< ماتتا 2 >
ئەيسا ھېرود پادىشاھ ھۆكۈم سۈرگەن كۈنلەردە يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ بەيت-لەھەم يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، مانا بەزى دانىشمەنلەر مەشرىقتىن يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىپ، پۇقرالاردىن: | 1 |
Ko se je pa Jezus v Betlehemu Judejskem rodil, v dnéh Heroda kralja, glej, pridejo od vzhoda modrijani v Jeruzalem,
يەھۇدىيلارنىڭ [يېڭىدىن] تۇغۇلغان پادىشاھى قەيەردە؟ چۈنكى بىز ئۇنىڭ يۇلتۇزىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق. شۇڭا، ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىلى كەلدۇق، ــ دېيىشتى. | 2 |
Govoreč: Kje je kralj Judovski, ki se je rodil? Kajti videli smo zvezdo njegovo na vzhodu, pa smo prišli, da mu se poklonimo.
بۇنى ئاڭلىغان ھېرود پادىشاھ، شۇنىڭدەك پۈتكۈل يېرۇسالېم خەلقىمۇ ئالاقزادىلىككە چۈشتى. | 3 |
Slišavši pa to kralj Herod, prestraši se, in ves Jeruzalem ž njim.
ئۇ پۈتكۈل باش كاھىنلار ۋە خەلقنىڭ تەۋرات ئۇستازلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلاردىن «مەسىھ قەيەردە تۇغۇلۇشى كېرەك؟» ــ دەپ سورىدى. | 4 |
In zbravši vse vélike duhovne in ljudske pismarje, povpraševal jih je, kje se ima Kristus roditi.
ئۇلار: «يەھۇدىيەدىكى بەيت-لەھەم يېزىسىدا بولۇشى كېرەك، ــ چۈنكى پەيغەمبەر ئارقىلىق شۇنداق پۈتۈلگەن: ــ | 5 |
Oni mu pa rekó: V Betlehemu Judejskem; kajti tako je napisal prerok:
«ئى يەھۇدىيە زېمىنىدىكى بەيت-لەھەم، خەلقىڭ يەھۇدىيە يېتەكچىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئەڭ كىچىكى بولمايدۇ؛ چۈنكى سەندىن بىر يېتەكچى چىقىدۇ، ئۇ خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ باققۇچىسى بولىدۇ» ــ دېيىشتى. | 6 |
"In ti, Betlehem, zemlja Judova, nikakor nisi najmanji med knezi Judovimi; kajti iz tebe bo izšel vojvoda, kteri bo pasel narod moj Izraelski."
بۇنىڭ بىلەن، ھېرود دانىشمەلەرنى مەخپىي چاقىرتىپ، يۇلتۇزنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلىۋالدى. | 7 |
Tedaj pokliče Herod skrivaj modrijane, in pozvé od njih na tanko, kedaj se je zvezda prikazala.
ئاندىن: «بېرىپ بالىنى سۈرۈشتە قىلىپ تېپىڭلار. تاپقان ھامان قايتىپ ماڭا خەۋەر قىلىڭلار، مەنمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ سەجدە قىلىپ كېلەي» ــ دەپ، ئۇلارنى بەيت-لەھەمگە يولغا سالدى. | 8 |
In poslavši jih v Betlehem, reče: Pojdite in na tanko izprašajte za dete; a ko ga najdete, sporočite mi, da tudi jaz pridem in mu se poklonim.
دانىشمەنلەر پادىشاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ يولغا چىقتى؛ ۋە مانا، ئۇلار شەرقتە كۆرگەن ھېلىقى يۇلتۇز ئۇلارنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدى ۋە بالا تۇرغان يەرگە كېلىپ توختىدى. | 9 |
Oni pa, zaslišavši kralja, odidejo. In glej, zvezda, ktero so bili videli na vzhodu, šla je pred njimi, dokler ni prišla in se ustavila nad mestom, kjer je bilo dete.
ئۇلار ھېلىقى يۇلتۇزنى كۆرگىنىدىن ئىنتايىن قاتتىق شادلىنىشتى | 10 |
Ko pa ugledajo zvezdo, razveselé se z zeló velikim veseljem.
ھەم ئۆيگە كىرىپ، بالىنى ئانىسى مەريەم بىلەن كۆرۈپ، يەرگە يىقىلىپ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى. ئاندىن، خەزىنىلىرىنى ئېچىپ، ئالتۇن، مەستىكى، مۇرمەككى قاتارلىق سوۋغاتلارنى سۇنۇشتى. | 11 |
In pridejo v hišo, in najdejo dete z Marijo materjo njegovo; in padejo, ter mu se poklonijo; in odpró zaklade svoje, ter mu prinesó darove: zlato in kadilo in miro.
