< ئەزاكىيال 23 >
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
Pǝrwǝrdigarning sɵzi manga kelip xundaⱪ deyildi: —
ئى ئىنسان ئوغلى، بىر ئانىدىن تۇغۇلغان ئىككى ئايال بار ئىكەن؛ | 2 |
I insan oƣli, bir anidin tuƣulƣan ikki ayal bar ikǝn;
ئۇلار مىسىر زېمىنىدە پاھىشىلىك قىلغان؛ ئۇلار ياشلىقتا پاھىشىلىك قىلغان؛ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ كۆكسىلىرى مىجىقلىنىپ، قىزلىق ئەمچەك توپچىلىرى سىلانغان. | 3 |
ular Misir zeminidǝ paⱨixilik ⱪilƣan; ular yaxliⱪta paⱨixilik ⱪilƣan; xu yǝrdǝ ularning kɵksiliri mijiⱪlinip, ⱪizliⱪ ǝmqǝk topqiliri silanƣan.
ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى بولسا، چوڭىنىڭ ئوھولاھ، كىچىكىنىڭ ئوھولىباھ ئىدى؛ ئۇلار مېنىڭكى ئىدى؛ ئۇلار ئوغۇل-قىزلارنى تۇغقان. سامارىيە بولسا ئوھولاھ، يېرۇسالېم ئوھولىباھدۇر. | 4 |
Ularning isimliri bolsa, qongining Oⱨolaⱨ, kiqikining Oⱨolibaⱨ idi; ular Meningki idi; ular oƣul-ⱪizlarni tuƣⱪan. Samariyǝ bolsa Oⱨolaⱨ, Yerusalem Oⱨolibaⱨdur.
ئوھولاھ مېنىڭكى بولغان تەقدىردىمۇ يەنە بۇزۇقلۇق قىلغان ــ ئۇ ئاشىقلىرىغا، يەنى قوشنىلىرى بولغان ئاسۇرىيلەرگە پەس ئارزۇ-ھەۋەسلەردە بولغان؛ | 5 |
Oⱨolaⱨ Meningki bolƣan tǝⱪdirdimu yǝnǝ buzuⱪluⱪ ⱪilƣan — u axiⱪliriƣa, yǝni ⱪoxniliri bolƣan Asuriylǝrgǝ pǝs arzu-ⱨǝwǝslǝrdǝ bolƣan;
كۆك كىيىم كىيگەن، ئەمەلدار-ھۆكۈمدارلار، ھەممىسى كېلىشكەن يىگىتلەر، ئاتقا مىنگەن چەۋەندازلار ئىدى. | 6 |
kɵk kiyim kiygǝn, ǝmǝldar-ⱨɵkümdarlar, ⱨǝmmisi kelixkǝn yigitlǝr, atⱪa mingǝn qǝwǝndazlar idi.
ئۇ ئۆز بۇزۇقلۇقىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بېغىشلىغان؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسۇرىيەنىڭ ئېسىلزادىلىرى ئىدى؛ ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى بارلىق قوزغاتقانلار بىلەن ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق مەبۇدلىرى بىلەن ئۇ ئۆزىنى بۇلغىغان. | 7 |
U ɵz buzuⱪluⱪini ularning üstigǝ beƣixliƣan; ularning ⱨǝmmisi Asuriyǝning esilzadiliri idi; ɵz arzu-ⱨǝwǝslirini barliⱪ ⱪozƣatⱪanlar bilǝn wǝ ularning barliⱪ mǝbudliri bilǝn u ɵzini bulƣiƣan.
ئۇ يەنىلا مىسىردا بولغان پاھىشىلىكلىرىدىن ۋاز كەچمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ياشلىقىدا ئاشۇ يەردىكىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى، قىزلىق كۆكسىلىرىنى سىلاپ، ئۆز بۇزۇقلۇقلىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆكتى. | 8 |
U yǝnila Misirda bolƣan paⱨixilikliridin waz kǝqmidi; qünki uning yaxliⱪida axu yǝrdikilǝr uning bilǝn billǝ yatti, ⱪizliⱪ kɵksilirini silap, ɵz buzuⱪluⱪlirini uning üstigǝ tɵkti.
