< ئىبرانىيلارغا 9 >
بىرىنچى ئەھدىدە مۇناسىۋەتلىك ئىبادەت بەلگىلىمىلىرى ۋە يەر يۈزىگە تەۋە بولغان بىر مۇقەددەس ئىبادەت جايى بار ئىدى. | 1 |
ಸ ಪ್ರಥಮೋ ನಿಯಮ ಆರಾಧನಾಯಾ ವಿವಿಧರೀತಿಭಿರೈಹಿಕಪವಿತ್ರಸ್ಥಾನೇನ ಚ ವಿಶಿಷ್ಟ ಆಸೀತ್|
بۇنىڭغا بىر ئىبادەت چېدىرى تىكىلگەنىدى؛ ئۇنىڭ مۇقەددەس جاي دەپ ئاتالغان بىرىنچى بۆلۈمىدە چىراغدان، شىرە ھەم شىرە ئۈستىدە رەتلەنگەن نانلار بولاتتى. | 2 |
ಯತೋ ದೂಷ್ಯಮೇಕಂ ನಿರಮೀಯತ ತಸ್ಯ ಪ್ರಥಮಕೋಷ್ಠಸ್ಯ ನಾಮ ಪವಿತ್ರಸ್ಥಾನಮಿತ್ಯಾಸೀತ್ ತತ್ರ ದೀಪವೃಕ್ಷೋ ಭೋಜನಾಸನಂ ದರ್ಶನೀಯಪೂಪಾನಾಂ ಶ್ರೇಣೀ ಚಾಸೀತ್|
ئۇنىڭ ئىككىنچى، [يەنى ئىچكى] پەردىسىنىڭ كەينىدە ئەڭ مۇقەددەس جاي دەپ ئاتالغان يەنە بىر چېدىر بۆلۈمى بار ئىدى. | 3 |
ತತ್ಪಶ್ಚಾದ್ ದ್ವಿತೀಯಾಯಾಸ್ತಿರಷ್ಕರಿಣ್ಯಾ ಅಭ್ಯನ್ತರೇ ಽತಿಪವಿತ್ರಸ್ಥಾನಮಿತಿನಾಮಕಂ ಕೋಷ್ಠಮಾಸೀತ್,
شۇ يەرگە تەۋە بولغان ئالتۇن خۇشبۇيگاھ ۋە پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئەھدە ساندۇقى بار ئىدى. ساندۇقنىڭ ئىچىدە ئالتۇندىن ياسالغان، ماننا سېلىنغان كومزەك، ھارۇننىڭ بىخ سۈرگەن ھاسىسى ۋە ئىككى ئەھدە [تاش] تاختىسى بار ئىدى. | 4 |
ತತ್ರ ಚ ಸುವರ್ಣಮಯೋ ಧೂಪಾಧಾರಃ ಪರಿತಃ ಸುವರ್ಣಮಣ್ಡಿತಾ ನಿಯಮಮಞ್ಜೂಷಾ ಚಾಸೀತ್ ತನ್ಮಧ್ಯೇ ಮಾನ್ನಾಯಾಃ ಸುವರ್ಣಘಟೋ ಹಾರೋಣಸ್ಯ ಮಞ್ಜರಿತದಣ್ಡಸ್ತಕ್ಷಿತೌ ನಿಯಮಪ್ರಸ್ತರೌ,
[ساندۇق] ئۈستىدىكى «كافارەت تەختى»نىڭ ئۈستىگە شان-شەرەپلىك «كېرۇب»لار ئورنىتىلغان بولۇپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى يېپىپ تۇراتتى. ئەمدى بۇلار توغرۇلۇق تەپسىلىي توختىلىشنىڭ ھازىر ۋاقتى ئەمەس. | 5 |
ತದುಪರಿ ಚ ಕರುಣಾಸನೇ ಛಾಯಾಕಾರಿಣೌ ತೇಜೋಮಯೌ ಕಿರೂಬಾವಾಸ್ತಾಮ್, ಏತೇಷಾಂ ವಿಶೇಷವೃತ್ತಾನ್ತಕಥನಾಯ ನಾಯಂ ಸಮಯಃ|
بۇ نەرسىلەر مانا شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنلا، كاھىنلار چېدىرنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىگە [(يەبى «مۇقەددەس جاي»غا)] ھەردائىم كىرىپ، ئىبادەت خىزمىتىنى قىلىدۇ. | 6 |
