< ماتتا 3 >

شۇ چاغلاردا، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا يەھۇدىيەدىكى چۆل-باياۋانغا كېلىپ 1
V tisti dnéh pa pride Janez Krstnik, ter je v puščavi Judejskej oznanjeval,
كىشىلەرگە: ــ توۋا قىلىڭلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى! ــ دەپ جاكارلاشقا باشلىدى. 2
In govoril: Spokorite se; kajti približalo se je nebeško kraljestvo.
چۈنكى [چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا] بولسا ئىلگىرى يەشايا پەيغەمبەر بېشارىتىدە كۆرسەتكەن كىشىنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ: ــ «باياۋاندا توۋلايدىغان بىر كىشىنىڭ: رەبنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، ئۇنىڭ چىغىر يوللىرىنى تۈپتۈز قىلىڭلار! ــ دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ». 3
Kajti ta je, za kogar je povedal prerok Izaija, govoreč: "Glas vpijočega v puščavi: Pripravite pot Gospodu; poravnajte steze njegove."
يەھيا [پەيغەمبەر] تۆگە يۇڭىدىن قىلىنغان كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى بولسا چېكەتكىلەر بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى. 4
On pa, Janez, imel je obleko svojo iz kamelje dlake, in pas usnjat okoli ledja svojega; a živež njegov je bil: kobilice in med divji.
ئەمدى يېرۇسالېم شەھىرى، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسى ۋە پۈتكۈل ئىئوردان دەريا ۋادىسىنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، 5
Tedaj je izhajal k njemu ves Jeruzalem in vsa Judeja in vsa okolica Jordanska.
گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى. 6
In on jih je krščeval v Jordanu, in izpovedovali so grehe svoje.
لېكىن پەرىسىي ۋە سادۇقىي مەزھىپىدىكىلەردىن كۆپلىرىنىڭ ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگىنىدە ئۇ ئۇلارغا: ــ ئەي يىلانلارنىڭ بالىلىرى! كىم سىلەرنى [خۇدانىڭ] چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان غەزىپىدىن قېچىڭلار دەپ ئاگاھلاندۇردى؟! 7
Ko pa vidi mnogo Farizejev in Saducejev, da gredó h krstu njegovemu, reče jim: Gadja zalega! kdo vam je pokazal, kako ubežite prihodnjej jezi?
ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىنى كەلتۈرۈڭلار! 8
Rodite torej vreden sad pokore.
ۋە ئۆز ئىچىڭلاردا: «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!» دەپ خىيال قىلىپ يۈرمەڭلار؛ چۈنكى مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى ئاپىرىدە قىلالايدۇ. 9
In ne domišljujte si, da bi govorili v sebi: Abrahama imamo za očeta; kajti pravim vam, da more Bog iz tega kamenja obuditi Abrahamu sinove.
پالتا ئاللىقاچان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا تەڭلەپ قويۇلدى؛ ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەرقايسى دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. 10
Uže pa stojí tudi sekira drevju pri korenini: vsako drevo torej, ktero ne rodí dobrega sadú, posekalo se bo in vrglo na ogenj.
مەن دەرۋەقە سىلەرنى توۋا قىلىشىڭلار ئۈچۈن سۇغا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن مەندىن كېيىن كەلگۈچى زات مەندىن قۇدرەتلىكتۇر. مەن ھەتتا ئۇنىڭ كەشىنى كۆتۈرۈشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن؛ ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ. 11
Jaz vas krščujem z vodo za pokoro; a ta, ki gre za menoj, močneji je od mene, kteremu nisem vreden obutala ponesti. On vas bo krstil z Duhom svetim in ognjem.
ئۇنىڭ سورۇغۇچى كۈرىكى قولىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۆز خامىنىنى [توپا-ساماندىن] تەلتۆكۈس تازىلايدۇ، ساپ بۇغداينى ئامبارغا يىغىدۇ، ئەمما توپا-ساماننى ئۆچمەس ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، ــ دېدى. 12
Njemu je lopata v roki njegovej, in očedil bo gumno svoje, in pospravil bo pšenico svojo v žitnico, a plevo bo spalil z neugasljivim ognjem.
شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا يەھيادىن چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن گالىلىيە ئۆلكىسىدىن ئىئوردان دەرياسى بويىغا، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. 13
Tedaj pride Jezus iz Galileje k Janezu na Jordan, da ga on krsti.
بىراق يەھيا چۆمۈلدۈرۈشكە ئۇنىماي ئۇنى توسۇپ: ــ ئەسلى چۆمۈلدۈرۈلۈشنى مەن سەندىن قوبۇل قىلىشىم كېرەك ئىدى، بىراق سەن مېنىڭ ئالدىمغا كەپسەنغۇ؟ ــ دېدى. 14
Janez mu je pa branil, govoreč: Meni je treba, da me ti krstiš, pa hodiš ti k meni?
لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ھازىرچە شۇنىڭغا يول قويغىن؛ چۈنكى ھەققانىيلىقنىڭ بارلىق [تەلەپلىرىنى] ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، يەھيا ئۇنىڭغا يول قويدى. 15
Jezus pa odgovorí in mu reče: Pusti sedaj! kajti tako nam je treba izpolniti vsako pravico. Tedaj ga pustí.
ۋە ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ بولۇپلا، سۇدىن چىقتى؛ ئۇ سۇدىن چىقىشى بىلەن مانا، ئەرشلەر ئۇنىڭغا ئېچىلىپ، خۇدانىڭ روھى كەپتەر قىياپىتىدە ئەرشتىن چۈشۈپ، ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. 16
In krstivši se Jezus, stopi precej iz vode; in glej, nebesa mu se odpró, in Duha Božjega vidi, da shaja ko golob, in pride na-nj.
ۋە مانا، ئەرشتىن بىر ئاۋاز: ــ «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن تولۇق خۇرسەنمەن!» ــ دەپ ئاڭلاندى. 17
In glej, glas z nebes, govoreč: Ta je sin moj ljubljeni, kteri je po mojej volji.

< ماتتا 3 >