شۇڭا مەن ئۇنى ئۆز ئاشنىلىرىنىڭ، يەنى ئۇنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قوزغاتقان ئاسۇرىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم؛ | 9 |
Xunga Mǝn uni ɵz axnilirining, yǝni uning arzu-ⱨǝwǝslirini ⱪozƣatⱪan Asuriylǝrning ⱪoliƣa tapxurdum;
ئۇلار ئۇنىڭ نومۇسىنى ئاشكارىلاپ، ئۇنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى ئېلىپ كېتىپ، ئۇنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ ئۇ ئاياللار ئارىسىدا [يامان] ئاتاققا قالدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىلىپ جازالاندى. | 10 |
ular uning nomusini axkarilap, uning oƣul-ⱪizlirini elip ketip, uni ⱪiliqlap ɵltürüwǝtti; u ayallar arisida [yaman] ataⱪⱪa ⱪaldi; uning üstigǝ ⱨɵküm qiⱪirilip jazalandi.
ئۇنىڭ سىڭلىسى ئوھولىباھ بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدە ھەدىسىدىن تېخىمۇ بۇزۇق، پاھىشىلىكلىرى ھەدىسىنىڭكىدىن كۆپ بولۇپ كەتتى. | 11 |
Uning singlisi Oⱨolibaⱨ buni kɵrüp turupmu, arzu-ⱨǝwǝsliridǝ ⱨǝdisidin tehimu buzuⱪ, paⱨixilikliri ⱨǝdisiningkidin kɵp bolup kǝtti.
ئۇ ئۆز قوشنىلىرى بولغان ئاسۇرىيلەرگە پەس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قوزغاتقان؛ ئۇلار ئەمەلدار-ھۆكۈمدارلار، ھەشەمەتلىك ساۋۇت، فورمىلارنى كىيگەن، ئاتقا مىنگەن چەۋەندازلار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېلىشكەن يىگىتلەر ئىدى. | 12 |
U ɵz ⱪoxniliri bolƣan Asuriylǝrgǝ pǝs arzu-ⱨǝwǝslǝrni ⱪozƣatⱪan; ular ǝmǝldar-ⱨɵkümdarlar, ⱨǝxǝmǝtlik sawut, formilarni kiygǝn, atⱪa mingǝn qǝwǝndazlar, ularning ⱨǝmmisi kelixkǝn yigitlǝr idi.
مەن ئۇنىڭ بۇلغىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇم؛ ئۇلار ئىككىلىسى بىر يوللۇق ئىدى. | 13 |
Mǝn uning bulƣinip kǝtkǝnlikini kɵrdum; ular ikkilisi bir yolluⱪ idi.
ئۇ ئۇنىڭ پاھىشىلىكلىرىنى ئاشۇردى؛ چۈنكى ئۇ تامدا پەرەڭ بىلەن سۈرەتلەنگەن ئادەملەرنى، يەنى كالدىيلەرنىڭ رەسىملىرىنى كۆردى؛ | 14 |
U uning paⱨixiliklirini axurdi; qünki u tamda pǝrǝng bilǝn sürǝtlǝngǝn adǝmlǝrni, yǝni Kaldiylǝrning rǝsimlirini kɵrdi;
ئۇلارنىڭ بەللىرى پوتىلار بىلەن ئورالغان، بېشىغا قۇيرۇقلۇق سەللىلەر كىيىلگەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەشكەر بېشىدەك، يەنى تۇغۇلغان يۇرتى كالدىيەدىكى بابىللىقلارنىڭ قىياپىتىدە ئىدى. | 15 |
ularning bǝlliri potilar bilǝn oralƣan, bexiƣa ⱪuyruⱪluⱪ sǝllilǝr kiyilgǝn; ularning ⱨǝmmisi lǝxkǝr bexidǝk, yǝni tuƣulƣan yurti Kaldiyǝdiki Babilliⱪlarning ⱪiyapitidǝ idi.
ئۇ شۇئان ئۇلارغا قاراپ ئۇلارنىڭ شەھۋانىي ھەۋسىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئىزدەپ كالدىيەگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن. | 16 |
U xuan ularƣa ⱪarap ularning xǝⱨwaniy ⱨǝwsini ⱪozƣiƣan, xuning bilǝn ularni izdǝp Kaldiyǝgǝ ǝlqilǝrni ǝwǝtkǝn.
