Preface
Read
+
Publisher
Nainoia, Inc.
PO Box 462, Bellefonte, PA 16823
(814) 470-8028
Nainoia Inc, Publisher
LinkedIn/NAINOIA-INC
Third Party Publisher Resources
Request Custom Formatted Verses
Please contact us below
Submit your proposed corrections
I understand that the Aionian Bible republishes public domain and Creative Commons Bible texts and that volunteers may be needed to present the original text accurately. I also understand that apocryphal text is removed and most variant verse numbering is mapped to the English standard. I have entered my corrections under the verse(s) below. Proposed corrections to the Uyghur Bible (arabic script), Hebrews Chapter 9 https://www.AionianBible.org/Bibles/Uyghur---Uyghur-Bible-Arabic/Hebrews/9 1) بىرىنچى ئەھدىدە مۇناسىۋەتلىك ئىبادەت بەلگىلىمىلىرى ۋە يەر يۈزىگە تەۋە بولغان بىر مۇقەددەس ئىبادەت جايى بار ئىدى. 2) بۇنىڭغا بىر ئىبادەت چېدىرى تىكىلگەنىدى؛ ئۇنىڭ مۇقەددەس جاي دەپ ئاتالغان بىرىنچى بۆلۈمىدە چىراغدان، شىرە ھەم شىرە ئۈستىدە رەتلەنگەن نانلار بولاتتى. 3) ئۇنىڭ ئىككىنچى، [يەنى ئىچكى] پەردىسىنىڭ كەينىدە ئەڭ مۇقەددەس جاي دەپ ئاتالغان يەنە بىر چېدىر بۆلۈمى بار ئىدى. 4) شۇ يەرگە تەۋە بولغان ئالتۇن خۇشبۇيگاھ ۋە پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئەھدە ساندۇقى بار ئىدى. ساندۇقنىڭ ئىچىدە ئالتۇندىن ياسالغان، ماننا سېلىنغان كومزەك، ھارۇننىڭ بىخ سۈرگەن ھاسىسى ۋە ئىككى ئەھدە [تاش] تاختىسى بار ئىدى. 5) [ساندۇق] ئۈستىدىكى «كافارەت تەختى»نىڭ ئۈستىگە شان-شەرەپلىك «كېرۇب»لار ئورنىتىلغان بولۇپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى يېپىپ تۇراتتى. ئەمدى بۇلار توغرۇلۇق تەپسىلىي توختىلىشنىڭ ھازىر ۋاقتى ئەمەس. 6) بۇ نەرسىلەر مانا شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنلا، كاھىنلار چېدىرنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىگە [(يەبى «مۇقەددەس جاي»غا)] ھەردائىم كىرىپ، ئىبادەت خىزمىتىنى قىلىدۇ. 7) بىراق، [«ئەڭ مۇقەددەس جاي» دەپ ئاتالغان] ئىككىنچى بۆلۈمگە پەقەت باش كاھىن يىلدا بىر قېتىملا كىرىدۇ. كاھىن ئۇ يەرگە ئۆز گۇناھلىرى ۋە خەلقنىڭ نادانلىقتىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاتالغان [قۇربانلىق] قېنىنى ئالماي كىرمەيدۇ. 8) بۇ ئىشلار ئارقىلىق مۇقەددەس روھ شۇنى كۆرسىتىپ بەرمەكتىكى، بۇ بىرىنچى ئىبادەت چېدىرىدىكى تۈزۈم ئىناۋەتلىك بولۇپ تۇرسىلا، ئەڭ مۇقەددەس جايغا بارىدىغان يول يەنىلا ئېچىلمايدۇ. 9) مانا بۇلار رەسىمدەك ھازىرقى زاماننى روشەنلەشتۈرىدىغان بىر خىل ئوبراز، خالاس. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ چېدىردا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار ئىبادەت قىلغۇچىنى ۋىجدانىدا پاك-كامىل قىلالمايدۇ. 10) ئۇلار پەقەت يېمەك-ئىچمەكلەر ۋە بويىنى سۇغا سېلىشنىڭ تۈرلۈك رەسمىيەتلىرىگە باغلىق بولۇپ، [قانۇن-تۈزۈم] تۈزۈتۈلۈش ۋاقتى كەلگۈچىلىك كۈچكە ئىگە قىلىنغان، ئىنسانلارنىڭ ئەتلىرىگىلا باغلىق بولغان بەلگىلىمە-نىزاملاردۇر. 11) لېكىن مەسىھ بولسا كەلگۈسىدىكى كارامەت ياخشى ئىشلارنى ئېلىپ بارغۇچى باش كاھىن بولۇپ، ئادەم قولى بىلەن ياسالمىغان، بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولمىغان، تېخىمۇ ئۇلۇغ ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل ئىبادەت چېدىرىغا كىردى. 