< ယောဟနး 10 >

1 အဟံ ယုၐ္မာနတိယထာရ္ထံ ဝဒါမိ, ယော ဇနော ဒွါရေဏ န ပြဝိၑျ ကေနာပျနျေန မေၐဂၖဟံ ပြဝိၑတိ သ ဧဝ သ္တေနော ဒသျုၑ္စ၊
بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قوي قوتىنىغا ئىشىكتىن كىرمەي، باشقا يەردىن يامىشىپ كىرگەن كىشى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر.
2 ယော ဒွါရေဏ ပြဝိၑတိ သ ဧဝ မေၐပါလကး၊
ئىشىكتىن كىرىدىغان كىشى بولسا قويلارنىڭ پادىچىسىدۇر.
3 ဒေါ်ဝါရိကသ္တသ္မဲ ဒွါရံ မောစယတိ မေၐဂဏၑ္စ တသျ ဝါကျံ ၑၖဏောတိ သ နိဇာန် မေၐာန် သွသွနာမ္နာဟူယ ဗဟိး ကၖတွာ နယတိ၊
ئىشىك باقار ئۇنىڭغا ئىشىكنى ئېچىپ بېرىدۇ ۋە قويلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تونۇيدۇ؛ ئۇ ئۆز قويلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى بىر-بىرلەپ چاقىرىپ ئۇلارنى سىرتقا باشلاپ چىقىدۇ.
4 တထာ နိဇာန် မေၐာန် ဗဟိး ကၖတွာ သွယံ တေၐာမ် အဂြေ ဂစ္ဆတိ, တတော မေၐာသ္တသျ ၑဗ္ဒံ ဗုဓျန္တေ, တသ္မာတ် တသျ ပၑ္စာဒ် ဝြဇန္တိ၊
ئۇ قويلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا چىقىرىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، قويلارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ.
5 ကိန္တု ပရသျ ၑဗ္ဒံ န ဗုဓျန္တေ တသ္မာတ် တသျ ပၑ္စာဒ် ဝြဇိၐျန္တိ ဝရံ တသျ သမီပါတ် ပလာယိၐျန္တေ၊
لېكىن ئۇلار يات ئادەمنىڭ كەينىدىن ماڭمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭدىن قاچىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ياتلارنىڭ ئاۋازىنى تونۇمايدۇ.
6 ယီၑုသ္တေဘျ ဣမာံ ဒၖၐ္ဋာန္တကထာမ် အကထယတ် ကိန္တု တေန ကထိတကထာယာသ္တာတ္ပရျျံ တေ နာဗုဓျန္တ၊
ئەيسا بۇ تەمسىلنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەرگىنى بىلەن، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە نېمە دەۋاتقانلىقىنى ھېچ چۈشەنمىدى.
7 အတော ယီၑုး ပုနရကထယတ်, ယုၐ္မာနာဟံ ယထာရ္ထတရံ ဝျာဟရာမိ, မေၐဂၖဟသျ ဒွါရမ် အဟမေဝ၊
شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قويلارنىڭ ئىشىكى ئۆزۈمدۇرمەن.
8 မယာ န ပြဝိၑျ ယ အာဂစ္ဆန် တေ သ္တေနာ ဒသျဝၑ္စ ကိန္တု မေၐာသ္တေၐာံ ကထာ နာၑၖဏွန်၊
مەندىن ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر، لېكىن قويلار ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى.
9 အဟမေဝ ဒွါရသွရူပး, မယာ ယး ကၑ္စိတ ပြဝိၑတိ သ ရက္ၐာံ ပြာပ္သျတိ တထာ ဗဟိရန္တၑ္စ ဂမနာဂမနေ ကၖတွာ စရဏသ္ထာနံ ပြာပ္သျတိ၊
ئىشىك ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئارقىلىق كىرگىنى قۇتقۇزۇلىدۇ ھەم كىرىپ-چىقىپ، ئوت-چۆپلەرنى تېپىپ يېيەلەيدۇ.
