< تىموتىيغا 1 1 >
قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ ۋە ئۈمىدىمىز مەسىھ ئەيسانىڭ ئەمرى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى قىلىپ تەيىنلەنگەن مەنكى پاۋلۇستىن | 1 |
Од Павла, апостола Исуса Христа, по заповести Бога, Спаса нашег и Господа Исуса Христа, наде наше,
ئېتىقاد يولىدىكى ئۆزۈمنىڭ سادىق ئوغلۇم بولغان تىموتىيغا سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز مەسىھ ئەيسادىن ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! | 2 |
Тимотију, правом сину у вери, благодат, милост, мир од Бога Оца нашег и Христа Исуса, Господа нашег.
ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بارغاندا، سەندىن ئۆتۈنگىنىمدەك [شۇنى يەنە ئۆتۈنىمەنكى]، [شۇ يەردىكى] بەزى كىشىلەرگە بىدئەت تەلىملەرنى ئۆگەتمەڭلار دەپ تاپىلىشىڭ ئۈچۈن سەن داۋاملىق ئەفەسۇس شەھىرىدە قالغىن؛ | 3 |
Као што те молих да останеш у Ефесу, кад иђах у Македонију, да заповедиш некима да не уче другачије,
ئۇلارنىڭ ئەپسانىلەر ۋە ئايىغى يوق نەسەبنامىلەرگە بەند بولماسلىقىنى تاپىلىغىن؛ بۇلار خۇدانىڭ ئېتىقاد ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ئۆز ئۆيىگە بولغان پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەيدۇ، بەلكى پەقەت بىمەنە تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، خالاس. | 4 |
Нити да гледају на лажи и на тефтере од племена којима нема краја, и који пре чине препирања неголи Божји напредак у вери.
ئەمدىلىكتە بىزگە تاپىلانغان تەلىمنىڭ مۇددىئاسى ساپ قەلب، پاك ۋىجدان ۋە ساختىلىقسىز ئېتىقادتىن كېلىپ چىقىدىغان مېھىر-مۇھەببەتتىن ئىبارەتتۇر. | 5 |
А намера је заповести љубав од чистог срца и добре савести и вере нелицемерне;
بۇ ئىشلاردا بەزى كىشىلەر چەتنەپ، بىمەنە گەپلەرنى قىلىشقا بۇرۇلۇپ كەتتى. | 6 |
У којима неки погрешивши сврнуше у празне говоре,
ئۇلارنىڭ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆلىماسى بولغۇسى بار؛ بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ياكى ئۆزلىرىنىڭ ھەدەپ قەيت قىلىۋاتقان سۆزلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ. | 7 |
И хтели би да буду законици, а не разумеју ни шта говоре, ни шта утврђују.
ئەمدى بىزگە مەلۇمكى، ئەگەر كىشىلەر تەۋرات قانۇنىنى ئەينى مۇددىئاسىدا قوللانسا، ئۇ پايدىلىقتۇر. | 8 |
А знамо да је закон добар ако га ко држи као што треба.
چۈنكى بىز يەنە شۇنى بىلىمىزكى، تەۋرات قانۇنى ھەققانىي ئادەملەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئەمەس، بەلكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ۋە بوينى قاتتىقلار ئۈچۈن، ئىخلاسسىزلار ۋە گۇناھكارلار ئۈچۈن، ئىپلاسلار ۋە كۇپۇرلۇق قىلغۇچىلار ئۈچۈن، ئاتىسىنى ئۆلتۈرگۈچىلەر ۋە ئانىسىنى ئۆلتۈرگۈچىلەر ئۈچۈن، قاتىللار، | 9 |
Знајући ово да праведнику закон није постављен, него безаконицима и непокорнима и безбожницима и грешницима, неправеднима и поганима, крвницима оца и матере, крвницима људским,
بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، بەچچىۋازلار، ئادەملەرنى قۇللۇققا بۇلىغۇچىلار، يالغانچىلار، قەسەمخورلار ئۈچۈن ۋە ياكى ساغلام تەلىملەرگە زىت بولغان باشقا ھەرقانداق قىلمىشلاردا بولغانلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن. | 10 |
Курварима, мужеложницима, људокрадицама, лажљивцима, клетвопреступницима, и ако шта има противно здравој науци,
بۇ تەلىملەر تەشەككۈر-مۇبارەككە لايىق بولغۇچى خۇدانىڭ ماڭا ئامانەت قىلغان شان-شەرىپىنى ئايان قىلغان خۇش خەۋەرگە ئاساسلانغان. | 11 |
По јеванђељу славе блаженог Бога, које је мени поверено.
