< يەشايا 3 >
چۈنكى، قارا! ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار، يېرۇسالېم ۋە يەھۇداغا قۇۋۋەت ۋە يۆلەنچۈك بولغان [بارلىق نەرسىلەرنى يوق قىلىدۇ]، ــ يەنى قۇۋۋەت بولغان پۈتكۈل ئاش-نان، يۆلەنچۈك بولغان ھەممە سۇ، | 1 |
Qünki, ⱪara! Samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Rǝb Pǝrwǝrdigar, Yerusalem wǝ Yǝⱨudaƣa ⱪuwwǝt wǝ yɵlǝnqük bolƣan [barliⱪ nǝrsilǝrni yoⱪ ⱪilidu], — Yǝni ⱪuwwǝt bolƣan pütkül ax-nan, Yɵlǝnqük bolƣan ⱨǝmmǝ su,
پالۋان ۋە لەشكەر، سوتچى ۋە پەيغەمبەر، پالچى ۋە ئاقساقال، | 2 |
Palwan wǝ lǝxkǝr, Sotqi wǝ pǝyƣǝmbǝr, Palqi wǝ aⱪsaⱪal,
ئەللىك بېشى، مۆتىۋەر ۋە مەسلىھەتچى، ھۈنەرۋەن ئۇستىلار ۋە جادۇ قىلغۇچىلارنى يوق قىلىدۇ. | 3 |
Əllik bexi, mɵtiwǝr wǝ mǝsliⱨǝtqi, Ⱨünǝrwǝn ustilar wǝ jadu ⱪilƣuqilarni yoⱪ ⱪilidu.
ــ «[ئۇلارنىڭ ئورنىغا] ياشلارنى ئەمەلدار قىلىمەن، بەتخۇي بالىلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئىدارە قىلىدۇ. | 4 |
— «[Ularning orniƣa] yaxlarni ǝmǝldar ⱪilimǝn, Bǝthuy balilar ularning üstidin idarǝ ⱪilidu.
پۇقرالار بىر-بىرىنى ئېزىدۇ، ھەربىرى قوشنىسى تەرىپىدىن ئېزىلىدۇ؛ بالىلار قېرىلارغا، مۇتتەھەملەر مۆتىۋەرلەرگە ئەدەپسىزلىك قىلىدۇ؛ | 5 |
Puⱪralar bir-birini ezidu, Ⱨǝrbiri ⱪoxnisi tǝripidin ezilidu; Balilar ⱪerilarƣa, Muttǝⱨǝmlǝr mɵtiwǝrlǝrgǝ ǝdǝpsizlik ⱪilidu;
شۇ كۈنى بىرسى ئاتا جەمەتىدىكى قېرىندىشىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا: ــ «سىزنىڭ كىيىم-كېچىكىڭىز بار؛ بىزگە يېتەكچى بولۇڭ، بۇ خارابىلەر قولىڭىز ئاستىدا بولسۇن»، ــ دەيدۇ؛ ئۇ جاۋابەن قولىنى كۆتۈرۈپ [قەسەم ئىچىپ]: «دەردىڭلارغا دەرمان بولالمايمەن؛ ئۆيۈمدىمۇ يا ئاش-نان يا كىيىم-كېچەك يوق؛ مېنى خەلققە يېتەكچى قىلماڭلار!» ــ دەيدۇ. | 6 |
Xu küni birsi ata jǝmǝtidiki ⱪerindixini tutuwelip, uningƣa: — «Sizning kiyim-keqikingiz bar; bizgǝ yetǝkqi bolung, bu harabilǝr ⱪolingiz astida bolsun», — dǝydu; U jawabǝn ⱪolini kɵtürüp [ⱪǝsǝm iqip]: «Dǝrdinglarƣa dǝrman bolalmaymǝn; Ɵyümdimu ya ax-nan ya kiyim-keqǝk yoⱪ; Meni hǝlⱪⱪǝ yetǝkqi ⱪilmanglar!» — dǝydu.
چۈنكى يېرۇسالېم پۇتلىشىدۇ-چۈشكۈنلىشىدۇ، يەھۇدا بولسا يىقىلىدۇ؛ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ تىلى ۋە ئىللەتلىرى پەرۋەردىگارغا قارشى چىقىپ، شەرەپ ئىگىسىنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ئىسيانكارلىق قىلدى. | 8 |
Qünki Yerusalem putlixidu-qüxkünlixidu, Yǝⱨuda bolsa yiⱪilidu; Sǝwǝbi, ularning tili wǝ illǝtliri Pǝrwǝrdigarƣa ⱪarxi qiⱪip, Xǝrǝp Igisining kɵzliri aldida isyankarliⱪ ⱪildi.
