ۋە ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ، تۇغما قارىغۇ بىر ئادەمنى كۆردى. |
مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن: ــ ئۇستاز، كىم گۇناھ قىلىپ ئۇنىڭ قارىغۇ تۇغۇلغىنىغا سەۋەب بولغان؟ ئۇ ئۆزىمۇ يا ئاتا-ئانىسىمۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. |
ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئۆزى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆز ئەمەللىرى ئۇنىڭدا ئايان قىلىنسۇن دەپ شۇنداق بولغان. |
كۈننىڭ يورۇقىدا، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئەمەللىرىنى ئادا قىلىشىم كېرەك. كەچ كىرسە، شۇ چاغدا ھېچكىم ئىش قىلالمايدۇ. |
مەن دۇنيادا تۇرغان ۋاقتىمدا، دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. |
بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەرگە تۈكۈرۈپ، تۈكۈرۈكتىن لاي قىلىپ، لاينى ھېلىقى ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە سۈرۈپ قويدى |
ۋە ئۇنىڭغا: «سىلوئام كۆلچىكى»گە بېرىپ يۇيۇۋەتكىن» دېدى («سىلوئام» [ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ]، «ئەۋەتىلگەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ). شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەم بېرىپ يۇيۇۋىدى، كۆزى كۆرىدىغان بولۇپ قايتىپ كەلدى. |
قوشنىلىرى ۋە ئۇ ئىلگىرى تىلەمچىلىك قىلغىنىدا ئۇنى كۆرگەنلەر: ــ بۇ ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ ــ دېيىشىپ كەتتى. |
بەزىلەر: «ھەئە، شۇ ئىكەن» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، ئۇ ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭغا ئوخشايدىكەن» دېيىشتى. بىراق ئۇ ئۆزى: ــ مەن دەل شۇ كىشى بولىمەن! ــ دېدى. |
ــ ئۇنداقتا كۆزلىرىڭ قانداق ئېچىلدى؟ ــ دەپ سوراشتى ئۇلار. |
ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ ئەيسا ئىسىملىك بىر كىشى [تۈكۈرۈكىدىن] لاي قىلىپ كۆزلىرىمگە سۈرۈپ قويىۋىدى، ماڭا: «سىلوئام كۆلچىكىگە بېرىپ يۇيۇۋەتكىن» دېگەنىدى. مەن بېرىپ يۇيۇۋىدىم، كۆرەلەيدىغان بولدۇم. |
ــ ئۇ ھازىر قەيەردە؟ ــ دەپ سوراشتى ئۇلار. ــ بىلمەيمەن، ــ دېدى ئۇ. |
خالايىق ئىلگىرى قارىغۇ بولغان بۇ ئادەمنى پەرىسىيلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى |
(ئەسلىدە ئەيسا لاي قىلىپ بۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى ئاچقان كۈن دەل شابات كۈنى ئىدى). |
شۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەر قايتىدىن بۇ ئادەمدىن قانداق كۆرەلەيدىغان بولغىنىنى سورىۋىدى، ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇ كۆزلىرىمگە لاي [سۈرۈپ] قويدى، مەن يۇيۇۋىدىم ۋە مانا، كۆرەلەيدىغان بولدۇم! ــ دېدى. |
شۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەردىن بەزىلىرى: ــ ئۇ ئادەم خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەن ئەمەس، چۈنكى ئۇ شابات كۈنىنى تۇتمايدۇ، ــ دېيىشتى. يەنە بەزىلىرى: ــ ئۇ گۇناھكار ئادەم بولسا، قانداقلارچە بۇنداق مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى يارىتالايتتى؟ ــ دېيىشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولدى. |
ئۇلار قارىغۇ ئادەمدىن يەنە: ــ ئۇ كۆزلىرىڭنى ئېچىپتۇ، ئەمدى سەن ئۇ توغرۇلۇق نېمە دەيسەن؟ ــ دەپ سوراشتى. ئۇ: ــ ئۇ بىر پەيغەمبەر ئىكەن، ــ دېدى. |
يەھۇدىيلار كۆرەلەيدىغان قىلىنغان كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تېپىپ كەلمىگۈچە، بۇرۇن ئۇنىڭ قارىغۇ ئىكەنلىكىگە ۋە ھازىر كۆرەلەيدىغان قىلىنغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى چاقىرتىپ، |
ئۇلاردىن: ــ بۇ سىلەرنىڭ ئوغلۇڭلارمۇ؟ تۇغما قارىغۇ، دەۋاتاتتىڭلار؟ ئەمدى ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالدى؟ ــ دەپ سوراشتى. |
ئاتا-ئانىسى ئۇلارغا: ــ ئۇنىڭ بىزنىڭ ئوغلىمىز ئىكەنلىكى، شۇنداقلا تۇغۇلۇشىدىنلا قارىغۇ ئىكەنلىكىنى بىلىمىز؛ |
