< ئەزاكىيال 30 >
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
Pǝrwǝrdigarning sɵzi manga kelip mundaⱪ deyildi: —
ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر داد-پەرياد سېلىپ: «ۋاي شۇ كۈنى!» ــ دەڭلار!» ــ دېگىن. | 2 |
I insan oƣli, bexarǝt berip: — Rǝb Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — «Silǝr dad-pǝryad selip: «Way xu küni!» — dǝnglar!» — degin.
چۈنكى كۈن يېقىنلاشتى؛ بەرھەق، پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى، بۇلۇتلار قاپلانغان كۈن يېقىنلاشتى؛ ئۇ ئەللەرنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان كۈندۇر. | 3 |
Qünki kün yeⱪinlaxti; bǝrⱨǝⱪ, Pǝrwǝrdigarning küni, bulutlar ⱪaplanƣan kün yeⱪinlaxti; u ǝllǝrning bexiƣa qüxidiƣan kündur.
شۇنىڭ بىلەن بىر قىلىچ مىسىر ئۈستىگە چۈشىدۇ؛ ئۆلتۈرۈلگەنلەر مىسىردا يىقىلغاندا، ئۇنىڭ زور بايلىقلىرى بۇلىنىپ كەتكەندە، ئۇنىڭ ئۇللىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە، ئېفىئوپىيەلىكلەر دەرد-ئەلەم تارتىدۇ. | 4 |
Xuning bilǝn bir ⱪiliq Misir üstigǝ qüxidu; ɵltürülgǝnlǝr Misirda yiⱪilƣanda, uning zor bayliⱪliri bulinip kǝtkǝndǝ, uning ulliri ɵrülüp qüxkǝndǝ, Efiopiyǝliklǝr dǝrd-ǝlǝm tartidu.
ئېفىئوپىيە، پۇت، لۇد، بارلىق ئەرەبىيە، لىۋىيە ۋە ئەھدە قىلىنغان زېمىندىكىلەرمۇ مىسىر بىلەن بىللە قىلىچلىنىدۇ. | 5 |
Efiopiyǝ, Put, Lud, barliⱪ Ərǝbiyǝ, Liwiyǝ wǝ ǝⱨdǝ ⱪilinƣan zemindikilǝrmu Misir bilǝn billǝ ⱪiliqlinidu.
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مىسىرنى قوللايدىغانلار يىقىلىدۇ؛ ئۇنىڭ كۈچىدىن بولغان پەخرى يەرگە چۈشىدۇ؛ مىگدولدىن سەۋەنگىچە بولغان خەلق قىلىچلىنىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 6 |
Rǝb Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Misirni ⱪollaydiƣanlar yiⱪilidu; uning küqidin bolƣan pǝhri yǝrgǝ qüxidu; Migdoldin Sǝwǝngiqǝ bolƣan hǝlⱪ ⱪiliqlinidu, — dǝydu Rǝb Pǝrwǝrdigar.
ــ ئۇلار ۋەيران قىلىنغان زېمىنلار ئارىسىدا ۋەيران قىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ شەھەرلىرى خارابە قىلىنغان شەھەرلەر ئارىسىدا ياتىدۇ. | 7 |
— Ular wǝyran ⱪilinƣan zeminlar arisida wǝyran ⱪilinidu; uning xǝⱨǝrliri harabǝ ⱪilinƣan xǝⱨǝrlǝr arisida yatidu.
شۇنىڭ بىلەن، مەن مىسىرغا ئوت سالغىنىمدا، ئۇنىڭ ياردىمىدە بولغانلار سۇندۇرۇلغاندا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ | 8 |
Xuning bilǝn, Mǝn Misirƣa ot salƣinimda, uning yardimidǝ bolƣanlar sundurulƣanda, ular Mening Pǝrwǝrdigar ikǝnlikimni tonup yetidu;
شۇ كۈنى ئەلچىلەر ئېفىئوپىيەنى قورقىتىش ئۈچۈن كېمىلەردە ئولتۇرۇپ مەندىن چىقىدۇ؛ مىسىرنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈندەك ئۇلارغىمۇ ئازاب-ئوقۇبەت چۈشىدۇ؛ مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ! | 9 |
Xu küni ǝlqilǝr Efiopiyǝni ⱪorⱪitix üqün kemilǝrdǝ olturup mǝndin qiⱪidu; Misirning bexiƣa qüxkǝn kündǝk ularƣimu azab-oⱪubǝt qüxidu; mana, u keliwatidu!
