڭ پادىشاھىدۇر». | 34 |
U büyüklǝrning ⱨǝrⱪandiⱪiƣa [jür’ǝt bilǝn] nǝzǝr selip, ⱪorⱪmaydu; U barliⱪ mǝƣrur ⱨaywanlarning padixaⱨidur».