خداوند به موسی فرمود: «اکنون خواهی دید که با فرعون چه میکنم! من او را چنان در فشار میگذارم که نه فقط قوم مرا رها کند، بلکه ایشان را به زور از مصر بیرون براند.» | 1 |
لېكىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ئەمدى سەن مېنىڭ پىرەۋنگە قىلىدىغانلىرىمنى كۆرىسەن؛ چۈنكى ئۇ قۇدرەتلىك بىر قولدىن مەجبۇرلىنىپ، ئۇلارنى قويۇپ بېرىدۇ، قۇدرەتلىك بىر قولنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ زېمىنىدىن ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ، ــ دېدى. |
خدا همچنین به موسی گفت: «من یهوه هستم. | 2 |
ئاندىن خۇدا مۇساغا [يەنە] سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. |
من بر ابراهیم، اسحاق و یعقوب با نام خدای قادر مطلق ظاهر شدم، ولی خود را با نام یهوه به آنان نشناساندم. | 3 |
مەن ئىبراھىمغا، ئىسھاققا ۋە ياقۇپقا قادىر-مۇتلەق تەڭرى سۈپىتىدە كۆرۈندۈم؛ لېكىن «ياھۋەھ» دېگەن نامىم بىلەن ئۇلارغا ئاشكارا تونۇلمىدىم. |
من با آنها عهد بستم که سرزمین کنعان را که در آنجا غریب بودند، به ایشان ببخشم. | 4 |
مەن ئۇلار بىلەن: ــ «سىلەر مۇساپىر بولۇپ ئولتۇرغان زېمىننى، يەنى قانائان زېمىنىنى سىلەرگە بېرىمەن» دەپ، ئۇلار بىلەن ئەھدە باغلىشىپ ۋەدە قىلغانمەن. |
من نالههای بنیاسرائیل را که در مصر اسیرند، شنیدم و عهد خود را به یاد آوردم. | 5 |
ئەمدى مەن مىسىرلىقلار قۇل قىلىپ زۇلۇم سالغان ئىسرائىللارنىڭ ئاھ-زارلىرىنى ئاڭلاپ، قىلغان شۇ ئەھدەمنى ئېسىمگە ئالدىم. |
پس برو و به بنیاسرائیل بگو:”من یهوه هستم و شما را از ظلم و ستم رهایی خواهم داد. من شما را از بردگی در مصر نجات خواهم بخشید و با بازوی قدرتمند و داوریهای عظیم شما را خواهم رهانید. | 6 |
شۇڭا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەن ئۆزۈم سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ئېغىر يۈكلىرى ئاستىدىن چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلىپ، قولۇمنى ئۇزىتىپ ئۇلارغا چوڭ بالايىئاپەتلەرنى چۈشۈرۈپ، سىلەرگە ھەمجەمەت بولۇپ ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرىمەن. |
شما را قوم خود خواهم ساخت و خدای شما خواهم بود. آنگاه خواهید دانست که من یهوه، خدای شما هستم که شما را از دست مصریها نجات دادم. | 7 |
سىلەرنى ئۆز قوۋمىم بولۇشقا قوبۇل قىلىمەن ۋە ئۆزۈم خۇدايىڭلار بولىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۆزۈڭلارنى مىسىرلىقلارنىڭ يۈكلىرىنىڭ ئاستىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغۇچىنىڭ مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. |
من شما را به سرزمینی خواهم برد که وعدهٔ آن را به اجدادتان ابراهیم و اسحاق و یعقوب دادم و آن سرزمین را میراث شما خواهم ساخت. من یهوه هستم.“» | 8 |
مەن شۇنىڭ بىلەن سىلەرنى قول كۆتۈرۈپ ئىبراھىمغا، ئىسھاققا ۋە ياقۇپقا بېرىشكە قەسەم قىلغان زېمىنغا ئېلىپ بارىمەن؛ مەن ئۇ يەرنى سىلەرگە مىراس قىلىپ زېمىنلىققا بېرىمەن؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن». |
موسی آنچه را که خدا فرموده بود به بنیاسرائیل بازگفت، ولی ایشان که به سبب سختی کار طاقتشان به سر رسیده بود، به سخنان او اعتنا نکردند. | 9 |
