< يەرەمىيا 10 >

پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار، ئى ئىسرائىل جەمەتى: ــ 1
Pǝrwǝrdigarning silǝrgǝ eytⱪan sɵzigǝ ⱪulaⱪ selinglar, i Israil jǝmǝti: —
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەللەرنىڭ يوللىرىنى ئۆگەنمەڭلار؛ گەرچە ئەللەر ئاسماندىكى ھادىسە-ئالامەتلەردىن قورقۇپ دەككە-دۈككىگە چۆمگەن بولسىمۇ، سىلەر بۇلاردىن ھېچ چۆچۈپ كەتمەڭلار. 2
Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Əllǝrning yollirini ɵgǝnmǝnglar; gǝrqǝ ǝllǝr asmandiki ⱨadisǝ-alamǝtlǝrdin ⱪorⱪup dǝkkǝ-dükkigǝ qɵmgǝn bolsimu, silǝr bulardin ⱨeq qɵqüp kǝtmǝnglar.
چۈنكى ئەللەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى بىمەنىلىكتۇر؛ ھەممىسى ئورمانلىقتىن كېسىلگەن دەرەختىن، ياغاچچىنىڭ ئىسكىنىسى بىلەن ئويۇلغان نەرسىگە ئاساسلانغاندۇر. 3
Qünki ǝllǝrning ⱪaidǝ-yosunliri bimǝniliktur; ⱨǝmmisi ormanliⱪtin kesilgǝn dǝrǝhtin, yaƣaqqining iskinisi bilǝn oyulƣan nǝrsigǝ asaslanƣandur.
ئۇلار بۇنى ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن ھەللەيدۇ؛ ئۇنى يىقىلمىسۇن دەپ ئۇلار بولقا، مىخلار بىلەن بېكىتىدۇ. 4
Ular buni altun-kümüx bilǝn ⱨǝllǝydu; uni yiⱪilmisun dǝp ular bolⱪa, mihlar bilǝn bekitidu.
بۇنداق بۇتلار تەرخەمەكلىكتە تۇرىدىغان بىر قارانچۇقتۇر، خالاس؛ ئۇلار ھېچ سۆزلىيەلمەيدۇ؛ ئۇلار باشقىلار تەرىپىدىن كۆتۈرۈلۈشى كېرەك، چۈنكى ئۇلار ماڭالمايدۇ. ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار رەزىللىك قىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ قولىدىن ياخشىلىق قىلىشمۇ كەلمەيدۇ. 5
Bundaⱪ butlar tǝrhǝmǝkliktǝ turidiƣan bir ⱪaranquⱪtur, halas; ular ⱨeq sɵzliyǝlmǝydu; ular baxⱪilar tǝripidin kɵtürülüxi kerǝk, qünki ular mangalmaydu. Ulardin ⱪorⱪmanglar; qünki ular rǝzillik ⱪilalmaydu, ularning ⱪolidin yahxiliⱪ ⱪilixmu kǝlmǝydu.
ــ ساڭا ئوخشايدىغان ھېچكىم يوق، ئى پەرۋەردىگار؛ سەن ئۇلۇغ، كۈچ-قۇدرىتىڭ بىلەن نامىڭ ئۇلۇغدۇر. 6
— Sanga ohxaydiƣan ⱨeqkim yoⱪ, i Pǝrwǝrdigar; Sǝn uluƣ, küq-ⱪudriting bilǝn naming uluƣdur.
كىم سەندىن قورقماي تۇرالىسۇن، ئى بارلىق ئەللەر ئۈستىگە ھۆكۈمران پادىشاھ!؟ چۈنكى بۇ ساڭا تېگىشلىكتۇر؛ چۈنكى ئەللەردىكى دانىشمەنلەر ئارىسىدا ۋە بارلىق پادىشاھلىقلار ئارىسىدا ساڭا ئوخشاش ھېچكىم يوقتۇر. 7
Kim Sǝndin ⱪorⱪmay turalisun, i barliⱪ ǝllǝr üstigǝ ⱨɵkümran padixaⱨ!? Qünki bu Sanga tegixliktur; qünki ǝllǝrdiki danixmǝnlǝr arisida wǝ barliⱪ padixaⱨliⱪlar arisida Sanga ohxax ⱨeqkim yoⱪtur.
