< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 23 >
پاۋلۇس ئالىي كېڭەشمە ھەيئەتلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ: قېرىنداشلار، مەن بۈگۈنگىچە خۇدانىڭ ئالدىدا پاك ۋىجداندا مېڭىپ كەلدىم، ــ دېدى. | 1 |
Paul looked directly at the Sanhedrin and said, “Brothers, I have conducted myself before God in all good conscience to this day.”
بۇنى ئاڭلىغان باش كاھىن ئانانىياس [پاۋلۇسنىڭ] يېنىدا تۇرغانلارغا ئۇنىڭ ئاغزىغا ئۇرۇشنى بۇيرۇدى. | 2 |
At this, the high priest Ananias ordered those standing near Paul to strike him on the mouth.
پاۋلۇس ئۇنىڭغا: ــ خۇدا سېنى ئۇرىدۇ، ئەي ئاقارتىلغان تام! سەن ئۇ يەردە مېنى تەۋرات قانۇنى بويىچە سوراققا تارتىشقا ئولتۇرىسەن، لېكىن تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ھالدا مېنى ئۇرۇڭلار دەپ بۇيرۇدىڭغۇ؟! ــ دېدى. | 3 |
Then Paul said to him, “God will strike you, you whitewashed wall! You sit here to judge me according to the law, yet you yourself violate the law by commanding that I be struck.”
ــ سەن خۇدانىڭ باش كاھىنىغا ئاشۇنداق ھاقارەت كەلتۈرەمسەن؟! ــ دېيىشتى يېنىدا تۇرغانلار. | 4 |
But those standing nearby said, “How dare you insult the high priest of God!”
پاۋلۇس: ــ ئى قېرىنداشلار، مەن ئۇنىڭ باش كاھىن ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن. چۈنكى تەۋراتتا: «خەلقىڭنى ئىدارە قىلغۇچىنىڭ يامان گېپىنى قىلما!» دېيىلگەن، ــ دېدى. | 5 |
“Brothers,” Paul replied, “I was not aware that he was the high priest, for it is written: ‘Do not speak evil about the ruler of your people.’”
لېكىن پاۋلۇس ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ سادۇقىي، يەنە بىر قىسمىنىڭ پەرىسىيلەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئالىي كېڭەشمىدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ قېرىنداشلار، مەن بولسام پەرىسىيلەردىن بولىمەن ۋە پەرىسىيلەرنىڭ پەرزەنتىمەن. مەن ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلىشقا باغلىغان ئۈمىد توغرۇلۇق بۇ يەردە سوراققا تارتىلىۋاتىمەن! ــ دەپ ۋارقىرىدى. | 6 |
Then Paul, knowing that some of them were Sadducees and others Pharisees, called out in the Sanhedrin, “Brothers, I am a Pharisee, the son of a Pharisee. It is because of my hope in the resurrection of the dead that I am on trial.”
ئۇ بۇ سۆزنى دېيىشى بىلەنلا، پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلار ئارىسىدا جېدەل-غوۋغا قوزغىلىپ، كېڭەشمىدىكىلەر ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى | 7 |
As soon as he had said this, a dispute broke out between the Pharisees and Sadducees, and the assembly was divided.
(چۈنكى سادۇقىيلار ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشى، ياكى پەرىشتە ياكى روھلار مەۋجۇت ئەمەس، دەيدۇ. لېكىن پەرىسىيلەر ھەممىسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ). | 8 |
For the Sadducees say that there is neither a resurrection, nor angels, nor spirits, but the Pharisees acknowledge them all.
بۇنىڭ بىلەن قاتتىق بىر چۇقان-سۈرەن كۆتۈرۈلۈپ، پەرىسىي تەرەپدارى بولغان بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ: ــ بىز بۇ ئادەمدىن ھېچقانداق ئەيىب تاپالمىدۇق! بىر روھ ياكى پەرىشتە ئۇنىڭغا سۆز قىلغان بولسا نېمە بوپتۇ! ــ دەپ، قاتتىق مۇنازىرىلەشتى. | 9 |
A great clamor arose, and some scribes from the party of the Pharisees got up and contended sharply, “We find nothing wrong with this man. What if a spirit or an angel has spoken to him?”
چۇقان-سۈرەن تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەچكە، مىڭبېشى [يەھۇدىيلارنىڭ] پاۋلۇسنى تارتىشتۇرۇپ تىتما-تىتما قىلىۋېتىشىدىن قورقۇپ، قىسىمغا زالغا چۈشۈپ ئۇنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن زورلۇق بىلەن تارتىپ چىقىپ، قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشىنى بۇيرۇدى. | 10 |
The dispute grew so violent that the commander was afraid they would tear Paul to pieces. He ordered the soldiers to go down and remove him by force and bring him into the barracks.