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەنە مىسىرنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولى بىلەن تۈگىتىمەن. | 10 |
Rǝb Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: «Mǝn yǝnǝ Misirning top-top adǝmlirini Babil padixaⱨi Neboⱪadnǝsarning ⱪoli bilǝn tügitimǝn.
ئۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن خەلقى، يەنى ئەللەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ دەھشەتلىكى زېمىننى ھالاك قىلىشقا ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ ئۇلار مىسىر بىلەن قارشىلىشقا قىلىچلارنى سۇغۇرۇپ، زېمىننى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن تولدۇرىدۇ. | 11 |
U wǝ uning bilǝn kǝlgǝn hǝlⱪi, yǝni ǝllǝrning arisidiki ǝng dǝⱨxǝtliki zeminni ⱨalak ⱪilixⱪa elip kelinidu; ular Misir bilǝn ⱪarxilixⱪa ⱪiliqlarni suƣurup, zeminni ɵltürülgǝnlǝr bilǝn tolduridu.
مەن نىل دەريالىرىنى قۇرۇتىمەن، ۋە زېمىننى رەزىل ئادەملەرنىڭ قولىغا سېتىۋېتىمەن؛ زېمىن ۋە ئۇنىڭدا تۇرغان ھەممىنى يات ئادەملەرنىڭ قولىدا ۋەيرانە قىلىمەن؛ مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلغان». | 12 |
Mǝn Nil dǝryalirini ⱪurutimǝn, Wǝ zeminni rǝzil adǝmlǝrning ⱪoliƣa setiwetimǝn; Zemin wǝ uningda turƣan ⱨǝmmini yat adǝmlǝrning ⱪolida wǝyranǝ ⱪilimǝn; Mǝnki Pǝrwǝrdigar xundaⱪ sɵz ⱪilƣan».
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن نوف شەھىرىدىن بۇتلارنى يوقىتىمەن، ئويغان مەبۇدلارنىمۇ يوقىتىمەن؛ مىسىر زېمىنىدىن قايتىدىن شاھزادە بولماس؛ مەن مىسىر زېمىنىنى قورقۇنچقا چۈشۈرىمەن. | 13 |
Rǝb Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: «Mǝn Nof xǝⱨiridin butlarni yoⱪitimǝn, oyƣan mǝbudlarnimu yoⱪitimǝn; Misir zeminidin ⱪaytidin xaⱨzadǝ bolmas; Mǝn Misir zeminini ⱪorⱪunqⱪa qüxürimǝn.
مەن پاتروس شەھىرىنى ۋەيرانە قىلىپ، زوئان شەھىرىدە ئوت سالىمەن، نو شەھىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن. | 14 |
Mǝn Patros xǝⱨirini wǝyranǝ ⱪilip, Zoan xǝⱨiridǝ ot salimǝn, No xǝⱨiri üstidin ⱨɵküm qiⱪirip jazalaymǝn.
مىسىرنىڭ ئىستىھكامى بولغان سىن شەھىرىنىڭ ئۈستىگە قەھرىمنى تۆكىمەن؛ نو شەھىرىنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنى قىرىۋېتىمەن. | 15 |
Misirning istiⱨkami bolƣan Sin xǝⱨirining üstigǝ ⱪǝⱨrimni tɵkimǝn; No xǝⱨirining top-top adǝmlirini ⱪiriwetimǝn.
مەن مىسىردا بىر ئوت سالىمەن؛ سىن ئازابلاردىن تولغىنىپ كېتىدۇ؛ نو شەھىرى بۆسۈلىدۇ، نوف شەھىرى ھەر كۈنى ياۋلارغا يۈزلىنىدۇ. | 16 |
Mǝn Misirda bir ot salimǝn; Sin azablardin tolƣinip ketidu; No xǝⱨiri bɵsülidu, Nof xǝⱨiri ⱨǝr küni yawlarƣa yüzlinidu.
ئاۋەن ۋە پىبەسەت شەھەرلىرىدىكى يىگىتلەر قىلىچلىنىدۇ؛ بۇ شەھەرلەر سۈرگۈن قىلىنىدۇ. | 17 |
Awǝn wǝ Pibǝsǝt xǝⱨǝrliridiki yigitlǝr ⱪiliqlinidu; bu xǝⱨǝrlǝr sürgün ⱪilinidu.
مېنىڭ شۇ يەردە مىسىرنىڭ بويۇنتۇرۇقلىرىنى سۇندۇرغىنىمدا، تاھپانەس شەھىرىدە كۈن قاراڭغۇلىشىدۇ؛ ئۇنىڭدا ئۆز كۈچىدىن بولغان پەخرى يوقىلىدۇ؛ بىر بۇلۇت ئۇنى قاپلايدۇ؛ ئۇنىڭ قىزلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ. | 18 |
Mening xu yǝrdǝ Misirning boyunturuⱪlirini sundurƣinimda, Taⱨpanǝs xǝⱨiridǝ kün ⱪarangƣulixidu; uningda ɵz küqidin bolƣan pǝhri yoⱪilidu; bir bulut uni ⱪaplaydu; uning ⱪizliri sürgün ⱪilinidu.
