< نەھەمىيا 4 >
شۇنداق بولدىكى، سانباللات بىزنىڭ سېپىلنى يېڭىۋاشتىن ئوڭشاۋاتقانلىقىمىزنى ئاڭلاپ غەزەپلىنىپ، قەھرى بىلەن يەھۇدالارنى مەسخىرە قىلدى. | 1 |
桑巴拉特一聽說我們重修城垣,就大發忿怒,十分生氣,譏諷猶太人,
ئۇ ئۆز قېرىنداشلىرى ۋە سامارىيە قوشۇنى ئالدىدا: ــ بۇ زەئىپ يەھۇدالار نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنى شۇنداق مۇستەھكەملىمەكچىمۇ؟ ئۇلار قۇربانلىقلارنى سۇنماقچىمۇ؟ ئۇلار بىر كۈن ئىچىدە پۈتتۈرۈشمەكچىمۇ؟ توپا دۆۋىلىرى ئىچىدىن كۆيۈپ كەتكەن تاشلارنى كولاپ چىقىرىپ ئۇلارغا جان كىرگۈزەمدىكەن؟ ــ دېدى. | 2 |
向他們的同僚即撒瑪黎雅的軍隊說:「這些可憐的猶太人想作什麼﹖他們想要修築城垣嗎﹖想要獻祭嗎﹖想要在一天內完成嗎﹖想從那堆灰土中,在立起那些燒過的石頭來嗎﹖」
ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان ئاممونىي توبىيا: ــ ئۇلار ھەرقانچە ياسىسىمۇ، بىر تۈلكە سېپىلنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقسا، ئۇلارنىڭ تاش تېمىنى ئۆرۈۋېتىدۇ! ــ دېدى. | 3 |
阿孟託人托彼雅也在旁說到:「讓他們修罷! 就是上去一隻野狗,也能推翻他們修了石牆。」
ــ ئى خۇدايىمىز، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغايسەن، كەمسىتىلمەكتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلغان ھاقارەتلىرىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرغايسۇن؛ ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان ياقا يۇرتتا خەقنىڭ ئولجىسىغا ئايلاندۇرغايسۇن! | 4 |
我們的天主,請聽! 我們是怎樣受侮辱! 請把這辱罵歸到他們的頭上,使他們在流亡之地受迫害。
ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ياپمىغايسەن، گۇناھلىرى ئالدىڭدىنمۇ ئۆچۈرۈۋېتىلمىسۇن؛ چۈنكى ئۇلار سېپىلنى ئوڭشاۋاتقانلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەردى! | 5 |
不要遮掩他們的罪行,他們的罪孽也不應從你面前抹去,因為他們實在侮辱了修建的人。
شۇنداقتىمۇ سېپىلنى يېڭىۋاشتىن ئوڭشاۋەردۇق؛ ئۇنى ئۇلاپ، ئېگىزلىكىنى يېرىمىغا يەتكۈزدۇق؛ چۈنكى كۆپچىلىك كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىدى. | 6 |
我們仍繼續修建城牆,把整個城牆都聯結起來,高底已到一半,因為民眾都有心火工作。
شۇنداق بولدىكى، سانباللات، توبىيا، ئەرەبلەر، ئاممونىيلار، ئاشدودلۇقلار يېرۇسالېم سېپىللىرىنى يېڭىۋاشتىن ئوڭشاش قۇرۇلۇشىنىڭ يەنىلا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، سېپىل بۆسۈكلىرىنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپكە كېلىشتى-دە، | 7 |
當桑巴拉特和托彼雅,以及阿剌伯人、阿孟人和阿市多得人,聽說耶路撒冷城垣正在進行修建中,缺口已開始修補,就大發忿怒,
بىرلىكتە يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشنى قەستلەشتى. | 8 |
都聯合起來,圖謀來攻打耶路撒冷,擾亂我們。
شۇڭا بىز خۇدايىمىزغا ئىلتىجا قىلدۇق ھەم ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن كېچە-كۈندۈز كۆزەتچى قويۇپ، ئۆزلىرىمىز ئۇلاردىن مۇداپىئەلەندۇق. | 9 |
我們一面祈求我們的天主,一面派了衛隊,日夜防守。
بۇ چاغدا يەھۇدىيەدىكىلەر: ــ ئىشچى-ھامماللار ھالىدىن كەتتى، شۇنىڭدەك چالما-كېسەك ئەخلەتلەر يەنىلا ناھايىتى كۆپ، بىز سېپىلنى ئوڭشاشقا ھەتتا سېپىلغىمۇ يېقىنلىشالمىدۇق! ــ دېيىشتى. | 10 |
有一個猶太人說︰「運夫的力量已耗盡,積土又太多,我們不能再修建城牆了! 」
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۈشمەنلىرىمىز: ــ ئۇلار سەزمەستە، ئۇلار كۆرمەستە، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، قۇرۇلۇشنى توختىتىۋېتىمىز! ــ دېيىشتى. | 11 |
我們的仇敵已議決說:「不讓他們知道,不讓他們看出,我們直衝入他們中間,將他們殺掉,停止那工程。」
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇۋاتقان يەھۇدالارمۇ يېنىمىزغا ئون قېتىم كېلىپ: ــ قايسى تەرەپكە قارىساڭلار، ئۇلار شۇ تەرەپتىن كېلىپ سىلەرگە ھۇجۇم قىلماقچى! ــ دەپ خەۋەر يەتكۈزۈشتى. | 12 |
