سموئیل وفات یافت و همۀ اسرائیل جمع شده، برای او عزاداری کردند. سپس او را در شهر خودش «رامه» دفن کردند. در این هنگام، داوود به صحرای معون رفت. | 1 |
سامۇئىل ئۆلدى. پۈتكۈل ئىسرائىل يىغىلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتتى؛ ئۇلار ئۇنى ئۇنىڭ راماھدىكى ئۆيىدە دەپنە قىلدى. داۋۇت بولسا قوپۇپ پاران چۆلىگە باردى. |
در آنجا مرد ثروتمندی از خاندان کالیب به نام نابال زندگی میکرد. او املاکی در کرمل داشت و صاحب سه هزار گوسفند و هزار بز بود. همسر او اَبیجایِل نام داشت و زنی زیبا و باهوش بود، اما خود او خشن و بدرفتار بود. یک روز وقتی نابال در کرمل مشغول چیدن پشم گوسفندانش بود، | 2 |
ئەمدى تىرىكچىلىكى كارمەلدە بولغان، مائوندا ئولتۇرۇقلۇق بىر ئادەم بار ئىدى. بۇ كىشى بەك باي بولۇپ ئۈچ مىڭ قوي، بىر مىڭ ئۆچكىسى بار ئىدى. ئۇ ئۆز قويلىرىنى كارمەلدە قىرقىۋاتاتتى. |
3 |
ئۇ ئادەمنىڭ ئىسمى نابال بولۇپ، ئايالىنىڭ ئىسمى ئابىگائىل ئىدى؛ ئايالى ھەم پەم-پاراسەتلىك ھەم ئەپت-تۇرقى چىرايلىق، لېكىن ئېرى قاتتىق قول ۋە رەزىل ئىدى؛ ئۇ كالەبنىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى. |
4 |
داۋۇت چۆلدە تۇرۇپ نابالنىڭ ئۆز قويلىرىنى قىرقىيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ |
داوود ده نفر از افراد خود را نزد او فرستاد تا سلامش را به وی برسانند و چنین بگویند: | 5 |
ئون ياش يىگىتنى ئۇ يەرگە ماڭدۇرۇپ ئۇلارغا: ــ سىلەر كارمەلگە چىقىپ نابالنىڭ قېشىغا بېرىپ، مەندىن ئۇنىڭغا سالام ئېيتىڭلار. |
«خدا تو و خانوادهات را کامیاب سازد و اموالت را برکت دهد. | 6 |
ئۇنىڭغا: ــ «ياشىغايسەن؛ سىزگە تىنچ-ئامانلىق بولغاي، ئۆيىڭىزگە تىنچ-ئامانلىق بولغاي، ھەممە بارلىقىڭىزغا تىنچ-ئامانلىق بولغاي! |
شنیدهام مشغول چیدن پشم گوسفندانت هستی. ما به چوپانان تو که در این مدت در میان ما بودهاند آزاری نرساندهایم و نگذاشتهایم حتی یکی از گوسفندانت که در کرمل هستند، گم شود. | 7 |
مەن قىرقىغۇچىلارنىڭ سىزدە ئىش باشلىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. سىزنىڭ پادىچىلىرىڭىز بىز تەرەپلەردە تۇرغاندا ئۇلارغا ھېچ زەخمە يەتكۈزمىدۇق؛ بىز كارمەلدە تۇرغان ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ھېچ تەرسىسى يىتىپ كەتمىدى. |
از چوپانان خود بپرس که ما راست میگوییم یا نه. پس حال که افرادم را نزد تو میفرستم، خواهش میکنم لطفی در حق آنها بکن و در این عید هر چه از دستت برآید به غلامانت و به دوستت داوود، بده.» | 8 |
ئۆز يىگىتلىرىڭىزدىن سورىسىڭىز ئۇلار سىزگە دەپ بېرىدۇ. شۇڭا بىز قۇتلۇق بىر كۈنىدە كەلدۇق، شۇڭا يىگىتلىرىمىز نەزىرىڭىزدە ئىلتىپات تاپسۇن؛ ئۆز قولىڭىزغا نېمە چىقسا شۇنى كەمىنىلىرىڭىزگە ۋە ئوغلىڭىز داۋۇتقا نېمە چىقسا شۇنى بەرگەيسىز»، دەڭلار، ــ دېدى. |
افراد داوود پیغام را به نابال رساندند و منتظر پاسخ ماندند. | 9 |
داۋۇتنىڭ يىگىتلىرى ئۇ يەرگە بېرىپ بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى داۋۇتنىڭ نامىدا ئۇنىڭغا ئېيتىپ ئاندىن جىم تۇرۇپ ساقلىدى. |
نابال گفت: «این داوود دیگر کیست و پسر یَسا چه کسی است؟ در این روزها نوکرانی که از نزد اربابان فرار میکنند، زیاد شدهاند. | 10 |
