Preface
Read
+
Publisher
Nainoia, Inc.
PO Box 462, Bellefonte, PA 16823
(814) 470-8028
Nainoia Inc, Publisher
LinkedIn/NAINOIA-INC
Third Party Publisher Resources
Request Custom Formatted Verses
Please contact us below
Submit your proposed corrections
I understand that the Aionian Bible republishes public domain and Creative Commons Bible texts and that volunteers may be needed to present the original text accurately. I also understand that apocryphal text is removed and most variant verse numbering is mapped to the English standard. I have entered my corrections under the verse(s) below. Proposed corrections to the Uyghur Bible (arabic script), Acts Chapter 23 https://www.AionianBible.org/Bibles/Uyghur---Uyghur-Bible-Arabic/Acts/23 1) پاۋلۇس ئالىي كېڭەشمە ھەيئەتلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ: قېرىنداشلار، مەن بۈگۈنگىچە خۇدانىڭ ئالدىدا پاك ۋىجداندا مېڭىپ كەلدىم، ــ دېدى. 2) بۇنى ئاڭلىغان باش كاھىن ئانانىياس [پاۋلۇسنىڭ] يېنىدا تۇرغانلارغا ئۇنىڭ ئاغزىغا ئۇرۇشنى بۇيرۇدى. 3) پاۋلۇس ئۇنىڭغا: ــ خۇدا سېنى ئۇرىدۇ، ئەي ئاقارتىلغان تام! سەن ئۇ يەردە مېنى تەۋرات قانۇنى بويىچە سوراققا تارتىشقا ئولتۇرىسەن، لېكىن تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ھالدا مېنى ئۇرۇڭلار دەپ بۇيرۇدىڭغۇ؟! ــ دېدى. 4) ــ سەن خۇدانىڭ باش كاھىنىغا ئاشۇنداق ھاقارەت كەلتۈرەمسەن؟! ــ دېيىشتى يېنىدا تۇرغانلار. 5) پاۋلۇس: ــ ئى قېرىنداشلار، مەن ئۇنىڭ باش كاھىن ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن. چۈنكى تەۋراتتا: «خەلقىڭنى ئىدارە قىلغۇچىنىڭ يامان گېپىنى قىلما!» دېيىلگەن، ــ دېدى. 6) لېكىن پاۋلۇس ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ سادۇقىي، يەنە بىر قىسمىنىڭ پەرىسىيلەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئالىي كېڭەشمىدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ قېرىنداشلار، مەن بولسام پەرىسىيلەردىن بولىمەن ۋە پەرىسىيلەرنىڭ پەرزەنتىمەن. مەن ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلىشقا باغلىغان ئۈمىد توغرۇلۇق بۇ يەردە سوراققا تارتىلىۋاتىمەن! ــ دەپ ۋارقىرىدى. 7) ئۇ بۇ سۆزنى دېيىشى بىلەنلا، پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلار ئارىسىدا جېدەل-غوۋغا قوزغىلىپ، كېڭەشمىدىكىلەر ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى 8) (چۈنكى سادۇقىيلار ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشى، ياكى پەرىشتە ياكى روھلار مەۋجۇت ئەمەس، دەيدۇ. لېكىن پەرىسىيلەر ھەممىسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ). 9) بۇنىڭ بىلەن قاتتىق بىر چۇقان-سۈرەن كۆتۈرۈلۈپ، پەرىسىي تەرەپدارى بولغان بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ: ــ بىز بۇ ئادەمدىن ھېچقانداق ئەيىب تاپالمىدۇق! بىر روھ ياكى پەرىشتە ئۇنىڭغا سۆز قىلغان بولسا نېمە بوپتۇ! ــ دەپ، قاتتىق مۇنازىرىلەشتى. 10) چۇقان-سۈرەن تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەچكە، مىڭبېشى [يەھۇدىيلارنىڭ] پاۋلۇسنى تارتىشتۇرۇپ تىتما-تىتما قىلىۋېتىشىدىن قورقۇپ، قىسىمغا زالغا چۈشۈپ ئۇنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن زورلۇق بىلەن تارتىپ چىقىپ، قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشىنى بۇيرۇدى. 11) شۇ كۈنى كېچىسى، رەب پاۋلۇسنىڭ يېنىدا تۇرۇپ: ــ جاسارەتلىك بول! چۈنكى يېرۇسالېمدا مەن توغرامدىكى ئىشلارغا تولۇق گۇۋاھلىق بەرگىنىڭدەك، رىم شەھىرىدىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق قىلىشىڭ مۇقەررەر بولىدۇ! ــ دېدى. 12) ئەتىسى ئەتىگەندە، يەھۇدىيلار پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلەپ، ئۇنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچنەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دەپ ئۆزلىرىگە لەنىتى بىر قەسەمنى قىلىشتى. 13) بۇ سۇيىقەست قەسىمىنى ئىچكەنلەر قىرىق نەچچە كىشى ئىدى. 14) ئۇلار باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ بىز پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچنەرسە تېتىماسلىققا قاتتىق قەسەم ئىچتۇق. 15) ھازىر سىلەر ۋە ئالىي كېڭەشمە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈشنى باھانە قىلىپ، ۋەكىل ئەۋىتىپ ئۇنى كېڭەشمىگە ئېلىپ كېلىشنى مىڭبېشىدىن تەلەپ قىلىڭلار. ئۇ بۇ يەرگە يېقىن كەلمەيلا ئۇنى جايلىۋېتىشكە تەييار تۇرىمىز، ــ دېدى. 16) لېكىن پاۋلۇسنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئوغلى بۆكتۈرمىدىن خەۋەر تېپىپ قەلئەگە كىرىپ، پاۋلۇسقا مەلۇم قىلىپ قويدى. 17) بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس يۈزبېشىلىرىدىن بىرىنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: ــ بۇ بالىنى مىڭبېشى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويسىڭىز. چۈنكى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلىدىغان ئىشى بار ئىكەن، ــ دېدى. 18) يۈزبېشى ئۇنى ئېلىپ مىڭبېشىنىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرىپ: ــ مەھبۇس پاۋلۇس مېنى چاقىرتىپ، بۇ بالىنى سىز بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويۇشۇمنى تەلەپ قىلدى. چۈنكى ئۇنىڭ سىزگە مەلۇم قىلىدىغان ئىشى بار ئىكەن، ــ دېدى. 19) مىڭبېشى ئۇنى قولىدىن تۇتۇپ، بىر چەتكە تارتىپ: ــ ماڭا مەلۇم قىلىدىغان نېمە ئىشىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى. 20) ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ يەھۇدىيلار پاۋلۇسنىڭ ئىشلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرەيلى دەپ سەۋەب كۆرسىتىپ ئۆزلىرىدىن ئەتە ئۇنى ئالىي كېڭەشمىگە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن تىل بىرىكتۈرۈشتى. 21) ئۇلارغا قايىل بولمىغايلا، چۈنكى قىرىقتىن ئارتۇق ئادەم ئۇنى پايلاپ تۇرىدۇ. ئۇلار پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچنەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دېگەن قارغىش قەسىمىگە باغلىنىپتۇ. ئۇلار ھازىر ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولۇشلىرىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. 22) مىڭبېشى ئۇنىڭغا: ــ بۇ ئىشنى ماڭا مەلۇم قىلغانلىقىڭنى ھېچكىمگە تىنما! ــ دەپ تاپىلاپ، بالىنى قايتۇردى. 23) مىڭبېشى يۈزبېشىدىن ئىككىنى چاقىرتىپ: ــ ئىككى يۈز پىيادە لەشكەر، يەتمىش ئاتلىق لەشكەر ۋە ئىككى يۈز نەيزىۋاز لەشكەرنى بۈگۈن كېچە سائەت توققۇزدا قەيسەرىيە شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىشقا ھازىرلاڭلار! 24) شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاۋلۇسنى ۋالىي فېلىكسنىڭ يېنىغا ساق-سالامەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ مىنىشىگە ئۇلاغلارنى تەييارلاڭلار! ــ دەپ بۇيرۇدى. 25) مىڭبېشى [فېلىكسكە] مۇنداق بىر خەت يازدى: ــ 26) «ھۆرمەتلىك ۋالىي فېلىكس جانابلىرىغا كلاۋدىيۇس لىسىياستىن سالام! 27) ئۇشبۇ ئادەمنى يەھۇدىيلار تۇتۇۋالغان بولۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا، ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىپ، قىسىمنى باشلاپ بېرىپ ئۇنى قۇتقۇزدۇم. 28) مەن ئۇلارنىڭ بۇ كىشى ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىماقچى بولۇپ، ئۇنى يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىگە ئېلىپ باردىم. 29) ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەۋرات قانۇنىغا دائىر دەتالاش مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، بىراق ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە ياكى زىندانغا تاشلاشقا لايىق بىرەر شىكايەت قىلغۇدەك ئىشنى تاپالمىدىم. 30) كېيىن، يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىش قەستىدە يۈرۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئاخبارات ماڭا مەلۇم قىلىنغاندا، دەرھال ئۇنى سىلىگە يوللاتتىم ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭغا ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا شىكايەتلىرىنى ئېيتىشىنى بۇيرۇدۇم. خەير!». 31) لەشكەرلەر ئەمدى بۇيرۇق بويىچە پاۋلۇسنى كېچىلەپ ئانتىپاترىس شەھىرىگە يەتكۈزدى. 32) ئەتىسى، ئاتلىق لەشكەرلەر پاۋلۇسنى ئېلىپ مېڭىشقا قالدۇرۇلۇپ، قالغان لەشكەرلەر [يېرۇسالېمدىكى] قەلئەگە قايتىپ كەلدى. 33) ئاتلىقلار قەيسەرىيەگە كىرىپ، خەتنى ۋالىيغا تاپشۇردى ۋە پاۋلۇسنىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ھازىر قىلدى. 34) ۋالىي خەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، پاۋلۇسنىڭ قايسى ئۆلكىدىن ئىكەنلىكىنى سوراپ، ئۇنىڭ كىلىكىيەدىن كەلگەنلىكىنى بىلىپ، 35) ئۇنىڭغا: ــ ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلغۇچىلار كەلگەندە ئىشلىرىڭنى تولۇق ئاڭلايمەن، ــ دېدى ۋە ئۇنى ھېرود خاننىڭ ئوردىسىدا نەزەربەند قىلىپ قويۇشنى بۇيرۇدى. Additional comments?
Refresh Captcha
The world's first Holy Bible un-translation!