شۇنىڭ بىلەن بابىللىقلار ئۇنىڭغا، يەنى ئۇنىڭ ئاشنىلىق ئورۇن-كۆرپىلىرىگە يېقىن كېلىپ، ئۇنى ئۆز زىنالىرى بىلەن بۇلغىغان؛ ئۇ ئۆزىنى ئۇلار بىلەن بىللە بۇلغىغاندىن كېيىن ئۇلاردىن بىزار بولدى. | 17 |
Xuning bilǝn Babilliⱪlar uningƣa, yǝni uning axniliⱪ orun-kɵrpilirigǝ yeⱪin kelip, uni ɵz zinaliri bilǝn bulƣiƣan; u ɵzini ular bilǝn billǝ bulƣiƣandin keyin ulardin bizar boldi.
ئۇ ئۆز بۇزۇقلۇقلىرىنى ئوچۇق قىلىپ، نومۇسىنى ئاشكارىلىشى بىلەن، جېنىم ھەدىسىدىن يىرگەنگەندەك ئۇنىڭدىنمۇ يىرگەندى. | 18 |
U ɵz buzuⱪluⱪlirini oquⱪ ⱪilip, nomusini axkarilixi bilǝn, jenim ⱨǝdisidin yirgǝngǝndǝk uningdinmu yirgǝndi.
بىراق ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ياشلىق كۈنلىرىنى، يەنى مىسىر زېمىنىدا بۇزۇقلۇق پاھىشىلىك قىلغان كۈنلىرىنى ئېسىگە كەلتۈرۈپ ئۆز بۇزۇقلۇقلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتتى. | 19 |
Biraⱪ u yǝnǝ ɵzining yaxliⱪ künlirini, yǝni Misir zeminida buzuⱪluⱪ paⱨixilik ⱪilƣan künlirini esigǝ kǝltürüp ɵz buzuⱪluⱪlirini tehimu kɵpǝytti.
ئۇنىڭ ئەرلىكى ئېشەك مەدەكلىرىدەك، مەنىيسى ئاتلارنىڭكىدەك بولغان بابىلنىڭ پاھىشىۋاز ئەركەكلىرىگە قاراپ ھەۋەسلىرى قوزغالدى. | 20 |
Uning ǝrliki exǝk mǝdǝkliridǝk, mǝniysi atlarningkidǝk bolƣan Babilning paⱨixiwaz ǝrkǝklirigǝ ⱪarap ⱨǝwǝsliri ⱪozƣaldi.
سەن ياشلىقىڭدىكى بۇزۇقلۇقلىرىڭغا، يەنى ياشلىقىڭدا مىسىرلىقلارنىڭ ئەمچەكلىرىڭنى سىلىغىنىغا يەنە تەشنا بولۇپ تەلمۈردۇڭ. | 21 |
Sǝn yaxliⱪingdiki buzuⱪluⱪliringƣa, yǝni yaxliⱪingda Misirliⱪlarning ǝmqǝkliringni siliƣiniƣa yǝnǝ tǝxna bolup tǝlmürdung.
شۇڭا، ئى ئوھولىباھ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ مانا، مەن جېنىڭ ھازىر بىزار بولغان ئاشنىلىرىڭنى ئۆزۈڭگە قارشى قوزغىتىمەن، ئۇلارنى سەن بىلەن قارشىلىشىشقا ھەممە تەرىپىڭدىن ئېلىپ كېلىمەن؛ | 22 |
Xunga, i Oⱨolibaⱨ, — dǝydu Rǝb Pǝrwǝrdigar — Mana, Mǝn jening ⱨazir bizar bolƣan axniliringni ɵzünggǝ ⱪarxi ⱪozƣitimǝn, ularni sǝn bilǝn ⱪarxilixixⱪa ⱨǝmmǝ tǝripingdin elip kelimǝn;
بابىللىقلار، بارلىق كالدىيلەر، پېكودلار، شوئالار، كوئاللار ھەمدە ئاسۇرىيلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار بىلەن تەڭ قوزغايمەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېلىشكەن يىگىتلەر، ئەمەلدار-ھۆكۈمدارلار، ئۇلۇغ بەگلەر ۋە جانابلار، ھەممىسى ئاتقا مىنگەن چەۋەندازلاردۇر؛ | 23 |
