< مىكاھ 1 >
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ــ يوتام، ئاھاز ۋە ھەزەكىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولغان كۈنلەردە مورەشەتلىك مىكاھغا كەلگەن: ــ ــ ئۇ بۇلارنى سامارىيە ۋە يېرۇسالېم توغرىسىدا كۆرگەن. | 1 |
Az Úr igéje, a mely lőn a moreseti Mikeáshoz, Jótám, Akház és Ezékiásnak, Júda királyainak idejében, a melyet látott Samária és Jeruzsálem felől.
ئاڭلاڭلار، ئى خەلقلەر، ھەممىڭلار! قۇلاق سال، ئى يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدا بولغان ھەممىڭلار: ــ رەب پەرۋەردىگار سىلەرنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بەرسۇن، رەب مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىن سىلەرنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بەرسۇن! | 2 |
Halljátok meg minden népek, figyelmezz föld és annak teljessége. És az Úr Isten legyen bizonyság ellenetek; az Úr az ő szent templomából!
چۈنكى مانا، پەرۋەردىگار ئۆز جايىدىن چىقىدۇ؛ ئۇ چۈشۈپ، يەر يۈزىدىكى يۇقىرى جايلارنى چەيلەيدۇ؛ | 3 |
Mert ímé, kijő az Úr az ő helyéről, és leszáll és lépdel a földnek magaslatain.
ئۇنىڭ ئاستىدا تاغلار ئېرىپ كېتىدۇ، جىلغىلار يېرىلىدۇ، خۇددى موم ئوتنىڭ ئالدىدا ئېرىگەندەك، سۇلار تىك ياردىن تۆكۈلگەندەك بولىدۇ. | 4 |
És szétmállanak alatta a hegyek, a völgyek pedig szétszakadoznak, mint a viasz a tűz előtt, mint a meredekről leszakadó vizek.
بۇنىڭ ھەممىسى ياقۇپنىڭ ئىتائەتسىزلىكى، ئىسرائىل جەمەتىدىكى گۇناھلار تۈپەيلىدىن بولىدۇ؛ ياقۇپنىڭ ئىتائەتسىزلىكى نەدىن باشلانغان؟ ئۇ سامارىيەدىن باشلانغان ئەمەسمۇ؟ يەھۇدادىكى «يۇقىرى جايلار»[نى ياساش] نەدىن باشلانغان؟ ئۇلار يېرۇسالېمدىن باشلانغان ئەمەسمۇ؟ | 5 |
A Jákób vétkéért lészen mindez, és az Izráel házának bűnei miatt! Micsoda a Jákób vétke? Avagy nem Samária-é? És mik a Júda magaslatai? Avagy nem Jeruzsálem-é?
شۇڭا مەن سامارىيەنى ئېتىزدىكى تاش دۆۋىسىدەك، ئۈزۈم تاللىرى تىكىشكە لايىق جاي قىلىۋېتىمەن؛ مەن ئۇنىڭ تاشلىرىنى جىلغىغا دومىلىتىپ تاشلايمەن، ئۇنىڭ ئۇللىرىنى يالىڭاچلايمەن؛ | 6 |
De olyanná teszem Samáriát, mint a mezőben való kőrakás, szőlő-plánták helyévé; és lezúdítom a völgybe az ő köveit, és még fundamentomit is kimutatom.
ئۇنىڭ بارلىق ئويما مەبۇدلىرى پارا-پارا چېقىۋېتىلىدۇ؛ ئۇنىڭ پاھىشىلىكتىن ئېرىشكەن بارلىق ھەدىيەلىرى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈلىدۇ؛ بارلىق بۇتلىرىنى ۋەيرانە قىلىمەن؛ چۈنكى ئۇ پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى بىلەن بۇلارنى يىغىپ توپلىدى؛ ئۇلار يەنە پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى بولۇپ قايتىپ كېتىدۇ. | 7 |
Faragott képei mind összetöretnek és minden ajándékát tűz égeti meg. Minden bálványait semmivé teszem; mert paráznaság béréből gyűjtögette azokat, azért ismét paráznaság bérévé legyenek.
