< دانىيال 1 >
يەھۇدا پادىشاھى يەھوياكىم تەختكە ئولتۇرۇپ ئۈچىنچى يىلى، بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى مۇھاسىرە قىلىۋالدى. | 1 |
Yǝⱨuda padixaⱨi Yǝⱨoyakim tǝhtkǝ olturup üqinqi yili, Babil padixaⱨi Neboⱪadnǝsar Yerusalemƣa ⱨujum ⱪilip uni muⱨasirǝ ⱪiliwaldi.
رەب يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھۇياكىمنى، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇ ئەسىرلەرنى شىنار زېمىنىغا، ئۆزى چوقۇنىدىغان مەبۇدنىڭ بۇتخانىسىغا ئېلىپ باردى ۋە بۇلاپ كەلگەن قاچا-قۇچىلارنى بۇتخانىنىڭ خەزىنىسىگە قويدى. | 2 |
Rǝb Yǝⱨudaning padixaⱨi Yǝⱨuyakimni, xundaⱪla Hudaning ɵyidiki ⱪaqa-ⱪuqilarning bir ⱪismini uning ⱪoliƣa tapxurup bǝrdi. U ǝsirlǝrni Xinar zeminiƣa, ɵzi qoⱪunidiƣan mǝbudning buthanisiƣa elip bardi wǝ bulap kǝlgǝn ⱪaqa-ⱪuqilarni buthanining hǝzinisigǝ ⱪoydi.
پادىشاھ نېبوقادنەسار باش ئاغۋات غوجىدارى ئاشپىنازغا ئەسىرگە چۈشكەن ئىسرائىللار ئىچىدىن خان جەمەتىدىكىلەردىن ۋە ئېسىلزادە يىگىتلەردىن بىرنەچچىدىن تاللاپ ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى. | 3 |
Padixaⱨ Neboⱪadnǝsar bax aƣwat ƣojidari Axpinazƣa ǝsirgǝ qüxkǝn Israillar iqidin han jǝmǝtidikilǝrdin wǝ esilzadǝ yigitlǝrdin birnǝqqidin tallap elip qiⱪixni buyrudi.
بۇ ياشلار نۇقسانسىز، كېلىشكەن، دانىشمەن-ئۇقۇمۇشلۇق، مول بىلىملىك، مۇتەپەككۇر، ئوردا خىزمىتىدە بولۇشقا لاياقەتلىك، يەنە كېلىپ كالدىيلەرنىڭ ئىلىم-پەنلىرىنى ھەم تىلىنى ئۆگىنەلەيدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى. | 4 |
Bu yaxlar nuⱪsansiz, kelixkǝn, danixmǝn-uⱪumuxluⱪ, mol bilimlik, mutǝpǝkkur, orda hizmitidǝ boluxⱪa layaⱪǝtlik, yǝnǝ kelip kaldiylǝrning ilim-pǝnlirini ⱨǝm tilini ɵginǝlǝydiƣan boluxi kerǝk idi.
پادىشاھ ئۇلار توغرىسىدا ئۇلار ئۈچ يىلغىچە ھەر كۈنى پادىشاھ يەيدىغان نازۇ-نېمەتلەر ۋە شارابلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلسۇن، مۇددەت توشقاندا پادىشاھنىڭ ئالدىدا خىزمەتتە بولسۇن دەپ بېكىتتى. | 5 |
Padixaⱨ ular toƣrisida ular üq yilƣiqǝ ⱨǝr küni padixaⱨ yǝydiƣan nazu-nemǝtlǝr wǝ xarablar bilǝn ozuⱪlandurulsun, muddǝt toxⱪanda padixaⱨning aldida hizmǝttǝ bolsun dǝp bekitti.
تاللانغان يەھۇدا قەبىلىسىدىكى ياشلاردىن دانىيال، ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالار بار ئىدى. | 6 |
Tallanƣan Yǝⱨuda ⱪǝbilisidiki yaxlardin Daniyal, Ⱨananiya, Mixael wǝ Azariyalar bar idi.
ئاغۋات بېشى ئۇلارغا يېڭى ئىسىملار، يەنى دانىيالغا بەلتەشاسار، ھانانىياغا شادراك، مىشائېلغا مىشاك، ئازارىياغا ئەبەدنېگو دېگەن ئىسىملارنى قويدى. | 7 |
Aƣwat bexi ularƣa yengi isimlar, yǝni Daniyalƣa Bǝltǝxasar, Ⱨananiyaƣa Xadrak, Mixaelƣa Mixak, Azariyaƣa Əbǝdnego degǝn isimlarni ⱪoydi.
