< ئەزاكىيال 24 >
توققۇزىنچى يىلى، ئونىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
Toⱪⱪuzinqi yili, oninqi ayning oninqi künidǝ, Pǝrwǝrdigarning sɵzi manga kelip mundaⱪ deyildi: —
ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ كۈننى، دەل مۇشۇ كۈننىڭ چىسلاسىنى يېزىۋالغىن؛ چۈنكى دەل مۇشۇ كۈندە بابىلنىڭ پادىشاھى يېرۇسالېمنى مۇھاسىرىگە ئالدى. | 2 |
I insan oƣli, bu künni, dǝl muxu künning qislasini yeziwalƣin; qünki dǝl muxu kündǝ Babilning padixaⱨi Yerusalemni muⱨasirigǝ aldi.
ئاسىي جەمەتنىڭ ئالدىغا بىر تەمسىلنى قويۇپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «قازاننى ئوتنىڭ ئۈستىگە قويۇڭلار، ئوت ئۈستىگە قويۇڭلار، ئۇنىڭغا سۇ قويۇڭلار؛ | 3 |
Asiy jǝmǝtning aldiƣa bir tǝmsilni ⱪoyup mundaⱪ degin: — Rǝb Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — «Ⱪazanni otning üstigǝ ⱪoyunglar, ot üstigǝ ⱪoyunglar, uningƣa su ⱪoyunglar;
گۆش پارچىلىرى، ھەربىر ئېسىل گۆش پارچىلىرىنى، پۇت ۋە قولىنى ئۇنىڭغا يىغىپ سېلىڭلار؛ ئېسىل ئۇستىخانلارنىمۇ قوشۇڭلار؛ | 4 |
gɵx parqiliri, ⱨǝrbir esil gɵx parqilirini, put wǝ ⱪolini uningƣa yiƣip selinglar; esil ustihanlarnimu ⱪoxunglar;
قوي پادىسىدىن ئەڭ ئېسىللىرىنى ئېلىڭلار؛ ئۇستىخانلارنى پىشۇرۇشقا ئۇنىڭ ئاستىغا ئوتۇن توپلاپ قويۇڭلار؛ ئۇنى قاتتىق قاينىتىڭلار، ئۇنىڭدىكى ئۇستىخانلار ئوبدان قاينىسۇن. | 5 |
ⱪoy padisidin ǝng esillirini elinglar; ustihanlarni pixuruxⱪa uning astiƣa otun toplap ⱪoyunglar; uni ⱪattiⱪ ⱪaynitinglar, uningdiki ustihanlar obdan ⱪaynisun.
ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قانخور شەھەرنىڭ ھالىغا، يەنى دات باسقان قازانغا، ھېچ دېتى كەتمەيدىغان قازانغا ۋاي! ئۇنىڭدىكى ھەممىنى بىردىن-بىردىن ئال؛ ئۇنىڭغا نېسىۋە چېكى تاشلانمىسۇن! | 6 |
— Xunga Rǝb Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Ⱪanhor xǝⱨǝrning ⱨaliƣa, yǝni dat basⱪan ⱪazanƣa, ⱨeq deti kǝtmǝydiƣan ⱪazanƣa way! Uningdiki ⱨǝmmini birdin-birdin al; uningƣa nesiwǝ qeki taxlanmisun!
چۈنكى ئۇ تۆككەن قان ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ قاننى توپا بىلەن كۆمگىلى بولغۇدەك يەرگە ئەمەس، بەلكى تاقىر تاش ئۈستىگە تۆكتى. | 7 |
Qünki u tɵkkǝn ⱪan uning otturisida turidu; u ⱪanni topa bilǝn kɵmgili bolƣudǝk yǝrgǝ ǝmǝs, bǝlki taⱪir tax üstigǝ tɵkti.
قەھرىمنى قوزغاش، ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن، ئۇ تۆككەن قاننىڭ يېپىلماسلىقى ئۈچۈن تاقىر تاش ئۈستىگە قالدۇردۇم. | 8 |
Ⱪǝⱨrimni ⱪozƣax, intiⱪam elix üqün, u tɵkkǝn ⱪanning yepilmasliⱪi üqün taⱪir tax üstigǝ ⱪaldurdum.