لېكىن ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، كۆزلىرىنى كىم ئاچقانلىقىنى بىلمەيمىز. ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، [بۇنى] ئۆزىدىن سوراڭلار، ئۇ ئۆزى دەپ بەرسۇن، ــ دەپ جاۋاب بەردى. |
ئاتا-ئانىسىنىڭ شۇنداق دېيىشى يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئىدى؛ چۈنكى يەھۇدىيلار كىمدەكىم ئەيسانى مەسىھ دەپ ئېتىراپ قىلسا، ئۇ سىناگوگ جامائىتىدىن قوغلاپ چىقىرىلسۇن دەپ قارار قىلغانىدى. |
شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى: «ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، [بۇنى] ئۆزىدىن سوراڭلار» دېگەنىدى. |
پەرىسىيلەر ئەسلىدە قارىغۇ بولغان ئادەمنى يەنە چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ خۇداغا شان-شەرەپ بېرىپ [قەسەم قىل]! بىز بۇ ئادەمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ــ دېيىشتى. |
ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئۇ گۇناھكارمۇ، ئەمەسمۇ، بىلمەيمەن. بىراق مەن شۇ بىرلا ئىشنى بىلىمەنكى، قارىغۇ ئىدىم، ھازىر كۆرەلەيدىغان بولدۇم. |
ئۇلار ئۇنىڭدىن يەنە بىر قېتىم: ــ ئۇ سېنى قانداق قىلدى؟ كۆزلىرىڭنى قانداق ئاچتى؟ ــ دەپ سوراشتى. |
ئۇ جاۋابەن: ــ سىلەرگە ئاللىقاچان ئېيتتىم، بىراق قۇلاق سالمىدىڭلار. سىلەر نېمە دەپ قايتىدىن ئاڭلاشنى خالاپ قالدىڭلار؟ سىلەرمۇ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بولاي دەۋاتامسىلەر؟! ــ دېدى. |
بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى قاتتىق تىللاپ: ــ سەن ھېلىقىنىڭ مۇخلىسى! بىز بولساق مۇسا [پەيغەمبەرنىڭ] مۇخلىسلىرىمىز. |
خۇدانىڭ مۇساغا سۆزلىگەنلىكىنى بىلىمىز؛ لېكىن بۇ نېمىنىڭ بولسا قەيەردىن كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيمىز، ــ دېيىشتى. |
ھېلىقى ئادەم ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ــ ئاجايىپ ئىشقۇ بۇ! گەرچە سىلەر ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمىگىنىڭلار بىلەن، ئۇ مېنىڭ كۆزلىرىمنى ئاچتى. |
بىز بىلىمىزكى، خۇدا گۇناھكارلارنىڭ تىلەكلىرىنى ئاڭلىمايدۇ؛ بىراق ئۆزىگە ئىخلاسمەن بولۇپ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭكىنى ئاڭلايدۇ. |
دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ، بىرەرسىنىڭ تۇغما قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقانلىقىنى ئاڭلاپ باققان ئەمەس. (aiōn g165) |
ئەگەر بۇ ئادەم خۇدادىن كەلمىگەن بولسا، ھېچنېمە قىلالمىغان بولاتتى. |
ئۇلار ئۇنى: ــ سەن تۈپتىن گۇناھ ئىچىدە تۇغۇلغان تۇرۇقلۇق، بىزگە تەلىم بەرمەكچىمۇسەن؟ ــ دېيىشىپ، ئۇنى [سىناگوگتىن] قوغلاپ چىقىرىۋېتىشتى. |
ئەيسا ئۇلارنىڭ ئۇنى [سىناگوگتىن] قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ: سەن، خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. |
ئۇ جاۋابەن: ــ تەقسىر، ئۇ كىم؟ مەن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلاي، ــ دېدى. |
ــ سەن ھەم ئۇنى كۆردۈڭ ھەم مانا، ھازىر سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان دەل شۇنىڭ ئۆزى، ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا. |
ھېلىقى ئادەم: ــ ئى رەب، ئېتىقاد قىلىمەن! ــ دەپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى. |
ــ مەن كورلارنى كۆرىدىغان بولسۇن، كۆرىدىغانلارنى كور بولسۇن دەپ بۇ دۇنياغا ھۆكۈم چىقىرىشقا كەلدىم، ــ دېدى ئەيسا. |
ئۇنىڭ يېنىدىكى بەزى پەرىسىيلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن: ــ بىزمۇ كورمۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. |
ئەيسا ئۇلارغا: ــ كور بولغان بولساڭلار، گۇناھىڭلار بولمايتتى؛ لېكىن سىلەر ھازىر «كۆرۈۋاتىمىز» دېگىنىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھ ھېسابلىنىۋېرىدۇ، ــ دېدى. |