< نەھەمىيا 11 >
ئۇ چاغدا خەلق ئىچىدىكى ئەمىرلەر يېرۇسالېمدا تۇراتتى؛ قالغان پۇقرالار چەك تاشلىنىش بىلەن ئوندىن بىرى مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلىشىپ، قالغان ئوندىن توققۇزى باشقا شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشتى. | 1 |
那時,人民的首長住在耶路撒冷;其餘的人民都拈鬮,抽出十分之一的人民,遷移到耶路撒冷聖城居住,其餘九分仍留在自己的城內。
ئۆز ئىختىيارى بىلەن يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلىشىشقا ئوتتۇرىغا چىققانلارغا بولسا، جامائەت ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلىدى. | 2 |
民眾都稱讚那些自願遷居到耶路撒冷的人。
يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن، يېرۇسالېمغا ماكانلىشىپ قالغان بەگ-ئەمىرلەر تۆۋەندىكىدەك (ئىسرائىللار، كاھىنلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى يەھۇدىيە شەھەرلىرىدە، ھەربىرى ئۆز تەۋەلىكىدە ماكانلاشقان بولسىمۇ، يەھۇدالاردىن ۋە بىنيامىنلاردىن بەزىلىرى يېرۇسالېمدا ماكانلاشتى): ــ بۇلارنىڭ ئىچىدە، يەھۇدالاردىن: ــ پەرەزنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئۇززىيانىڭ ئوغلى ئاتايا؛ ئۇززىيا زەكەرىيانىڭ ئوغلى، زەكەرىيا ئامارىيانىڭ ئوغلى، ئامارىيا شەفاتىيانىڭ ئوغلى، شەفاتىيا ماھالالېلنىڭ ئوغلى ئىدى. | 3 |
以下是住在耶路撒冷的本省族長;其餘的以色列人、司祭、肋未人、獻身者和撒羅滿僕役的子孫,在猶大各城中,個人住在本城內自己的產業中。
有些猶大的子孫和本雅明的子孫,住在耶路撒冷。猶大的子孫:培勒茲的子孫,有烏齊雅的兒子阿塔雅;烏齊雅是則加黎雅的兒子,則加黎雅是阿瑪黎雅的兒子,阿瑪黎雅是舍法提雅的兒子,舍法提雅是瑪拉肋耳的兒子;
يەنە بارۇقنىڭ ئوغلى مائاسېياھ؛ بارۇق كول-ھوزەھنىڭ ئوغلى، كول-ھوزەھ ھازايانىڭ ئوغلى، ھازايا ئادايانىڭ ئوغلى، ئادايا يوئارىبنىڭ ئوغلى، يوئارىب زەكەرىيانىڭ ئوغلى، زەكەرىيا شىلونىنىڭ ئوغلى. | 5 |
舍拉的子孫,有巴路客的兒子瑪阿色雅;巴路客是苛耳曷則的兒子,苛耳曷則是哈匝雅的兒子,哈匝雅是阿達雅的兒子,阿達雅是約雅黎布的兒子,約雅黎布是則加黎雅的兒子。
يېرۇسالېمغا ماكانلاشقان بارلىق پەرەز جەمەتىدىكىلەر جەمئىي تۆت يۈز ئاتمىش سەككىز كىشى بولۇپ، ھەممىسى ئەزىمەتلەر ئىدى. | 6 |
培勒茲的子孫住在耶路撒冷的,共計四百六十八人,都是成人。
بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرىدىن: ــ مەشۇللامنىڭ ئوغلى ساللۇ؛ مەشۇللام يوئەدنىڭ ئوغلى، يوئەد پىدايانىڭ ئوغلى، پىدايا كولايانىڭ ئوغلى، كولايا مائاسېياھنىڭ ئوغلى، مائاسېياھ ئىتىيەلنىڭ ئوغلى، ئىتىيەل يەشايانىڭ ئوغلى. | 7 |
本雅明的子孫有撒路,他是默叔藍的兒子,默叔藍是約厄得的兒子,約厄得是科拉雅的兒子,科拉雅是瑪阿色雅的兒子,瑪阿色雅是依提耳的兒子,依提耳是耶沙雅的兒子,
ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر، گابباي ۋە ساللاي ئىدى؛ شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك جەمئىي توققۇز يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى ئىدى. | 8 |
撒路的族人,共計二十八人,都是成人。
زىكرىنىڭ ئوغلى يوئېل ئۇلارنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدار ئىدى؛ سىنۇئاھنىڭ ئوغلى يەھۇدا شەھەرنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ئىدى. | 9 |
齊革黎的兒子約厄耳,作他們的首長;色奴阿的兒子猷答為副市長。
كاھىنلاردىن: ــ يوئارىبنىڭ ئوغلى يەدايا بىلەن ياقىن، | 10 |
司祭中有耶達雅、約雅黎布、雅津,