شۇ كۈنى كېچىسى، رەب پاۋلۇسنىڭ يېنىدا تۇرۇپ: ــ جاسارەتلىك بول! چۈنكى يېرۇسالېمدا مەن توغرامدىكى ئىشلارغا تولۇق گۇۋاھلىق بەرگىنىڭدەك، رىم شەھىرىدىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق قىلىشىڭ مۇقەررەر بولىدۇ! ــ دېدى. | 11 |
The following night the Lord stood near Paul and said, “Take courage! As you have testified about Me in Jerusalem, so also you must testify in Rome.”
ئەتىسى ئەتىگەندە، يەھۇدىيلار پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلەپ، ئۇنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچنەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دەپ ئۆزلىرىگە لەنىتى بىر قەسەمنى قىلىشتى. | 12 |
When daylight came, the Jews formed a conspiracy and bound themselves with an oath not to eat or drink until they had killed Paul.
بۇ سۇيىقەست قەسىمىنى ئىچكەنلەر قىرىق نەچچە كىشى ئىدى. | 13 |
More than forty of them were involved in this plot.
ئۇلار باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ بىز پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچنەرسە تېتىماسلىققا قاتتىق قەسەم ئىچتۇق. | 14 |
They went to the chief priests and elders and said, “We have bound ourselves with a solemn oath not to eat anything until we have killed Paul.
ھازىر سىلەر ۋە ئالىي كېڭەشمە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈشنى باھانە قىلىپ، ۋەكىل ئەۋىتىپ ئۇنى كېڭەشمىگە ئېلىپ كېلىشنى مىڭبېشىدىن تەلەپ قىلىڭلار. ئۇ بۇ يەرگە يېقىن كەلمەيلا ئۇنى جايلىۋېتىشكە تەييار تۇرىمىز، ــ دېدى. | 15 |
Now then, you and the Sanhedrin petition the commander to bring him down to you on the pretext of examining his case more carefully. We are ready to kill him on the way.”
لېكىن پاۋلۇسنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئوغلى بۆكتۈرمىدىن خەۋەر تېپىپ قەلئەگە كىرىپ، پاۋلۇسقا مەلۇم قىلىپ قويدى. | 16 |
But when the son of Paul’s sister heard about the plot, he went into the barracks and told Paul.
بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس يۈزبېشىلىرىدىن بىرىنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: ــ بۇ بالىنى مىڭبېشى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويسىڭىز. چۈنكى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلىدىغان ئىشى بار ئىكەن، ــ دېدى. | 17 |
Then Paul called one of the centurions and said, “Take this young man to the commander; he has something to tell him.”
يۈزبېشى ئۇنى ئېلىپ مىڭبېشىنىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرىپ: ــ مەھبۇس پاۋلۇس مېنى چاقىرتىپ، بۇ بالىنى سىز بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويۇشۇمنى تەلەپ قىلدى. چۈنكى ئۇنىڭ سىزگە مەلۇم قىلىدىغان ئىشى بار ئىكەن، ــ دېدى. | 18 |
So the centurion took him to the commander and said, “Paul the prisoner sent and asked me to bring this young man to you. He has something to tell you.”
مىڭبېشى ئۇنى قولىدىن تۇتۇپ، بىر چەتكە تارتىپ: ــ ماڭا مەلۇم قىلىدىغان نېمە ئىشىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى. | 19 |
The commander took the young man by the hand, drew him aside, and asked, “What do you need to tell me?”
ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ يەھۇدىيلار پاۋلۇسنىڭ ئىشلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرەيلى دەپ سەۋەب كۆرسىتىپ ئۆزلىرىدىن ئەتە ئۇنى ئالىي كېڭەشمىگە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن تىل بىرىكتۈرۈشتى. | 20 |
He answered, “The Jews have agreed to ask you to bring Paul to the Sanhedrin tomorrow on the pretext of acquiring more information about him.
ئۇلارغا قايىل بولمىغايلا، چۈنكى قىرىقتىن ئارتۇق ئادەم ئۇنى پايلاپ تۇرىدۇ. ئۇلار پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچنەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دېگەن قارغىش قەسىمىگە باغلىنىپتۇ. ئۇلار ھازىر ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولۇشلىرىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. | 21 |
Do not let them persuade you, because more than forty men are waiting to ambush him. They have bound themselves with an oath not to eat or drink until they have killed him; they are ready now, awaiting your consent.”
