< ئايۇپ 12 >

ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 1
Ayup jawabǝn mundaⱪ dedi: —
سىلەر بەرھەق ئەل-ئەھلىسىلەر! ئۆلسەڭلار ھېكمەتمۇ سىلەر بىلەن بىللە كېتىدۇ! 2
Silǝr bǝrⱨǝⱪ ǝl-ǝⱨlisilǝr! Ɵlsǝnglar ⱨekmǝtmu silǝr bilǝn billǝ ketidu!
مېنىڭمۇ سىلەردەك ئۆز ئەقلىم بار، ئەقىلدە سىلەردىن قالمايمەن؛ بۇنچىلىك ئىشلارنى كىم بىلمەيدۇ؟! 3
Meningmu silǝrdǝk ɵz ǝⱪlim bar, Əⱪildǝ silǝrdin ⱪalmaymǝn; Bunqilik ixlarni kim bilmǝydu?!
مەن ئۆز دوستلىرىمغا مازاق ئوبيېكتى بولدۇم؛ مەندەك تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ، دۇئاسى ئىجابەت بولغان كىشى، ھەققانىي، دۇرۇس بىر ئادەم مازاق قىلىندى! 4
Mǝn ɵz dostlirimƣa mazaⱪ obyekti boldum; Mǝndǝk Tǝngrigǝ iltija ⱪilip, duasi ijabǝt bolƣan kixi, Ⱨǝⱪⱪaniy, durus bir adǝm mazaⱪ ⱪilindi!
راھەتتە ئولتۇرغان كىشىلەر كۆڭلىدە ھەرقانداق كۈلپەتنى نەزىرىگە ئالمايدۇ؛ ئۇلار: «كۈلپەتلەر پۇتلىرى تېيىلىش ئالدىدا تۇرغان كىشىگىلا تەييار تۇرىدۇ» دەپ ئويلايدۇ. 5
Raⱨǝttǝ olturƣan kixilǝr kɵnglidǝ ⱨǝrⱪandaⱪ külpǝtni nǝzirigǝ almaydu; Ular: «Külpǝtlǝr putliri teyilix aldida turƣan kixigila tǝyyar turidu» dǝp oylaydu.
قاراقچىلارنىڭ چېدىرلىرى ئاۋاتلىشىدۇ؛ تەڭرىگە ھاقارەت كەلتۈرىدىغانلار ئامان تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىلاھىنى ئۆز ئالقىنىدا كۆتۈرىدۇ. 6
Ⱪaraⱪqilarning qedirliri awatlixidu; Tǝngrigǝ ⱨaⱪarǝt kǝltüridiƣanlar aman turidu; Ular ɵzining ilaⱨini ɵz alⱪinida kɵtüridu.
ئەمدى ھايۋانلاردىنمۇ سوراپ باق، ئۇلار ساڭا ئۆگىتىدۇ، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارمۇ ساڭا دەيدۇ؛ 7
Əmdi ⱨaywanlardinmu sorap baⱪ, Ular sanga ɵgitidu, Asmandiki uqar-ⱪanatlarmu sanga dǝydu;
ۋە ياكى يەر-زېمىنغا گەپ قىلساڭچۇ، ئۇمۇ ساڭا ئۆگىتىدۇ؛ دېڭىزدىكى بېلىقلار ساڭا سۆز قىلىدۇ. 8
Wǝ yaki yǝr-zeminƣa gǝp ⱪilsangqu, Umu sanga ɵgitidu; Dengizdiki beliⱪlar sanga sɵz ⱪilidu.
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ قولى قىلغانلىقىنى كىم بىلمەيدۇ؟ 9
Bularning ⱨǝmmisini Pǝrwǝrdigarning ⱪoli ⱪilƣanliⱪini kim bilmǝydu?
بارلىق جان ئىگىلىرى، بارلىق ئەت ئىگىلىرى، جۈملىدىن بارلىق ئىنساننىڭ نەپىسى ئۇنىڭ قولىدىدۇر. 10
Barliⱪ jan igiliri, barliⱪ ǝt igiliri, Jümlidin barliⱪ insanning nǝpisi uning ⱪolididur.
ئېغىزدا تائامنى تېتىغاندەك، قۇلاقمۇ سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى سىناپ باقىدۇ ئەمەسمۇ؟ 11
Eƣizda taamni tetiƣandǝk, Ⱪulaⱪmu sɵzining toƣriliⱪini sinap baⱪidu ǝmǝsmu?
ياشانغانلاردا دانالىق راست تېپىلامدۇ؟ كۈنلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن يورۇتۇلۇش كېلەمدۇ؟ 12
Yaxanƣanlarda danaliⱪ rast tepilamdu? Künlirining kɵp boluxi bilǝn yorutulux kelǝmdu?
ئۇنىڭدىلا دانالىق ھەم قۇدرەت بار؛ ئۇنىڭدىلا يوليورۇق ھەم يورۇتۇش باردۇر. 13
Uningdila danaliⱪ ⱨǝm ⱪudrǝt bar; Uningdila yolyoruⱪ ⱨǝm yorutux bardur.
