< يارىتىلىش 45 >
يۈسۈپ ئۆز يېنىدا تۇرغانلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۇتالماي: ــ ھەممە ئادەم ئالدىمدىن چىقىرىۋېتىلسۇن! دەپ ۋارقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئۆزىنى قېرىنداشلىرىغا ئاشكارا قىلغاندا ئۇنىڭ قېشىدا ھېچكىم بولمىدى. ئۇ قاتتىق يىغلاپ كەتتى؛ مىسىرلىقلار ئۇنى ئاڭلىدى، پىرەۋننىڭ ئوردىسىكىلەرمۇ بۇنىڭدىن [تېزلا] خەۋەر تاپتى. | 1 |
Yüsüp ɵz yenida turƣanlarning aldida ɵzini tutalmay: — Ⱨǝmmǝ adǝm aldimdin qiⱪiriwetilsun! dǝp warⱪiridi. Xuning bilǝn Yüsüp ɵzini ⱪerindaxliriƣa axkara ⱪilƣanda uning ⱪexida ⱨeqkim bolmidi. U ⱪattiⱪ yiƣlap kǝtti; misirliⱪlar uni anglidi, Pirǝwnning ordisikilǝrmu buningdin [tezla] hǝwǝr tapti.
يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا: ــ مەن يۈسۈپ بولىمەن! ئاتام ھازىر ھاياتمۇ؟! ــ دەپ سورىدى. ئەمما قېرىنداشلىرى ئۇنىڭغا قاراپ ھودۇقۇپ كېتىپ، ھېچ جاۋاب بېرەلمەي قالدى. | 3 |
Yüsüp ⱪerindaxliriƣa: — Mǝn Yüsüp bolimǝn! Atam ⱨazir ⱨayatmu?! — dǝp soridi. Əmma ⱪerindaxliri uningƣa ⱪarap ⱨoduⱪup ketip, ⱨeq jawab berǝlmǝy ⱪaldi.
لېكىن يۈسۈپ ئۇلارنى: ــ قېنى، ماڭا يېقىن كېلىڭلار، دەپ چاقىرىدى. ئۇلار يېقىن كەلدى، ئۇ يەنە: ــ مەن سىلەرنىڭ ئىنىڭلار، يەنى سىلەر مىسىرغا سېتىۋەتكەن يۈسۈپ بولىمەن. | 4 |
Lekin Yüsüp ularni: — Ⱪeni, manga yeⱪin kelinglar, dǝp qaⱪiridi. Ular yeⱪin kǝldi, u yǝnǝ: — Mǝn silǝrning ininglar, yǝni silǝr Misirƣa setiwǝtkǝn Yüsüp bolimǝn.
ئەمدى مېنى مۇشۇ يەرگە سېتىۋەتكىنىڭلار ئۈچۈن ئازابلانماڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبكە بۇيرۇماڭلار؛ چۈنكى خۇدا ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مېنى سىلەردىن بۇرۇن بۇ يەرگە ئەۋەتتى. | 5 |
Əmdi meni muxu yǝrgǝ setiwǝtkininglar üqün azablanmanglar, ɵzünglarni ǝyibkǝ buyrumanglar; qünki Huda adǝmlǝrning ⱨayatini saⱪlap ⱪelix üqün meni silǝrdin burun bu yǝrgǝ ǝwǝtti.
چۈنكى ھازىر زېمىندىكى ئاچارچىلىققا ئىككى يىل بولدى؛ لېكىن تېخى يەنە بەش يىلغىچە ھېچ تېرىلغۇمۇ بولمايدۇ، ئورمىمۇ بولمايدۇ. | 6 |
Qünki ⱨazir zemindiki aqarqiliⱪⱪa ikki yil boldi; lekin tehi yǝnǝ bǝx yilƣiqǝ ⱨeq terilƣumu bolmaydu, ormimu bolmaydu.
شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە دۇنيادا بىر قالدىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇلۇغ بىر نىجاتلىق كۆرسىتىپ، سىلەرنىڭ تىرىك قۇتۇلۇشۇڭلار ئۈچۈن خۇدا مېنى سىلەردىن بۇرۇن بۇ يەرگە ئەۋەتتى. | 7 |
Xuning üqün silǝrgǝ dunyada bir ⱪaldini saⱪlap ⱪelix üqün, uluƣ bir nijatliⱪ kɵrsitip, silǝrning tirik ⱪutuluxunglar üqün Huda meni silǝrdin burun bu yǝrgǝ ǝwǝtti.
شۇنداق بولغانىكەن، مېنى مۇشۇ يەرگە ئەۋەتكۈچى سىلەر ئەمەس، بەلكى خۇدادۇر. ئۇ مېنى پىرەۋنگە ئاتىنىڭ ئورنىدا قىلىپ، ئۇنىڭ پۈتكۈل ئۆيىگە خوجا قىلىپ تىكلەپ، پۈتكۈل زېمىنغا باش ۋەزىر قىلىپ قويدى. | 8 |
Xundaⱪ bolƣanikǝn, meni muxu yǝrgǝ ǝwǝtküqi silǝr ǝmǝs, bǝlki Hudadur. U meni Pirǝwngǝ atining ornida ⱪilip, uning pütkül ɵyigǝ hoja ⱪilip tiklǝp, pütkül zeminƣa bax wǝzir ⱪilip ⱪoydi.
ئەمدى تېزدىن ئاتامنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ ئوغلۇڭ يۈسۈپ: «خۇدا مېنى پۈتكۈل مىسىرغا خوجا قىلىپ قويدى. سەن ھايال قىلماي، مېنىڭ قېشىمغا كەلگىن؛ | 9 |
Əmdi tezdin atamning ⱪexiƣa berip, uningƣa: — Sening oƣlung Yüsüp: «Huda meni pütkül Misirƣa hoja ⱪilip ⱪoydi. Sǝn ⱨayal ⱪilmay, mening ⱪeximƣa kǝlgin;
سەن گوشەن يۇرتىدا تۇرىسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆزۈڭ، ئوغۇللىرىڭ، نەۋرىلىرىڭ، قويلىرىڭ، كالىلىرىڭ ۋە ھەممە تەئەللۇقاتلىرىڭ بىلەن ماڭا يېقىن تۇرىسىلەر. | 10 |
sǝn Goxǝn yurtida turisǝn; xuning bilǝn sǝn ɵzüng, oƣulliring, nǝwriliring, ⱪoyliring, kaliliring wǝ ⱨǝmmǝ tǝǝlluⱪatliring bilǝn manga yeⱪin turisilǝr.
ئۆزۈڭ، ئائىلەڭ ۋە ھەممە تەئەللۇقاتىڭنى نامراتلىق بېسىۋالمىسۇن دەپ مەن سېنى شۇ يەردە باقىمەن؛ چۈنكى يەنە بەش يىل ئاچارچىلىق باردۇر»، دېدى، ــ دەڭلار. | 11 |
Ɵzüng, ailǝng wǝ ⱨǝmmǝ tǝǝlluⱪatingni namratliⱪ besiwalmisun dǝp mǝn seni xu yǝrdǝ baⱪimǝn; qünki yǝnǝ bǝx yil aqarqiliⱪ bardur», dedi, — dǝnglar.
ــ مانا سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلار ۋە ئىنىم بىنيامىننىڭ كۆزلىرى سىلەرگە گەپ قىلىۋاتقان مېنىڭ ئۆز ئاغزىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىدۇ. | 12 |
— Mana silǝrning kɵzliringlar wǝ inim Binyaminning kɵzliri silǝrgǝ gǝp ⱪiliwatⱪan mening ɵz aƣzim ikǝnlikini kɵrüwatidu.
ئاتامغا مېنىڭ مىسىردىكى بۇ بارلىق شان-شەرىپىم ھەمدە سىلەرنىڭ بارلىق كۆرگىنىڭلار توغرىسىدا ئېيتىپ، ئاتامنى تېزدىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار، ــ دېدى. | 13 |
Atamƣa mening Misirdiki bu barliⱪ xan-xǝripim ⱨǝmdǝ silǝrning barliⱪ kɵrgininglar toƣrisida eytip, atamni tezdin bu yǝrgǝ elip kelinglar, — dedi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنى بىنيامىنغا ئېتىپ ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ يىغلاپ كەتتى؛ بىنيامىنمۇ ئۇنىڭ بوينىغا يۆلىنىپ يىغلىدى. | 14 |
Xuning bilǝn u ɵzini Binyaminƣa etip uning boyniƣa girǝ selip yiƣlap kǝtti; Binyaminmu uning boyniƣa yɵlinip yiƣlidi.