10 ယော ဇနသ္တေနး သ ကေဝလံ သ္တဲနျဗဓဝိနာၑာန် ကရ္တ္တုမေဝ သမာယာတိ ကိန္တွဟမ် အာယု ရ္ဒာတုမ် အရ္ထာတ် ဗာဟူလျေန တဒေဝ ဒါတုမ် အာဂစ္ဆမ်၊
ئوغرى بولسا پەقەت ئوغرىلاش، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇش ئۈچۈنلا كېلىدۇ. مەن بولسام ئۇلارنى ھاياتلىققا ئېرىشسۇن ۋە شۇ ھاياتلىقى مول بولسۇن دەپ كەلدىم.
11 အဟမေဝ သတျမေၐပါလကော ယသ္တု သတျော မေၐပါလကး သ မေၐာရ္ထံ ပြာဏတျာဂံ ကရောတိ;
ياخشى پادىچى ئۆزۈمدۇرمەن. ياخشى پادىچى قويلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىدۇ.
12 ကိန္တု ယော ဇနော မေၐပါလကော န, အရ္ထာဒ် ယသျ မေၐာ နိဇာ န ဘဝန္တိ, ယ ဧတာဒၖၑော ဝဲတနိကး သ ဝၖကမ် အာဂစ္ဆန္တံ ဒၖၐ္ဋွာ မေဇဝြဇံ ဝိဟာယ ပလာယတေ, တသ္မာဒ် ဝၖကသ္တံ ဝြဇံ ဓၖတွာ ဝိကိရတိ၊
لېكىن مەدىكار ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇ بەلكى نە قويلارنىڭ ئىگىسى نە پادىچىسى بولمىغاچقا، بۆرىنىڭ كەلگىنىنى كۆرسە، قويلارنى تاشلاپ قاچىدۇ ۋە بۆرە كېلىپ قويلارنى تىتىپ تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ.
13 ဝဲတနိကး ပလာယတေ ယတး သ ဝေတနာရ္ထီ မေၐာရ္ထံ န စိန္တယတိ၊
ئەمدى مەدىكار بولسا پەقەت ھەققىنى دەپ ئىشلەپ، قويلارغا كۆڭۈل بۆلمەي بەدەر قاچىدۇ.
14 အဟမေဝ သတျော မေၐပါလကး, ပိတာ မာံ ယထာ ဇာနာတိ, အဟဉ္စ ယထာ ပိတရံ ဇာနာမိ,
ياخشى پادىچى ئۆزۈمدۇرمەن. ئاتا مېنى تونىغىنىدەك مەن ئاتىنى تونۇغىنىمدەك، مەن ئۆزۈمنىڭكىلەرنى تونۇيمەن ۋە ئۆزۈمنىڭكىلەرمۇ مېنى تونۇيدۇ؛ قويلار ئۈچۈن جېنىم پىدا.
15 တထာ နိဇာန် မေၐာနပိ ဇာနာမိ, မေၐာၑ္စ မာံ ဇာနာန္တိ, အဟဉ္စ မေၐာရ္ထံ ပြာဏတျာဂံ ကရောမိ၊
16 အပရဉ္စ ဧတဒ် ဂၖဟီယ မေၐေဘျော ဘိန္နာ အပိ မေၐာ မမ သန္တိ တေ သကလာ အာနယိတဝျား; တေ မမ ၑဗ္ဒံ ၑြောၐျန္တိ တတ ဧကော ဝြဇ ဧကော ရက္ၐကော ဘဝိၐျတိ၊
بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ ئېلىپ باشلىشىم كېرەك ۋە ئۇلارمۇ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر پادا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر پادىچىسى بولىدۇ.
17 ပြာဏာနဟံ တျက္တွာ ပုနး ပြာဏာန် ဂြဟီၐျာမိ, တသ္မာတ် ပိတာ မယိ သ္နေဟံ ကရောတိ၊
ئاتا مېنى شۇ سەۋەبتىن سۆيىدۇكى، مەن جېنىمنى قايتۇرۇۋېلىشىم ئۈچۈن ئۇنى پىدا قىلىمەن.