那時,有些靠近他們居住的猶太人,十次前來通知我們說︰「他們由所住的各方上來,攻打我們,
شۇڭا مەن خەلقنى جەمەت-جەمەت بويىچە، قولىغا قىلىچ، نەيزە ۋە ئوقيالىرىنى ئېلىپ، سېپىلى پەس بولغان ياكى ھۇجۇمغا ئوچۇق تۇرغان يەرلەردە سېپىلنىڭ ئارقىسىدا قاراۋۇللۇقتا تۇرۇشقا قويدۇم. | 13 |
已在城牆下低處的田野中安了營。」我就按照家族分派了人,帶上刀槍和弓。
كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ئورنۇمدىن قوپۇپ مۆتىۋەرلەر بىلەن ئەمەلدارلار ۋە باشقا خەلققە: ــ ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك رەبنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار ۋە ئۆي-ماكانىڭلار ئۈچۈن جەڭ قىلىڭلار، دېدىم. | 14 |
我巡視之後,就起來對權貴、長官和其餘的人民說︰「對他們,你們不可畏縮! 要記住吾主是偉大而可畏的:應為你們的兄弟、兒女、妻子、家庭而作戰。」
شۇنداق بولدىكى، ئۆزلىرىنىڭ سۇيىقەستىنى بىلىپ قالغانلىقىمىز دۈشمەنلەرنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بارغاچ، شۇنىڭدەك خۇدا ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلغاچ، بىز ھەممىمىز سېپىلغا قايتىپ، ھەربىرىمىز ئەسلى ئىش ئورنىمىزدا ئىشنى داۋاملاشتۇرىۋەردۇق. | 15 |
我們的敵人一聽說我們得了情報,同時天主也破壞了他們的陰謀,他們遂都撤退;我們也都回到城牆那裏,各返自己的工作崗位。
ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ خىزمەتكارلىرىمنىڭ يېرىمى ئىش بىلەن بولدى، يېرىمى قولىغا نەيزە، قالقان، ئوقيا تۇتقان، دوبۇلغا-ساۋۇت كىيگەن ھالدا يۈرۈشتى. سەردار-ئەمەلدارلار سېپىلنى ئوڭشاۋاتقان بارلىق يەھۇدا جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇردى. ھەم يۈكلەرنى توشۇۋاتقانلار ھەم ئۇلارغا يۈك ئارتىۋاتقانلارمۇ بىر قولىدا ئىشلەپ، بىر قولىدا ياراغلىرىنى چىڭ تۇتۇشقانىدى. | 16 |
從那天起,我的僕人一半做工,一半佩帶著刀、矛盾、弓和鎧甲,立在全猶大家後邊,
即在城牆作工的人後邊。那些搬運的人,也都武裝起來︰一手作工,一手拿著武器;
تامچىلارنىڭ ھەربىرى بەللىرىگە قىلىچ-خەنجەرلىرىنى ئاسقان ھالدا [سېپىلنى] ياساۋاتاتتى؛ كانايچى بولسا يېنىمدا تۇراتتى. | 18 |
修牆的工人,每人腰間都配著刀工作。吹號筒的站在我身旁。
مەن مۆتىۋەرلەر، ئەمەلدارلار ۋە باشقا خەلققە: ــ بۇ قۇرۇلۇش ناھايىتى چوڭ، دائىرىسى كەڭ؛ بىز ھەممىمىز سېپىلدا بۆلەك-بۆلەكلەر بويىچە تارقىلىپ ئىشلەپ، بىر-بىرىمىزدىن يىراق تۇرۇۋاتىمىز. | 19 |
我向權貴、長官和其餘的人民說︰「這工程範圍很大,我們在城牆上彼此分離甚遠,
شۇڭا مەيلى قەيەردە بولۇڭلار، كاناي ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلارلا، بىز بار شۇ يەرگە كېلىپ يىغىلىڭلار؛ خۇدايىمىز بىز ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ، ــ دېدىم. | 20 |
所以你們無論在什麼地方,一聽到號聲,就立時聚集在我們身旁;我們的天主必為我們戰爭。」
بىز ئەنە شۇ تەرىقىدە ئىشلىدۇق؛ خەلقنىڭ يېرىمى تاڭ ئاتقاندىن تارتىپ يۇلتۇز چىققۇچە نەيزىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇشتى. | 21 |
我們便這樣繼續工作,由旭日初昇,直到星辰出現。
ئۇ چاغدا مەن يەنە خەلققە: ــ ھەممەيلەن ئۆز خىزمەتكارى بىلەن كېچىنى يېرۇسالېمغا كىرىپ ئۆتكۈزسۇن، شۇنداق بولسا ئۇلار كېچىسى بىزنىڭ مۇھاپىزەتچىلىكىمىزنى قىلىدۇ، كۈندۈزى ئىشلەيدۇ، دېدىم. | 22 |
同時我又吩咐民眾說:「每人和他的僕人,應在耶路撒冷過夜。如此在夜間可為我們守衛,白天可以工作。」
شۇنداق قىلىپ يا مەن، نە قېرىنداشلىرىم، يا خىزمەتكارلىرىم ياكى ماڭا ئەگەشكەن مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ ھېچقايسىسى كىيىملىرىنى سېلىشمىدى؛ ھەربىرى ھەتتا سۇغا بارغاندىمۇ ئۆزىنىڭ ياراغلىرىنى ئېلىۋالاتتى. | 23 |
至於我和我的兄弟,以及我的僕人和跟隨我、護衛我的人,沒有一人脫過衣服,各人手中常拿著武器。