ماڭا كۈچ-قۇدرەت بەرگەن، مېنى ئىشەنچلىك دەپ قاراپ، ئۆز خىزمىتىگە تەيىنلىگەن رەببىمىز مەسىھ ئەيساغا تەشەككۈر ئېيتىمەنكى، | 12 |
И захваљујем Христу Исусу, Господу нашем, који ми даје моћ, што ме за верног прими и постави ме у службу,
ئۇ مېنى تەيىنلىدى! ــ بۇرۇن كۇپۇرلۇق ۋە زىيانكەشلىك قىلغۇچى، زالىم بىر ئادەم بولساممۇ، ماڭا رەھىم كۆرسىتىلدى؛ چۈنكى مەن بۇ ئىشلارنى نادانلىق ۋە ئېتىقادسىزلىقتىن قىلغانىدىم. | 13 |
Који сам пре био хулник и гонитељ и силеџија; али бих помилован, јер не знајући учиних, у неверству.
ھالبۇكى، رەببىمىزنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى زىيادىلىشىپ، مەسىھ ئەيسادا بولغان ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت ۋۇجۇدۇمغا ئېلىپ كىرىلىشى بىلەن ئېشىپ تاشتى. | 14 |
Али се још већма умножи благодат Господа нашег Исуса Христа с вером и љубави у Христу Исусу.
Истинита је реч и сваког примања достојна да Христос Исус дође на свет да спасе грешнике, од којих сам први ја.
مۇشۇ سۆز ئىشەنچلىك ۋە ھەر ئادەم ئۇنى قوبۇل قىلىشى تېگىشلىكتۇر ــ «مەسىھ ئەيسا گۇناھكارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدى!». مەن گۇناھكارلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەشەددىيىسىدۇرمەن! لېكىن دەل شۇ سەۋەبتىن مەسىھ ئەيسانىڭ ئەڭ ئەشەددىي گۇناھكار بولغان مېنى، كېيىن ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلارغا مىسال قىلىپ مەندە ئۆزىنىڭ بارلىق سەۋر-تاقىتىنى ئايان قىلىشى ئۈچۈن، ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىلگەندۇر. (aiōnios ) | 16 |
Али тога ради ја бих помилован да на мени првом покаже све трпљење Исус Христос за углед онима који Му хоће веровати за живот вечни. (aiōnios )
ئەمدى مەڭگۈلۈك پادىشاھقا، يەنى ئۆلمەيدىغان ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان، بىردىنبىر خۇداغا ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆرمەت-ئىززەت ۋە شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن! (aiōn ) | 17 |
А Цару вечном, Нераспадљивом, који се не види, једином премудром Богу част и слава ва век века. Амин. (aiōn )
ئەي، ئوغلۇم تىموتىي، بۇرۇن سەن توغرۇلۇق ئېيتىلغان بېشارەتلىك ۋەھىيلەرگە ئاساسەن بۇ بۇيرۇقنى ساڭا تاپشۇرىمەن. بۇ ۋەھىيلەرنى قورال قىلىپ، ئېتىقادتا ۋە پاك ۋىجدانىڭدا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل ئۇرۇش قىلغايسەن. بەزىلەر ۋىجدانىدا پاك تۇرۇشتىن چەتنەپ كەتتى، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئېتىقادى خۇددى خادا تاشقا ئۇرۇلۇپ غەرق بولغان كېمىدەك ۋەيران بولدى. | 18 |
Ову пак заповест предајем ти, сине Тимотије, по пређашњим пророштвима за тебе: да ратујеш у у њима добар рат,
Имајући веру и добру савест, коју неки одбацивши отпадоше од вере;
خۇمېنېئۇس ۋە ئىسكەندەرلەر مانا شۇنداق كىشىلەردىندۇر. ئۇلارنى كۇپۇرلۇق قىلماسلىقنى ئۆگەنسۇن دەپ، شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇردۇم. | 20 |
Међу којима су Именеј и Александар које предадох сотони да се науче не хулити.