دانىيال پادىشاھ بەلگىلىگەن نازۇ-نېمەتلەر ۋە شاھانە شارابلىرى بىلەن ئۆزىنى [خۇدا ئالدىدا] ناپاك قىلماسلىققا بەل باغلىدى؛ شۇڭا ئۇ ئاغۋات بېشىدىن ئۆزىنىڭ ناپاك قىلىنماسلىقىغا يول قويۇشىنى ئىلتىماس قىلدى. | 8 |
Daniyal padixaⱨ bǝlgiligǝn nazu-nemǝtlǝr wǝ xaⱨanǝ xarabliri bilǝn ɵzini [Huda aldida] napak ⱪilmasliⱪⱪa bǝl baƣlidi; xunga u aƣwat bexidin ɵzining napak ⱪilinmasliⱪiƣa yol ⱪoyuxini iltimas ⱪildi.
ئەمدى خۇدا ئاغۋات بېشىنى دانىيالغا ئىلتىپات ۋە شاپائەت كۆرسىتىدىغان قىلغانىدى. | 9 |
Əmdi Huda aƣwat bexini Daniyalƣa iltipat wǝ xapaǝt kɵrsitidiƣan ⱪilƣanidi.
لېكىن ئاغۋات بېشى دانىيالغا: ــ مەن ئۆز غوجام پادىشاھتىن قورقىمەن. سىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىڭلارنى ئۇ ئۆزى بەلگىلىگەن؛ ئۇ ئەگەر سىلەرنى باشقا قۇرداش يىگىتلەردەك ساغلام چىراي ئەمەس ئىكەن دەپ قارىسا، ئۇنداقتا سىلەر پادىشاھقا مېنىڭ كاللامنى ئالدۇرغۇچى بولىسىلەر، ــ دېدى. | 10 |
Lekin aƣwat bexi Daniyalƣa: — Mǝn ɵz ƣojam padixaⱨtin ⱪorⱪimǝn. Silǝrning yemǝk-iqmikinglarni u ɵzi bǝlgiligǝn; u ǝgǝr silǝrni baxⱪa ⱪurdax yigitlǝrdǝk saƣlam qiray ǝmǝs ikǝn dǝp ⱪarisa, undaⱪta silǝr padixaⱨⱪa mening kallamni aldurƣuqi bolisilǝr, — dedi.
شۇنىڭ بىلەن دانىيال كېلىپ ئاغۋات بېشى ئۆزىگە ۋە ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالارغا تەيىنلىگەن غوجىداردىن تەلەپ قىلىپ: | 11 |
Xuning bilǝn Daniyal kelip aƣwat bexi ɵzigǝ wǝ Ⱨananiya, Mixael wǝ Azariyalarƣa tǝyinligǝn ƣojidardin tǝlǝp ⱪilip:
ــ كەمىنىلىرىنى ئۇماچ، كۆكتات ۋە سۇ بىلەنلا بېقىپ ئون كۈنلۈك سىناق قىلسىلا. | 12 |
— Kǝminilirini umaq, kɵktat wǝ su bilǝnla beⱪip on künlük sinaⱪ ⱪilsila.
ئاندىن بىزنىڭ چىرايىمىز بىلەن پادىشاھنىڭ ئېسىل تامىقىنى يېگەن يىگىتلەرنىڭ چىرايىنى سېلىشتۇرۇپ باقسىلا، ئاندىن كۆزىتىشلىرى بويىچە كەمىنىلىرىگە ئىش كۆرگەيلا! ــ دېدى. | 13 |
Andin bizning qirayimiz bilǝn padixaⱨning esil tamiⱪini yegǝn yigitlǝrning qirayini selixturup baⱪsila, andin kɵzitixliri boyiqǝ kǝminilirigǝ ix kɵrgǝyla! — dedi.
غوجىدار ئۇلارنىڭ گېپىگە كىرىپ، ئۇلارنى ئون كۈن سىناپ كۆرۈشكە ماقۇل بولدى. | 14 |
Ƣojidar ularning gepigǝ kirip, ularni on kün sinap kɵrüxkǝ maⱪul boldi.
