< ئەزاكىيال 48 >
تۆۋەندە قەبىلىلەر نامى بويىچە تىزىملىنىدۇ؛ شىمال تەرىپىدە دان قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشى بار. ئۇنىڭ چېگرىسى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شىمالىي چېگرىسىمۇ بولىدۇ؛ ئۇ خەتلوننىڭ يولىنى بويلاپ، خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىغىچە ۋە ھازار-ئېنان شەھىرىگىچە سوزۇلغان (ھازار-ئېنان دەمەشق چېگرىسىغا يانداش بولۇپ، دەمەشقنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى خامات شەھىرىنىڭ يېنىدا). ئۇنىڭ ئۈلۈشى شەرقتىن غەربكىچە سوزۇلغاندۇر. | 1 |
Tɵwǝndǝ ⱪǝbililǝr nami boyiqǝ tizimlinidu; ximal tǝripidǝ Dan ⱪǝbilisining bir ülüxi bar. Uning qegrisi Israil zeminining ximaliy qegrisimu bolidu; u Hǝtlonning yolini boylap, Hamat rayoniƣa kirix eƣiziƣiqǝ wǝ Ⱨazar-Enan xǝⱨirigiqǝ sozulƣan (Ⱨazar-Enan Dǝmǝxⱪ qegrisiƣa yandax bolup, Dǝmǝxⱪning ximaliy tǝripidiki Hamat xǝⱨirining yenida). Uning ülüxi xǝrⱪtin ƣǝrbkiqǝ sozulƣandur.
داننىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن ئاشىر قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. | 2 |
Danning qegrisiƣa yandax bolƣan, xǝrⱪtin ƣǝrbkǝ sozulƣan zemin Axir ⱪǝbilisining bir ülüxidur.
ئاشىرنىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن نافتالى قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. | 3 |
Axirning qegrisiƣa yandax bolƣan, xǝrⱪtin ƣǝrbkǝ sozulƣan zemin Naftali ⱪǝbilisining bir ülüxidur.
نافتالىنىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن ماناسسەھ قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. | 4 |
Naftalining qegrisiƣa yandax bolƣan, xǝrⱪtin ƣǝrbkǝ sozulƣan zemin Manassǝⱨ ⱪǝbilisining bir ülüxidur.
ماناسسەھنىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن ئەفرائىم قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. | 5 |
Manassǝⱨning qegrisiƣa yandax bolƣan, xǝrⱪtin ƣǝrbkǝ sozulƣan zemin Əfraim ⱪǝbilisining bir ülüxidur.
ئەفرائىمنىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن رۇبەن قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. | 6 |
Əfraimning qegrisiƣa yandax bolƣan, xǝrⱪtin ƣǝrbkǝ sozulƣan zemin Rubǝn ⱪǝbilisining bir ülüxidur.
رۇبەننىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. | 7 |
Rubǝnning qegrisiƣa yandax bolƣan, xǝrⱪtin ƣǝrbkǝ sozulƣan zemin Yǝⱨuda ⱪǝbilisining bir ülüxidur.
يەھۇدانىڭ چېگرىسىغا تۇتاشقان، شەرقتىن غەربكىچە سوزۇلغان زېمىن، سىلەرنىڭ «كۆتۈرمە ھەدىيە»ڭلار بولىدۇ؛ ئۇنىڭ كەڭلىكى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى قەبىلىلەرگە تەقسىم قىلىنغان ئۈلۈشتىكىدەك بولىدۇ؛ مۇقەددەس جاي ئۇنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. | 8 |
Yǝⱨudaning qegrisiƣa tutaxⱪan, xǝrⱪtin ƣǝrbkiqǝ sozulƣan zemin, silǝrning «kɵtürmǝ ⱨǝdiyǝ»nglar bolidu; uning kǝngliki yigirmǝ bǝx ming [hada], uning uzunluⱪi ⱪǝbililǝrgǝ tǝⱪsim ⱪilinƣan ülüxtikidǝk bolidu; muⱪǝddǝs jay uning dǝl otturisida bolidu.
سىلەر پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتىغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولسا، ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، كەڭلىكى ئون مىڭ [خادا] بولىدۇ. | 9 |
Silǝr Pǝrwǝrdigarƣa alaⱨidǝ atiƣan «kɵtürmǝ ⱨǝdiyǝ» bolsa, uzunluⱪi yigirmǝ bǝx ming [hada], kǝngliki on ming [hada] bolidu.
