< يۇنۇس 1 >
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئامىتتاينىڭ ئوغلى يۇنۇسقا يېتىپ كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: — | 1 |
És lőn az Úrnak szava Jónáshoz, az Amittai fiához, mondván:
«ئورنۇڭدىن تۇر، دەرھال نىنەۋە دېگەن ئاشۇ بۈيۈك شەھەرگە بېرىپ، ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ ئۇ يەردىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرغىن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرى مېنىڭ كۆزۈمگە قادىلىپ تۇرىدۇ». | 2 |
Kelj fel, menj Ninivébe, a nagy városba, és kiálts ellene, mert gonoszságuk felhatolt elémbe!
بىراق يۇنۇس ئورنىدىن تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ يۈزىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن تارشىش دېگەن يۇرتقا كەتمەكچى بولدى. شۇڭا ئۇ يوپپا شەھىرىگە بېرىپ، تارشىشقا بارىدىغان كېمە تېپىپ، كىراسىنى تۆلەپ ئۇنىڭغا چۈشتى ۋە كېمىچىلەر بىلەن بىرلىكتە تارشىشقا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يۈزىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولدى. | 3 |
És felkele Jónás, hogy Tarsisba szaladna az Úr elől. Leméne azért Jáfóba, és talála ott egy hajót, a mely méne Tarsisba, és megadván a hajóbért, beszálla abba, hogy Tarsisba menne velök az Úr színe elől.
پەرۋەردىگار بولسا زور بىر بوراننى دېڭىزغا تاشلىدى؛ شۇڭا دېڭىزدا دەھشەتلىك قارا بوران چىقىپ، كېمە پارچىلىنىپ كەتكىلى تاس قالدى. | 4 |
Az Úr pedig nagy szelet bocsáta a tengerre, és nagy vihar lőn a tengeren, és a hajó már-már töredezik vala.
كېمىچىلەر بولسا بەك قورقۇپ كېتىپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئىلاھلىرىغا خىتاب قىلىپ دۇئا قىلىشتى؛ ئۇلار كېمىنى يېنىكلىسۇن دەپ ئۇنىڭدىكى يۈك-تاقلارنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. بىراق يۇنۇس بولسا، كېمىنىڭ ئاستى قەۋىتىگە چۈشۈۋېلىپ، شۇ يەردە ئۆلۈكتەك ئۇخلاۋاتقانىدى. | 5 |
Megfélemlének azért a hajósok és kiáltának, kiki az ő istenéhez, és a hajóban lévő holmit a tengerbe hányák, hogy könnyítsenek magukon. Jónás pedig leméne a hajó aljába, és lefeküdt és elaludt.
كېمە باشلىقى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: «ئەي، ئۇخلاۋاتقان كىشى، بۇ قانداق قىلىغىنىڭ؟ ئورنۇڭدىن تۇر، ئىلاھىڭنى سېغىنىپ نىدا قىل! كىم بىلىدۇ، ئىلاھىڭنىڭ نەزىرى چۈشۈپ بىزنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇپ قالامدۇ تېخى؟» ــ دېدى. | 6 |
De hozzáméne a kormányos mester, és mondá néki: Mi lelt, te nagy alvó? Kelj fel, kiálts a te Istenedhez; hát ha gondol velünk az Isten, és nem veszünk el!
ئۇلار بىر-بىرىگە: — كېلىڭلار، بۇ كۈلپەتنىڭ كىمنىڭ ۋەجىدىن بېشىمىزغا چۈشكەنلىكىنى بېكىتىش ئۈچۈن چەك تاشلايلى، — دېيىشتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار چەك تاشلاشتى؛ ئاخىردا چەكتە يۇنۇس چىقىپ قالدى. | 7 |
Egymásnak pedig ezt mondák: Jertek, vessünk sorsot, hogy megtudhassuk: mi miatt van rajtunk e veszedelem? És sorsot vetének, és a sors Jónásra esék.
ئۇلار ئۇنىڭدىن: — قېنى، ئېيت، بېشىمىزغا چۈشكەن بۇ كۈلپەت كىمنىڭ سەۋەبىدىن بولۇۋاتىدۇ؟ سېنىڭ تىرىكچىلىكىڭ نېمە؟ نەدىن كەلدىڭ؟ قايسى ئەل، قايسى مىللەتتىن سەن؟ — دەپ سورىدى. | 8 |
Mondák azért néki: Kérünk, beszéld el nékünk: mi miatt van rajtunk e veszedelem? Mi a te foglalkozásod és honnan jösz? Melyik a te hazád és miféle népből való vagy te?