18 ကၑ္စိဇ္ဇနော မမ ပြာဏာန် ဟန္တုံ န ၑက္နောတိ ကိန္တု သွယံ တာန် သမရ္ပယာမိ တာန် သမရ္ပယိတုံ ပုနရ္ဂြဟီတုဉ္စ မမ ၑက္တိရာသ္တေ ဘာရမိမံ သွပိတုး သကာၑာတ် ပြာပ္တောဟမ်၊
جېنىمنى ھېچكىم مەندىن ئالالمايدۇ، مەن ئۇنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن پىدا قىلىمەن. مەن ئۇنى پىدا قىلىشقا ھوقۇقلۇقمەن ۋە شۇنداقلا ئۇنى قايتۇرۇۋېلىشقىمۇ ھوقۇقلۇقمەن؛ بۇ ئەمرنى ئاتامدىن تاپشۇرۇۋالغانمەن.
19 အသ္မာဒုပဒေၑာတ် ပုနၑ္စ ယိဟူဒီယာနာံ မဓျေ ဘိန္နဝါကျတာ ဇာတာ၊
بۇ سۆزلەر تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلار ئارىسىدا يەنە بۆلۈنۈش پەيدا بولدى.
20 တတော ဗဟဝေါ ဝျာဟရန် ဧၐ ဘူတဂြသ္တ ဥန္မတ္တၑ္စ, ကုတ ဧတသျ ကထာံ ၑၖဏုထ?
ئۇلاردىن كۆپ ئادەملەر: ــ ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ، ئۇ جۆيلۈۋاتىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇدەكسىلەر؟ ــ دېيىشتى.
21 ကေစိဒ် အဝဒန် ဧတသျ ကထာ ဘူတဂြသ္တသျ ကထာဝန္န ဘဝန္တိ, ဘူတး ကိမ် အန္ဓာယ စက္ၐုၐီ ဒါတုံ ၑက္နောတိ?
يەنە بەزىلەر بولسا: ــ جىن چاپلاشقان ئادەمنىڭ سۆزلىرى بۇنداق بولمايدۇ. جىن قانداقمۇ قارىغۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچالىسۇن؟! ــ دېيىشتى.
22 ၑီတကာလေ ယိရူၑာလမိ မန္ဒိရောတ္သရ္ဂပရွွဏျုပသ္ထိတေ
قىش پەسلى بولۇپ، يېرۇسالېمدا «قايتا بېغىشلاش ھېيتى» ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى.
23 ယီၑုး သုလေမာနော နိးသာရေဏ ဂမနာဂမနေ ကရောတိ,
ئەيسا ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايماننىڭ پېشايۋىنى»دا ئايلىنىپ يۈرەتتى.
24 ဧတသ္မိန် သမယေ ယိဟူဒီယာသ္တံ ဝေၐ္ဋယိတွာ ဝျာဟရန် ကတိ ကာလာန် အသ္မာကံ ဝိစိကိတ္သာံ သ္ထာပယိၐျာမိ? ယဒျဘိၐိက္တော ဘဝတိ တရှိ တတ် သ္ပၐ္ဋံ ဝဒ၊
يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ: ــ بىزنى قاچانغىچە تىت-تىت قىلىپ تۇتۇقلۇقتا قالدۇرماقچىسەن؟ ئەگەر مەسىھ بولساڭ، بىزگە ئوچۇقىنى ئېيت، ــ دېيىشتى.