ಏತೇಷ್ವೀದೃಕ್ ನಿರ್ಮ್ಮಿತೇಷು ಯಾಜಕಾ ಈಶ್ವರಸೇವಾಮ್ ಅನುತಿಷ್ಠನತೋ ದೂಷ್ಯಸ್ಯ ಪ್ರಥಮಕೋಷ್ಠಂ ನಿತ್ಯಂ ಪ್ರವಿಶನ್ತಿ|
بىراق، [«ئەڭ مۇقەددەس جاي» دەپ ئاتالغان] ئىككىنچى بۆلۈمگە پەقەت باش كاھىن يىلدا بىر قېتىملا كىرىدۇ. كاھىن ئۇ يەرگە ئۆز گۇناھلىرى ۋە خەلقنىڭ نادانلىقتىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاتالغان [قۇربانلىق] قېنىنى ئالماي كىرمەيدۇ. | 7 |
ಕಿನ್ತು ದ್ವಿತೀಯಂ ಕೋಷ್ಠಂ ಪ್ರತಿವರ್ಷಮ್ ಏಕಕೃತ್ವ ಏಕಾಕಿನಾ ಮಹಾಯಾಜಕೇನ ಪ್ರವಿಶ್ಯತೇ ಕಿನ್ತ್ವಾತ್ಮನಿಮಿತ್ತಂ ಲೋಕಾನಾಮ್ ಅಜ್ಞಾನಕೃತಪಾಪಾನಾಞ್ಚ ನಿಮಿತ್ತಮ್ ಉತ್ಸರ್ಜ್ಜನೀಯಂ ರುಧಿರಮ್ ಅನಾದಾಯ ತೇನ ನ ಪ್ರವಿಶ್ಯತೇ|
بۇ ئىشلار ئارقىلىق مۇقەددەس روھ شۇنى كۆرسىتىپ بەرمەكتىكى، بۇ بىرىنچى ئىبادەت چېدىرىدىكى تۈزۈم ئىناۋەتلىك بولۇپ تۇرسىلا، ئەڭ مۇقەددەس جايغا بارىدىغان يول يەنىلا ئېچىلمايدۇ. | 8 |
ಇತ್ಯನೇನ ಪವಿತ್ರ ಆತ್ಮಾ ಯತ್ ಜ್ಞಾಪಯತಿ ತದಿದಂ ತತ್ ಪ್ರಥಮಂ ದೂಷ್ಯಂ ಯಾವತ್ ತಿಷ್ಠತಿ ತಾವತ್ ಮಹಾಪವಿತ್ರಸ್ಥಾನಗಾಮೀ ಪನ್ಥಾ ಅಪ್ರಕಾಶಿತಸ್ತಿಷ್ಠತಿ|
مانا بۇلار رەسىمدەك ھازىرقى زاماننى روشەنلەشتۈرىدىغان بىر خىل ئوبراز، خالاس. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ چېدىردا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار ئىبادەت قىلغۇچىنى ۋىجدانىدا پاك-كامىل قىلالمايدۇ. | 9 |
ತಚ್ಚ ದೂಷ್ಯಂ ವರ್ತ್ತಮಾನಸಮಯಸ್ಯ ದೃಷ್ಟಾನ್ತಃ, ಯತೋ ಹೇತೋಃ ಸಾಮ್ಪ್ರತಂ ಸಂಶೋಧನಕಾಲಂ ಯಾವದ್ ಯನ್ನಿರೂಪಿತಂ ತದನುಸಾರಾತ್ ಸೇವಾಕಾರಿಣೋ ಮಾನಸಿಕಸಿದ್ಧಿಕರಣೇಽಸಮರ್ಥಾಭಿಃ
ئۇلار پەقەت يېمەك-ئىچمەكلەر ۋە بويىنى سۇغا سېلىشنىڭ تۈرلۈك رەسمىيەتلىرىگە باغلىق بولۇپ، [قانۇن-تۈزۈم] تۈزۈتۈلۈش ۋاقتى كەلگۈچىلىك كۈچكە ئىگە قىلىنغان، ئىنسانلارنىڭ ئەتلىرىگىلا باغلىق بولغان بەلگىلىمە-نىزاملاردۇر. | 10 |