مانا، ئۇ خاراب قىلسا، ھېچكىم قايتىدىن قۇرۇپ چىقالمايدۇ؛ ئۇ قاماپ قويغان ئادەمنى ھېچكىم قويۇۋېتەلمەيدۇ. 14
Mana, U harab ⱪilsa, ⱨeqkim ⱪaytidin ⱪurup qiⱪalmaydu; U ⱪamap ⱪoyƣan adǝmni ⱨeqkim ⱪoyuwetǝlmǝydu.
مانا، ئۇ سۇلارنى توختىتىۋالسا، سۇلار قۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇ ئۇلارنى قويۇپ بەرسە، ئۇلار يەر-زېمىننى بېسىپ ۋەيران قىلىدۇ. 15
Mana, U sularni tohtitiwalsa, sular ⱪurup ketidu, U ularni ⱪoyup bǝrsǝ, ular yǝr-zeminni besip wǝyran ⱪilidu.
ئۇنىڭدا كۈچ-قۇدرەت، چىن ھېكمەتمۇ بار؛ ئالدىغۇچى، ئالدانغۇچىمۇ ئۇنىڭغا تەۋەدۇر. 16
Uningda küq-ⱪudrǝt, qin ⱨekmǝtmu bar; Aldiƣuqi, aldanƣuqimu uningƣa tǝwǝdur.
ئۇ مەسلىھەتچىلەرنى يالىڭاچ قىلدۇرۇپ، يالاپ ئېلىپ كېتىدۇ، سوراقچىلارنى رەسۋا قىلىدۇ. 17
U mǝsliⱨǝtqilǝrni yalingaq ⱪildurup, yalap elip ketidu, Soraⱪqilarni rǝswa ⱪilidu.
ئۇ پادىشاھلار [ئەل-ئەھلىگە] سالغان كىشەنلەرنى يېشىدۇ، ئاندىن شۇ پادىشاھلارنى يالىڭاچلاپ، چاتراقلىرىنى لاتا بىلەنلا قالدۇرۇپ [شەرمەندە قىلىدۇ]. 18
U padixaⱨlar [ǝl-ǝⱨligǝ] salƣan kixǝnlǝrni yexidu, Andin xu padixaⱨlarni yalingaqlap, qatraⱪlirini lata bilǝnla ⱪaldurup [xǝrmǝndǝ ⱪilidu].
ئۇ كاھىنلارنى يالىڭاياغ ماڭدۇرۇپ ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئۇ كۈچ-ھوقۇقدارلارنى ئاغدۇرىدۇ. 19
U kaⱨinlarni yalingayaƣ mangdurup elip ketidu; U küq-ⱨoⱪuⱪdarlarni aƣduridu.
ئۇ ئىشەنچلىك قارالغان زاتلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىدۇ؛ ئاقساقاللارنىڭ ئەقلىنى ئېلىپ كېتىدۇ. 20
U ixǝnqlik ⱪaralƣan zatlarning aƣzini etidu; Aⱪsaⱪallarning ǝⱪlini elip ketidu.
ئۇ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۈستىگە ھاقارەت تۆكىدۇ، ئۇ پالۋانلارنىڭ بەلۋېغىنى يېشىپ [ئۇلارنى كۈچسىز قىلىدۇ]. 21
U aⱪsɵngǝklǝrning üstigǝ ⱨaⱪarǝt tɵkidu, U palwanlarning bǝlweƣini yexip [ularni küqsiz ⱪilidu].
ئۇ قاراڭغۇلۇقتىكى چوڭقۇر سىرلارنى ئاشكارىلايدۇ؛ ئۇ ئۆلۈمنىڭ سايىسىنى يورۇتىدۇ. 22
U ⱪarangƣuluⱪtiki qongⱪur sirlarni axkarilaydu; U ɵlümning sayisini yorutidu.
ئۇ ئەل-يۇرتلارنى ئۇلۇغلاشتۇرىدۇ ھەم ئاندىن ئۇلارنى گۇمران قىلىدۇ؛ ئەل-يۇرتلارنى كېڭەيتىدۇ، ئۇلارنى تارقىتىدۇ. 23
U ǝl-yurtlarni uluƣlaxturidu ⱨǝm andin ularni gumran ⱪilidu; Əl-yurtlarni kengǝytidu, ularni tarⱪitidu.
ئۇ زېمىندىكى ئەل-جامائەتنىڭ كاتتىۋاشلىرىنىڭ ئەقلىنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنى يولسىز دەشت-باياۋاندا سەرسان قىلىپ ئازدۇرىدۇ. 24
U zemindiki ǝl-jamaǝtning kattiwaxlirining ǝⱪlini elip ketidu; Ularni yolsiz dǝxt-bayawanda sǝrsan ⱪilip azduridu.
ئۇلار نۇرسىزلاندۇرۇلۇپ قاراڭغۇلۇقتا يولنى سىلاشتۇرىدۇ، ئۇ ئۇلارنى مەست بولۇپ قالغان كىشىدەك گالدى-گۇلدۇڭ ماڭدۇرىدۇ. 25
Ular nursizlandurulup ⱪarangƣuluⱪta yolni silaxturidu, U ularni mǝst bolup ⱪalƣan kixidǝk galdi-guldung mangduridu.

< ئايۇپ 12 >