بۇ مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە» كاھىلار ئۈچۈن بولىدۇ. شىمالىي تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، غەربىي تەرىپىنىڭ كەڭلىكى ئون مىڭ [خادا]، شەرقىي تەرىپىنىڭ كەڭلىكى ئون مىڭ [خادا]، جەنۇبىي تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا] بولىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ «مۇقەددەس جاي»ى ئۇنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. | 10 |
Bu muⱪǝddǝs «kɵtürmǝ ⱨǝdiyǝ» kaⱨilar üqün bolidu. Ximaliy tǝripining uzunluⱪi yigirmǝ bǝx ming [hada], ƣǝrbiy tǝripining kǝngliki on ming [hada], xǝrⱪiy tǝripining kǝngliki on ming [hada], jǝnubiy tǝripining uzunluⱪi yigirmǝ bǝx ming [hada] bolidu; Pǝrwǝrdigarning «muⱪǝddǝs jay»i uning dǝl otturisida bolidu.
بۇ يەر زادوك ئەۋلادلىرىدىن بولغان، پاك-مۇقەددەس دەپ ئايرىلغان كاھىنلار ئۈچۈن بولىدۇ. ئىسرائىل ئېزىپ كەتكەندە، ئۇلار لاۋىيلار ئېزىپ كەتكەندەك ئېزىپ كەتمىگەن، بەلكى مەن تاپشۇرغان مەسئۇلىيەتكە سادىق بولغانىدى. | 11 |
Bu yǝr Zadok ǝwladliridin bolƣan, pak-muⱪǝddǝs dǝp ayrilƣan kaⱨinlar üqün bolidu. Israil ezip kǝtkǝndǝ, ular Lawiylar ezip kǝtkǝndǝk ezip kǝtmigǝn, bǝlki Mǝn tapxurƣan mǝs’uliyǝtkǝ sadiⱪ bolƣanidi.
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئالاھىدە «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان يەر بولسا پۈتۈن «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان زېمىننىڭ ئىچىدىن بولۇپ، ئۇلارغا نىسبەتەن «ئەڭ مۇقەددەس بىر نەرسە» دەپ بىلىنسۇن. ئۇ لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشىگە تۇتاشقان بولىدۇ. | 12 |
Xuning bilǝn bu alaⱨidǝ «kɵtürmǝ ⱨǝdiyǝ» bolƣan yǝr bolsa pütün «kɵtürmǝ ⱨǝdiyǝ» bolƣan zeminning iqidin bolup, ularƣa nisbǝtǝn «ǝng muⱪǝddǝs bir nǝrsǝ» dǝp bilinsun. U Lawiylarning ülüxigǝ tutaxⱪan bolidu.
كاھىنلارنىڭ ئۈلۈشىنىڭ چېگرىسىغا تۇتاش بولغان يەر لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، كەڭلىكى ئون مىڭ [خادا]. پۈتكۈل ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، كەڭلىكى ئون مىڭ [خادا] بولىدۇ. | 13 |
Kaⱨinlarning ülüxining qegrisiƣa tutax bolƣan yǝr Lawiylarning ülüxi bolidu. Uning uzunluⱪi yigirmǝ bǝx ming [hada], kǝngliki on ming [hada]. Pütkül uzunluⱪi yigirmǝ bǝx ming [hada], kǝngliki on ming [hada] bolidu.
ئۇلار ئۇنىڭدىن يەرنى ھېچ ساتمايدۇ ياكى ئالماشتۇرمايدۇ. ئۇلار بۇ زېمىننىڭ ئېسىلىنى باشقىلارغا ھېچ ئۆتكۈزمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس دەپ ئاتالغان. | 14 |
Ular uningdin yǝrni ⱨeq satmaydu yaki almaxturmaydu. Ular bu zeminning esilini baxⱪilarƣa ⱨeq ɵtküzmǝydu; qünki u Pǝrwǝrdigarƣa muⱪǝddǝs dǝp atalƣan.
قالغان يەر، كەڭلىكى بەش مىڭ [خادا]، ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، ئادەتتىكى يەر بولۇپ، شەھەر ئۈچۈن، يەنى ئۆيلەر ۋە ئورتاق بوش يەر ئۈچۈن بولىدۇ. شەھەر ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. | 15 |
Ⱪalƣan yǝr, kǝngliki bǝx ming [hada], uzunluⱪi yigirmǝ bǝx ming [hada], adǝttiki yǝr bolup, xǝⱨǝr üqün, yǝni ɵylǝr wǝ ortaⱪ box yǝr üqün bolidu. Xǝⱨǝr uning otturisida bolidu.