ಕೇವಲಂ ಖಾದ್ಯಪೇಯೇಷು ವಿವಿಧಮಜ್ಜನೇಷು ಚ ಶಾರೀರಿಕರೀತಿಭಿ ರ್ಯುಕ್ತಾನಿ ನೈವೇದ್ಯಾನಿ ಬಲಿದಾನಾನಿ ಚ ಭವನ್ತಿ|
لېكىن مەسىھ بولسا كەلگۈسىدىكى كارامەت ياخشى ئىشلارنى ئېلىپ بارغۇچى باش كاھىن بولۇپ، ئادەم قولى بىلەن ياسالمىغان، بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولمىغان، تېخىمۇ ئۇلۇغ ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل ئىبادەت چېدىرىغا كىردى. | 11 |
ಅಪರಂ ಭಾವಿಮಙ್ಗಲಾನಾಂ ಮಹಾಯಾಜಕಃ ಖ್ರೀಷ್ಟ ಉಪಸ್ಥಾಯಾಹಸ್ತನಿರ್ಮ್ಮಿತೇನಾರ್ಥತ ಏತತ್ಸೃಷ್ಟೇ ರ್ಬಹಿರ್ಭೂತೇನ ಶ್ರೇಷ್ಠೇನ ಸಿದ್ಧೇನ ಚ ದೂಷ್ಯೇಣ ಗತ್ವಾ
ئۆچكە ياكى موزايلارنىڭ [قۇربانلىق] قېنىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ [قۇربانلىق] قېنى ئارقىلىق ئۇ ئۇ (ئۆزىلا مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجاتنى ئىگىلىگەن بولۇپ) بىر يولىلا مەڭگۈگە ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆزىلا مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجاتنى ئىگىلىدى. (aiōnios ) | 12 |
ಛಾಗಾನಾಂ ಗೋವತ್ಸಾನಾಂ ವಾ ರುಧಿರಮ್ ಅನಾದಾಯ ಸ್ವೀಯರುಧಿರಮ್ ಆದಾಯೈಕಕೃತ್ವ ಏವ ಮಹಾಪವಿತ್ರಸ್ಥಾನಂ ಪ್ರವಿಶ್ಯಾನನ್ತಕಾಲಿಕಾಂ ಮುಕ್ತಿಂ ಪ್ರಾಪ್ತವಾನ್| (aiōnios )
[كونا ئەھدە دەۋرىدە] ئۆچكە ۋە بۇقىلارنىڭ قېنى ھەم ئىنەكنىڭ كۈللىرى ناپاك بولغانلارنىڭ ئۈستىگە سېپىلسە، ئۇلارنى ئەت جەھەتىدىن تازىلاپ پاك قىلغان يەردە، | 13 |
ವೃಷಛಾಗಾನಾಂ ರುಧಿರೇಣ ಗವೀಭಸ್ಮನಃ ಪ್ರಕ್ಷೇಪೇಣ ಚ ಯದ್ಯಶುಚಿಲೋಕಾಃ ಶಾರೀರಿಶುಚಿತ್ವಾಯ ಪೂಯನ್ತೇ,
ئۇنداقتا، مەڭگۈلۈك روھ ئارقىلىق ئۆزىنى غۇبارسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا ئاتىغان مەسىھنىڭ قېنى ۋىجدانىڭلارنى ئۆلۈك ئىشلاردىن پاك قىلىپ، بىزنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا تېخىمۇ يېتەكلىمەمدۇ؟! (aiōnios ) | 14 |