12) ئۆچكە ياكى موزايلارنىڭ [قۇربانلىق] قېنىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ [قۇربانلىق] قېنى ئارقىلىق ئۇ ئۇ (ئۆزىلا مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجاتنى ئىگىلىگەن بولۇپ) بىر يولىلا مەڭگۈگە ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆزىلا مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجاتنى ئىگىلىدى. (aiōnios g166) 13) [كونا ئەھدە دەۋرىدە] ئۆچكە ۋە بۇقىلارنىڭ قېنى ھەم ئىنەكنىڭ كۈللىرى ناپاك بولغانلارنىڭ ئۈستىگە سېپىلسە، ئۇلارنى ئەت جەھەتىدىن تازىلاپ پاك قىلغان يەردە، 14) ئۇنداقتا، مەڭگۈلۈك روھ ئارقىلىق ئۆزىنى غۇبارسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا ئاتىغان مەسىھنىڭ قېنى ۋىجدانىڭلارنى ئۆلۈك ئىشلاردىن پاك قىلىپ، بىزنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا تېخىمۇ يېتەكلىمەمدۇ؟! (aiōnios g166) 15) شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسىدۇر. بۇنىڭ بىلەن (ئىنسانلارنىڭ ئاۋۋالقى ئەھدە ئاستىدا سادىر قىلغان ئىتائەتسىزلىكلىرى ئۈچۈن ئازادلىق بەدىلى سۈپىتىدە شۇنداق بىر ئۆلۈم بولغانىكەن) خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈلۈك مىراسقا ئېرىشەلەيدۇ. (aiōnios g166) 16) ئەگەر ۋەسىيەت قالدۇرۇلسا، ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىنىڭ ئۆلۈشى تەستىقلانغۇچە، ۋەسىيەت كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. 17) چۈنكى ۋەسىيەت پەقەت ئۆلۈمدىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ھاياتلا بولسا، ۋەسىيىتىنىڭ ھېچقانداق كۈچى بولمايدۇ. 18) شۇنىڭغا ئوخشاش، دەسلەپكى ئەھدىمۇ قان ئېقىتىلغاندىلا، ئاندىن كۈچكە ئىگە بولغان. 19) چۈنكى مۇسا تەۋرات قانۇنى بويىچە ھەربىر ئەمرىنى پۈتۈن خەلققە ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، موزاي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ سۇغا ئارىلاشتۇرۇلغان قېنىنى قىزىل يۇڭ يىپتا باغلانغان زوفا بىلەن قانۇن دەستۇرىغا ۋە پۈتۈن خەلققە سېپىپ، ئۇلارغا: 20) «مانا، بۇ خۇدا سىلەرنىڭ ئەمەل قىلىشىڭلارغا ئەمر قىلغان ئەھدىنىڭ قېنىدۇر» ــ دېدى. 21) ئۇ يەنە ئوخشاش يولدا ئىبادەت چېدىرىغا ۋە چېدىردىكى ئىبادەتكە مۇناسىۋەتلىك پۈتكۈل سايمانلارنىڭ ئۈستىگە قان سەپتى. 22) دەرۋەقە، تەۋرات قانۇنى بويىچە ھەممە نەرسە دېگۈدەك قان بىلەن پاكلىنىدۇ؛ [قۇربانلىق] قېنى تۆكۈلمىگۈچە، گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ. 23) خوش، ئەرشتىكىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان بۇ بۇيۇملار مۇشۇنداق [قۇربانلىقلار] بىلەن پاكلىنىشى كېرەك ئىدى. بىراق ئەرشتىكى نەرسىلەرنىڭ ئۆزى بۇلاردىن ئېسىل قۇربانلىقلار بىلەن پاكلىنىشى كېرەك. 24) چۈنكى مەسىھ ئەرشتىكى ھەقىقىي ئىبادەت جايىغا تەقلىد قىلىنغان، ئادەم قولى بىلەن ياسالغان مۇقەددەس جايغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بىزگە ۋەكىللىك قىلىپ ھازىر بولۇش ئۈچۈن ئەرشنىڭ ئۆزىگە كىرىپ بولدى. 25) [يەر يۈزىدىكى] باش كاھىننىڭ يىلمۇيىل ئۆز قېنىنى ئەمەس، بەلكى [قۇربانلىقلارنىڭ] قېنىنى ئېلىپ، ئەڭ مۇقەددەس جايغا قايتا-قايتا كىرىپ تۇرغىنىدەك، ئۇ قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆزىنى قايتا-قايتا ئاتاش ئۈچۈن كىرگىنى يوق. 26) ئەگەر شۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولغان بولسا، دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى ئۇنىڭ قايتا-قايتا ئازاب چېكىشىگە توغرا كېلەتتى. لېكىن ئۇ مانا زامانلارنىڭ ئاخىرىدا گۇناھنى يوق قىلىش ئۈچۈن، بىر يولىلا ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا ئوتتۇرىغا چىقتى. (aiōn g165) 27) ھەممە ئادەمنىڭ بىر قېتىم ئۆلۈشى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن سوراققا تارتىلىشى بېكىتىلگەنگە ئوخشاش، 28) مەسىھمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن بىرلا قېتىم قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇلغاندىن كېيىن، ئۆزىنى تەلپۈنۈپ كۈتكەنلەرگە گۇناھنى يوق قىلغان ھالدا نىجات كەلتۈرۈشكە ئىككىنچى قېتىم ئاشكارە بولىدۇ. Additional comments?
Refresh Captcha
The world's first Holy Bible un-translation!