25 တဒါ ယီၑုး ပြတျဝဒဒ် အဟမ် အစကထံ ကိန္တု ယူယံ န ပြတီထ, နိဇပိတု ရ္နာမ္နာ ယာံ ယာံ ကြိယာံ ကရောမိ သာ ကြိယဲဝ မမ သာက္ၐိသွရူပါ၊
ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ مەن سىلەرگە ئېيتتىم، لېكىن ئىشەنمەيسىلەر. ئاتامنىڭ نامى بىلەن قىلغان ئەمەللىرىمنىڭ ئۆزى ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
26 ကိန္တွဟံ ပူရွွမကထယံ ယူယံ မမ မေၐာ န ဘဝထ, ကာရဏာဒသ္မာန် န ဝိၑွသိထ၊
بىراق مەن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر ئېتىقاد قىلمىدىڭلار، چۈنكى مېنىڭ قويلىرىمدىن ئەمەسسىلەر.
27 မမ မေၐာ မမ ၑဗ္ဒံ ၑၖဏွန္တိ တာနဟံ ဇာနာမိ တေ စ မမ ပၑ္စာဒ် ဂစ္ဆန္တိ၊
مېنىڭ قويلىرىم مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ، مەن ئۇلارنى تونۇيمەن ۋە ئۇلار ماڭا ئەگىشىدۇ.
28 အဟံ တေဘျော'နန္တာယု ရ္ဒဒါမိ, တေ ကဒါပိ န နံက္ၐျန္တိ ကောပိ မမ ကရာတ် တာန် ဟရ္တ္တုံ န ၑက္ၐျတိ၊ (aiōn g165, aiōnios g166)
مەن ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىمەن؛ ئۇلار ئەسلا ھالاك بولمايدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى قولۇمدىن تارتىۋالالمايدۇ. (aiōn g165, aiōnios g166)
29 ယော မမ ပိတာ တာန် မဟျံ ဒတ္တဝါန် သ သရွွသ္မာတ် မဟာန်, ကောပိ မမ ပိတုး ကရာတ် တာန် ဟရ္တ္တုံ န ၑက္ၐျတိ၊
ئۇلارنى ماڭا تەقدىم قىلغان ئاتام ھەممىدىن ئۈستۈندۇر ۋە ھېچكىم ئۇلارنى ئاتامنىڭ قولىدىن تارتىۋالالمايدۇ.
30 အဟံ ပိတာ စ ဒွယောရေကတွမ်၊
مەن ۋە ئاتا [ئەسلىدىنلا] بىردۇرمىز.
31 တတော ယိဟူဒီယား ပုနရပိ တံ ဟန္တုံ ပါၐာဏာန် ဥဒတောလယန်၊
بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار يەنە ئۇنى چالما-كېسەك قىلىشماقچى بولۇپ، يەردىن قوللىرىغا تاش ئېلىشتى.
32 ယီၑုး ကထိတဝါန် ပိတုး သကာၑာဒ် ဗဟူနျုတ္တမကရ္မ္မာဏိ ယုၐ္မာကံ ပြာကာၑယံ တေၐာံ ကသျ ကရ္မ္မဏး ကာရဏာန် မာံ ပါၐာဏဲရာဟန္တုမ် ဥဒျတား သ္ထ?
ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئاتامدىن كەلگەن نۇرغۇن ياخشى ئەمەللەرنى سىلەرگە كۆرسەتتىم. بۇ ئەمەللەرنىڭ قايسىسى ئۈچۈن مېنى چالما-كېسەك قىلماقچىسىلەر؟ ــ دېدى.
33 ယိဟူဒီယား ပြတျဝဒန် ပြၑသ္တကရ္မ္မဟေတော ရ္န ကိန္တု တွံ မာနုၐး သွမီၑွရမ် ဥက္တွေၑွရံ နိန္ဒသိ ကာရဏာဒသ္မာတ် တွာံ ပါၐာဏဲရှန္မး၊
ــ سېنى ياخشى بىر ئەمەل ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۇپۇرلۇق قىلغىنىڭ ئۈچۈن چالما-كېسەك قىلىمىز. چۈنكى سەن بىر ئىنسان تۇرۇقلۇق، ئۆزۈڭنى خۇدا قىلىپ كۆرسەتتىڭ! ــ دېدى يەھۇدىيلار جاۋابەن.
