پس از دیدار با بزرگان قوم، موسی و هارون نزد فرعون رفتند و به او گفتند: «ما از جانب یهوه خدای اسرائیل پیامی برای تو آوردهایم. او میفرماید:”قوم مرا رها کن تا به بیابان بروند و مراسم عید را برای پرستش من بجا آورند.“» | 1 |
ئاندىن مۇسا بىلەن ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ساڭا: ــ «ئۇلارنىڭ بېرىپ چۆلدە ماڭا ئىبادەت قىلىپ، ھېيت ئۆتكۈزۈشىگە قوۋمىمغا يول قويسۇن» دەيدۇ، ــ دېدى. |
فرعون گفت: «یهوه کیست که من به حرفهایش گوش بدهم و بنیاسرائیل را آزاد کنم؟ من خداوند را نمیشناسم و بنیاسرائیل را نیز آزاد نمیکنم.» | 2 |
لېكىن پىرەۋن جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، مېنى ئىسرائىلغا يول قويغۇزىدىغان قانداق پەرۋەردىگار ئىكەن ئۇ؟ مەن ئۇ پەرۋەردىگارنى تونۇمايمەن ھەم ئىسرائىلغىمۇ يول قويمايمەن، دېدى. |
موسی و هارون گفتند: «خدای عبرانیها ما را ملاقات کرده است. اکنون به ما اجازه بده که یک سفر سه روزه، به بیابان برویم و در آنجا برای خداوند خدای خود قربانی کنیم و گرنه او ما را بهوسیله بلا یا شمشیر خواهد کشت.» | 3 |
ئۇلار سۆز قىلىپ: ــ ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى بىز بىلەن كۆرۈشتى. شۇڭا ئۆتۈنىمىزكى، بىزگە پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا قۇربانلىق سۇنۇش ئۈچۈن بىزگە چۆلگە بېرىشقا ئۈچ كۈنلۈك يولغا رۇخسەت بەرگەيسىز. بولمىسا، ئۇ بىزنى ۋابا ياكى قىلىچ بىلەن ئۇرۇشى مۇمكىن، ــ دېدى. |
پادشاه مصر به موسی و هارون گفت: «چرا بنیاسرائیل را از کارشان باز میدارید؟ به کار خود برگردید! | 4 |
لېكىن مىسىرنىڭ پادىشاھى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەي مۇسا ۋە ھارۇن، نېمىشقا ئىككىڭلار خەلقنى ئىشلىرىدىن توختىتىپ قويماقچى بولىسىلەر؟ بېرىپ ئۆز ئەپكىشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! ــ دېدى. |
حال که تعدادتان زیاد شده است، میخواهید دست از کار بکشید؟» | 5 |
پىرەۋن يەنە: ــ مانا، خەلق يۇرتتا زىيادە ئاۋۇپ كەتتى. سىلەر بولساڭلار، ئۇلارنى ئەپكەشلىرىدىن خالاس قىلماقچىسىلەر، دېدى. |
در آن روز فرعون به سرکارگران مصری و ناظران اسرائیلی خود چنین دستور داد: | 6 |
شۇ كۈنى پىرەۋن نازارەتچىلەرگە ۋە نازارەتچىلەرنىڭ قول ئاستىدىكى ئىش باشلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: ــ |
«از این پس به اسرائیلیها برای تهیه خشت، کاه ندهید؛ آنها باید خودشان کاه جمع کنند. | 7 |
ھازىردىن باشلاپ خەلققە ئىلگىرىكىدەك كېسەك قۇيۇشقا سامان بەرمەڭلار! ئۇلار ساماننى ئۆزلىرى يىغسۇن. |
اما تعداد خشتها نیز نباید کمتر شود. پیداست به اندازه کافی کار ندارند و گرنه فکر رفتن و قربانی کردن به سرشان نمیزد. | 8 |