ئۇ ئۇلارغا: — مەن بولسام ئىبرانىي مىللىتىدىن، ئەرشلەردىكى خۇدادىن، يەنى دېڭىزنى، يەر-زېمىننى ياراتقان پەرۋەردىگاردىن قورققۇچىمەن، دېدى. | 9 |
És monda nékik: Héber vagyok én, és az Urat, az egek Istenét félem én, a ki a tengert és a szárazt teremtette.
بۇ سۆز ئۇلارنى ئىنتايىن قورقۇتىۋەتتى. ئۇلار: «سەن زادى نېمە ئىش قىلغان؟» — دەپ سورىدى [چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ يۈزىدىن قاچقانلىقىنى بىلگەنىدى، چۈنكى ئۇلار بۇنى ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغانىدى]. | 10 |
És megfélemlének az emberek nagy félelemmel, és mondák néki: Mit cselekedtél? Mert megtudták azok az emberek, hogy az Úr színe elől fut, mivelhogy elbeszélé nékik.
ئۇلار ئۇنىڭدىن: — ئەمدى بىز سېنى قانداق قىلساق دېڭىز بىز ئۈچۈن تىنچلىنىدۇ؟ — دەپ سورىدى؛ چۈنكى دېڭىز دولقۇنى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتاتتى. | 11 |
Mondák azután néki: Mit cselekedjünk veled, hogy a tenger megcsendesedjék ellenünk? Mert a tenger háborgása növekedék.
ئۇ ئۇلارغا: — مېنى كۆتۈرۈپ دېڭىزغا تاشلىۋېتىڭلار، شۇ چاغدا دېڭىز سىلەر ئۈچۈن تىنچلىنىدۇ؛ چۈنكى بىلىمەنكى، بۇ زور بوران مېنىڭ سەۋەبىمدىن سىلەرگە چۈشتى، — دېدى. | 12 |
Ő pedig monda nékik: Fogjatok meg és vessetek engem a tengerbe, és megcsendesedik a tenger ellenetek; mert tudom én, hogy miattam van ez a nagy vihar rajtatok.
بىراق بۇ ئادەملەر كۈچەپ پالاق ئۇرۇپ قىرغاققا يېتىشكە تىرىشتى؛ ئەمما يېتەلمىدى، چۈنكى دېڭىز قېرىشقاندەك تېخىمۇ دولقۇنلاپ كېتىۋاتاتتى. | 13 |
És erőlködtek azok az emberek, hogy visszajussanak a szárazra; de nem tudtak, mert a tenger háborgása növekedék ellenök.
ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ پەرياد كۆتۈرۈپ: — ئاھ پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمىز، بۇ ئادەمنىڭ جېنىنى ئالغانلىقىمىزنى بىزدىن كۆرمىگەيسەن! بىگۇناھ بىر ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكۈشنىڭ گۇناھىنى ئۈستىمىزگە قويمىغايسەن! چۈنكى سەن پەرۋەردىگار ئۆزۈڭنىڭ خالىغىنىڭنى قىلدىڭ! — دەپ نىدا قىلدى. | 14 |
Kiáltának azért az Úrhoz, és mondák: Kérünk Uram, kérünk, ne veszszünk el ez ember lelkéért, és ne háríts reánk ártatlan vért; mert te, Uram, úgy cselekedtél, a mint akartad!
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۇنۇسنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى؛ دېڭىز دولقۇنلىنىشتىن شۇئان توختىدى. | 15 |
És felragadák Jónást és beveték őt a tengerbe, és megszűnék a tenger az ő háborgásától.
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەملەر پەرۋەردىگاردىن قاتتىق قورقتى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ قەسەم ئىچىشتى. | 16 |
Azok az emberek pedig nagy félelemmel félék az Urat, és áldozattal áldozának az Úrnak, és fogadásokat fogadának.
بىراق پەرۋەردىگار يۇنۇسنى يۇتۇۋېلىشقا يوغان بىر بېلىقنى ئەۋەتكەنىدى. يۇنۇس بولسا بۇ بېلىقنىڭ قارنىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز تۇردى. | 17 |
Az Úr pedig egy nagy halat rendelt, hogy benyelje Jónást. És lőn Jónás a halnak gyomrában három nap és három éjjel.