ತರ್ಹಿ ಕಿಂ ಮನ್ಯಧ್ವೇ ಯಃ ಸದಾತನೇನಾತ್ಮನಾ ನಿಷ್ಕಲಙ್ಕಬಲಿಮಿವ ಸ್ವಮೇವೇಶ್ವರಾಯ ದತ್ತವಾನ್, ತಸ್ಯ ಖ್ರೀಷ್ಟಸ್ಯ ರುಧಿರೇಣ ಯುಷ್ಮಾಕಂ ಮನಾಂಸ್ಯಮರೇಶ್ವರಸ್ಯ ಸೇವಾಯೈ ಕಿಂ ಮೃತ್ಯುಜನಕೇಭ್ಯಃ ಕರ್ಮ್ಮಭ್ಯೋ ನ ಪವಿತ್ರೀಕಾರಿಷ್ಯನ್ತೇ? (aiōnios )
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسىدۇر. بۇنىڭ بىلەن (ئىنسانلارنىڭ ئاۋۋالقى ئەھدە ئاستىدا سادىر قىلغان ئىتائەتسىزلىكلىرى ئۈچۈن ئازادلىق بەدىلى سۈپىتىدە شۇنداق بىر ئۆلۈم بولغانىكەن) خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈلۈك مىراسقا ئېرىشەلەيدۇ. (aiōnios ) | 15 |
ಸ ನೂತನನಿಯಮಸ್ಯ ಮಧ್ಯಸ್ಥೋಽಭವತ್ ತಸ್ಯಾಭಿಪ್ರಾಯೋಽಯಂ ಯತ್ ಪ್ರಥಮನಿಯಮಲಙ್ಘನರೂಪಪಾಪೇಭ್ಯೋ ಮೃತ್ಯುನಾ ಮುಕ್ತೌ ಜಾತಾಯಾಮ್ ಆಹೂತಲೋಕಾ ಅನನ್ತಕಾಲೀಯಸಮ್ಪದಃ ಪ್ರತಿಜ್ಞಾಫಲಂ ಲಭೇರನ್| (aiōnios )
ئەگەر ۋەسىيەت قالدۇرۇلسا، ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىنىڭ ئۆلۈشى تەستىقلانغۇچە، ۋەسىيەت كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. | 16 |
ಯತ್ರ ನಿಯಮೋ ಭವತಿ ತತ್ರ ನಿಯಮಸಾಧಕಸ್ಯ ಬಲೇ ರ್ಮೃತ್ಯುನಾ ಭವಿತವ್ಯಂ|
چۈنكى ۋەسىيەت پەقەت ئۆلۈمدىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ھاياتلا بولسا، ۋەسىيىتىنىڭ ھېچقانداق كۈچى بولمايدۇ. | 17 |
ಯತೋ ಹತೇನ ಬಲಿನಾ ನಿಯಮಃ ಸ್ಥಿರೀಭವತಿ ಕಿನ್ತು ನಿಯಮಸಾಧಕೋ ಬಲಿ ರ್ಯಾವತ್ ಜೀವತಿ ತಾವತ್ ನಿಯಮೋ ನಿರರ್ಥಕಸ್ತಿಷ್ಠತಿ|
شۇنىڭغا ئوخشاش، دەسلەپكى ئەھدىمۇ قان ئېقىتىلغاندىلا، ئاندىن كۈچكە ئىگە بولغان. | 18 |
ತಸ್ಮಾತ್ ಸ ಪೂರ್ವ್ವನಿಯಮೋಽಪಿ ರುಧಿರಪಾತಂ ವಿನಾ ನ ಸಾಧಿತಃ|
چۈنكى مۇسا تەۋرات قانۇنى بويىچە ھەربىر ئەمرىنى پۈتۈن خەلققە ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، موزاي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ سۇغا ئارىلاشتۇرۇلغان قېنىنى قىزىل يۇڭ يىپتا باغلانغان زوفا بىلەن قانۇن دەستۇرىغا ۋە پۈتۈن خەلققە سېپىپ، ئۇلارغا: | 19 |