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇسا ئىسرائىللارغا دەپ بەردى؛ لېكىن ئۇلار ئېغىر قۇللۇق ئازابىدىن پىغانغا چۈشكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى. |
آنگاه خداوند به موسی فرمود: | 10 |
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: ــ |
«بار دیگر نزد فرعون برو و به او بگو که باید قوم اسرائیل را رها کند تا از این سرزمین بروند.» | 11 |
بېرىپ مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋنگە: «ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىڭدىن كېتىشىگە يول قوي»، دەپ ئېيتقىن، دېدى. |
موسی در جواب خداوند گفت: «وقتی قوم اسرائیل به گفتههایم اعتنا نمیکنند، چطور انتظار داشته باشم که فرعون به سخنانم گوش دهد؟ من سخنور خوبی نیستم.» | 12 |
لېكىن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا: مانا، ئىسرائىللار ماڭا قۇلاق سالمىغان يەردە، پىرەۋن قانداقمۇ مەندەك كالپۇكى خەتنە قىلىنمىغان بىر ئادەمگە قۇلاق سالسۇن؟ ــ دېدى. |
خداوند به موسی و هارون امر فرمود که پیش بنیاسرائیل و پادشاه مصر بروند و بنیاسرائیل را از مصر بیرون آورند. | 13 |
ئەمما پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ ئىسرائىللارغا ۋە مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋنگە ئىسرائىللار توغرۇلۇق: ــ «ئۇلار مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقىرىلسۇن» دېگەن ئەمر يەتكۈزۈشىنى بۇيرۇدى. |
اینها سران برخی خاندانهای اسرائیل هستند: رئوبین، پسر ارشد یعقوب چهار پسر داشت به نامهای حنوک، فلو، حصرون و کرمی. از هر یک از این افراد، طایفهای به وجود آمد. | 14 |
تۆۋەندىكىلەر جەمەت باشلىقلىرى: ــ ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى بولغان رۇبەننىڭ ئوغۇللىرى ھانۇق، پاللۇ، ھەزرون ۋە كارمى. بۇلار بولسا رۇبەننىڭ نەسىللىرى ئىدى. |
شمعون شش پسر داشت به نامهای یموئیل، یامین، اوهَد، یاکین، صوحر و شائول. (مادر شائول کنعانی بود.) از هر یک از این افراد نیز طایفهای به وجود آمد. | 15 |
شىمېئوننىڭ ئوغۇللىرى: ــ يەمۇئەل، يامىن، ئوھاد، ياقىن، زوھار ۋە قانائانلىق ئايالدىن بولغان سائۇللار ئىدى؛ بۇلار شىمېئوننىڭ نەسىللىرى ئىدى. |
لاوی سه پسر داشت که به ترتیب سن عبارت بودند از: جرشون، قهات و مراری. (لاوی صد و سی و هفت سال عمر کرد.) | 16 |
لاۋىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى، نەسەبنامىلىرىگە ئاساسەن: گەرشون، كوھات ۋە مەرارى؛ لاۋىينىڭ ئۆمرىنىڭ يىللىرى بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل بولدى. |
جرشون دو پسر داشت به نامهای لبنی و شمعی. از هر یک از این افراد خاندانی به وجود آمد. | 17 |
گەرشوننىڭ ئوغۇللىرى ئائىلىلىرى بويىچە: ــ لىبنى ۋە شىمەي. |
قهات چهار پسر داشت به نامهای عمرام، یصهار، حبرون و عزیئیل. (قهات صد و سی و سه سال عمر کرد.) | 18 |
كوھاتنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئامرام، يىزھار، ھېبرون بىلەن ئۇززىئەل. كوھات بىر يۈز ئوتتۇز ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆردى. |
مراری دو پسر داشت به نامهای محلی و موشی. همه کسانی که در بالا به ترتیب سن نامشان آورده شد، طایفههای لاوی را تشکیل میدهند. | 19 |
مەرارىنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ماھلى ۋە مۇشى. بۇلار نەسەبنامىلىرى بويىچە لاۋىينىڭ نەسىللىرى ئىدى. |