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قانخور شەھەرنىڭ ھالىغا ۋاي! مەنمۇ ئۇنىڭ ئوتۇن دۆۋىسىنى يوغان قىلىمەن! | 9 |
Xunga Rǝb Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Ⱪanhor xǝⱨǝrning ⱨaliƣa way! Mǝnmu uning otun dɵwisini yoƣan ⱪilimǝn!
ئوتۇننى دۆۋىلەڭلار، ئوتنى يىقىپ چۇخچۇلاڭلار، گۆش ئوبدان پىشسۇن، دورا-دەرمەكلەرنى قوشۇڭلار، ئۇستىخانلار كۆيۈپ كەتسۇن! | 10 |
Otunni dɵwilǝnglar, otni yiⱪip quhqulanglar, gɵx obdan pixsun, dora-dǝrmǝklǝrni ⱪoxunglar, ustihanlar kɵyüp kǝtsun!
ئاندىن قازاننى قىزىتىپ، ئۇنىڭدىكى مىسنى قىپقىزىل قىلىڭلار، ئىچىدىكى داغ-كىرلار ئېرىتىلىپ، ئۇنىڭ دېتى چىقىرىۋېتىلىش ئۈچۈن ئۇنى قۇرۇق پېتى چوغلار ئۈستىگە قويۇڭلار! | 11 |
Andin ⱪazanni ⱪizitip, uningdiki misni ⱪipⱪizil ⱪilinglar, iqidiki daƣ-kirlar eritilip, uning deti qiⱪiriwetilix üqün uni ⱪuruⱪ peti qoƣlar üstigǝ ⱪoyunglar!
ئۇنىڭ قىلغان ئاۋارىچىلىكلىرى مېنى ئۇپراتتى؛ لېكىن ئۇنىڭ قېلىن دېتى ئۇنىڭدىن كەتمىدى؛ شۇڭا ئۇنىڭ دېتى ئوتتا تۇرىۋەرسۇن! | 12 |
Uning ⱪilƣan awariqilikliri Meni upratti; Lekin uning ⱪelin deti uningdin kǝtmidi; Xunga uning deti otta turiwǝrsun!
سېنىڭ پاسكىنىچىلىكىڭدە بۇزۇق پاھىشىلىك باردۇر؛ مەن سېنى پاكىزلىماقچى بولدۇم، لېكىن سەن پاسكىنىچىلىقتىن پاكىزلاندۇرۇلمايمەن دېدىڭ؛ ئەمدى قەھرىمنى ئۈستۈڭگە تۆكۈپ توختاتمىغۇچە سەن پاسكىنىچىلىقتىن پاكىزلاندۇرۇلمايسەن. | 13 |
Sening paskiniqilikingdǝ buzuⱪ paⱨixilik bardur; Mǝn seni pakizlimaⱪqi boldum, lekin sǝn paskiniqiliⱪtin pakizlandurulmaymǝn deding; ǝmdi ⱪǝⱨrimni üstünggǝ tɵküp tohtatmiƣuqǝ sǝn paskiniqiliⱪtin pakizlandurulmaysǝn.
مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلدىم؛ ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، مەن ئۇنى ئادا قىلىمەن؛ مەن نە بۇنىڭدىن يانمايمەن، نە ھېچ ساڭا ئىچىمنى ئاغرىتمايمەن، نە ئۇنىڭدىن ئۆكۈنمەيمەن؛ ئۇلار سېنىڭ يوللىرىڭ ۋە قىلمىشلىرىڭ بويىچە ئۈستۈڭگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايدۇ ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 14 |
Mǝnki Pǝrwǝrdigar xundaⱪ sɵz ⱪildim; u ǝmǝlgǝ axurulidu, Mǝn uni ada ⱪilimǝn; Mǝn nǝ buningdin yanmaymǝn, nǝ ⱨeq sanga iqimni aƣritmaymǝn, nǝ uningdin ɵkünmǝymǝn; ular sening yolliring wǝ ⱪilmixliring boyiqǝ üstünggǝ ⱨɵküm qiⱪirip jazalaydu — dǝydu Rǝb Pǝrwǝrdigar.