ಫಲತಃ ಸರ್ವ್ವಲೋಕಾನ್ ಪ್ರತಿ ವ್ಯವಸ್ಥಾನುಸಾರೇಣ ಸರ್ವ್ವಾ ಆಜ್ಞಾಃ ಕಥಯಿತ್ವಾ ಮೂಸಾ ಜಲೇನ ಸಿನ್ದೂರವರ್ಣಲೋಮ್ನಾ ಏಷೋವತೃಣೇನ ಚ ಸಾರ್ದ್ಧಂ ಗೋವತ್ಸಾನಾಂ ಛಾಗಾನಾಞ್ಚ ರುಧಿರಂ ಗೃಹೀತ್ವಾ ಗ್ರನ್ಥೇ ಸರ್ವ್ವಲೋಕೇಷು ಚ ಪ್ರಕ್ಷಿಪ್ಯ ಬಭಾಷೇ,
«مانا، بۇ خۇدا سىلەرنىڭ ئەمەل قىلىشىڭلارغا ئەمر قىلغان ئەھدىنىڭ قېنىدۇر» ــ دېدى. | 20 |
ಯುಷ್ಮಾನ್ ಅಧೀಶ್ವರೋ ಯಂ ನಿಯಮಂ ನಿರೂಪಿತವಾನ್ ತಸ್ಯ ರುಧಿರಮೇತತ್|
ئۇ يەنە ئوخشاش يولدا ئىبادەت چېدىرىغا ۋە چېدىردىكى ئىبادەتكە مۇناسىۋەتلىك پۈتكۈل سايمانلارنىڭ ئۈستىگە قان سەپتى. | 21 |
ತದ್ವತ್ ಸ ದೂಷ್ಯೇಽಪಿ ಸೇವಾರ್ಥಕೇಷು ಸರ್ವ್ವಪಾತ್ರೇಷು ಚ ರುಧಿರಂ ಪ್ರಕ್ಷಿಪ್ತವಾನ್|
دەرۋەقە، تەۋرات قانۇنى بويىچە ھەممە نەرسە دېگۈدەك قان بىلەن پاكلىنىدۇ؛ [قۇربانلىق] قېنى تۆكۈلمىگۈچە، گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ. | 22 |
ಅಪರಂ ವ್ಯವಸ್ಥಾನುಸಾರೇಣ ಪ್ರಾಯಶಃ ಸರ್ವ್ವಾಣಿ ರುಧಿರೇಣ ಪರಿಷ್ಕ್ರಿಯನ್ತೇ ರುಧಿರಪಾತಂ ವಿನಾ ಪಾಪಮೋಚನಂ ನ ಭವತಿ ಚ|
خوش، ئەرشتىكىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان بۇ بۇيۇملار مۇشۇنداق [قۇربانلىقلار] بىلەن پاكلىنىشى كېرەك ئىدى. بىراق ئەرشتىكى نەرسىلەرنىڭ ئۆزى بۇلاردىن ئېسىل قۇربانلىقلار بىلەن پاكلىنىشى كېرەك. | 23 |
ಅಪರಂ ಯಾನಿ ಸ್ವರ್ಗೀಯವಸ್ತೂನಾಂ ದೃಷ್ಟಾನ್ತಾಸ್ತೇಷಾಮ್ ಏತೈಃ ಪಾವನಮ್ ಆವಶ್ಯಕಮ್ ಆಸೀತ್ ಕಿನ್ತು ಸಾಕ್ಷಾತ್ ಸ್ವರ್ಗೀಯವಸ್ತೂನಾಮ್ ಏತೇಭ್ಯಃ ಶ್ರೇಷ್ಠೇ ರ್ಬಲಿದಾನೈಃ ಪಾವನಮಾವಶ್ಯಕಂ|
چۈنكى مەسىھ ئەرشتىكى ھەقىقىي ئىبادەت جايىغا تەقلىد قىلىنغان، ئادەم قولى بىلەن ياسالغان مۇقەددەس جايغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بىزگە ۋەكىللىك قىلىپ ھازىر بولۇش ئۈچۈن ئەرشنىڭ ئۆزىگە كىرىپ بولدى. | 24 |
ಯತಃ ಖ್ರೀಷ್ಟಃ ಸತ್ಯಪವಿತ್ರಸ್ಥಾನಸ್ಯ ದೃಷ್ಟಾನ್ತರೂಪಂ ಹಸ್ತಕೃತಂ ಪವಿತ್ರಸ್ಥಾನಂ ನ ಪ್ರವಿಷ್ಟವಾನ್ ಕಿನ್ತ್ವಸ್ಮನ್ನಿಮಿತ್ತಮ್ ಇದಾನೀಮ್ ಈಶ್ವರಸ್ಯ ಸಾಕ್ಷಾದ್ ಉಪಸ್ಥಾತುಂ ಸ್ವರ್ಗಮೇವ ಪ್ರವಿಷ್ಟಃ|