Babilliⱪlar, barliⱪ Kaldiylǝr, Pekodlar, Xoalar, Koallar ⱨǝmdǝ Asuriylǝrning ⱨǝmmisini ular bilǝn tǝng ⱪozƣaymǝn; ularning ⱨǝmmisi kelixkǝn yigitlǝr, ǝmǝldar-ⱨɵkümdarlar, uluƣ bǝglǝr wǝ janablar, ⱨǝmmisi atⱪa mingǝn qǝwǝndazlardur;
ئۇلار قورال-ياراقلار، جەڭ ھارۋىلىرى، يۈك ھارۋىلىرى ھەم زور بىر توپ خەلقلەر بىلەن ساڭا قارشى چىقىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەممە تەرىپىڭدە سىپار-قالقانلار ۋە دۇبۇلغالارنى كىيىپ ساڭا قارشى سەپراس بولىدۇ؛ بېشىڭغا چۈشىدىغان تېگىشلىك جازانى ئۇلارغا تاپشۇرىمەن، ئۇلار ئۆز ھۆكۈملىرى بويىچە جازالايدۇ. | 24 |
ular ⱪoral-yaraⱪlar, jǝng ⱨarwiliri, yük ⱨarwiliri ⱨǝm zor bir top hǝlⱪlǝr bilǝn sanga ⱪarxi qiⱪidu; ular ɵzlirini ⱨǝmmǝ tǝripingdǝ sipar-ⱪalⱪanlar wǝ dubulƣalarni kiyip sanga ⱪarxi sǝpras bolidu; bexingƣa qüxidiƣan tegixlik jazani ularƣa tapxurimǝn, ular ɵz ⱨɵkümliri boyiqǝ jazalaydu.
مەن مۇقەددەسلىكىمدىن چىققان غەزەپنى ساڭا قارىتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قەھر بىلەن سېنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئۇلار سېنىڭ بۇرنۇڭ ۋە قۇلاقلىرىڭنى كېسىۋېتىدۇ؛ سەندىن ئاخىرقى قالغانلار قىلىچلىنىدۇ؛ ئۇلار ئوغۇل-قىزلىرىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ، سەندىن يەنىلا قالغانلار ئوتتا يۇتۇۋېتىلىدۇ. | 25 |
Mǝn muⱪǝddǝslikimdin qiⱪⱪan ƣǝzǝpni sanga ⱪaritimǝn; xuning bilǝn ular ⱪǝⱨr bilǝn seni bir tǝrǝp ⱪilidu. Ular sening burnung wǝ ⱪulaⱪliringni kesiwetidu; sǝndin ahirⱪi ⱪalƣanlar ⱪiliqlinidu; ular oƣul-ⱪizliringni elip ketidu, sǝndin yǝnila ⱪalƣanlar otta yutuwetilidu.
ئۇلار سەندىن كىيىم-كېچەكلىرىڭنى ئېلىۋېلىپ، گۈزەل زىبۇ-زىننەتلىرىڭنى بۇلايدۇ. | 26 |
Ular sǝndin kiyim-keqǝkliringni eliwelip, güzǝl zibu-zinnǝtliringni bulaydu.
شۇنىڭ بىلەن مەن سەندە مىسىر زېمىنىدا باشلانغان بۇزۇقلۇقلىرىڭنى ۋە پاھىشىلىكلىرىڭنى توختىتىمەن؛ سەن بۇ ئىشلارغا يەنە تەلمۈرمەيسەن، مىسىرنى قايتا ئەسلىمەيسەن. | 27 |
Xuning bilǝn Mǝn sǝndǝ Misir zeminida baxlanƣan buzuⱪluⱪliringni wǝ paⱨixilikliringni tohtitimǝn; sǝn bu ixlarƣa yǝnǝ tǝlmürmǝysǝn, Misirni ⱪayta ǝslimǝysǝn.
