< يارىتىلىش 10 >
تۆۋۆندىكىلەر نۇھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ ئۇنىڭ ئوغۇللىرى شەم، ھام ۋە يافەت بولۇپ، توپاندىن كېيىن ئۇلاردىن ئوغۇللار تۆرەلگەن: ــ | 1 |
Tɵwɵndikilǝr Nuⱨning oƣullirining ǝwladliridur: — uning oƣulliri Xǝm, Ⱨam wǝ Yafǝt bolup, topandin keyin ulardin oƣullar tɵrǝlgǝn: —
يافەتنىڭ ئوغۇللىرى بولسا، گومەر، ماگوگ، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراس ئىدى. | 2 |
Yafǝtning oƣulliri bolsa, Gomǝr, Magog, Maday, Yawan, Tubal, Mǝxǝk wǝ Tiras idi.
گومەرنىڭ ئەۋلادلىرى: ئاشكىناز، رىفات ۋە تورگاماھ ئىدى. | 3 |
Gomǝrning ǝwladliri: Axkinaz, Rifat wǝ Torgamaⱨ idi.
ياۋاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئېلىشاھ، تارشىش، كىتتىيلار ۋە دودانىيلار ئىدى. | 4 |
Yawanning ǝwladliri: Elixaⱨ, Tarxix, Kittiylar wǝ Dodaniylar idi.
بۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئاراللاردا ئايرىم-ئايرىم ياشىغان خەلقلەر بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز تىلى، ئۆز ئائىلە-قەبىلىلىرى بويىچە ئۆز زېمىنلىرىدا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. | 5 |
Bularning ǝwladliri dengiz boylirida wǝ arallarda ayrim-ayrim yaxiƣan hǝlⱪlǝr bolup, ⱨǝrⱪaysisi ɵz tili, ɵz ailǝ-ⱪǝbililiri boyiqǝ ɵz zeminlirida tarⱪilip olturaⱪlaxⱪan.
ھامنىڭ ئوغۇللىرى كۇش، مىسىر، پۇت ۋە قانائانلار ئىدى. | 6 |
Ⱨamning oƣulliri Kux, Misir, Put wǝ Ⱪanaanlar idi.
كۇشنىڭ ئوغۇللىرى سېبا، ھاۋىلاھ، سابتاھ، رائاماھ ۋە سابتىكا ئىدى. رائاماھنىڭ ئوغۇللىرى شېبا ۋە دېدان ئىدى. | 7 |
Kuxning oƣulliri Seba, Ⱨawilaⱨ, Sabtaⱨ, Raamaⱨ wǝ Sabtika idi. Raamaⱨning oƣulliri Xeba wǝ Dedan idi.
كۇشتىن يەنە نىمرود تۆرەلگەن؛ ئۇ يەر يۈزىدە ناھايىتى كۈچتۈڭگۈر ئادەم بولۇپ چىقتى. | 8 |
Kuxtin yǝnǝ Nimrod tɵrǝlgǝn; u yǝr yüzidǝ naⱨayiti küqtünggür adǝm bolup qiⱪti.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر ئوۋچى بولدى؛ شۇ سەۋەبتىن «پالانچى بولسا نىمرودتەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر ئوۋچى ئىكەن» دېگەن گەپ تارقالغان. | 9 |
U Pǝrwǝrdigarning aldida küqtünggür owqi boldi; xu sǝwǝbtin «palanqi bolsa Nimrodtǝk, Pǝrwǝrdigarning aldida küqtünggür owqi ikǝn» degǝn gǝp tarⱪalƣan.
ئۇنىڭ پادىشاھلىقى شىنار زېمىنىدىكى بابىل، ئەرەك، ئاككاد ۋە كالنەھ دېگەن شەھەرلەردە باشلانغانىدى. | 10 |
Uning padixaⱨliⱪi Xinar zeminidiki Babil, Ərǝk, Akkad wǝ Kalnǝⱨ degǝn xǝⱨǝrlǝrdǝ baxlanƣanidi.
ئۇ بۇ زېمىندىن ئاشۇر زېمىنىغا چىقىپ نىنەۋە، رەھوبوت-ئىر، كالاھ ۋە نىنەۋە بىلەن كالاھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەسەن دېگەن شەھەرلەرنىمۇ بىنا قىلدى (بۇلار قوشۇلۇپ «كاتتا شەھەر» بولدى). | 11 |
U bu zemindin Axur zeminiƣa qiⱪip Ninǝwǝ, Rǝⱨobot-Ir, Kalaⱨ wǝ Ninǝwǝ bilǝn Kalaⱨning otturisidiki Rǝsǝn degǝn xǝⱨǝrlǝrnimu bina ⱪildi (bular ⱪoxulup «Katta Xǝⱨǝr» boldi).
مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرى لۇدىيلار، ئانامىيلار، لەھابىيلار، نافتۇھىيلار، | 13 |
Misirning ǝwladliri Ludiylar, Anamiylar, Lǝⱨabiylar, Naftuⱨiylar,
پاتروسىيلار، كاسلۇھىيلار (فىلىستىيلەر كاسلۇھىيلاردىن چىققان) ۋە كافتورىيلار ئىدى. | 14 |
Patrosiylar, Kasluⱨiylar (Filistiylǝr Kasluⱨiylardin qiⱪⱪan) wǝ Kaftoriylar idi.
قانائاندىن تۇنجى ئوغۇل زىدون تۆرىلىپ، كېيىن يەنە ھەت تۆرەلگەن. | 15 |
Ⱪanaandin tunji oƣul Zidon tɵrilip, keyin yǝnǝ Ⱨǝt tɵrǝlgǝn.
ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا يەبۇسىيلار، ئامورىيلار، گىرگاشىيلار، | 16 |
uning ǝwladliri bolsa Yǝbusiylar, Amoriylar, Girgaxiylar,
ھىۋىيلار، ئاركىيلار، سىنىيلار، | 17 |
Ⱨiwiylar, Arkiylar, Siniylar,
ئارۋادىيلار، زەمارىيلار ۋە خاماتىيلار ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، قانائانىيلارنىڭ قەبىلىلىرى ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كەتتى. | 18 |
Arwadiylar, Zǝmariylar wǝ Ⱨamatiylar idi. Xuningdin keyin, Ⱪanaaniylarning ⱪǝbililiri ⱨǝr tǝrǝpkǝ tarⱪilip kǝtti.
قانائانىيلارنىڭ يۇرت چېگرىسى بولسا زىدوندىن تارتىپ، گەرار تەرىپىگە سوزۇلۇپ، گازاغا چىقىپ، ئاندىن سودوم، گوموررا، ئادماھ بىلەن زەبوئىم تەرىپىگە تۇتىشىپ، لېشاغىچە يېتىپ باراتتى. | 19 |
Ⱪanaaniylarning yurt qegrisi bolsa Zidondin tartip, Gǝrar tǝripigǝ sozulup, Gazaƣa qiⱪip, andin Sodom, Gomorra, Admaⱨ bilǝn Zǝboim tǝripigǝ tutixip, Lexaƣiqǝ yetip baratti.
يۇقىرىقىلار بولسا ھامنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۆز قەبىلىسى ۋە تىللىرى بويىچە قوۋم بولۇپ ئۆز زېمىنلىرىدا ئولتۇراقلاشقانىدى. | 20 |
Yuⱪiriⱪilar bolsa ⱨamning oƣulliri bolup, ɵz ⱪǝbilisi wǝ tilliri boyiqǝ ⱪowm bolup ɵz zeminlirida olturaⱪlaxⱪanidi.
شەممۇ ئوغۇل پەرزەنتلىك بولدى؛ شەم بولسا يافەتنىڭ ئاكىسى، ئېبەرلەرنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولدى. | 21 |
Xǝmmu oƣul pǝrzǝntlik boldi; Xǝm bolsa Yafǝtning akisi, Ebǝrlǝrning ata-bowisi boldi.
شەمنىڭ ئوغۇللىرى ئېلام، ئاشۇر، ئارفاخشاد، لۇد، ئارام؛ | 22 |
Xǝmning oƣulliri Elam, Axur, Arfahxad, Lud, Aram;
ئارامنىڭ ئوغۇللىرى ئۇز، ھۇل، گەتەر، ماش ئىدى. | 23 |
Aramning oƣulliri Uz, Ⱨul, Gǝtǝr, Max idi.
ئارفاخشادتىن شېلاھ تۆرەلدى، شېلاھتىن ئېبەر تۆرەلدى. | 24 |
Arfahxadtin Xelaⱨ tɵrǝldi, Xelaⱨtin Ebǝr tɵrǝldi.
ئېبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلگەن بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى پەلەگ ئىدى، چۈنكى ئۇ ياشىغان دەۋردە يەر يۈزىدە بۆلۈنۈش بولدى؛ پەلەگنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى. | 25 |
Ebǝrdin ikki oƣul tɵrǝlgǝn bolup, birining ismi Pǝlǝg idi, qünki u yaxiƣan dǝwrdǝ yǝr yüzidǝ bɵlünüx boldi; Pǝlǝgning inisining ismi Yoⱪtan idi.
يوقتاندىن ئالموداد، شەلەف، خازارماۋەت، يېراھ، | 26 |
Yoⱪtandin Almodad, Xǝlǝf, Hazarmawǝt, Yeraⱨ,
ھادورام، ئۇزال، دىكلاھ، | 27 |
Ⱨadoram, Uzal, Diklaⱨ,
ئوبال، ئابىمائەل، شېبا، | 28 |
Obal, Abimaǝl, Xeba,
ئوفىر، ھاۋىلاھ ۋە يوباب تۆرەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. | 29 |
Ofir, Ⱨawilaⱨ wǝ Yobab tɵrǝldi. Bularning ⱨǝmmisi Yoⱪtanning oƣulliri idi.
ئۇلارنىڭ ئولتۇرغان جايلىرى بولسا مېشادىن تارتىپ، سەففار دېگەن رايوننىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغقىچە سوزۇلاتتى. | 30 |
Ularning olturƣan jayliri bolsa Mexadin tartip, Sǝffar degǝn rayonning xǝrⱪ tǝripidiki taƣⱪiqǝ sozulatti.
يۇقىرىقىلار بولسا شەمنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۆز قەبىلىسى ۋە تىللىرى بويىچە قوۋم بولۇپ ئۆز زېمىنلىرىدا ئولتۇراقلاشقانىدى. | 31 |
Yuⱪiriⱪilar bolsa Xǝmning oƣulliri bolup, ɵz ⱪǝbilisi wǝ tilliri boyiqǝ ⱪowm bolup ɵz zeminlirida olturaⱪlaxⱪanidi.
يۇقىرىدىكىلەر نۇھنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆز نەسەبلىرى ۋە قوۋملىرى بويىچە خاتىرىلەنگەن. توپاندىن كېيىنكى يەر يۈزىدىكى بارلىق قوۋملار ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تارقالغان. | 32 |
Yuⱪiridikilǝr Nuⱨning ǝwladliri bolup, ular ɵz nǝsǝbliri wǝ ⱪowmliri boyiqǝ hatirilǝngǝn. Topandin keyinki yǝr yüzidiki barliⱪ ⱪowmlar ularning iqidin tarⱪalƣan.