< زەبۇر 99 >
پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! خەلقلەر تىترىسۇن! ئۇ كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرىدۇ؛ يەر-جاھان زىلزىلىگە كەلسۇن! | 1 |
Pǝrwǝrdigar ⱨɵküm süridu! Hǝlⱪlǝr titrisun! U kerublar otturisida olturidu; Yǝr-jaⱨan zilziligǝ kǝlsun!
پەرۋەردىگار زىئوندا بۈيۈكتۇر، ئۇ بارلىق خەلقلەر ئۈستىدە تۇرىدىغان ئالىيدۇر. | 2 |
Pǝrwǝrdigar Zionda büyüktur, U barliⱪ hǝlⱪlǝr üstidǝ turidiƣan aliydur.
ئۇلار ئۇلۇغ ۋە سۈرلۈك نامىڭنى مەدھىيىلەيدۇ؛ ئۇ پاك-مۇقەددەستۇر! | 3 |
Ular uluƣ wǝ sürlük namingni mǝdⱨiyilǝydu; U pak-muⱪǝddǝstur!
پادىشاھنىڭ قۇدرىتى ئادالەتكە بېغىشلانغاندۇر؛ ئۆزۈڭ دۇرۇسلۇقنى مەھكەم ئورناتقانسەن؛ سەن ياقۇپ ئارىسىدا ئادالەت ۋە ھەققانىيەت يۈرگۈزگەن. | 4 |
Padixaⱨning ⱪudriti adalǝtkǝ beƣixlanƣandur; Ɵzüng durusluⱪni mǝⱨkǝm ornatⱪansǝn; Sǝn Yaⱪup arisida adalǝt wǝ ⱨǝⱪⱪaniyǝt yürgüzgǝn.
پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار! تەختىپەرى ئالدىدا ئېگىلىپ سەجدە قىلىڭلار ــ ئۇ مۇقەددەستۇر! | 5 |
Pǝrwǝrdigar Hudayimizni uluƣlanglar! Tǝhtipǝri aldida egilip sǝjdǝ ⱪilinglar — U muⱪǝddǝstur!
ئۇنىڭ كاھىنلىرى ئارىسىدا مۇسا ۋە ھارۇن بار ئىدى، نامىنى چاقىرغانلار ئىچىدە سامۇئىلمۇ ھازىر ئىدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ، چاقىردى، ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بەردى. | 6 |
Uning kaⱨinliri arisida Musa wǝ Ⱨarun bar idi, Namini qaⱪirƣanlar iqidǝ Samuilmu ⱨazir idi; Ular Pǝrwǝrdigarƣa iltija ⱪilip, qaⱪirdi, U ularƣa jawab bǝrdi.
خۇدا بۇلۇت تۈۋرۈكىدە ئۇلارغا سۆزلىدى؛ ئۇلار ئۇ تاپشۇرغان ئاگاھ-گۇۋاھلىقلارغا ھەم نىزام-بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشاتتى. | 7 |
Huda bulut tüwrükidǝ ularƣa sɵzlidi; Ular U tapxurƣan agaⱨ-guwaⱨliⱪlarƣa ⱨǝm nizam-bǝlgilimigǝ ǝmǝl ⱪilixatti.
ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، سەن ئۇلارغا جاۋاب بەردىڭ؛ يامان قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا بەرگەن بولساڭمۇ، سەن ئۇلارنى كەچۈرگۈچى ئىلاھ ئىدىڭ. | 8 |
I Pǝrwǝrdigar Hudayimiz, Sǝn ularƣa jawab bǝrding; Yaman ⱪilmixliriƣa yarixa jaza bǝrgǝn bolsangmu, Sǝn ularni kǝqürgüqi Ilaⱨ iding.
پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار! ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغىدا ئېگىلىپ سەجدە قىلىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز مۇقەددەستۇر! | 9 |
Pǝrwǝrdigar Hudayimizni uluƣlanglar! Uning muⱪǝddǝs teƣida egilip sǝjdǝ ⱪilinglar! Qünki Pǝrwǝrdigar Hudayimiz muⱪǝddǝstur!