ئۇلارغا چۈشىدە ھېرودنىڭ يېنىغا بارماسلىق توغرىسىدىكى ۋەھىي كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار باشقا يول بىلەن ئۆز يۇرتىغا قايتىشتى. | 12 |
In opomenjeni v spanji, naj se ne vračajo k Herodu, odidejo po drugej poti v svoj kraj.
ئۇلار يولغا كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ: ئورنۇڭدىن تۇر! بالا ۋە ئانىسى ئىككىسىنى ئېلىپ مىسىرغا قاچ. مەن ساڭا ئۇقتۇرغۇچە ئۇ يەردە تۇرغىن. چۈنكى ھېرود بالىنى يوقىتىشقا ئىزدەپ كېلىدۇ ــ دېدى. | 13 |
Ko so pa oni odpotovali, glej, prikaže se angelj Gospodov Jožefu v spanji, govoreč: Vstani in vzemi dete in mater njegovo, pa beži v Egipet, in bodi tam, dokler ti ne povem; kajti Herod bo iskal deteta, da bi ga pogubil.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، شۇ كېچىلا بالا ۋە ئانىسى ئىككىسىنى ئېلىپ مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى. | 14 |
On pa vstane in vzeme dete in mater njegovo po noči, in odide v Egipet.
ئۇ ھېرود ئۆلگۈچە شۇ يەردە تۇردى. شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان: «ئوغلۇمنى مىسىردىن مەن چاقىردىم» دېگەن سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. | 15 |
In bil je tam do Herodove smrti; da se izpolni, kar je rekel Gospod po preroku, kteri pravi: "Iz Egipta sem poklical sina svojega."
ھېرود بولسا دانىشمەنلەردىن ئالدانغانلىقىنى بىلىپ، قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ دانىشمەنلەردىن ئېنىقلىغان ۋاقىتقا ئاساسەن، ئادەملەرنى ئەۋەتىپ بەيت-لەھەم يېزىسى ۋە ئەتراپىدىكى ئىككى ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرگۇزدى. | 16 |
Tedaj se Herod, videvši, da so ga modrijani prekanili, zeló raztogotí, ter pošlje in pomori po Betlehemu in po vseh predelih njegovih vse otročiče po dve leti in niže, po času, ki ga je na tanko pozvedel od modrijanov.
شۇ چاغدا يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان مۇنۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: ــ | 17 |
Tedaj se je izpolnilo, kar je rekel prerok Jeremija, govoreč:
«راماھ شەھىرىدە بىر سادا، ئاچچىق يىغا-زارنىڭ پىغانى ئاڭلىنار، بۇ راھىلەنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن كۆتۈرگەن ئاھ-زارلىرى؛ بالىلىرىنىڭ يوق قىلىۋېتىلگىنى تۈپەيلىدىن، تەسەللىنى قوبۇل قىلماي پىغان كۆتۈرىدۇ». | 18 |
"Glas se je slišal v Rami, mnogo jokú in veka in krika; Rahel je plakala za svojimi otroci, in ni se hotela utolažiti, ker jih ni."
ئەمدى ھېرود ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى مىسىردا تۇرغان يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: ــ | 19 |
Ko je pa Herod umrl, glej, prikaže se v spanji angelj Gospodov Jožefu v Egiptu,
ئورنۇڭدىن تۇر! بالا ۋە ئانىسىنى ئېلىپ ئىسرائىل زېمىنىغا قايت! چۈنكى بالىنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولغانلار ئۆلدى، ــ دېدى. | 20 |
Govoreč: Vstani in vzemi dete in mater njegovo, in pojdi v zemljo Izraelsko; kajti pomrli so, kteri so iskali detetove duše.
بۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ بالا ۋە ئانىسىنى ئېلىپ ئىسرائىل زېمىنىغا قايتتى. | 21 |
On pa vstane in vzeme dete in mater njegovo, in pride v zemljo Izraelsko.
ئۇ ئارخېلائۇسنىڭ ئاتىسى ھېرود پادىشاھنىڭ ئورنىغا تەختكە ئولتۇرۇپ يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقىنىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇ يەرگە قايتىشتىن قورقتى؛ ۋە چۈشىدە ئۇنىڭغا بىر ۋەھىي كېلىپ، گالىلىيە زېمىنىغا بېرىپ، | 22 |
Slišavši pa, da kraljuje v Judeji Arhelaj mesto Heroda očeta svojega, zbojí se tje iti; opomenjen pa v spanji, odide v predele Galilejske.
ناسارەت دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېزىدا ئولتۇراقلاشتى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق: «ئۇ ناسارەتلىك دەپ ئاتىلىدۇ» دېيىلگىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. | 23 |
In prišedši tje, nastani se v mestu, ktero se imenuje Nazaret; da se izpolni, kar je rečeno po prerokih: "Nazarečan se bo imenoval."