ــ چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سېنى ئۆزۈڭ نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ قولىغا، يەنى جېنىڭ يىرگەنگەنلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ | 28 |
— Qünki Rǝb Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Mana, Mǝn seni ɵzüng nǝprǝtlǝngǝnlǝrning ⱪoliƣa, yǝni jening yirgǝngǝnlǝrning ⱪoliƣa tapxurimǝn;
ئۇلار سېنى ئۆچمەنلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، بارلىق ئەجىرلىرىڭنى ئېلىپ كېتىپ، سېنى تۇغما-يالىڭاچ قالدۇرۇپ، پاھىشىلىكلىرىڭنىڭ نومۇسىنى ئاشكارىلايدۇ. سەن ئەللەر بىلەن پاھىشىلىك قىلغانلىقىڭ، ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى بىلەن ئۆزۈڭنى بۇلغىغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، سېنىڭ بۇزۇقلۇقلىرىڭ ھەم پاھىشىلىكلىرىڭ بۇلارنى بېشىڭغا چۈشۈردى. | 29 |
ular seni ɵqmǝnlik bilǝn bir tǝrǝp ⱪilip, barliⱪ ǝjirliringni elip ketip, seni tuƣma-yalingaq ⱪaldurup, paⱨixilikliringning nomusini axkarilaydu. Sǝn ǝllǝr bilǝn paⱨixilik ⱪilƣanliⱪing, ularning mǝbudliri bilǝn ɵzüngni bulƣiƣanliⱪing tüpǝylidin, sening buzuⱪluⱪliring ⱨǝm paⱨixilikliring bularni bexingƣa qüxürdi.
ھەدەڭنىڭ يولىدا ئۆزۈڭ ماڭغانسەن؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭدىكى قەدەھنى سېنىڭ قولۇڭغىمۇ تۇتقۇزدۇم. | 31 |
Ⱨǝdǝngning yolida ɵzüng mangƣansǝn; xunga Mǝn uningdiki ⱪǝdǝⱨni sening ⱪolungƣimu tutⱪuzdum.
ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھەدەڭنىڭ قەدەھىنى، چوڭقۇر ۋە چوڭ بىر قەدەھنى سەنمۇ ئىچىسەن؛ سەن رەسۋا بولۇپ مازاق قىلىنىسەن، چۈنكى ئۇنىڭ ھەجىمى چوڭدۇر؛ | 32 |
— Rǝb Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Ⱨǝdǝngning ⱪǝdǝⱨini, qongⱪur wǝ qong bir ⱪǝdǝⱨni sǝnmu iqisǝn; sǝn rǝswa bolup mazaⱪ ⱪilinisǝn, qünki uning ⱨǝjimi qongdur;
سەن دەھشەتلىك ۋە ھالاكەت قەدەھى، يەنى ھەدەڭ سامارىيەنىڭ قەدەھى بىلەن مەستلىك ھەم دەرد-ئەلەمگە تولدۇرۇلىسەن؛ | 33 |
sǝn dǝⱨxǝtlik wǝ ⱨalakǝt ⱪǝdǝⱨi, yǝni ⱨǝdǝng Samariyǝning ⱪǝdǝⱨi bilǝn mǝstlik ⱨǝm dǝrd-ǝlǝmgǝ toldurulisǝn;
سەن ئۇنى ئىچىۋېتىپ يەنە يالايسەن، ھەتتا ئۇنىڭ پارچىلىرىنىمۇ غاجىلايسەن، ئاندىن كۆكسىلىرىڭنىمۇ يۇلۇپ تاشلايسەن؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلدىم، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 34 |
sǝn uni iqiwetip yǝnǝ yalaysǝn, ⱨǝtta uning parqilirinimu ƣajilaysǝn, andin kɵksiliringnimu yulup taxlaysǝn; qünki Mǝn xundaⱪ sɵz ⱪildim, dǝydu Rǝb Pǝrwǝrdigar.
شۇنىڭ ئۈچۈن رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سەن مېنى ئۇنتۇپ ئارقاڭغا تاشلىۋەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن، شۇڭا ئۆز بۇزۇقلۇقۇڭ ھەم پاھىشىلىكلىرىڭنىڭ جازاسىنى كۆتۈرىسەن. | 35 |
Xuning üqün Rǝb Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Qünki sǝn Meni untup arⱪangƣa taxliwǝtkǝnliking üqün, xunga ɵz buzuⱪluⱪung ⱨǝm paⱨixilikliringning jazasini kɵtürisǝn.
ۋە پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، سەن ئوھولاھ ۋە ئوھولىباماھ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرامسەن؟ ئەمدى ئۇلارغا ئۆز يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى ئايان قىلىپ كۆرسەتكىن. | 36 |
Wǝ Pǝrwǝrdigar manga mundaⱪ dedi: — I insan oƣli, sǝn Oⱨolaⱨ wǝ Oⱨolibamaⱨ üstigǝ ⱨɵküm qiⱪiramsǝn? Əmdi ularƣa ɵz yirginqlik ⱪilmixlirini ayan ⱪilip kɵrsǝtkin.