عمرام با عمهٔ خود یوکابد ازدواج کرد و صاحب دو پسر شد به نامهای هارون و موسی. (عمرام صد و سی و هفت سال عمر کرد.) | 20 |
ئامرام ئۆز ھاممىسى يوكەبەدنى خوتۇنلۇققا ئالدى، يوكەبەد ئۇنىڭغا ھارۇن ۋە مۇسانى تۇغۇپ بەردى. ئامرام بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى. |
یصهار سه پسر داشت به نامهای قورح، نافج و زکری. | 21 |
يىزھارنىڭ ئوغۇللىرى: ــ كوراھ، نەفەگ ۋە زىكرى ئىدى. |
عزیئیل سه پسر داشت به نامهای میشائیل، ایلصافان و ستری. | 22 |
ئۇززىئەلنىڭ ئوغۇللىرى: ــ مىشائەل، ئەلزافان ۋە سىترى ئىدى. |
هارون با الیشابع دختر عمیناداب و خواهر نحشون ازدواج کرد. فرزندان هارون عبارت بودند از: ناداب، ابیهو، العازار و ایتامار. | 23 |
ھارۇن بولسا ناھشوننىڭ سىڭلىسىنى، يەنى ئاممىنادابنىڭ قىزى ئېلىشېبانى خوتۇنلۇققا ئالدى. ئۇ ئۇنىڭغا ناداب بىلەن ئابىھۇنى، ۋە ئەلىئازار بىلەن ئىتامارنى تۇغۇپ بەردى. |
قورح سه پسر داشت به نامهای اسیر، القانه و ابیاساف. این افراد سران خاندانهای طایفۀ قورح هستند. | 24 |
كوراھنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئاسسىر، ئەلكاناھ ۋە ئابىئاساف؛ بۇلار كوراھلارنىڭ نەسىللىرى ئىدى. |
العازار پسر هارون با یکی از دختران فوتیئیل ازدواج کرد و صاحب پسری به نام فینحاس شد. اینها بودند سران خاندانها و طایفههای لاوی. | 25 |
ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازار پۇتىئەلنىڭ قىزلىرىنىڭ بىرىنى خوتۇنلۇققا ئالدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا فىنىھاسنى تۇغۇپ بەردى؛ بۇلار بولسا ئۆز نەسەبى بويىچە ھەممىسى لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلقلىرى ئىدى. |
هارون و موسی که اسامی آنها در بالا ذکر شد، همان هارون و موسی هستند که خداوند به ایشان فرمود تا تمام بنیاسرائیل را از مصر بیرون ببرند | 26 |
پەرۋەردىگارنىڭ: ــ ئىسرائىللارنى قوشۇنلاردەك توپ-توپى بىلەن مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقىڭلار، دېگەن ئەمرىنى تاپشۇرىۋالغۇچىلار دەل مۇشۇ ھارۇن بىلەن مۇسا ئىدى. |
و ایشان نزد فرعون رفتند تا از او بخواهند قوم اسرائیل را رها کند. | 27 |
ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىرىلسۇن، دەپ مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋنگە سۆز قىلغانلار دەل بۇ كىشىلەر، يەنى مۇشۇ مۇسا بىلەن ھارۇن ئىدى. |
وقتی خداوند در سرزمین مصر با موسی سخن گفت، | 28 |
پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ زېمىنىدا مۇساغا سۆز قىلغان ۋاقتىدا |
به او فرمود: «من یهوه هستم. پیغام مرا به فرعون، پادشاه مصر، برسان.» | 29 |
مۇساغا: «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ساڭا ئېيتقىنىمنىڭ ھەممىسىنى مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋنگە دېگىن»، دەپ ئەمر قىلدى. |
اما موسی به خداوند گفت: «من سخنور خوبی نیستم، چگونه انتظار داشته باشم پادشاه مصر به سخنانم گوش دهد؟» | 30 |
لېكىن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا: ــ مەندەك كالپۇكى خەتنە قىلىنمىغان بىر كىشىگە پىرەۋن قانداقمۇ قۇلاق سالسۇن؟» ــ دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى. |