بۇلار ئۈچۈن مەن ئاھ-زار كۆتۈرىمەن، مەن ھۇۋلايمەن؛ يالىڭاياق، يالىڭاچ دېگۈدەك يۈرىمەن؛ مەن چىلبۆرىلەردەك ھۇۋلايمەن؛ ھۇۋقۇشلاردەك ماتەم تۇتۇپ يۈرىمەن. | 8 |
E miatt kesergek és jajgatok; ruhátalan és mezítelen járok. Üvöltök, mint a sakálok, és sikongok, mint a struczmadarak.
چۈنكى ئۇنىڭ يارىلىرى داۋالىغۇسىزدۇر، ئۇ ھەتتا يەھۇداغىچىمۇ يېتىپ، خەلقىمنىڭ دەرۋازىسىغا، يەنى يېرۇسالېمغىچە يامرىدى. | 9 |
Mert halálosak az ő sebei. Bizony Júdáig ér; népem kapujáig hatol, Jeruzsálemig.
بۇ [ئاپەتنى] گات شەھىرىدە سۆزلىمەڭلار، قەتئىي يىغلىماڭلار؛ بەيت-لە-ئافراھ شەھىرىدە توپا-چاڭدا ئېغىناڭلار! | 10 |
Gáthban hírül ne adjátok; sírván ne sírjatok; Beth-le-Afrában porba heveredtem.
ئى شافىردا تۇرۇۋاتقان قىز، يالىڭاچلىق ۋە شەرمەندىلىك ئىچىدە [ئەسىرلىككە] ئۆت؛ زائاناندا تۇرۇۋاتقان قىزلار تالاغا ھېچ چىققان ئەمەس؛ بەيت-ئېزەل ئاھ-زارلار كۆتۈرمەكتە؛ «[خۇدا] سەندىن مۇقىم جايىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ!» | 11 |
Költözzetek el, Safirnak lakója gyalázatos meztelenül! Nem vonult ki Saanán lakosa; Beth-Eselnek siralma nem enged tartózkodni.
ماروتتا تۇرۇۋاتقان قىز ياخشىلىققا تەلمۈرۈپ تىت-تىت بولۇۋاتىدۇ؛ بىراق يامانلىق پەرۋەردىگاردىن يېرۇسالېم دەرۋازىسىغا چۈشتى. | 12 |
Mert beteg lett Marótnak lakosa az ő javai miatt; mert veszedelem szállt le az Úrtól Jeruzsálemnek kapujára.
تۇلپارنى جەڭ ھارۋىسىغا قات، ئى لاقىشتا تۇرۇۋاتقان قىز؛ (لاقىش بولسا، زىئون قىزىغا گۇناھنىڭ باشلانغان يېرى ئىدى!) چۈنكى سەندە ئىسرائىلنىڭ ئىتائەتسىزلىكى تېپىلىدۇ. | 13 |
Gyors paripához kösd a szekeret, Lákisnak lakója! ki a bűnnek kezdője valál a Sion leányánál. Bizony te benned találtatnak Izráel vétkei!
شۇڭا سەن خۇشلىشىش ھەدىيىلىرىنى مورەشەت-گات شەھىرىگە بېرىسەن؛ ئاقزىبنىڭ دۇكاندارلىرى ئىسرائىل پادىشاھلىرىغا يالغانچىلىق يەتكۈزىدۇ؛ | 14 |
Azért adj válólevelet Moreset-Gátnak! Akzib házai megcsalják Izráel királyait.
مەن تېخى ساڭا بىر «مىراسخور» ئەپكېلىمەن، ئى مارەشاھ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان قىز؛ ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپى ئادۇللامغىمۇ چۈشۈپ كېلىدۇ. | 15 |
Még hozok én te néked örököst, Marésa lakosa; Adullámig hat el Izráel dicsősége!
ئۆزۈڭنى تاقىرباش قىل، زوقۇڭ بولغان بالىلار ئۈچۈن چېچىڭنى چۈشۈرۈۋەت؛ قورۇلتازدەك ئايدىڭباشلىقىڭنى كېڭەيت، چۈنكى ئۇلار سەندىن ئايرىلىپ سۈرگۈن بولۇشقا كەتتى. | 16 |
Nyírd le, kopaszítsd meg magadat a te gyönyörűséges fiaidért! Szélesítsd meg kopaszságodat, mint a keselyű; mert rabságra vitettek el tőled!