نابال داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرىغا جاۋاب بېرىپ: ــ داۋۇت دېگەن كىم؟ يەسسەنىڭ ئوغلى دېگەن كىم؟ بۇ كۈنلەردە ئۆز غوجىلىرىنى تاشلاپ كېتىۋاتقان خىزمەتكارلار تولا. |
میخواهید نان و آب و گوشت را از دهان کارگرانم بگیرم و به شما که معلوم نیست از کجا آمدهاید، بدهم؟» | 11 |
مەن ئۆزۈمنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىمنى ۋە يۇڭ قىرقۇغۇچىلىرىمغا سويغان گۆشنى كەلگەن جايى نامەلۇم بولغان كىشىلەرگە بېرەمدىم؟ ــ دېدى. |
افراد داوود نزد او برگشتند و آنچه را که نابال گفته بود برایش تعریف کردند. | 12 |
داۋۇتنىڭ يىگىتلىرى كەلگەن يولىغا يېنىپ كەتتى. يېنىپ كېلىپ ئۇلار داۋۇتقا ھەممە گەپنى دەپ بەردى. |
داوود در حالی که شمشیر خود را به کمر میبست، به افرادش دستور داد که شمشیرهای خود را بردارند. چهارصد نفر شمشیر به دست همراه داوود به راه افتادند و دویست نفر نزد اثاثیه ماندند. | 13 |
داۋۇت ئۆز ئادەملىرىگە: ــ ھەر بىرىڭلار ئۆز قىلىچىڭلارنى ئېسىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەربىرى ئۆز قىلىچىنى [تاسمىسىغا] ئاستى، داۋۇتمۇ ئۆز قىلىچىنى ئاستى. ئاندىن تۆت يۈزچە ئادەم داۋۇت بىلەن چىقتى، ۋە ئىككى يۈز كىشى جابدۇقلار بىلەن قالدى. |
در این موقع یکی از نوکران نابال نزد اَبیجایِل رفت و به او گفت: «داوود، افراد خود را از صحرا نزد ارباب ما فرستاد تا سلامش را به او برسانند، ولی ارباب ما به آنها اهانت نمود. | 14 |
ئەمما نابالنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ ئايالى ئابىگائىلغا: ــ داۋۇت ئەلچىلەرنى چۆلدىن غوجىمىزغا سالام بېرىشكە ئەۋەتكەنىكەن؛ لېكىن ئۇ ئۇلارنى تىللاپ كايىپ كەتتى. |
در صورتی که افراد داوود با ما رفتار خوبی داشتهاند و هرگز آزارشان به ما نرسیده است، بلکه شب و روز برای ما و گوسفندانمان چون حصار بودهاند و تا وقتی که در صحرا نزد آنها بودیم حتی یک گوسفند از گلهٔ ما دزدیده نشد. | 15 |
بۇ ئادەملەر بولسا، بىزگە كۆپ ياخشىلىق قىلغان. بىز دالادا ئۇلارنىڭ يېنىدا يۈرگەن ۋاقىتلىرىمىزدا بىزگە ھېچ يامانلىق كەلمىدى، بىزنىڭ ھېچ نەرسىمىزمۇ يىتىپ كەتمىگەنىدى. |
16 |
بىز ئۇلارغا يېقىن جايدا قوي باققان ۋاقىتتا ئۇلار كېچە-كۈندۈز بىزگە سېپىلدەك بولغانىدى. |
بهتر است تا دیر نشده فکری به حال ارباب و خانوادهاش بکنی، چون جانشان در خطر است. ارباب به قدری بداخلاق است که نمیشود با او حرف زد.» | 17 |
ئەمدى بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولدىلا، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلىشىپ باققايلا. بولمىسا، غوجىمىزغا ۋە پۈتكۈل ئۆيدىكىلىرىگە بىر بالا-قازا كەلمەي قالمايدۇ. ئۇ شۇنچە كاج بىر ئادەمكى، ھېچكىم ئۇنىڭغا سۆز قىلىشقا پېتىنالمايدۇ، دېدى. |
آنگاه اَبیجایِل با عجله دویست نان، دو مشک شراب، پنج گوسفند کباب شده، هفده کیلو غلهٔ برشته و صد نان کشمشی و دویست نان انجیری برداشته، آنها را روی چند الاغ گذاشت | 18 |
ئابىگائىل دەرھال ئىككى يۈز نان، ئىككى تۇلۇم شاراب، بەش پىشۇرۇلغان قوي، بەش سېئاھ قوماچ، بىر يۈز كىشمىش پوشكىلى، ئىككى يۈز ئەنجۈر پوشكىلى ئېلىپ ئېشەكلەرگە ئارتىپ |
و به نوکران خود گفت: «شما جلوتر بروید و من هم به دنبال شما خواهم آمد.» ولی در این مورد چیزی به شوهرش نگفت. | 19 |