لېكىن ئىلگىرى قانچىلىك كېسەك قۇيۇپ كەلگەن بولسا، ھېلىھەم كەم قىلماي شۇنچىلىك كېسەك قۇيدۇرۇڭلار؛ چۈنكى ئۇلار ھۇرۇنلىشىپ: «خۇدايىمىزغا قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشكە بىزنى بارغىلى قوي» دەپ غەلۋە قىلىشىۋاتىدۇ. |
چنان از آنها کار بکشید که فرصتی برای گوش دادن به حرفهای بیهوده نداشته باشند.» | 9 |
ئەمدى ئۇلارنى ئۆز ئىشىغا تولۇق بەند بولۇپ، يالغان-ياۋىداق گەپلەرگە قۇلاق سالماسلىقى ئۈچۈن، بۇ ئادەملەرنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ ئېغىر ئەمگەكلەرنى يۈكلەڭلار، ــ دېدى. |
پس ناظران و سرکارگران به قوم اسرائیل گفتند: «به فرمان فرعون از این پس به شما برای تهیه خشت، کاه داده نخواهد شد. | 10 |
شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ئۈستىدىكى نازارەتچىلەر بىلەن ئىش باشلىرى چىقىپ خەلققە: پىرەۋن شۇنداق دېدىكى، مەن ئەمدى سىلەرگە سامان بەرمەيدىغان بولدۇم. |
خودتان بروید و از هر جا که میخواهید کاه جمع کنید و از آن خشت بسازید. مقدار خشتها نیز نباید از گذشته کمتر باشد.» | 11 |
ئۆزۈڭلار بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قەيەردىن سامان تاپالىساڭلار، شۇ يەردىن ئېلىپ كېلىڭلار؛ لېكىن قىلىدىغان ئىشلىرىڭلار بولسا قىلچىلىكمۇ كېمەيتىلمەيدۇ، ــ دېدى. |
پس، بنیاسرائیل در سراسر مصر پراکنده شدند تا پوشال برای تهیۀ کاه جمع کنند. | 12 |
بۇنىڭ بىلەن خەلق پۈتكۈل مىسىر زېمىنىغا تارىلىپ، ساماننىڭ ئورنىغا پاخال يىغىشقا باشلىدى. |
در این میان، ناظران مصری نیز بر آنها فشار میآوردند تا به همان اندازهٔ سابق خشت تولید کنند | 13 |
نازارەتچىلەر بولسا ئۇلارنى قىستاپ: سىلەرگە سامان بېرىلگەن چاغدىكىدەك ھازىرمۇ ھەر كۈنلۈك ئىشنى شۇ كۈنى قىلىڭلار، دېدى. |
و سرکارگران اسرائیلی را میزدند و میگفتند: «چرا کارتان را مثل گذشته انجام نمیدهید؟» | 14 |
ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىگە پىرەۋننىڭ نازارەتچىلىرى تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسرائىللىق ئىش باشلىرى تاياق يېدى ۋە: ــ تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن نېمىشقا كېسەك قۇيۇش ۋەزىپسىنى بۇرۇنقىدەك توشقۇزۇپ ئورۇنلىمىدىڭلار؟! ــ دەپ تىل ئىشىتتى. |
سرکارگران اسرائیلی نزد فرعون رفتند و شکایت کرده، گفتند: «چرا با ما اینچنین رفتار میشود؟ | 15 |
ئاندىن ئىسرائىللىق ئىش باشلىرى پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ: نېمىشقا ئۆز قۇللىرىغا مۇنداق مۇئامىلە قىلىدىلا؟ |
ناظران به ما کاه نمیدهند و انتظار دارند به اندازهٔ گذشته خشت تولید کنیم! آنها بیسبب ما را میزنند، در حالی که ما تقصیری نداریم، بلکه خودشان مقصرند.» | 16 |