[يەر يۈزىدىكى] باش كاھىننىڭ يىلمۇيىل ئۆز قېنىنى ئەمەس، بەلكى [قۇربانلىقلارنىڭ] قېنىنى ئېلىپ، ئەڭ مۇقەددەس جايغا قايتا-قايتا كىرىپ تۇرغىنىدەك، ئۇ قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆزىنى قايتا-قايتا ئاتاش ئۈچۈن كىرگىنى يوق. | 25 |
ಯಥಾ ಚ ಮಹಾಯಾಜಕಃ ಪ್ರತಿವರ್ಷಂ ಪರಶೋಣಿತಮಾದಾಯ ಮಹಾಪವಿತ್ರಸ್ಥಾನಂ ಪ್ರವಿಶತಿ ತಥಾ ಖ್ರೀಷ್ಟೇನ ಪುನಃ ಪುನರಾತ್ಮೋತ್ಸರ್ಗೋ ನ ಕರ್ತ್ತವ್ಯಃ,
ئەگەر شۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولغان بولسا، دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى ئۇنىڭ قايتا-قايتا ئازاب چېكىشىگە توغرا كېلەتتى. لېكىن ئۇ مانا زامانلارنىڭ ئاخىرىدا گۇناھنى يوق قىلىش ئۈچۈن، بىر يولىلا ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا ئوتتۇرىغا چىقتى. (aiōn ) | 26 |
ಕರ್ತ್ತವ್ಯೇ ಸತಿ ಜಗತಃ ಸೃಷ್ಟಿಕಾಲಮಾರಭ್ಯ ಬಹುವಾರಂ ತಸ್ಯ ಮೃತ್ಯುಭೋಗ ಆವಶ್ಯಕೋಽಭವತ್; ಕಿನ್ತ್ವಿದಾನೀಂ ಸ ಆತ್ಮೋತ್ಸರ್ಗೇಣ ಪಾಪನಾಶಾರ್ಥಮ್ ಏಕಕೃತ್ವೋ ಜಗತಃ ಶೇಷಕಾಲೇ ಪ್ರಚಕಾಶೇ| (aiōn )
ھەممە ئادەمنىڭ بىر قېتىم ئۆلۈشى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن سوراققا تارتىلىشى بېكىتىلگەنگە ئوخشاش، | 27 |
ಅಪರಂ ಯಥಾ ಮಾನುಷಸ್ಯೈಕಕೃತ್ವೋ ಮರಣಂ ತತ್ ಪಶ್ಚಾದ್ ವಿಚಾರೋ ನಿರೂಪಿತೋಽಸ್ತಿ,
مەسىھمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن بىرلا قېتىم قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇلغاندىن كېيىن، ئۆزىنى تەلپۈنۈپ كۈتكەنلەرگە گۇناھنى يوق قىلغان ھالدا نىجات كەلتۈرۈشكە ئىككىنچى قېتىم ئاشكارە بولىدۇ. | 28 |
ತದ್ವತ್ ಖ್ರೀಷ್ಟೋಽಪಿ ಬಹೂನಾಂ ಪಾಪವಹನಾರ್ಥಂ ಬಲಿರೂಪೇಣೈಕಕೃತ್ವ ಉತ್ಸಸೃಜೇ, ಅಪರಂ ದ್ವಿತೀಯವಾರಂ ಪಾಪಾದ್ ಭಿನ್ನಃ ಸನ್ ಯೇ ತಂ ಪ್ರತೀಕ್ಷನ್ತೇ ತೇಷಾಂ ಪರಿತ್ರಾಣಾರ್ಥಂ ದರ್ಶನಂ ದಾಸ್ಯತಿ|