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ | 15 |
Wǝ Pǝrwǝrdigarning sɵzi manga kelip xundaⱪ deyildi: —
«ئى ئىنسان ئوغلى، مەن سېنىڭ سۆيۈملۈك كۆز قارىچۇقۇڭنى بىر ئۇرۇش بىلەن سەندىن ئېلىپ كېتىمەن؛ بىراق سەن ھېچ ماتەم تۇتما، ھېچ يىغلىما، ھېچ كۆز يېشى قىلما؛ | 16 |
«I insan oƣli, Mǝn sening sɵyümlük kɵz ⱪariquⱪungni bir urux bilǝn sǝndin elip ketimǝn; biraⱪ sǝn ⱨeq matǝm tutma, ⱨeq yiƣlima, ⱨeq kɵz yexi ⱪilma;
سۈكۈت ئىچىدە ئۇھ-زار تارتىسەن؛ ئۆلگۈچى ئۈچۈن ھېچ ھازا تۇتما؛ سەللەڭنى بېشىڭغا ئوراپ، كەشلىرىڭنى پۇتۇڭغا باغلىغىن؛ يۈزۈڭنىڭ تۆۋىنىنى يېپىۋەتمە، ئادەملەر ئېپبەرگەن ناندىن يېمە». | 17 |
süküt iqidǝ uⱨ-zar tartisǝn; ɵlgüqi üqün ⱨeq ⱨaza tutma; sǝllǝngni bexingƣa orap, kǝxliringni putungƣa baƣliƣin; yüzüngning tɵwinini yepiwǝtmǝ, adǝmlǝr epbǝrgǝn nandin yemǝ».
شۇنىڭ بىلەن مەن ئەتىگەندە خەلقكە سۆز قىلدىم؛ كەچقۇرۇندا ئايالىم ئۆلدى. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە مەن بۇيرۇلغىنى بويىچە ئىش قىلدىم. | 18 |
Xuning bilǝn Mǝn ǝtigǝndǝ hǝlⱪkǝ sɵz ⱪildim; kǝqⱪurunda ayalim ɵldi. Ikkinqi küni ǝtigǝndǝ mǝn buyrulƣini boyiqǝ ix ⱪildim.
ئەمدى خالايىق ماڭا: «سېنىڭ بۇ قىلغان ئىشلىرىڭنىڭ نېمىنى كۆرسەتكەنلىكىنى دېمەمسەن؟» دېدى. | 19 |
Əmdi halayiⱪ manga: «Sening bu ⱪilƣan ixliringning nemini kɵrsǝtkǝnlikini demǝmsǝn?» dedi.
مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ | 20 |
Mǝn ularƣa mundaⱪ dedim: — Pǝrwǝrdigarning sɵzi manga kelip xundaⱪ deyildi: —
ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن ئۆز مۇقەددەس جايىمنى، يەنى سەن پەخىرلەنگەن كۈچ-تايانچىڭنى، كۆزۈڭلارنى خۇشال قىلغۇچى، جېنىڭلار تەشنا بولغان نەرسىنى بۇلغاي دەۋاتىمەن؛ سىلەرنىڭ كەينىڭلاردا قالغان قىز-ئوغۇللار قىلىچ بىلەن يوقىلىدۇ. | 21 |
Israil jǝmǝtigǝ mundaⱪ degin: — Rǝb Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — «Mǝn Ɵz muⱪǝddǝs jayimni, yǝni sǝn pǝhirlǝngǝn küq-tayanqingni, kɵzünglarni huxal ⱪilƣuqi, jeninglar tǝxna bolƣan nǝrsini bulƣay dǝwatimǝn; silǝrning kǝyninglarda ⱪalƣan ⱪiz-oƣullar ⱪiliq bilǝn yoⱪilidu.