[ئەللەرنىڭ] ھەممىسى ئىستىسناسىز ئەقلى يوق، نادانلاردۇر؛ بۇ ئەرزىمەسلەر ياغاچتۇر، خالاس! ئۇلار تەلىم بېرەلەمدۇ!؟ 8
[Əllǝrning] ⱨǝmmisi istisnasiz ǝⱪli yoⱪ, nadanlardur; bu ǝrzimǝslǝr yaƣaqtur, halas! Ular tǝlim berǝlǝmdu!?
سوقۇپ يالپاقلانغان كۈمۈش تارشىشتىن ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ ئالتۇنمۇ ئۇفازدىن ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ ئاندىن ھۈنەرۋەن ۋە زەرگەرلەرنىڭ قولى بۇ ياسىغىنىغا كۆك ۋە سۆسۈن رەخت بىلەن كىيىم كىيگۈزىدۇ ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى شۈبھىسىزكى، دانىشمەن ئۇستىلارنىڭ ئەجرىدۇر! 9
Soⱪup yalpaⱪlanƣan kümüx Tarxixtin elip kelinidu; altunmu Ufazdin elip kelinidu; andin ⱨünǝrwǝn wǝ zǝrgǝrlǝrning ⱪoli bu yasiƣiniƣa kɵk wǝ sɵsün rǝht bilǝn kiyim kiygüzidu — bularning ⱨǝmmisi xübⱨisizki, danixmǝn ustilarning ǝjridur!
لېكىن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئۆزى ھەقىقەتتۇر؛ ئۇ ھايات خۇدادۇر، مەڭگۈلۈكنىڭ پادىشاھىدۇر؛ ئۇنىڭ غەزىپى ئالدىدا يەر-زېمىن تىترەيدۇ؛ ئەللەر ئۇنىڭ قەھرىنى كۆتۈرەلمەيدۇ. 10
Lekin Pǝrwǝrdigar Hudaning Ɵzi ⱨǝⱪiⱪǝttur; U ⱨayat Hudadur, mǝnggülükning Padixaⱨidur; Uning ƣǝzipi aldida yǝr-zemin titrǝydu; ǝllǝr Uning ⱪǝⱨrini kɵtürǝlmǝydu.
ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «ئاسمان بىلەن زېمىننى ياراتمىغان ئىلاھلار، ئۇلار زېمىن يۈزىدىن ۋە ئاسمان ئاستىدىن يوقايدۇ!». 11
Ularƣa mundaⱪ degin: «Asman bilǝn zeminni yaratmiƣan ilaⱨlar, ular zemin yüzidin wǝ asman astidin yoⱪaydu!».
[پەرۋەردىگار بولسا] يەر-زېمىننى كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ياسىغان، ئالەمنى دانالىقى بىلەن بەرپا قىلغان، ئاسمانلارنى ئەقىل-پاراسىتى بىلەن يايغۇچىدۇر. 12
[Pǝrwǝrdigar bolsa] yǝr-zeminni küq-ⱪudriti bilǝn yasiƣan, Alǝmni danaliⱪi bilǝn bǝrpa ⱪilƣan, Asmanlarni ǝⱪil-parasiti bilǝn yayƣuqidur.
ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋەتسە، ئاسمانلاردا سۇلار شاۋقۇنلايدۇ؛ ئۇ يەر چەتلىرىدىن بۇلۇت-تۇمانلارنى ئۆرلىتىدۇ؛ ئۇ يامغۇرلارغا چاقماقلارنى ھەمراھ قىلىپ بېكىتىدۇ، ۋە شامالنى ئۆز خەزىنىلىرىدىن چىقىرىدۇ. 13
U awazini ⱪoyuwǝtsǝ, asmanlarda sular xawⱪunlaydu; U yǝr qǝtliridin bulut-tumanlarni ɵrlitidu; U yamƣurlarƣa qaⱪmaⱪlarni ⱨǝmraⱨ ⱪilip bekitidu, Wǝ xamalni ɵz hǝziniliridin qiⱪiridu.
مۇشۇ كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئەقىلسىز، بىلىمدىن مەھرۇملاردۇر؛ زەرگەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزلىرى ئويغان بۇت تەرىپىدىن شەرمەندىگە قالىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ قۇيما ھەيكىلى يالغانچىلىق، ئۇلاردا ھېچ تىنىق يوقتۇر. 14
Muxu kixilǝrning ⱨǝrbiri ǝⱪilsiz, bilimdin mǝⱨrumlardur; Zǝrgǝrlǝrning ⱨǝrbiri ɵzliri oyƣan but tǝripidin xǝrmǝndigǝ ⱪalidu; Qünki uning ⱪuyma ⱨǝykili yalƣanqiliⱪ, ularda ⱨeq tiniⱪ yoⱪtur.
ئۇلار بىمەنىلەردۇر، مازاق ئوبيېكتىدۇر؛ جازالىنىش ۋاقتى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە، ئۇلار يوقىتىلىدۇ. 15
Ular bimǝnilǝrdur, mazaⱪ obyektidur; Jazalinix waⱪti ularning üstigǝ kǝlgǝndǝ, ular yoⱪitilidu.
ياقۇپنىڭ نېسىۋىسى بولغۇچى بۇلاردەك ئەمەستۇر، چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتنى ياسىغۇچى شۇدۇر؛ ئىسرائىل بولسا ئۇنىڭ ئۆز مىراسى بولغان قەبىلىدۇر؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر. 16
Yaⱪupning Nesiwisi Bolƣuqi bulardǝk ǝmǝstur, Qünki barliⱪ mǝwjudatni yasiƣuqi Xudur; Israil bolsa Uning Ɵz mirasi bolƣan ⱪǝbilidur; Samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar Uning namidur.
زېمىندىن چىقىشقا يۈك-تاقىڭنى يىغىشتۇرۇپ ئال، ئى مۇھاسىرىگە ئېلىنغۇچى قىز؛ 17
Zemindin qiⱪixⱪa yük-taⱪingni yiƣixturup al, i muⱨasirigǝ elinƣuqi ⱪiz;
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن بۇ ۋاقىتتا زېمىندىكىلەرنى ئېلىپ ئۇ يەردىن چۆرىۋېتىمەن ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلى تونۇپ يەتكۈچە ئازار بېرىمەن!». 18
qünki Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — «Mana, Mǝn bu waⱪitta zemindikilǝrni elip u yǝrdin qɵriwetimǝn wǝ ularning kɵngli tonup yǝtküqǝ azar berimǝn!».
جاراھىتىم ئۈچۈن ھالىمغا ۋاي! مېنىڭ يارام داۋالىغۇسىزدۇر! بىراق ئەسلىدە مەن: «بۇ پەقەت بىر كېسەللىك، خالاس، ئۇنىڭغا چىدىغۇدەكمەن» ــ دەپتىكەنمەن. 19
Jaraⱨitim üqün ⱨalimƣa way! Mening yaram dawaliƣusizdur! Biraⱪ ǝslidǝ mǝn: «Bu pǝⱪǝt bir kesǝllik, halas, uningƣa qidiƣudǝkmǝn» — dǝptikǝnmǝn.