چۈنكى ئۇلار بۇزۇقلۇق قىلدى؛ قوللىرى قان بولدى؛ ئۇلار ئۆز بۇتلىرى بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماڭا تۇغقان ئۆز بالىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئوزۇقى سۈپىتىدە قۇربانلىق قىلىپ ئۆتكۈزۈپ بېغىشلىدى. | 37 |
Qünki ular buzuⱪluⱪ ⱪildi; ⱪolliri ⱪan boldi; ular ɵz butliri bilǝn buzuⱪluⱪ ⱪilip, uning üstigǝ Manga tuƣⱪan ɵz balilirini ularning ozuⱪi süpitidǝ ⱪurbanliⱪ ⱪilip ɵtküzüp beƣixlidi.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ماڭا شۇنداق ئىش قىلغانكى، ئوخشاش بىر كۈندە ئۇلار مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى بۇلغاپ، «شابات كۈن»لىرىمنى بۇزغان. | 38 |
Uning üstigǝ ular Manga xundaⱪ ix ⱪilƣanki, ohxax bir kündǝ ular Mening muⱪǝddǝs jayimni bulƣap, «xabat kün»lirimni buzƣan.
چۈنكى ئۇلار ئۆز بالىلىرىمنى بۇتلىرىغا سويغان چاغدا، ئۇلار ئوخشاش بىر كۈندە مۇقەددەس جايىمنى بۇلغاشقا كىردى؛ مانا، ئۇلار مېنىڭ ئۆيۈم ئوتتۇرىسىدا شۇنداق قىلغان. | 39 |
Qünki ular ɵz balilirimni butliriƣa soyƣan qaƣda, ular ohxax bir kündǝ muⱪǝddǝs jayimni bulƣaxⱪa kirdi; mana, ular Mening ɵyüm otturisida xundaⱪ ⱪilƣan.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەملەرنى يىراقتىن چاقىردى، ئۇلارنى ئېلىپ كېلىشكە ئەلچى ئەۋەتتى؛ مانا، ئۇلار كەلدى؛ سەن ئۇلارنى دەپ يۇيۇنۇپ، كۆز-قاشلىرىڭغا ئوسما قويۇپ، ئۆزۈڭنى زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن پەردازلىدىڭ؛ | 40 |
Uning üstigǝ adǝmlǝrni yiraⱪtin qaⱪirdi, ularni elip kelixkǝ ǝlqi ǝwǝtti; mana, ular kǝldi; sǝn ularni dǝp yuyunup, kɵz-ⱪaxliringƣa osma ⱪoyup, ɵzüngni zibu-zinnǝtlǝr bilǝn pǝrdazliding;
ھەشەمەتلىك بىر دىۋاندا ئولتۇردۇڭ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئۈستىگە مېنىڭ خۇشبۇيۇم ھەم زەيتۇن مېيىم قويۇلغان داستىخاننى قويدۇڭ؛ | 41 |
ⱨǝxǝmǝtlik bir diwanda olturdung, uning aldiƣa üstigǝ Mening huxbuyum ⱨǝm zǝytun meyim ⱪoyulƣan dastihanni ⱪoydung;
غەمسىز يۈرگەن بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭدا ئاڭلاندى؛ چۈپرەندە ئادەملەر بىلەن بىللە چۆل-باياۋاندىن سېبائىيلارمۇ ئېلىپ كېلىندى؛ ئۇلار [ھەدە-سىڭىلنىڭ] قوللىرىغا بىلەزۈكلەر، بېشىغا چىرايلىق تاجلارنى سالدى. | 42 |
ƣǝmsiz yürgǝn bir top kixilǝrning awazi uningda anglandi; qüprǝndǝ adǝmlǝr bilǝn billǝ qɵl-bayawandin Sebaiylarmu elip kelindi; ular [ⱨǝdǝ-singilning] ⱪolliriƣa bilǝzüklǝr, bexiƣa qirayliⱪ tajlarni saldi.