34 တဒါ ယီၑုး ပြတျုက္တဝါန် မယာ ကထိတံ ယူယမ် ဤၑွရာ ဧတဒွစနံ ယုၐ္မာကံ ၑာသ္တြေ လိခိတံ နာသ္တိ ကိံ?
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ سىلەرگە تەۋە مۇقەددەس قانۇندا «مەن ئېيتتىم، سىلەر ئىلاھلارسىلەر» دەپ پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟
35 တသ္မာဒ် ယေၐာမ် ဥဒ္ဒေၑေ ဤၑွရသျ ကထာ ကထိတာ တေ ယဒီၑွရဂဏာ ဥစျန္တေ ဓရ္မ္မဂြန္ထသျာပျနျထာ ဘဝိတုံ န ၑကျံ,
خۇدا ئۆز سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەنلەرنى «ئىلاھلار» دەپ ئاتىغان يەردە (ۋە مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنى ھەرگىز كۈچتىن قالمايدۇ)
36 တရှျာဟမ် ဤၑွရသျ ပုတြ ဣတိ ဝါကျသျ ကထနာတ် ယူယံ ပိတြာဘိၐိက္တံ ဇဂတိ ပြေရိတဉ္စ ပုမာံသံ ကထမ် ဤၑွရနိန္ဒကံ ဝါဒယ?
نېمە ئۈچۈن ئاتا ئۆزىگە خاس-مۇقەددەس قىلىپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتكەن زات «مەن خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسە، ئۇ توغرۇلۇق «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟
37 ယဒျဟံ ပိတုး ကရ္မ္မ န ကရောမိ တရှိ မာံ န ပြတီတ;
ئەگەر ئاتامنىڭ ئەمەللىرىنى قىلمىسام، ماڭا ئىشەنمەڭلار.
38 ကိန္တု ယဒိ ကရောမိ တရှိ မယိ ယုၐ္မာဘိး ပြတျယေ န ကၖတေ'ပိ ကာရျျေ ပြတျယး ကြိယတာံ, တတော မယိ ပိတာသ္တီတိ ပိတရျျဟမ် အသ္မီတိ စ က္ၐာတွာ ဝိၑွသိၐျထ၊
بىراق قىلسام، ماڭا ئىشەنمىگەن ھالەتتىمۇ، ئەمەللەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئىشىنىڭلار. بۇنىڭ بىلەن ئاتىنىڭ مەندە ئىكەنلىكىنى، مېنىڭمۇ ئاتىدا ئىكەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ ئېتىقاد قىلىدىغان بولىسىلەر.
39 တဒါ တေ ပုနရပိ တံ ဓရ္တ္တုမ် အစေၐ္ဋန္တ ကိန္တု သ တေၐာံ ကရေဘျော နိသ္တီရျျ
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە ئۇنى تۇتماقچى بولدى، بىراق ئۇ ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئۇ يەردىن كەتتى.
40 ပုန ရျရ္ဒ္ဒန် အဒျာသ္တဋေ ယတြ ပုရွွံ ယောဟန် အမဇ္ဇယတ် တတြာဂတျ နျဝသတ်၊
ئاندىن ئۇ يەنە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىغا، يەنى يەھيا [پەيغەمبەر] دەسلىپىدە ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرگەن جايغا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى.
41 တတော ဗဟဝေါ လောကာသ္တတ္သမီပမ် အာဂတျ ဝျာဟရန် ယောဟန် ကိမပျာၑ္စရျျံ ကရ္မ္မ နာကရောတ် ကိန္တွသ္မိန် မနုၐျေ ယာ ယး ကထာ အကထယတ် တား သရွွား သတျား;
نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار: ــ يەھيا ھېچ مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتمىگەن، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئادەم توغرىسىدا بارلىق ئېيتقانلىرى راست ئىكەن! ــ دېيىشتى.
42 တတြ စ ဗဟဝေါ လောကာသ္တသ္မိန် ဝျၑွသန်၊
شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ يەردە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى.

< ယောဟနး 10 >