شۇ تاپتا سىلەر مەن [ئەزاكىيال] ھازىر قىلغىنىمدەك قىلىسىلەر؛ سىلەر يۈزۈڭلارنىڭ تۆۋىنىنى ياپمايسىلەر، ئادەملەر ئېپبەرگەن ناندىن يېمەيسىلەر؛ | 22 |
Xu tapta silǝr Mǝn [Əzakiyal] ⱨazir ⱪilƣinimdǝk ⱪilisilǝr; silǝr yüzünglarning tɵwinini yapmaysilǝr, adǝmlǝr epbǝrgǝn nandin yemǝysilǝr;
سەللەڭلار بېشىڭلاردا، كەشىڭلار ئاياغلىرىڭدا بولىۋېرىدۇ؛ سىلەر ھېچ ماتەم تۇتمايسىلەر ياكى ھېچ يىغلىمايسىلەر؛ سىلەر قەبىھلىكلىرىڭلار ئىچىدە سولىشىپ، بىر-بىرىڭلارغا قارىشىپ ئۇھ-زار تارتىسىلەر. | 23 |
sǝllǝnglar bexinglarda, kǝxinglar ayaƣliringda boliweridu; silǝr ⱨeq matǝm tutmaysilǝr yaki ⱨeq yiƣlimaysilǝr; silǝr ⱪǝbiⱨlikliringlar iqidǝ solixip, bir-biringlarƣa ⱪarixip uⱨ-zar tartisilǝr.
شۇنداق قىلىپ ئەزاكىيالنىڭ ئۆزى سىلەرگە بېشارەت بولىدۇ؛ ئۇ قانداق قىلغان بولسا، سىلەر شۇنداق قىلىسىلەر؛ بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندا، سىلەر مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. | 24 |
Xundaⱪ ⱪilip Əzakiyalning ɵzi silǝrgǝ bexarǝt bolidu; u ⱪandaⱪ ⱪilƣan bolsa, silǝr xundaⱪ ⱪilisilǝr; bu ix ǝmǝlgǝ axurulƣanda, silǝr Mening Rǝb Pǝrwǝrdigar ikǝnlikimni tonup yetisilǝr.
ــ ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، مەن ئۇلاردىن كۈچ-ئىستىھكامىنى، ئۇلار پەخرىلەنگەن گۈزەك گۆھرىنى، سۆيۈملۈك كۆز قارىچۇقلىرىنى، جان-جېگىرى بولغان قىز-ئوغۇللىرىنى ئۇلاردىن مەھرۇم قىلىدىغان كۈنىدە، | 25 |
— Wǝ sǝn, i insan oƣli, Mǝn ulardin küq-istiⱨkamini, ular pǝhrilǝngǝn güzǝk gɵⱨrini, sɵyümlük kɵz ⱪariquⱪlirini, jan-jegiri bolƣan ⱪiz-oƣullirini ulardin mǝⱨrum ⱪilidiƣan künidǝ,
ــ يەنى شۇ كۈنىدە، ساڭا بۇ خەۋەرنى قۇلىقىڭغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىر قاچقۇن يېنىڭغا كەلمەمدۇ؟ | 26 |
— yǝni xu künidǝ, sanga bu hǝwǝrni ⱪuliⱪingƣa yǝtküzüx üqün bir ⱪaqⱪun yeningƣa kǝlmǝmdu?
شۇ كۈنىدە ئاغزىڭ ئېچىلغان بولىدۇ، سەن بۇ قاچقۇن بىلەن سۆزلىشىسەن، يەنە ھېچ گاچا بولمايسەن؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». | 27 |
Xu künidǝ aƣzing eqilƣan bolidu, sǝn bu ⱪaqⱪun bilǝn sɵzlixisǝn, yǝnǝ ⱨeq gaqa bolmaysǝn; xundaⱪ ⱪilip ular Mening Pǝrwǝrdigar ikǝnlikimni tonup yetidu».