شەھەرنىڭ ئۆلچەملىرى مۇنداق بولىدۇ؛ شىمالىي تەرىپى تۆت مىڭ بەش يۈز [خادا]، جەنۇبىي تەرىپى تۆت مىڭ بەش يۈز [خادا]، شەرقىي تەرىپى تۆت مىڭ بەش يۈز [خادا]، ۋە غەربىي تەرىپى تۆت مىڭ بەش يۈز [خادا] بولىدۇ. | 16 |
Xǝⱨǝrning ɵlqǝmliri mundaⱪ bolidu; ximaliy tǝripi tɵt ming bǝx yüz [hada], jǝnubiy tǝripi tɵt ming bǝx yüz [hada], xǝrⱪiy tǝripi tɵt ming bǝx yüz [hada], wǝ ƣǝrbiy tǝripi tɵt ming bǝx yüz [hada] bolidu.
شەھەرنىڭ بوش يەرلىرى بولسا، شىمالغا قارايدىغان تەرىپى ئىككى يۈز ئەللىك [خادا] كەڭلىكتە، جەنۇبقا قارايدىغان تەرىپى ئىككى يۈز ئەللىك [خادا] كەڭلىكتە، شەرققە قارايدىغان تەرىپى ئىككى يۈز ئەللىك [خادا] كەڭلىكىدە، غەربكە قارايدىغان تەرىپى ئىككى يۈز ئەللىك [خادا] كەڭلىكتە بولىدۇ. | 17 |
Xǝⱨǝrning box yǝrliri bolsa, ximalƣa ⱪaraydiƣan tǝripi ikki yüz ǝllik [hada] kǝngliktǝ, jǝnubⱪa ⱪaraydiƣan tǝripi ikki yüz ǝllik [hada] kǝngliktǝ, xǝrⱪⱪǝ ⱪaraydiƣan tǝripi ikki yüz ǝllik [hada] kǝnglikidǝ, ƣǝrbkǝ ⱪaraydiƣan tǝripi ikki yüz ǝllik [hada] kǝngliktǝ bolidu.
قالغان ئىككى پارچە يەر مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان يەرگە تۇتىشىپ ئۇنىڭغا پاراللېل بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى شەرققە قارايدىغان تەرىپى ئون مىڭ [خادا]، غەربكە قارايدىغان تەرىپى ئون مىڭ [خادا]؛ بۇلار مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان يەرگە تۇتىشىدۇ؛ بۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى شەھەرنىڭ خىزمىتىدە بولغانلارنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ. | 18 |
Ⱪalƣan ikki parqǝ yǝr muⱪǝddǝs «kɵtürmǝ ⱨǝdiyǝ» bolƣan yǝrgǝ tutixip uningƣa parallel bolidu. Ularning uzunluⱪi xǝrⱪⱪǝ ⱪaraydiƣan tǝripi on ming [hada], ƣǝrbkǝ ⱪaraydiƣan tǝripi on ming [hada]; bular muⱪǝddǝs «kɵtürmǝ ⱨǝdiyǝ» bolƣan yǝrgǝ tutixidu; bularning mǝⱨsulatliri xǝⱨǝrning hizmitidǝ bolƣanlarni ozuⱪlanduridu.
ئۇنى تېرىيدىغانلار، يەنى شەھەرنىڭ خىزمىتىدە بولغانلار ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئىچىدىن بولىدۇ. | 19 |
Uni teriydiƣanlar, yǝni xǝⱨǝrning hizmitidǝ bolƣanlar Israilning barliⱪ ⱪǝbililiri iqidin bolidu.
پۈتكۈل «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولسا ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، كەڭلىكى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا] بولىدۇ؛ سىلەر بۇ تۆت چاسىلىق مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە»گە شەھەرگە تەۋە جايلارنىمۇ قوشۇپ سۇنىسىلەر. | 20 |
Pütkül «kɵtürmǝ ⱨǝdiyǝ» bolsa uzunluⱪi yigirmǝ bǝx ming [hada], kǝngliki yigirmǝ bǝx ming [hada] bolidu; silǝr bu tɵt qasiliⱪ muⱪǝddǝs «kɵtürmǝ ⱨǝdiyǝ»gǝ xǝⱨǝrgǝ tǝwǝ jaylarnimu ⱪoxup sunisilǝr.
مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە» بىلەن شەھەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرنىڭ ئۇ ۋە بۇ تەرىپىدىكى قالغان زېمىنلەر شاھزادە ئۈچۈن بولىدۇ. «كۆتۈرمە ھەدىيە»گە يانداش شەرقتىن شەرققە سوزۇلغان يىگىرمە بەش مىڭ [خادا] كەڭلىكتىكى يەر ۋە غەربتىن غەربكە سوزۇلغان يىگىرمە بەش مىڭ [خادا] كەڭلىكتىكى يەر [قەبىلىلەرنىڭ] ئۈلۈشلىرىگە پاراللېل بولۇپ، بۇلار شاھزادە ئۈچۈندۇر؛ مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە»، جۈملىدىن ئىبادەتخانىنىڭ مۇقەددەس جايى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، | 21 |
Muⱪǝddǝs «kɵtürmǝ ⱨǝdiyǝ» bilǝn xǝⱨǝrning igidarqiliⱪidiki yǝrning u wǝ bu tǝripidiki ⱪalƣan zeminlǝr xaⱨzadǝ üqün bolidu. «Kɵtürmǝ ⱨǝdiyǝ»gǝ yandax xǝrⱪtin xǝrⱪⱪǝ sozulƣan yigirmǝ bǝx ming [hada] kǝngliktiki yǝr wǝ ƣǝrbtin ƣǝrbkǝ sozulƣan yigirmǝ bǝx ming [hada] kǝngliktiki yǝr [ⱪǝbililǝrning] ülüxlirigǝ parallel bolup, bular xaⱨzadǝ üqündur; muⱪǝddǝs «kɵtürmǝ ⱨǝdiyǝ», jümlidin ibadǝthanining muⱪǝddǝs jayi ularning otturisida,
شۇنىڭدەك لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشى ۋە شەھەرنىڭ ئىگىلىكىمۇ شاھزادىنىڭ تەۋەلىكىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. يەھۇدانىڭ چېگرىسى ۋە بىنيامىننىڭ چېگرىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان بۇ زېمىنلار شاھزادە ئۈچۈن بولىدۇ. | 22 |
xuningdǝk Lawiylarning ülüxi wǝ xǝⱨǝrning igilikimu xaⱨzadining tǝwǝlikining otturisida bolidu. Yǝⱨudaning qegrisi wǝ Binyaminning qegrisining otturisida bolƣan bu zeminlar xaⱨzadǝ üqün bolidu.
قالغان قەبىلىلەرنىڭ ئۈلۈشلىرى بولسا: ــ بىنيامىن قەبىلىسى ئۈچۈن شەرقتىن غەرب تەرەپكە سوزۇلغان بىر ئۈلۈشى بولىدۇ. | 23 |
Ⱪalƣan ⱪǝbililǝrning ülüxliri bolsa: — Binyamin ⱪǝbilisi üqün xǝrⱪtin ƣǝrb tǝrǝpkǝ sozulƣan bir ülüxi bolidu.
بىنيامىننىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن شىمېئون قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. | 24 |
Binyaminning qegrisiƣa yandax bolƣan, xǝrⱪtin ƣǝrbkǝ sozulƣan zemin Ximeon ⱪǝbilisining bir ülüxidur.
شىمېئوننىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. | 25 |
Ximeonning qegrisiƣa yandax bolƣan, xǝrⱪtin ƣǝrbkǝ sozulƣan zemin Issakar ⱪǝbilisining bir ülüxidur.
ئىسساكارنىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. | 26 |
Issakarning qegrisiƣa yandax bolƣan, xǝrⱪtin ƣǝrbkǝ sozulƣan zemin Zǝbulun ⱪǝbilisining bir ülüxidur.
زەبۇلۇننىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن گاد قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. | 27 |
Zǝbulunning qegrisiƣa yandax bolƣan, xǝrⱪtin ƣǝrbkǝ sozulƣan zemin Gad ⱪǝbilisining bir ülüxidur.
گادنىڭ يان تەرىپى، يەنى جەنۇبىي تەرىپى، پۈتكۈل زېمىننىڭ جەنۇبىي چېگرىسى تامار شەھىرىدىن مېرىباھ-قەدەش دەرياسىنىڭ ئېقىنلىرىغىچە، ئاندىن [مىسىر] ۋادىسىنى بويلاپ «ئوتتۇرا دېڭىز»غىچە سوزۇلىدۇ. | 28 |
Gadning yan tǝripi, yǝni jǝnubiy tǝripi, pütkül zeminning jǝnubiy qegrisi Tamar xǝⱨiridin Meribaⱨ-Ⱪǝdǝx dǝryasining eⱪinliriƣiqǝ, andin [Misir] wadisini boylap «Ottura dengiz»ƣiqǝ sozulidu.