شۇنداقلا خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ باش غوجىدارى سېرايا؛ سېرايا ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ھىلقىيا مەشۇللامنىڭ ئوغلى، مەشۇللام زادوكنىڭ ئوغلى، زادوك مېرايوتنىڭ ئوغلى، مېرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى؛ | 11 |
天主聖殿的總管色辣雅,他是希耳克雅的兒子,希耳克雅是默叔藍的兒子,默叔藍是匝多克的兒子,匝多克是默辣約特的兒子,默辣約特是阿希突布的兒子;
يەنە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئىبادەتخانىدىكى خىزمەتتە بولغانلاردىن جەمئىي سەككىز يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى بار ئىدى؛ يەنە يەروھامنىڭ ئوغلى ئادايا بار ئىدى؛ يەروھام پېلالىيانىڭ ئوغلى، پېلالىيا ئامزىنىڭ ئوغلى، ئامزى زەكەرىيانىڭ ئوغلى، زەكەرىيا پاشخۇرنىڭ ئوغلى، پاشخۇر مالكىيانىڭ ئوغلى ئىدى؛ | 12 |
和他們在聖殿服務的兄弟,共計八百二十二人;還有耶洛罕的兒子,阿達雅;耶洛罕是培拉里雅的兒子,培拉里雅是阿默漆的兒子,阿默漆是則加黎雅的兒子,則加黎雅是帕市胡爾的兒子,帕市胡爾是瑪耳基雅的兒子,
ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىقى بولۇپ، جەمئىي ئىككى يۈز قىرىق ئىككى كىشى ئىدى؛ يەنە ئازارەلنىڭ ئوغلى ئاماشساي بار ئىدى؛ ئازارەل ئاخزاينىڭ ئوغلى، ئاخزاي مەشىللىموتنىڭ ئوغلى، مەشىللىموت ئىممەرنىڭ ئوغلى ئىدى؛ | 13 |
和他做族長的兄弟共計二百四十二人;還有阿匝勒耳的兒子阿瑪賽;阿匝勒耳是阿赫齋的兒子,阿赫齋是默史勒米特的兒子,默史勒米特是依默爾的兒子,
يەنە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىدىن، پالۋان-ئەزىمەتلەردىن، جەمئىي بىر يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى بار ئىدى؛ گېدولىمنىڭ ئوغلى زابدىيەل ئۇلارنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدار ئىدى. | 14 |
和他的兄弟都是成人,共計一百二十八人;管理他們的是,哈加多耳的兒子匝貝狄耳。
لاۋىيلاردىن: ــ ھاششۇبنىڭ ئوغلى شېمايا بار ئىدى؛ ھاششۇب ئازرىكامنىڭ ئوغلى، ئازرىكام ھاشابىيانىڭ ئوغلى، ھاشابىيا بۇننىنىڭ ئوغلى ئىدى؛ | 15 |
肋未人中有,哈叔布的兒子舍瑪雅;哈叔布是阿次黎岡的兒子,阿次黎岡是哈沙彼雅的兒子,哈沙彼雅是步尼的兒子;
يەنە لاۋىيلارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى بولغان شاببىتاي بىلەن يوزاباد بولۇپ، خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ تېشىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى. | 16 |
沙貝泰和約匝巴得,作肋未人之長,管理天主聖殿的外務。
يەنە مىكانىڭ ئوغلى ماتتانىيا دۇئا ۋاقىتلىرىدا تەشەككۈر-رەھمەتلەر ئېيتىشقا يېتەكچىلىك قىلاتتى؛ مىكا زابدىنىڭ ئوغلى، زابدى ئاسافنىڭ ئوغلى ئىدى؛ باكبۇكىيا قېرىنداشلىرى ئىچىدە مۇئاۋىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى؛ يەنە شاممۇئانىڭ ئوغلى ئابدا بار ئىدى؛ شاممۇئا گالالنىڭ ئوغلى، گالال يەدۇتۇننىڭ ئوغلى ئىدى. | 17 |
還有米加的兒子瑪塔尼雅;米加是匝貝狄的兒子,匝貝狄是阿撒夫的兒子;瑪塔尼雅在祈禱時,是啟頌謝經文之長;巴刻步克雅在兄弟中為副;還有沙慕亞的兒子阿貝達;沙慕亞是加拉耳的兒子,加拉耳是耶杜通的兒子。
مۇقەددەس شەھەردە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ئىككى يۈز سەكسەن تۆت كىشى ئىدى. | 18 |
在聖城的肋未人,共計二百八十四人。
دەرۋازىۋەنلەردىن: ــ دەرۋازىلاردا كۆزەتتە تۇرىدىغان ئاككۇب بىلەن تالمون ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بار ئىدى؛ ئۇلار جەمئىي بىر يۈز يەتمىش ئىككى كىشى ئىدى. | 19 |
門丁:阿谷布、塔耳孟和. 和他們護守各門的兄弟,共計一百七十二人。
