< مىسىردىن چىقىش 11 >
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ يەنە بىر ئاپەتنى پىرەۋننىڭ ئۈستىگە ۋە مىسىرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن. ئاندىن ئۇ سىلەرنى بۇ يەردىن كېتىشكە يول قويىدۇ ۋە ئۇ سىلەرنى ھەممە نەرسىلىرىڭلار بىلەن قوشۇپ قويۇپ بېرىپ، بۇ يەردىن مۇتلەق قوغلاپ چىقىرىدۇ. | 1 |
Xuning bilǝn Pǝrwǝrdigar Musaƣa: — Yǝnǝ bir apǝtni Pirǝwnning üstigǝ wǝ Misirning üstigǝ qüxürimǝn. Andin u silǝrni bu yǝrdin ketixkǝ yol ⱪoyidu wǝ u silǝrni ⱨǝmmǝ nǝrsiliringlar bilǝn ⱪoxup ⱪoyup berip, bu yǝrdin mutlǝⱪ ⱪoƣlap qiⱪiridu.
ئەمدى سەن خەلققە تاپىلاپ: ــ ھەر بىرىڭلار، ئەر كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز قوشنىسىدىن، ئايال كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز قوشنىسىدىن كۈمۈش بۇيۇملارنى، ئالتۇن بۇيۇملارنى سوراپ ئالسۇن، دېگىن، ــ دېدى | 2 |
Əmdi sǝn hǝlⱪⱪǝ tapilap: — Ⱨǝr biringlar, ǝr kixilǝrning ⱨǝrbiri ɵz ⱪoxnisidin, ayal kixilǝrning ⱨǝrbiri ɵz ⱪoxnisidin kümüx buyumlarni, altun buyumlarni sorap alsun, degin, — dedi
(پەرۋەردىگار خەلقىنى مىسىرلىقلارنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقۇزدى. شۇنىڭدەك مۇسا دېگەن بۇ ئادەم مىسىر زېمىنىدا پىرەۋننىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ نەزىرىدە بولسۇن، پۇقرالارنىڭ نەزىرىدە بولسۇن، ناھايىتى ئۇلۇغ زات بولدى). | 3 |
(Pǝrwǝrdigar hǝlⱪini misirliⱪlarning aldida iltipat tapⱪuzdi. Xuningdǝk Musa degǝn bu adǝm Misir zeminida Pirǝwnning ǝmǝldarlirining nǝziridǝ bolsun, puⱪralarning nǝziridǝ bolsun, naⱨayiti uluƣ zat boldi).
ئاندىن مۇسا يەنە: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن يېرىم كېچىدە چىقىپ مىسىرنى كېزىپ چىقىمەن. | 4 |
Andin Musa yǝnǝ: — Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — «Mǝn yerim keqidǝ qiⱪip Misirni kezip qiⱪimǝn.
شۇ ۋاقىتتا تەختتە ئولتۇرۇۋاتقان پىرەۋننىڭ تۇنجى ئوغلىدىن تارتىپ يارغۇنچاق تارتىدىغان دېدەكنىڭ تۇنجى ئوغلىغىچە، شۇنداقلا بارلىق چارپايلارنىڭ تۇنجىلىرى، يەنى مىسىردىكى بارلىق تۇنجى جان ئىگىلىرى ئۆلىدۇ. | 5 |
Xu waⱪitta tǝhttǝ olturuwatⱪan Pirǝwnning tunji oƣlidin tartip yarƣunqaⱪ tartidiƣan dedǝkning tunji oƣliƣiqǝ, xundaⱪla barliⱪ qarpaylarning tunjiliri, yǝni Misirdiki barliⱪ tunji jan igiliri ɵlidu.
بۇ سەۋەبتىن پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا قاتتىق بىر پەرياد كۆتۈرۈلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى شۇنداق پەرياد بولۇپ باقمىغانىدى، مۇندىن كېيىنمۇ بۇنداق پەرياد ئاڭلانمايدۇ. | 6 |
Bu sǝwǝbtin pütkül Misir zeminida ⱪattiⱪ bir pǝryad kɵtürülidu; uningdin ilgiri xundaⱪ pǝryad bolup baⱪmiƣanidi, mundin keyinmu bundaⱪ pǝryad anglanmaydu.
لېكىن ئىسرائىللارغا، مەيلى ئادەملىرى، مەيلى ھايۋاناتلىرىغا بولسۇن، ھەتتا بىر تال ئىتمۇ قاۋاپ قويمايدۇ. بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلار بىلەن ئىسرائىلنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر». | 7 |
Lekin Israillarƣa, mǝyli adǝmliri, mǝyli ⱨaywanatliriƣa bolsun, ⱨǝtta bir tal itmu ⱪawap ⱪoymaydu. Buningdin Pǝrwǝrdigarning misirliⱪlar bilǝn Israilni pǝrⱪlǝndüridiƣanliⱪini bilisilǝr».
ــ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ھەممىسى ئالدىمغا كېلىپ، ماڭا تەزىم قىلىپ: «سىلى ئۆزلىرى ۋە سىلىگە ئەگەشكەن بارلىق قوۋملىرى چىقىپ كېتىشكەيلا!» دەپ ئېيتىدۇ، ئاندىن چىقىپ كېتىمەن» ــ دېدى-دە، قاتتىق غەزەپ بىلەن پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى. | 8 |
— Xuning bilǝn bu ǝmǝldarliringning ⱨǝmmisi aldimƣa kelip, manga tǝzim ⱪilip: «Sili ɵzliri wǝ siligǝ ǝgǝxkǝn barliⱪ ⱪowmliri qiⱪip ketixkǝyla!» dǝp eytidu, andin qiⱪip ketimǝn» — dedi-dǝ, ⱪattiⱪ ƣǝzǝp bilǝn Pirǝwnning aldidin qiⱪip kǝtti.
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مىسىر زېمىنىدا مېنىڭ كارامەت مۆجىزىلىرىمنىڭ كۆپلەپ كۆرسىتىلىشى ئۈچۈن پىرەۋن سىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ، ــ دېگەنىدى. | 9 |
Pǝrwǝrdigar Musaƣa: — Misir zeminida Mening karamǝt mɵjizilirimning kɵplǝp kɵrsitilixi üqün Pirǝwn silǝrgǝ ⱪulaⱪ salmaydu, — degǝnidi.
مۇسا بىلەن ھارۇن بۇ كارامەت مۆجىزىلەرنىڭ ھەممىسىنى پىرەۋننىڭ ئالدىدا كۆرسىتىپ بولدى؛ لېكىن پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن ئۇ ئىسرائىللارنى ئۇنىڭ زېمىنىدىن كەتكىلى قويمىدى. | 10 |
Musa bilǝn Ⱨarun bu karamǝt mɵjizilǝrning ⱨǝmmisini Pirǝwnning aldida kɵrsitip boldi; lekin Pǝrwǝrdigar Pirǝwnning kɵnglini ⱪattiⱪ ⱪilip ⱪoyƣini üqün u Israillarni uning zeminidin kǝtkili ⱪoymidi.