< تېسالونىكالىقلارغا 2 1 >
مەنكى پاۋلۇس، سىلاس ھەمدە تىموتىيدىن خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدە بولغان، تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە سالام. | 1 |
Од Павла и Силвана и Тимотија цркви солунској у Богу Оцу нашем и Господу Исусу Христу:
خۇدائاتىمىز ۋە رەب ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىنغاي! | 2 |
Благодат вам и мир од Бога Оца нашег и Господа Исуса Христа.
سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ (ھەمدە شۇنداق قىلىش تولىمۇ لايىقتۇر)، ئى قېرىنداشلار، ــ چۈنكى ئېتىقادىڭلار كۈچلۈك ئۆسمەكتە ھەمدە بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ ئېشىپ تاشماقتا. | 3 |
Дужни смо свагда захваљивати Богу за вас, браћо, као што треба; јер расте врло вера ваша, и множи се љубав сваког од вас међу вама,
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆزىمىز سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەن، شۇنداقلا بەرداشلىق بېرىۋاتقان بارلىق زىيانكەشلىك ۋە جاپا-مۇشەققەتلەر ئىچىدە كۆرسەتكەن سەۋر-چىداملىق ۋە ئېتىقادىڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ ھەرقايسى جامائەتلىرىدە سىلەردىن پەخىرلىنىمىز؛ | 4 |
Тако да се ми сами хвалимо вама црквама Божјима, вашим трпљењем и вером у свим вашим гоњењима и невољама које подносите,
بۇ ئىشلار خۇدانىڭ كېلىدىغان ئادىل ھۆكۈمىنى كۆرسىتىدىغان روشەن بىر ئالامەتتۇر ۋە شۇنداقلا، بۇ ئىشلار سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ھېسابلىنىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ سىلەر مانا شۇ پادىشاھلىق ئۈچۈن زۇلۇم-زەخمەت چېكىۋاتىسىلەر؛ | 5 |
За знак праведног суда Божјег да се удостојите царства Божјег, за које и страдате.
شۇنداق ئىكەن، سىلەرگە ئېغىرچىلىق سالغۇچىلارغا خۇدا ئېغىرچىلىق سالسا، ھەم شۇنداقلا رەب ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى بىلەن ئەرشتىن قايتا كۆرۈنگەن چاغدا، ئېغىرچىلىققا ئۇچرىغان سىلەرگە بىز بىلەن تەڭ ئاراملىق بەرسە دۇرۇس ئىش بولمامدۇ؟ | 6 |
Јер је праведно у Бога да врати муке онима који вас муче;
А вама које муче покој с нама кад се покаже Господ Исус с неба с анђелима силе своје
شۇ چاغدا ئۇ خۇدانى تونۇمايدىغانلاردىن، شۇنداقلا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ئىتائەت قىلمايدىغانلاردىن يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئىنتىقام ئالىدۇ. | 8 |
У огњу пламеном, који ће дати освету онима који не познају Бога и не слушају јеванђеља Господа нашег Исуса Христа;
بۇنداق كىشىلەر رەبنىڭ ھۇزۇرىدىن ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھالاكەت جازاسىنى تارتىدۇ. (aiōnios ) | 9 |
Који ће примити муку, погибао вечну од лица Господњег и од славе Његове, (aiōnios )
ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىدە ئۇلۇغلىنىپ، شۇ كۈنىدە بارلىق ئىشەنگەنلەردە (سىلەر دەرۋەقە بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزغا ئىشەنگەندۇرسىلەر) ئۆزىنىڭ كارامەتلىكىنى كۆرسىتىپ، مەدھىيىلەنگىلى كېلىدۇ. | 10 |
Кад дође да се прослави у светима својим, и диван да буде у свима који Га вероваше; јер се прими сведочанство наше међу вама у онај дан.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز سىلەر ئۈچۈن دائىم شۇنداق دۇئا قىلىمىزكى، سىلەرنى چاقىرغان بىزنىڭ خۇدايىمىز سىلەرنى ئۆز [ئۇلۇغ] چاقىرىقىغا لايىق ھېسابلاپ، ياخشىلىققا ئىنتىلگەن بارلىق گۈزەل مەقسەت-مۇددىئالىرىڭلارنى ۋە ئېتىقادىڭلاردىن چىققان بارلىق خىزمەتلىرىڭلارنى كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغاي. | 11 |
Зато се и молимо свагда за вас да вас удостоји Бог наш звања, и испуни сваку радост доброте и дело вере у сили;
شۇنىڭ بىلەن، خۇدايىمىزنىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى سىلەردە شان-شەرەپ بولۇپ ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە سىلەرمۇ ئۇنىڭدا شان-شەرەپكە ئېرىشىسىلەر. | 12 |
Да се прослави име Господа нашег Исуса Христа у вама и ви у Њему, по благодати Бога нашег и Господа Исуса Христа.