ئۇلارنىڭ چىرايى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ ئۇلار سودوم شەھىرىدەك گۇناھىنى ھېچ يوشۇرماي، ئوچۇق-ئاشكارا جاكارلايدۇ. ئۇلارنىڭ جېنىغا ۋاي! ئۇلار يامانلىقنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرگەن! | 9 |
Ularning qirayi ɵzlirigǝ ⱪarxi guwaⱨliⱪ beridu; Ular Sodom xǝⱨiridǝk gunaⱨini ⱨeq yoxurmay, Oquⱪ-axkara jakarlaydu. Ularning jeniƣa way! Ular yamanliⱪni ɵz bexiƣa qüxürgǝn!
ھەققانىيلارغا ئېيتقىنكى، ئۇلار ئامان-ئېسەنلىكتە تۇرىدۇ، ئۇلار ئۆز ئەمللىرىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ؛ | 10 |
Ⱨǝⱪⱪaniylarƣa eytⱪinki, Ular aman-esǝnliktǝ turidu, Ular ɵz ǝmllirining mewisini yǝydu;
رەزىللەرگە ۋاي! بېشىغا يامانلىق چۈشىدۇ، چۈنكى ئۆز قولى بىلەن قىلغانلىرى ئۆزىگە يانىدۇ. | 11 |
Rǝzillǝrgǝ way! Bexiƣa yamanliⱪ qüxidu, Qünki ɵz ⱪoli bilǝn ⱪilƣanliri ɵzigǝ yanidu.
مېنىڭ خەلقىمدە بولسا، بالىلار ئۇلارنى خار قىلىدۇ، ئاياللار ئۇلارنى ئىدارە قىلىدۇ؛ ئى خەلقىم! سىلەرنى يېتەكلەۋاتقانلار سىلەرنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلار ماڭىدىغان يوللىرىڭلارنى يوق قىلىدۇ. | 12 |
Mening hǝlⱪimdǝ bolsa, balilar ularni har ⱪilidu, Ayallar ularni idarǝ ⱪilidu; I hǝlⱪim! Silǝrni yetǝklǝwatⱪanlar silǝrni azduridu, Ular mangidiƣan yolliringlarni yoⱪ ⱪilidu.
پەرۋەردىگار ئۆز دەۋاسىنى سوراشقا ئورۇن ئالىدۇ، خەلق-مىللەتلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئۆرە تۇرىدۇ؛ | 13 |
Pǝrwǝrdigar Ɵz dǝwasini soraxⱪa orun alidu, Hǝlⱪ-millǝtlǝr üstidin ⱨɵküm qiⱪirixⱪa ɵrǝ turidu;
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە ئەمىرلىرى بىلەن دەۋالىشىپ، ئۇلارغا: ــ ئۈزۈمزارنى يەپ تۈگەتكەنلەر سىلەر ئۆزۈڭلار، ئاجىز مۆمىنلەردىن ئالغان ئولجا ئۆيۈڭلاردا ياتىدۇ، دەيدۇ. | 14 |
Pǝrwǝrdigar Ɵz hǝlⱪining aⱪsaⱪalliri wǝ ǝmirliri bilǝn dǝwalixip, ularƣa: — Üzümzarni yǝp tügǝtkǝnlǝr silǝr ɵzünglar, Ajiz mɵminlǝrdin alƣan olja ɵyünglarda yatidu, dǝydu.
ــ سىلەرنىڭ خەلقىمنى ئاشۇنداق ئېزىپ، ئاجىز مۆمىنلەرنىڭ يۈزلىرىگە دەسسەپ زادى نېمە قىلغىنىڭلار؟ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار. | 15 |
— Silǝrning hǝlⱪimni axundaⱪ ezip, Ajiz mɵminlǝrning yüzlirigǝ dǝssǝp zadi nemǝ ⱪilƣininglar? — dǝydu samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Rǝb Pǝrwǝrdigar.