ئۆز قۇللىرىغا ھېچ سامان بېرىلمىدى. لېكىن [نازارەتچىلەر] يەنىلا «كېسەك قۇيدۇرۇڭلار» دەپ بىزنى بۇيرۇيدۇ. مانا، ئۆز قۇللىرى تاياق يەۋاتىدۇ، ئەمما ئەيىب بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرىدە، دەپ پەرياد قىلدى. |
فرعون گفت: «شما تنبلید! تنبل! و گرنه نمیگفتید:”اجازه بده برویم و برای خداوند قربانی کنیم.“ | 17 |
لېكىن ئۇ يەنە: ــ سىلەر ھۇرۇن ئىكەنسىلەر! ھۇرۇن ئىكەنسىلەر! شۇڭا سىلەر: «بېرىپ پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشىمىزگە ئىجازەت بەر دەۋاتىسىلەر. |
حال به سر کارتان بازگردید، همانطور که دستور دادهام کاه به شما داده نخواهد شد و به اندازهٔ گذشته باید خشت تحویل بدهید.» | 18 |
قايتىپ بېرىپ ئىشىڭنى قىلىش! سىلەرگە سامان بېرىلمەيدۇ، بىراق كېسەكلەرنى بەلگىلەنگەن سان بويىچە [ئاۋۋالقىدەك] تولۇق تاپشۇرۇشىسەن، دېدى. |
سرکارگران اسرائیلی وقتی سخنان فرعون را شنیدند که نباید از تعداد خشتها چیزی کم شود، فهمیدند در وضع بدی گرفتار شدهاند. | 19 |
ئىسرائىللىق ئىش باشلىرى [پىرەۋننىڭ]: «سىلەر ھەركۈنلۈك ۋەزىپەڭلارنى، يەنى تەلەپ قىلغان كېسەكلەرنى بەلگىلەنگەن ساندىن كېمەيتسەڭلار قەتىي بولمايدۇ» دېگىنىگە قاراپ، بېشىغا بالا-قازانىڭ چۈشىدىغانلىقىنى بىلىشتى. |
وقتی آنها از قصر فرعون بیرون میآمدند، به موسی و هارون که بیرون قصر منتظر ایستاده بودند، برخوردند. | 20 |
ئۇلار پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كېلىۋاتقىنىدا، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشكە كېلىپ شۇ يەردە ساقلاپ تۇرغان مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. |
پس به ایشان گفتند: «خداوند داد ما را از شما بگیرد که همهٔ ما را از چشم فرعون و درباریانش انداختید و بهانهای به دست ایشان دادید تا ما را بکشند.» | 21 |
ئۇلار مۇسا بىلەن ھارۇنغا: ــ بىزنى پىرەۋننىڭ نەزىرىدە ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ نەزىرىدە سېسىتىپ، بىزنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇلارنىڭ قولىغا قىلىچ تۇتقۇزغىنىڭلار ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا ھۆكۈم قىلسۇن! ــ دېدى. |
پس، موسی نزد خداوند آمد و گفت: «خداوندا، چرا قوم خود را با سختیها مواجه میکنی؟ آیا برای همین مرا فرستادی؟ | 22 |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېنىپ بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئىگەم، نېمىشقا بۇ خەلقنى بالاغا تىقتىڭ؟ سەن نېمە ئۈچۈن مېنى ئەۋەتتىڭ؟ |
از وقتی که پیغام تو را به فرعون رساندهام، بر این قوم ظلم میکند و تو هم به داد ایشان نمیرسی.» | 23 |
چۈنكى مەن پىرەۋننىڭ ئالدىغا كىرىپ سېنىڭ نامىڭ بىلەن سۆز قىلغىنىمدىن تارتىپ، ئۇ بۇ خەلقنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ زىيادە ئازاب قىلغىلى تۇردى. ئەمما سەن تېخىچە قوۋمىڭنى ھېچ قۇتقۇزمىدىڭ، ــ دېدى. |