ئۆز يىگىتلىرىگە: ــ مېنىڭ ئالدىمدا بېرىڭلار؛ مانا، مەن كەينىڭلاردىن باراي، دېدى. لېكىن ئۇ ئۆز ئېرى نابالغا بۇ ئىشنى دېمىدى. |
ابیجایل بر الاغ خود سوار شد و به راه افتاد. وقتی در کوه به سر یک پیچ رسید، داوود و افرادش را دید که به طرف او میآیند. | 20 |
ئۇ ئۆز ئېشىكىگە مىنىپ تاغنىڭ ئېتىكىدىن چۈشكەندە، مانا داۋۇت ئادەملىرى بىلەن ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا چۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتى. |
داوود پیش خود چنین فکر کرده بود: «من در حق این مرد بسیار خوبی کردم. گلههای او را محافظت نمودم و نگذاشتم چیزی از آنها دزدیده شود، اما او این خوبی مرا با بدی جبران کرد. | 21 |
داۋۇت ئەسلىدە: ــ مەن بۇ كىشىنىڭ مېلىنى چۆلدە بىكاردىن بىكار قوغداپ، ئۇنىڭ بارلىقىدىن ھېچنېمىنى يىتتۈرگۈزمىگەنىدىم؛ لېكىن ئۇ ياخشىلىقنىڭ ئورنىدا ماڭا يامانلىق قىلدى. |
خدا مرا سخت مجازات کند اگر تا فردا صبح یکی از افراد او را زنده بگذارم!» | 22 |
ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن ئەتىگىچە بىرەر ئەركەكنى قالدۇرۇپ قويسام، خۇدا مەن داۋۇتنى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق جازالىغاي، دېگەنىدى. |
وقتی ابیجایل داوود را دید فوری از الاغ پیاده شد و به او تعظیم نمود. | 23 |
ئابىگائىل داۋۇتنى كۆرۈپ، ئالدىراپ ئېشەكتىن چۈشۈپ، داۋۇتنىڭ ئالدىدا يىقىلىپ يۈزىنى يەرگە يېقىپ تەزىم قىلدى؛ |
او به پاهای داوود افتاده، گفت: «سرور من، تمام این تقصیرات را به گردن من بگذارید، ولی اجازه بفرمایید بگویم قضیه از چه قرار است: | 24 |
ئۇنىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئى غوجام، بۇ قەبىھلىك ماڭا ھېسابلانسۇن؛ ئەمدى شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، دېدەكلىرىنىڭ سىلىگە سۆز قىلىشىغا ئىجازەت قىلىپ، دېدىكلىرىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغايلا: ــ |
نابال آدم بداخلاقی است. پس خواهش میکنم به حرفهایی که زده است توجه نکنید. همانگونه که از اسمش هم پیداست او شخص نادانی است. متأسفانه من از آمدن افراد شما مطلع نشدم. | 25 |
ئۆتۈنىمەنكى، غوجام بۇ رەزىل ئادەم نابالغا پىسەنت قىلمىغايلا؛ چۈنكى ئۇنىڭ مىجەزى خۇددى ئىسمىغا ئوخشاشتۇر؛ ئۇنىڭ ئىسمى «كاج»، دەرۋەقە ئۇنىڭدا كاجلىق تولىمۇ ئېغىردۇر. لېكىن مەن دېدەكلىرى بولسا غوجام ئەۋەتكەن يىگىتلەرنى كۆرمىدىم. |
سرور من، خداوند نمیخواهد دست شما به خون دشمنانتان آلوده شود و خودتان از آنها انتقام بگیرید، به حیات خداوند و به جان شما قسم که همهٔ دشمنان و بدخواهانتان مانند نابال هلاک خواهند شد. | 26 |
ئەمدى ئى غوجام، پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن ۋە سېنىڭ جېنىڭ بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، پەرۋەردىگار سىلىنى ئۆز قوللىرى بىلەن قان تۆكۈپ ئىنتىقام ئېلىشتىن ساقلىدى. ئەمدى دۈشمەنلىرىمۇ، سىلى غوجامغا يامانلىق قىلماقچى بولغانلارمۇ نابالغا ئوخشاش بولسۇن. |
حال، خواهش میکنم این هدیهٔ کنیزتان را که برای افرادتان آورده است، قبول فرمایید | 27 |
ئەمدى دېدەكلىرى غوجامغا ئېلىپ كەلگەن بۇ سوۋغات بولسا غوجامغا ئەگەشكەن يىگىتلەرگە تەقسىم قىلىنسۇن. |