ئون كۈندىن كېيىن قارىسا، ئۇلارنىڭ چىرايلىرى پادىشاھنىڭ نازۇ-نېمەتلىرىنى يېگەن يىگىتلەرنىڭكىدىنمۇ نۇرلۇق ۋە تولغان كۆرۈندى. | 15 |
On kündin keyin ⱪarisa, ularning qirayliri padixaⱨning nazu-nemǝtlirini yegǝn yigitlǝrningkidinmu nurluⱪ wǝ tolƣan kɵründi.
شۇنىڭدىن كېيىن غوجىدار ئۇلارغا پادىشاھ بەلگىلىگەن نازۇ-نېمەتلەرنى ۋە ئىچىشكە بەلگىلىگەن شارابنى بەرمەي، ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئۇماچ، كۆكتاتلارنى بېرىشكە باشلىدى. | 16 |
Xuningdin keyin ƣojidar ularƣa padixaⱨ bǝlgiligǝn nazu-nemǝtlǝrni wǝ iqixkǝ bǝlgiligǝn xarabni bǝrmǝy, ularning ornida umaq, kɵktatlarni berixkǝ baxlidi.
بۇ تۆت يىگىتنى بولسا، خۇدا ئۇلارنى ھەرخىل ئەدەبىيات ۋە ئىلىم-مەرىپەتتە دانىشمەن ۋە ئۇقۇمۇشلۇق قىلدى. دانىيالمۇ بارلىق غايىبانە ئالامەتلەر بىلەن چۈشلەرگە تەبىر بېرىشكە پاراسەتلىك بولدى. | 17 |
Bu tɵt yigitni bolsa, Huda ularni ⱨǝrhil ǝdǝbiyat wǝ ilim-mǝripǝttǝ danixmǝn wǝ uⱪumuxluⱪ ⱪildi. Daniyalmu barliⱪ ƣayibanǝ alamǝtlǝr bilǝn qüxlǝrgǝ tǝbir berixkǝ parasǝtlik boldi.
پادىشاھ بەلگىلىگەن مۇددەت توشقىنىدا، ئاغۋات بېشى يىگىتلەرنىڭ ھەممىسىنى نېبوقادنەسارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. | 18 |
Padixaⱨ bǝlgiligǝn muddǝt toxⱪinida, aƣwat bexi yigitlǝrning ⱨǝmmisini Neboⱪadnǝsarning aldiƣa elip bardi.
پادىشاھ ئۇلار بىلەن بىر-بىرلەپ سۆزلەشتى؛ ياش يىگىتلەرنىڭ ھېچقايسىسى دانىيال، ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالارغا يەتمىدى. شۇڭا بۇ تۆتەيلەن پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە قالدى. | 19 |
Padixaⱨ ular bilǝn bir-birlǝp sɵzlǝxti; yax yigitlǝrning ⱨeqⱪaysisi Daniyal, Ⱨananiya, Mixael wǝ Azariyalarƣa yǝtmidi. Xunga bu tɵtǝylǝn padixaⱨning hizmitidǝ ⱪaldi.
پادىشاھقا دانالىق-ھېكمەت كېرەك بولغاندا ياكى يورۇتۇش كېرەك بولغان ھەرقانداق مەسىلىگە جاۋاب ئىزدىگەندە، ئۇلارنىڭ جاۋابى ئۇنىڭ سەلتەنىتىدىكى بارلىق رەمچى-پالچى ياكى پىر-ئۇستازلىرىنىڭكىدىن ئون ھەسسە توغرا چىقاتتى. | 20 |
Padixaⱨⱪa danaliⱪ-ⱨekmǝt kerǝk bolƣanda yaki yorutux kerǝk bolƣan ⱨǝrⱪandaⱪ mǝsiligǝ jawab izdigǝndǝ, ularning jawabi uning sǝltǝnitidiki barliⱪ rǝmqi-palqi yaki pir-ustazliriningkidin on ⱨǝssǝ toƣra qiⱪatti.
دانىيال پارس پادىشاھى قورەش تەختكە ئولتۇرغان بىرىنچى يىلغىچە ئوردىدا داۋاملىق تۇردى. | 21 |
Daniyal Pars padixaⱨi Ⱪorǝx tǝhtkǝ olturƣan birinqi yilƣiqǝ ordida dawamliⱪ turdi.