< چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 12 >
مەرىيەم بىلەن ھارۇن مۇسانىڭ ھەبەشلىك قىزنى خوتۇنلۇققا ئالغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قارشى سۆز قىلدى ‹چۈنكى ئۇ ھەبەشلىك بىر قىزنى ئالغانىدى›. | 1 |
Mǝriyǝm bilǝn Ⱨarun Musaning ⱨǝbǝxlik ⱪizni hotunluⱪⱪa alƣini üqün uningƣa ⱪarxi sɵz ⱪildi (qünki u ⱨǝbǝxlik bir ⱪizni alƣanidi).
ئۇلار: — پەرۋەردىگار پەقەت مۇسا بىلەنلا سۆزلىشىپ، بىز بىلەن سۆزلەشمەپتىمۇ؟ — دېيىشتى. بۇ گەپنى پەرۋەردىگار ئاڭلىدى. | 2 |
Ular: — Pǝrwǝrdigar pǝⱪǝt Musa bilǝnla sɵzlixip, biz bilǝn sɵzlǝxmǝptimu? — deyixti. Bu gǝpni Pǝrwǝrdigar anglidi.
مۇسا دېگەن بۇ ئادەم ئىنتايىن كەمتەر-مۆمىن ئادەم بولۇپ، بۇ تەرەپتە يەر يۈزىدىكىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق ئىدى. | 3 |
Musa degǝn bu adǝm intayin kǝmtǝr-mɵmin adǝm bolup, bu tǝrǝptǝ yǝr yüzidikilǝr arisida uning aldiƣa ɵtidiƣini yoⱪ idi.
پەرۋەردىگار مۇسا، ھارۇن ۋە مەرىيەمگە تۇيۇقسىز: — سىلەر ئۈچۈڭلار جامائەت چېدىرىغا كېلىڭلار، — دېدى. ئۈچىلىسى چىقىپ كەلدى. | 4 |
Pǝrwǝrdigar Musa, Ⱨarun wǝ Mǝriyǝmgǝ tuyuⱪsiz: — Silǝr üqünglar jamaǝt qediriƣa kelinglar, — dedi. Üqilisi qiⱪip kǝldi.
ئاندىن پەرۋەردىگار [ئەرشتىن] بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدە چۈشۈپ، جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىدا توختاپ، ھارۇن بىلەن مەريەمنى قىچقىرىۋىدى، ئۇلار ئالدىغا كەلدى. | 5 |
Andin Pǝrwǝrdigar [ǝrxtin] bulut tüwrüki iqidǝ qüxüp, jamaǝt qedirining aldida tohtap, Ⱨarun bilǝn Mǝryǝmni ⱪiqⱪiriwidi, ular aldiƣa kǝldi.
ئۇ ئۇلارغا: — ئەمدى سىلەر گېپىمنى ئاڭلاڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا پەيغەمبەر بولسا، مەن پەرۋەردىگار ئالامەت كۆرۈنۈشتە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئايان قىلىمەن، چۈشىدە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىمەن. | 6 |
U ularƣa: — Əmdi silǝr gepimni anglanglar, ǝgǝr silǝrning aranglarda pǝyƣǝmbǝr bolsa, Mǝn Pǝrwǝrdigar alamǝt kɵrünüxtǝ uningƣa Ɵzümni ayan ⱪilimǝn, qüxidǝ uning bilǝn sɵzliximǝn.
لېكىن قۇلۇم مۇساغا نىسبەتەن ئۇنداق ئەمەس؛ ئۇ بارلىق ئائىلەم ئىچىدە تولىمۇ سادىقتۇر؛ | 7 |
Lekin ⱪulum Musaƣa nisbǝtǝn undaⱪ ǝmǝs; u barliⱪ ailǝm iqidǝ tolimu sadiⱪtur;
مەن ئۇنىڭ بىلەن تېپىشماق ئېيتىپ ئولتۇرماي، يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ بىۋاسىتە سۆزلىشىمەن؛ ئۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ قىياپىتىنى كۆرەلەيدۇ. ئەمدى سىلەر نېمىشقا قۇلۇم مۇسا توغرۇلۇق يامان گەپ قىلىشتىن قورقمىدىڭلار؟ — دېدى. | 8 |
Mǝn uning bilǝn tepixmaⱪ eytip olturmay, yüzmu yüz turup biwasitǝ sɵzliximǝn; u Mǝn Pǝrwǝrdigarning ⱪiyapitini kɵrǝlǝydu. Əmdi silǝr nemixⱪa ⱪulum Musa toƣruluⱪ yaman gǝp ⱪilixtin ⱪorⱪmidinglar? — dedi.
پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق غەزىپى ئۇلارغا قوزغالدى ۋە ئۇ كېتىپ قالدى. | 9 |
Pǝrwǝrdigarning otluⱪ ƣǝzipi ularƣa ⱪozƣaldi wǝ u ketip ⱪaldi.
شۇنىڭ بىلەن بۇلۇت جامائەت چېدىرى ئۈستىدىن كەتتى، ۋە مانا، مەريەم خۇددى ئاپئاق قاردەك پېسە-ماخاۋ بولۇپ كەتتى؛ ھارۇن بۇرۇلۇپ مەريەمگە قارىۋىدى، مانا، ئۇ پېسە-ماخاۋ بولۇپ قالغانىدى. | 10 |
Xuning bilǝn bulut jamaǝt qediri üstidin kǝtti, wǝ mana, Mǝryǝm huddi ap’aⱪ ⱪardǝk pesǝ-mahaw bolup kǝtti; Ⱨarun burulup Mǝryǝmgǝ ⱪariwidi, mana, u pesǝ-mahaw bolup ⱪalƣanidi.
ھارۇن مۇساغا: — ۋاي خوجام! نادانلىق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقىمىز سەۋەبىدىن بۇ گۇناھنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ئارتمىغايسەن. | 11 |
Ⱨarun Musaƣa: — Way hojam! Nadanliⱪ ⱪilip gunaⱨ ɵtküzüp ⱪoyƣanliⱪimiz sǝwǝbidin bu gunaⱨni bizning üstimizgǝ artmiƣaysǝn.
ئۇ خۇددى ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چىققاندىلا بەدىنى يېرىم چىرىك، ئۆلۈك تۇغۇلغان بالىدەك بولۇپ قالمىغاي! — دېدى. | 12 |
U huddi anisining ⱪorsiⱪidin qiⱪⱪandila bǝdini yerim qirik, ɵlük tuƣulƣan balidǝk bolup ⱪalmiƣay! — dedi.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا: — ئى تەڭرى، ئۇنىڭ كېسىلىنى ساقايتىۋەتكەن بولساڭ، — دەپ نىدا قىلدى. | 13 |
Xuning bilǝn Musa Pǝrwǝrdigarƣa: — I Tǝngri, uning kesilini saⱪaytiwǝtkǝn bolsang, — dǝp nida ⱪildi.
پەرۋەردىگار مۇساغا: — ئەگەر ئاتىسى ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرگەن بولسا، ئۇ يەتتە كۈن خىجىلچىلىق ئىچىدە تۇرغان بولاتتى ئەمەسمۇ؟ ئەمدى ئۇ بارگاھنىڭ سىرتىغا يەتتە كۈن قاماپ قويۇلسۇن، ئاندىن ئۇ قايتىپ كەلسۇن، — دېدى. | 14 |
Pǝrwǝrdigar Musaƣa: — Əgǝr atisi uning yüzigǝ tükürgǝn bolsa, u yǝttǝ kün hijilqiliⱪ iqidǝ turƣan bolatti ǝmǝsmu? Əmdi u bargaⱨning sirtiƣa yǝttǝ kün ⱪamap ⱪoyulsun, andin u ⱪaytip kǝlsun, — dedi.
شۇنىڭ بىلەن مەريەم بارگاھ سىرتىغا يەتتە كۈن قاماپ قويۇلدى، تاكى مەريەم قايتىپ كەلگۈچە خەلق يولغا چىقماي تۇرۇپ تۇردى. | 15 |
Xuning bilǝn Mǝryǝm bargaⱨ sirtiƣa yǝttǝ kün ⱪamap ⱪoyuldi, taki Mǝryǝm ⱪaytip kǝlgüqǝ hǝlⱪ yolƣa qiⱪmay turup turdi.
ئاندىن كېيىن خەلق ھازىروتتىن يولغا چىقىپ، پاران چۆلىدە بارگاھ قۇردى. | 16 |
Andin keyin hǝlⱪ Ⱨazirottin yolƣa qiⱪip, Paran qɵlidǝ bargaⱨ ⱪurdi.