مەن شۇنداق قىلىپ مىسىر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ ۋە شۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». | 19 |
Mǝn xundaⱪ ⱪilip Misir üstidin ⱨɵküm qiⱪirip jazalaymǝn; wǝ xular Mening Pǝrwǝrdigar ikǝnlikimni tonup yetidu».
ئون بىرىنچى يىلى، بىرىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 20 |
On birinqi yili, birinqi ayning yǝttinqi künidǝ xundaⱪ boldiki, Pǝrwǝrdigarning sɵzi manga kelip mundaⱪ deyildi: —
ئى ئىنسان ئوغلى، مەن مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ بىلىكىنى سۇندۇردۇم؛ ۋە مانا، ئۇ داۋالىنىشقا تېڭىلمىدى، ياكى قىلىچ تۇتۇشقا تېڭىق بىلەن كۈچەيتىلمىدى. | 21 |
I insan oƣli, Mǝn Misir padixaⱨi Pirǝwnning bilikini sundurdum; wǝ mana, u dawalinixⱪa tengilmidi, yaki ⱪiliq tutuxⱪa tengiⱪ bilǝn küqǝytilmidi.
ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە قارشىمەن؛ مەن ئۇنىڭ بىلەكلىرىنى، ھەم كۈچلۈك بولغىنىنى ھەم سۇندۇرۇلغان بىلىكىنى ئۈزۈۋېتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن قىلىچىنى قولىدىن چۈشۈرمەن؛ | 22 |
— Xunga Rǝb Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: «Mana, Mǝn Misir padixaⱨi Pirǝwngǝ ⱪarximǝn; Mǝn uning bilǝklirini, ⱨǝm küqlük bolƣinini ⱨǝm sundurulƣan bilikini üzüwetimǝn; xuning bilǝn ⱪiliqini ⱪolidin qüxürmǝn;
مىسىرلىقلارنى ئەللەرگە تارقىتىۋېتىمەن، مەملىكەتلەر ئارىسىغا تارىتىمەن. | 23 |
Misirliⱪlarni ǝllǝrgǝ tarⱪitiwetimǝn, mǝmlikǝtlǝr arisiƣa taritimǝn.
مەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىنى كۈچەيتىپ، قىلىچىمنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزىمەن؛ مەن پىرەۋننىڭ بىلەكلىرىنى سۇندۇرىمەنكى، ئۇ بابىل پادىشاھى ئالدىدا ئەجىلى توشقان يارىلانغان ئادەمدەك ئاھ-زارلار بىلەن ئىڭرايدۇ. | 24 |
Mǝn Babil padixaⱨining ⱪolini küqǝytip, ⱪiliqimni uning ⱪoliƣa tutⱪuzimǝn; Mǝn Pirǝwnning bilǝklirini sundurimǝnki, u Babil padixaⱨi aldida ǝjili toxⱪan yarilanƣan adǝmdǝk aⱨ-zarlar bilǝn ingraydu.
مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بىلەكلىرىنى كۈچەيتىمەن، ۋە پىرەۋننىڭ بىلەكلىرى ساڭگىلاپ قالىدۇ؛ مەن ئۆز قىلىچىمنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تۇتقۇزغىنىمدا، ئۇ ئۇنى مىسىر زېمىنى ئۈستىگە سوزغىنىدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ | 25 |
Mǝn Babil padixaⱨining bilǝklirini küqǝytimǝn, wǝ Pirǝwnning bilǝkliri sanggilap ⱪalidu; Mǝn Ɵz ⱪiliqimni Babil padixaⱨining ⱪoliƣa tutⱪuzƣinimda, u uni Misir zemini üstigǝ sozƣinida, ular Mening Pǝrwǝrdigar ikǝnlimni tonup yetidu;
ۋە مەن مىسىرلىقلارنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىمەن، مەملىكەتلەر ئىچىگە تارىتىمەن؛ ۋە ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىمنى تونۇپ يېتىدۇ». | 26 |
wǝ Mǝn Misirliⱪlarni ǝllǝr arisiƣa tarⱪitimǝn, mǝmlikǝtlǝr iqigǝ taritimǝn; wǝ ular Mening Pǝrwǝrdigar ikǝnlimni tonup yetidu».