ئەمدى مەن زىنا-بۇزۇقلۇقلار بىلەن ئۇپراپ قېرىغان پاھىشە توغرۇلۇق: «ئۇلار ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىۋەرسۇن؛ چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن [پاھىشە]» ــ دېدىم. | 43 |
Əmdi Mǝn zina-buzuⱪluⱪlar bilǝn uprap ⱪeriƣan paⱨixǝ toƣruluⱪ: «Ular ǝmdi uning bilǝn buzuⱪluⱪ ⱪiliwǝrsun; qünki u ⱨǝⱪiⱪǝtǝn [paⱨixǝ]» — dedim.
ــ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاھىشە ئايالغا يېقىنلاشقاندەك ئۇنىڭغا يېقىن بېرىپ بىللە ياتتى؛ ئۇلار شۇنداق قىلىپ ئوھولاھ ۋە ئوھولىباماھ بۇ ئىككى بۇزۇق ئايالغا يېقىنلىشىپ بىللە ياتتى. | 44 |
— Xuning bilǝn ular paⱨixǝ ayalƣa yeⱪinlaxⱪandǝk uningƣa yeⱪin berip billǝ yatti; ular xundaⱪ ⱪilip Oⱨolaⱨ wǝ Oⱨolibamaⱨ bu ikki buzuⱪ ayalƣa yeⱪinlixip billǝ yatti.
بىراق ھەققانىي ئادەملەر ئۇلارنى زىناخور ئاياللارنى ۋە قان تۆككۈچى ئاياللارنى جازالىغانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار زىناخور ئاياللار، ئۇلارنىڭ قوللىرى قاندۇر. | 45 |
Biraⱪ ⱨǝⱪⱪaniy adǝmlǝr ularni zinahor ayallarni wǝ ⱪan tɵkküqi ayallarni jazaliƣanƣa ohxax, ularning üstigǝ ⱨɵküm qiⱪirip jazalaydu; qünki ular zinahor ayallar, ularning ⱪolliri ⱪandur.
چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بىر توپ ئادەملەرنى ئۇلارغا قارشى چىقىرىپ ئېلىپ كېلىمەن، ئۇلارنى ھەريانغا ھەيدىۋېتىشكە ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىشقا تاپشۇرىمەن. | 46 |
Qünki Rǝb Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Bir top adǝmlǝrni ularƣa ⱪarxi qiⱪirip elip kelimǝn, ularni ⱨǝryanƣa ⱨǝydiwetixkǝ wǝ bulangqiliⱪ ⱪilixⱪa tapxurimǝn.
بۇ توپ كىشىلەر ئۇلارنى تاشلار بىلەن چالما-كېسەك قىلىپ، قىلىچلىرى بىلەن چېپىپ سويىدۇ؛ ئۇلار ئۇلارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ، ئۆيلىرىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرىۋېتىدۇ. | 47 |
Bu top kixilǝr ularni taxlar bilǝn qalma-kesǝk ⱪilip, ⱪiliqliri bilǝn qepip soyidu; ular ularning oƣul-ⱪizlirini ɵltüridu, ɵylirini ot bilǝn kɵydüriwetidu.
شۇنىڭ بىلەن مەن زېمىندە بۇزۇقلۇققا خاتىمە بېرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئاياللار سىلەردىن ساۋاق ئېلىپ سىلەرنىڭ بۇزۇقلۇقلىرىڭنى دورىمايدۇ. | 48 |
Xuning bilǝn Mǝn zemindǝ buzuⱪluⱪⱪa hatimǝ berimǝn; xuning bilǝn barliⱪ ayallar silǝrdin sawaⱪ elip silǝrning buzuⱪluⱪliringni dorimaydu.
ئۇلار بۇزۇقلۇقۇڭنى ئۆز بېشىڭغا قايتۇرۇپ چۈشۈرىدۇ، ۋە سىلەر مەبۇدلىرىڭلارغا چېتىشلىق بولغان گۇناھلارنى كۆتۈرىسىلەر؛ سىلەر مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. | 49 |
Ular buzuⱪluⱪungni ɵz bexingƣa ⱪayturup qüxüridu, wǝ silǝr mǝbudliringlarƣa qetixliⱪ bolƣan gunaⱨlarni kɵtürisilǝr; silǝr Mening Rǝb Pǝrwǝrdigar ikǝnlikimni tonup yetisilǝr.