مېنىڭ چېدىرىم ھالاك بولدى، بارلىق تانىلىرىم ئۈزۈلدى؛ بالىلىرىم مەندىن جۇدا بولۇپ، ئۇلار يوق بولدى؛ چېدىرىمنى قايتىدىن سوزۇپ تىككۈدەك، چېدىر پەردىلىرىنى ئاسقۇدەك ھېچكىم قالمىدى. 20
Mening qedirim ⱨalak boldi, barliⱪ tanilirim üzüldi; balilirim mǝndin juda bolup, ular yoⱪ boldi; qedirimni ⱪaytidin sozup tikküdǝk, qedir pǝrdilirini asⱪudǝk ⱨeqkim ⱪalmidi.
چۈنكى خەلق پادىچىلىرى ئەقىلسىز بولۇپ، پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ يول سورىمايدۇ؛ شۇڭا ئۇلار دانىشمەنلەردەك ئىش كۆرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق پادىسى تارقىلىپ كەتتى. 21
Qünki hǝlⱪ padiqiliri ǝⱪilsiz bolup, Pǝrwǝrdigarni izdǝp yol sorimaydu; xunga ular danixmǝnlǝrdǝk ix kɵrǝlmǝydu, ularning barliⱪ padisi tarⱪilip kǝtti.
ئاڭلاڭلار! بىر گەپنىڭ شەپىسى! مانا، ئۇ كېلىدۇ، شىمالىي زېمىندىن چىققان زور بىر چۇقان-سۈرەن! يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىنى بىر ۋەيرانە، چىلبۆرىلەرنىڭ تۇرالغۇسىغا ئايلاندۇرغۇچى كېلىۋاتىدۇ! 22
Anglanglar! Bir gǝpning xǝpisi! Mana, u kelidu, ximaliy zemindin qiⱪⱪan zor bir quⱪan-sürǝn! Yǝⱨudaning xǝⱨǝrlirini bir wǝyranǝ, qilbɵrilǝrning turalƣusiƣa aylandurƣuqi keliwatidu!
بىلىمەنكى، ئى پەرۋەردىگار، ئىنساننىڭ ئۆز يولىنى بېكىتىشى ئۆز قولىدا ئەمەستۇر؛ مېڭىۋاتقان ئادەمنىڭ ئۆزىدە قەدەملىرىنى خالىغانچە تاشلاش قۇدرىتى بولماستۇر؛ 23
Bilimǝnki, i Pǝrwǝrdigar, insanning ɵz yolini bekitixi ɵz ⱪolida ǝmǝstur; mengiwatⱪan adǝmning ɵzidǝ ⱪǝdǝmlirini haliƣanqǝ taxlax ⱪudriti bolmastur;
پەرۋەردىگار، مېنى تۈزىگەيسەن، لېكىن غەزىپىڭ بىلەن ئەمەس، ئادىل ھۆكۈمىڭ بىلەن تۈزىگەيسەن؛ بولمىسا سەن مېنى يوققا باراۋەر قىلىسەن. 24
Pǝrwǝrdigar, meni tüzigǝysǝn, lekin ƣǝziping bilǝn ǝmǝs, adil ⱨɵküming bilǝn tüzigǝysǝn; bolmisa Sǝn meni yoⱪⱪa barawǝr ⱪilisǝn.
قەھرىڭنى سېنى تونۇمايدىغان ئەللەر ھەمدە نامىڭغا نىدا قىلمايدىغان جەمەتلەر ئۈستىگە تۆككەيسەن؛ چۈنكى ئۇلار ياقۇپنى يەپ كەتكەن؛ بەرھەق، ئۇلار ئۇنى يۇتۇپ تۈگەشتۈرۈپ، تۇرغان جايىنى مۇتلەق ۋەيران قىلغان. 25
Ⱪǝⱨringni Seni tonumaydiƣan ǝllǝr ⱨǝmdǝ namingƣa nida ⱪilmaydiƣan jǝmǝtlǝr üstigǝ tɵkkǝysǝn; qünki ular Yaⱪupni yǝp kǝtkǝn; bǝrⱨǝⱪ, ular uni yutup tügǝxtürüp, turƣan jayini mutlǝⱪ wǝyran ⱪilƣan.

< يەرەمىيا 10 >