بۇ سىلەر ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىگە مىراس بولۇشقا چەك تاشلاپ بۆلىدىغان زېمىن بولىدۇ؛ بۇلار ئۇلارنىڭ ئۈلۈشلىرى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 29 |
Bu silǝr Israilning ⱪǝbililirigǝ miras boluxⱪa qǝk taxlap bɵlidiƣan zemin bolidu; bular ularning ülüxliri, — dǝydu Rǝb Pǝrwǝrdigar.
تۆۋەندە شەھەرنىڭ چىقىش يوللىرى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ شىمالىي تەرىپىنىڭ كەڭلىكى تۆت يۈز ئەللىك [خادا] بولىدۇ؛ | 30 |
Tɵwǝndǝ xǝⱨǝrning qiⱪix yolliri bolidu; uning ximaliy tǝripining kǝngliki tɵt yüz ǝllik [hada] bolidu;
شەھەرنىڭ قوۋۇقلىرى ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ نامى بويىچە بولىدۇ؛ شىمالىي تەرىپىدە ئۈچ قوۋۇق بولىدۇ؛ بىرى رۇبەننىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى يەھۇدانىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى لاۋىينىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ | 31 |
xǝⱨǝrning ⱪowuⱪliri Israilning ⱪǝbililirining nami boyiqǝ bolidu; ximaliy tǝripidǝ üq ⱪowuⱪ bolidu; biri Rubǝnning ⱪowuⱪi bolidu; biri Yǝⱨudaning ⱪowuⱪi bolidu; biri Lawiyning ⱪowuⱪi bolidu;
شەرقىي تەرىپىنىڭ كەڭلىكى تۆت يۈز ئەللىك [خادا]، ئۇنىڭدا ئۈچ قوۋۇق بولىدۇ؛ بىرى يۈسۈپنىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى بىنيامىننىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى داننىڭ قوۋۇقى بولىدۇ. | 32 |
xǝrⱪiy tǝripining kǝngliki tɵt yüz ǝllik [hada], uningda üq ⱪowuⱪ bolidu; biri Yüsüpning ⱪowuⱪi bolidu; biri Binyaminning ⱪowuⱪi bolidu; biri Danning ⱪowuⱪi bolidu.
جەنۇبىي تەرىپىنىڭ ئۆلچىمى تۆت يۈز ئەللىك [خادا]، ئۇنىڭدا ئۈچ قوۋۇق بولىدۇ؛ بىرى شىمېئوننىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى ئىسساكارنىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى زەبۇلۇننىڭ قوۋۇقى بولىدۇ. | 33 |
Jǝnubiy tǝripining ɵlqimi tɵt yüz ǝllik [hada], uningda üq ⱪowuⱪ bolidu; biri Ximeonning ⱪowuⱪi bolidu; biri Issakarning ⱪowuⱪi bolidu; biri Zǝbulunning ⱪowuⱪi bolidu.
شەرقىي تەرىپىنىڭ كەڭلىكى تۆت يۈز ئەللىك [خادا]، ئۇنىڭدا ئۈچ قوۋۇق بولىدۇ؛ بىرى گادنىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى ئاشىرنىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى نافتالىنىڭ قوۋۇقى بولىدۇ. | 34 |
Xǝrⱪiy tǝripining kǝngliki tɵt yüz ǝllik [hada], uningda üq ⱪowuⱪ bolidu; biri Gadning ⱪowuⱪi bolidu; biri Axirning ⱪowuⱪi bolidu; biri Naftalining ⱪowuⱪi bolidu.
جەمئىي بولۇپ ئۇنىڭ ئايلانمىسى ئون سەككىز مىڭ [خادا] بولىدۇ؛ شۇ كۈندىن باشلاپ شەھەرنىڭ نامى: «پەرۋەردىگار شۇ يەردە» بولىدۇ. | 35 |
jǝmiy bolup uning aylanmisi on sǝkkiz ming [hada] bolidu; xu kündin baxlap xǝⱨǝrning nami: «Pǝrwǝrdigar xu yǝrdǝ» bolidu.