مىڭبېشى ئۇنىڭغا: ــ بۇ ئىشنى ماڭا مەلۇم قىلغانلىقىڭنى ھېچكىمگە تىنما! ــ دەپ تاپىلاپ، بالىنى قايتۇردى. | 22 |
So the commander dismissed the young man and instructed him, “Do not tell anyone that you have reported this to me.”
مىڭبېشى يۈزبېشىدىن ئىككىنى چاقىرتىپ: ــ ئىككى يۈز پىيادە لەشكەر، يەتمىش ئاتلىق لەشكەر ۋە ئىككى يۈز نەيزىۋاز لەشكەرنى بۈگۈن كېچە سائەت توققۇزدا قەيسەرىيە شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىشقا ھازىرلاڭلار! | 23 |
Then he called two of his centurions and said, “Prepare two hundred soldiers, seventy horsemen, and two hundred spearmen to go to Caesarea in the third hour of the night.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاۋلۇسنى ۋالىي فېلىكسنىڭ يېنىغا ساق-سالامەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ مىنىشىگە ئۇلاغلارنى تەييارلاڭلار! ــ دەپ بۇيرۇدى. | 24 |
Provide mounts for Paul to take him safely to Governor Felix.”
مىڭبېشى [فېلىكسكە] مۇنداق بىر خەت يازدى: ــ | 25 |
And he wrote the following letter:
«ھۆرمەتلىك ۋالىي فېلىكس جانابلىرىغا كلاۋدىيۇس لىسىياستىن سالام! | 26 |
Claudius Lysias, To His Excellency, Governor Felix: Greetings.
ئۇشبۇ ئادەمنى يەھۇدىيلار تۇتۇۋالغان بولۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا، ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىپ، قىسىمنى باشلاپ بېرىپ ئۇنى قۇتقۇزدۇم. | 27 |
This man was seized by the Jews, and they were about to kill him when I came with my troops to rescue him. For I had learned that he is a Roman citizen,
مەن ئۇلارنىڭ بۇ كىشى ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىماقچى بولۇپ، ئۇنى يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىگە ئېلىپ باردىم. | 28 |
and since I wanted to understand their charges against him, I brought him down to their Sanhedrin.
ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەۋرات قانۇنىغا دائىر دەتالاش مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، بىراق ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە ياكى زىندانغا تاشلاشقا لايىق بىرەر شىكايەت قىلغۇدەك ئىشنى تاپالمىدىم. | 29 |
I found that the accusation involved questions about their own law, but there was no charge worthy of death or imprisonment.
كېيىن، يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىش قەستىدە يۈرۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئاخبارات ماڭا مەلۇم قىلىنغاندا، دەرھال ئۇنى سىلىگە يوللاتتىم ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭغا ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا شىكايەتلىرىنى ئېيتىشىنى بۇيرۇدۇم. خەير!». | 30 |
When I was informed that there was a plot against the man, I sent him to you at once. I also instructed his accusers to present their case against him before you.
لەشكەرلەر ئەمدى بۇيرۇق بويىچە پاۋلۇسنى كېچىلەپ ئانتىپاترىس شەھىرىگە يەتكۈزدى. | 31 |
So the soldiers followed their orders and brought Paul by night to Antipatris.
ئەتىسى، ئاتلىق لەشكەرلەر پاۋلۇسنى ئېلىپ مېڭىشقا قالدۇرۇلۇپ، قالغان لەشكەرلەر [يېرۇسالېمدىكى] قەلئەگە قايتىپ كەلدى. | 32 |
The next day they returned to the barracks and let the horsemen go on with him.
ئاتلىقلار قەيسەرىيەگە كىرىپ، خەتنى ۋالىيغا تاپشۇردى ۋە پاۋلۇسنىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ھازىر قىلدى. | 33 |
When the horsemen arrived in Caesarea, they delivered the letter to the governor and presented Paul to him.
ۋالىي خەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، پاۋلۇسنىڭ قايسى ئۆلكىدىن ئىكەنلىكىنى سوراپ، ئۇنىڭ كىلىكىيەدىن كەلگەنلىكىنى بىلىپ، | 34 |
The governor read the letter and asked what province Paul was from. Learning that he was from Cilicia,
ئۇنىڭغا: ــ ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلغۇچىلار كەلگەندە ئىشلىرىڭنى تولۇق ئاڭلايمەن، ــ دېدى ۋە ئۇنى ھېرود خاننىڭ ئوردىسىدا نەزەربەند قىلىپ قويۇشنى بۇيرۇدى. | 35 |
he said, “I will hear your case when your accusers arrive.” Then he ordered that Paul be kept under guard in Herod’s Praetorium.