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دېدى: ــ «زىئون قىز-ئاياللىرى تەكەببۇرلۇق قىلىپ، قاش-كىرپىكلىرىنى سۈزۈپ، كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، ناز قىلىپ تايتاڭلىشىپ، پۇتلىرىنى جىلدىرلىتىپ مېڭىپ يۈرىشىدۇ؛ | 16 |
Pǝrwǝrdigar yǝnǝ mundaⱪ dedi: — «Zion ⱪiz-ayalliri tǝkǝbburluⱪ ⱪilip, Ⱪax-kirpiklirini süzüp, Kɵzlirini oynitip, naz ⱪilip taytanglixip, Putlirini jildirlitip mengip yürixidu;
شۇڭا رەب زىئون قىز-ئاياللىرىنىڭ باش چوققىلىرىنى تاز قىلىدۇ، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۇيات يەرلىرىنى ئېچىۋېتىدۇ». | 17 |
Xunga Rǝb Zion ⱪiz-ayallirining bax qoⱪⱪilirini taz ⱪilidu, Pǝrwǝrdigar ularning uyat yǝrlirini eqiwetidu».
ئاشۇ كۈنى رەب ئۇلارنى گۈزەللىكىدىن مەھرۇم قىلىدۇ؛ ــ ئۇلارنىڭ ئوشۇق جىلدىراقلىرىنى، باش جىيەكلىرىنى، ئاي شەكىللىك مارجانلىرىنى، | 18 |
Axu küni Rǝb ularni güzǝllikidin mǝⱨrum ⱪilidu; — Ularning oxuⱪ jildiraⱪlirini, Bax jiyǝklirini, ay xǝkillik marjanlirini,
ھالقىلىرىنى، بىلەزۈكلىرىنى، چۈمپەردە-چاچۋانلىرىنى، | 19 |
Ⱨalⱪilirini, bilǝzüklirini, qümpǝrdǝ-qaqwanlirini,
روماللىرىنى، ئوشۇق زەنجىرلىرىنى، پوتىلىرىنى، ئەتىردانلىرىنى، تىلتۇمارلىرىنى، | 20 |
Romallirini, oxuⱪ zǝnjirlirini, potilirini, ǝtirdanlirini, tiltumarlirini,
ئۈزۈكلىرىنى، بۇرۇن ھالقىلىرىنى، | 21 |
Üzüklirini, burun ⱨalⱪilirini,
ھېيتلىق تونلىرىنى، يوپۇقلىرىنى، پۈركەنجىلىرىنى، ھەميانلىرىنى، | 22 |
Ⱨeytliⱪ tonlirini, yopuⱪlirini, pürkǝnjilirini, ⱨǝmyanlirini,
ئەينەكلىرىنى، ئاپئاق ئىچ كۆينەكلىرىنى، سەللىلىرىنى ۋە تور پەردىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ تاشلايدۇ. | 23 |
Əynǝklirini, ap’aⱪ iq kɵynǝklirini, sǝllilirini wǝ tor pǝrdilirining ⱨǝmmisini elip taxlaydu.
ئەمدى شۇنداق بولىدۇكى، ئەتىر پۇرىقىنىڭ ئورنىغا بەتبۇيلۇق؛ پوتىنىڭ ئورنىدا ئارغامچا، چىرايلىق ياسىغان چاچلىرىنىڭ ئورنىدا تاز بېشى، كېلىشكەن توننىڭ ئورنىدا بۆز رەختلەر، گۈزەللىكىنىڭ ئورنىدا داغمال تامغىسى بولىدۇ. | 24 |
Əmdi xundaⱪ boliduki, Ətir puriⱪining orniƣa bǝtbuyluⱪ; Potining ornida arƣamqa, Qirayliⱪ yasiƣan qaqlirining ornida taz bexi, Kelixkǝn tonning ornida bɵz rǝhtlǝr, Güzǝllikining ornida daƣmal tamƣisi bolidu.
سېنىڭ يىگىتلىرىڭ قىلىچلىنىپ، باتۇرلىرىڭ جەڭدە يىقىلىدۇ. | 25 |
Sening yigitliring ⱪiliqlinip, Baturliring jǝngdǝ yiⱪilidu.
[زىئوننىڭ] قوۋۇقلىرى زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتىدۇ؛ ئۇ يالىڭاچلانغان ھالدا يەرگە ئولتۇرۇپ قالىدۇ. | 26 |
[Zionning] ⱪowuⱪliri zar kɵtürüp matǝm tutidu; U yalingaqlanƣan ⱨalda yǝrgǝ olturup ⱪalidu.