ئاندىن يۈسۈپ بارلىق قېرىندشالىرىنى سۆيۈپ، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ قۇچاقلاپ يىغلىدى. ئاندىن قېرىندشالىرى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتى. | 15 |
Andin Yüsüp barliⱪ ⱪerindxalirini sɵyüp, ularni bir-birlǝp ⱪuqaⱪlap yiƣlidi. Andin ⱪerindxaliri uning bilǝn paranglaxti.
يۈسۈپنىڭ قېرىندشالىرى كەلدى، دېگەن خەۋەر پىرەۋننىڭ ئوردىسىغا يەتكۈزۈلدى؛ بۇ پىرەۋن ۋە خىزمەتكارلىرىنىڭ نەزىرىدە قۇتلۇق ئىش بولدى. | 16 |
Yüsüpning ⱪerindxaliri kǝldi, degǝn hǝwǝr Pirǝwnning ordisiƣa yǝtküzüldi; bu Pirǝwn wǝ hizmǝtkarlirining nǝziridǝ ⱪutluⱪ ix boldi.
پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ قېرىنداشلىرىڭغا: ــ «سىلەر ئەمدى مۇنداق قىلىڭلار؛ ئۇلاغلىرىڭلارغا يۈك ئارتىپ، قانائان زېمىنىغا بېرىپ، | 17 |
Pirǝwn Yüsüpkǝ: — Ⱪerindaxliringƣa: — «Silǝr ǝmdi mundaⱪ ⱪilinglar; ulaƣliringlarƣa yük artip, Ⱪanaan zeminiƣa berip,
ئاتاڭلار ۋە جەمەتىڭلارنى ئېلىپ مېنىڭ قېشىمغا كېلىڭلار؛ مەن مىسىر زېمىنىدىن ئەڭ ئېسىل يەرلەرنى سىلەرگە بېرەي؛ سىلەر بۇ زېمىندىن چىققان نازۇ-نېمەتلەردىن يەيسىلەر» ــ دېگىن. | 18 |
atanglar wǝ jǝmǝtinglarni elip mening ⱪeximƣa kelinglar; mǝn Misir zeminidin ǝng esil yǝrlǝrni silǝrgǝ berǝy; silǝr bu zemindin qiⱪⱪan nazu-nemǝtlǝrdin yǝysilǝr» — degin.
ساڭا بولغان ئەمرىم شۇكى، سەن ئۇلارغا: «بالىلىرىڭلار ۋە ئاياللىرىڭلارنى ئېلىش ئۈچۈن مىسىر زېمىنىدىن ھارۋىلارنى ئېلىپ بېرىڭلار. شۇنىڭدەك ئاتاڭلارنىمۇ بۇ يەرگە يەتكۈزۈپ كېلىڭلار. | 19 |
Sanga bolƣan ǝmrim xuki, sǝn ularƣa: «Baliliringlar wǝ ayalliringlarni elix üqün Misir zeminidin ⱨarwilarni elip beringlar. Xuningdǝk atanglarnimu bu yǝrgǝ yǝtküzüp kelinglar.
پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدىن ئەڭ ئېسىل جايلار سىلەرنىڭكى بولغاچقا، ئۆز سەرەمجانلىرىڭلارغا كارىڭلار بولمىسۇن» دەپ بۇيرۇغىن، ــ دېدى. | 20 |
Pütkül Misir zeminidin ǝng esil jaylar silǝrningki bolƣaqⱪa, ɵz sǝrǝmjanliringlarƣa karinglar bolmisun» dǝp buyruƣin, — dedi.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى شۇنداق قىلدى؛ يۈسۈپ پىرەۋننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇلارغا ھارۋىلارنى بېرىپ، يولى ئۈچۈنمۇ ئوزۇق بەردى. | 21 |
Xuning bilǝn Israilning oƣulliri xundaⱪ ⱪildi; Yüsüp Pirǝwnning buyruⱪi boyiqǝ ularƣa ⱨarwilarni berip, yoli üqünmu ozuⱪ bǝrdi.
ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىر قۇر كىيىم بەردى؛ لېكىن بىنيامىنغا بولسا ئۇ ئۈچ يۈز كۈمۈش تەڭگە، بەش قۇر كىيىم بەردى. | 22 |
Ularning ⱨǝrbirigǝ bir ⱪur kiyim bǝrdi; lekin Binyaminƣa bolsa u üq yüz kümüx tǝnggǝ, bǝx ⱪur kiyim bǝrdi.
ئۇ ئاتىسىغىمۇ شۇ ھەدىيەلەرنى، يەنى مىسىرنىڭ ئېسىل مەھسۇلاتلىرى ئارتىلغان ئون ھاڭگا ئېشەك ھەمدە ئاشلىق، نان ۋە ئاتىسىغا يول تەييارلىقى ئارتىلغان ئون مادا ئېشەكنى ئەۋەتتى. | 23 |
U atisiƣimu xu ⱨǝdiyǝlǝrni, yǝni Misirning esil mǝⱨsulatliri artilƣan on ⱨangga exǝk ⱨǝmdǝ axliⱪ, nan wǝ atisiƣa yol tǝyyarliⱪi artilƣan on mada exǝkni ǝwǝtti.
ئاندىن ئۇ قېرىنداشلىرىنى يولغا سېلىپ، ئۇلارغا: ــ يولدا جېدەللەشمەڭلار، دەپ جېكىلىدى. ئۇلار يولغا راۋان بولدى. | 24 |
Andin u ⱪerindaxlirini yolƣa selip, ularƣa: — Yolda jedǝllǝxmǝnglar, dǝp jekilidi. Ular yolƣa rawan boldi.
ئۇلار مىسىردىن چىقىپ، قانائان زېمىنىغا ئاتىسى ياقۇپنىڭ قېشىغا بېرىپ، | 25 |
Ular Misirdin qiⱪip, Ⱪanaan zeminiƣa atisi Yaⱪupning ⱪexiƣa berip,
ئۇنىڭغا يۈسۈپ ئۆزلىرىگە ئېيتقان گەپلەرنى يەتكۈزۈپ: «يۈسۈپ تېخى ھايات ئىكەن! ئۇ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىغا باش ۋەزىر ئىكەن!» دېدى. ئەمما ئۇ ئۇلارغا ئىشەنمەي، يۈرىكى قېتىپ ھوشىدىن كېتەي دەپ قالدى. | 26 |
uningƣa Yüsüp ɵzlirigǝ eytⱪan gǝplǝrni yǝtküzüp: «Yüsüp tehi ⱨayat ikǝn! U pütkül Misir zeminiƣa bax wǝzir ikǝn!» dedi. Əmma u ularƣa ixǝnmǝy, yüriki ⱪetip ⱨoxidin ketǝy dǝp ⱪaldi.
لېكىن ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئۆزلىرىگە ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا دېگەندە، شۇنداقلا يۈسۈپنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن ھارۋىلارنىمۇ كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ ئاتىسى ياقۇپنىڭ روھىغا جان كىردى. | 27 |
Lekin ular Yüsüpning ɵzlirigǝ eytⱪan barliⱪ sɵzlirini uningƣa degǝndǝ, xundaⱪla Yüsüpning ɵzini elip kelixkǝ ǝwǝtkǝn ⱨarwilarnimu kɵrgǝndǝ, ularning atisi Yaⱪupning roⱨiƣa jan kirdi.
ئىسرائىل شۇنىڭ بىلەن: ــ ئەمدى ئارمىنىم يوق! ئوغلۇم يۈسۈپ تېخى ھاياتتۇر! مەن ئۆلمەستە بېرىپ ئۇنى كۆرۈۋالاي، ــ دېدى. | 28 |
Israil xuning bilǝn: — Əmdi arminim yoⱪ! Oƣlum Yüsüp tehi ⱨayattur! Mǝn ɵlmǝstǝ berip uni kɵrüwalay, — dedi.