قالغان ئىسرائىللار، كاھىنلار، لاۋىيلار يەھۇدىيە شەھەرلىرىدە، ھەربىرى ئۆز مىراسىدا ماكانلاشتى. | 20 |
其餘的以色列人、司祭和肋未人,住在猶大各城,佔據自己的產業。
ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولسا ئوفەل دۆڭىگە ماكانلاشتى؛ ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرىنى زىخا بىلەن گىشپا باشقۇردى. | 21 |
獻身者住在曷斐耳區;漆哈和基市帕管理獻身者。
يېرۇسالېمدا لاۋىيلارنى باشقۇرغۇچى بانىنىڭ ئوغلى ئۇززى ئىدى؛ بانى ھاشابىيانىڭ ئوغلى، ھاشابىيا ماتتانىيانىڭ ئوغلى، ماتتانىيا مىكانىڭ ئوغلى ئىدى ــ دېمەك، ئۇززا ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنى خۇدانىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتكە مەسئۇل بولغان غەزەلكەشلەردىن ئىدى. | 22 |
在耶路撒冷肋未人之長,是巴尼的兒子烏齊;巴尼是哈沙彼雅的兒子,哈沙彼雅是瑪塔尼雅的兒子,瑪塔尼雅是米加的兒子,出自阿撒夫的子孫,都是在天主聖殿內行禮時的歌詠者。
چۈنكى پادىشاھ ئۇلار توغرۇلۇق يارلىق چۈشۈرگەن بولۇپ، غەزەلكەشلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك ئوزۇق-تۈلۈكىنى، شۇنداقلا ئۆتەيدىغان ۋەزىپىسىنى بېكىتكەنىدى. | 23 |
每天給歌詠者一定的報酬,這是君王有關他們出的命令。
يەھۇدانىڭ ئوغلى زەراھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن مەشەزابەلنىڭ ئوغلى پىتاھىيا پۇقرالارنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى. | 24 |
猶大的兒子則辣黑的子孫中,有默舍匝貝耳的兒子培塔希雅,他是王的助手,掌管人民一切事務。
يېزا-قىشلارقلار ۋە ئۇلارغا تەۋە ئەتراپىدىكى جايلاردا يەھۇدالاردىن بەزىلىرى تۇراتتى؛ كىرىئات-ئاربا ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، دىبون ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، يەكابزىيەل ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، | 25 |
至於村鎮和所屬地域:猶大的子孫,有些住在克黎雅特阿爾巴,和所屬村鎮,
شۇنداقلا يەشۇئا، مولاداھ، بەيت-پەلەت، | 26 |
住在耶叔亞、摩拉達、貝特培肋特,
ھازار-شۇئال، بەئەر-شېبا ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، | 27 |
住在哈匝叔阿耳、貝爾舍巴和所屬村鎮,
زىكلاگ، مىكونا ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، | 28 |
住在漆刻拉格、默苛納和所屬村鎮,
ئەن-رىممون، زوراھ، يارمۇت، | 29 |
住在恩黎孟、祚辣、雅爾慕特,
زانوئاھ، ئادۇللام ۋە بۇ ئىككى يەرگە تەۋە قىشلاقلاردا، لاقىش ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يەرلەردە، ئازىكاھ ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەردە ماكانلاشتى؛ ئۇلار ماكانلاشقان يەرلەر بەئەر-شېبادىن تاكى ھىننوم جىلغىسىغا قەدەر سوزۇلدى. | 30 |
住在匝諾亞、阿杜藍和所屬村鎮,住在拉基士和城外四郊、住在阿則卡和所屬村鎮。他們定居之處,是從貝爾舍巴起,直到希農山谷。
بىنيامىنلار بولسا گېبا، مىكماش، ئايجا، بەيت-ئەل ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، | 31 |
本雅明的子孫,有些住在革巴、米革瑪士、阿雅、貝特耳、和所屬村鎮,
بەزىلىرى ئاناتوت، نوب، ئانانىيا، | 32 |
住在阿諾托特、諾布、阿納尼雅、
ھازور، راماھ، گىتتائىم، | 33 |
哈祚爾、辣瑪、基塔殷、
ھادىد، زەبوئىم، نىباللات، | 34 |
哈狄得、責波殷、乃巴拉特、
لود، ئونو، شۇنداقلا ھۈنەرۋەنلەر جىلغىسىدا ماكانلاشقانىدى. | 35 |
羅得、敖諾和匠人谷。
ئەسلىدە يەھۇدىيەگە تەيىنلەنگەن لاۋىيلار قىسىملىرىدىن بەزىلىرى بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا ماكانلاشتى. | 36 |
肋未人散居在猶大和本雅明。