و مرا ببخشید. خداوند، شما و فرزندانتان را بر تخت سلطنت خواهد نشاند، چون برای اوست که میجنگید، و در تمام طول عمرتان هیچ بدی به شما نخواهد رسید. | 28 |
سىلىدىن ئۆتۈنىمەنكى، دېدەكلىرىنىڭ سەۋەنلىكىنى كەچۈرگەيلا؛ چۈنكى سىلى، ئى غوجام پەرۋەردىگارنىڭ جەڭلىرىنى قىلىپ كەلگەنلىرى ئۈچۈن، بارلىق كۈنلىرىدە سىلىدە يامانلىق تېپىلمىغىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگار جەزمەن جەمەتلىرىنى مەزمۇت قىلىدۇ. |
هر وقت کسی بخواهد به شما حمله کند و شما را بکشد، خداوند، خدایتان جان شما را حفظ خواهد کرد، همانطور که گنج گرانبها را حفظ میکنند و دشمنانتان را دور خواهد انداخت، همانگونه که سنگها را در فلاخن گذاشته، میاندازند. | 29 |
بىرسى قوپۇپ سىلىنى قوغلاپ جانلىرىنى ئىزدىسە، سىلى غوجامنىڭ جېنى پەرۋەردىگار خۇدالىرىنىڭ قېشىدىكى تىرىكلەر خالتىسى ئىچىدە ئورىلىپ ساقلىنىدۇ، لېكىن دۈشمەنلىرىنىڭ جانلىرىنى بولسا، ئۇ سالغۇغا سېلىپ چۆرۈپ تاشلايدۇ. |
وقتی خداوند تمام وعدههای خوب خود را در حق شما انجام دهد و شما را به سلطنت اسرائیل برساند، | 30 |
ئەمدى پەرۋەردىگار سىلى غوجام توغرىسىدا ئېيتقان بارلىق ياخشى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، سىلىنى ئىسرائىلغا باش قىلغاندا شۇنداق بولىدۇكى، |
آنگاه از اینکه بیسبب دستتان را به خون آلوده نکردید و انتقام نگرفتند، پشیمان نخواهید شد. هنگامی که خداوند به شما توفیق دهد، کنیزتان را نیز به یاد آورید.» | 31 |
سىلى غوجامنىڭ ناھەق قان تۆكمىگەنلىكلىرى ياكى ئۆز ئىنتىقاملىرىنى ئالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن كۆڭۈللىرىگە پۇتلىكاشاڭ ياكى دەرد بولمايدۇ. ۋە پەرۋەردىگار غوجامغا نۇسرەت بەرگىنىدە سىلى ئۆز دېدەكلىرىنى ياد قىلغايلا». |
داوود به ابیجایل پاسخ داد: «متبارک باد خداوند، خدای اسرائیل که امروز تو را نزد من فرستاد! | 32 |
داۋۇت ئابىگائىلغا: ــ سېنى بۈگۈن مېنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشقا ئەۋەتكەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلغاي! |
خدا تو را برکت دهد که چنین حکمتی داری و نگذاشتی دستهایم به خون مردم آلوده شود و با دستهای خود انتقام بگیرم. | 33 |
ئەمدى ئەقىل-پاراسىتىڭگە بارىكاللا، ساڭىمۇ بارىكاللا! چۈنكى سەن بۈگۈن مېنى ئۆز قولۇم بىلەن قان تۆكۈپ ئىنتىقام ئېلىشتىن توستۇڭ. |
زیرا به حیات خداوند، خدای اسرائیل که نگذاشت به تو آسیبی برسانم قسم که اگر تو نزد من نمیآمدی تا فردا صبح کسی را از افراد نابال زنده نمیگذاشتم.» | 34 |
لېكىن مېنى ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشتىن ساقلىغان ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن مېنىڭ ئالدىمغا تېزلىنىپ كەلمىگەن بولساڭ، نابالنىڭ ئادەملىرىدىن ھېچ ئەركەك ئەتىگىچە تىرىك قالماس ئىدى، دېدى. |
آنگاه داوود هدایای او را قبول کرد و به او گفت: «به سلامتی به خانهات برگرد، چون حرفهایت را شنیدم و مطابق خواهش تو عمل خواهم کرد.» | 35 |
ئاندىن داۋۇت ئۇنىڭ ئۆزىگە كەلتۈرگەن نەرسىلىرىنى قولىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۇنىڭغا: ــ تىنچ-ئامان ئۆيۈڭگە بارغىن، مانا سۆزلىرىڭگە قۇلاق سېلىپ، كۆڭلۈڭنى قوبۇل قىلدىم، دېدى. |
وقتی اَبیجایِل به خانه رسید دید که شوهرش یک مهمانی شاهانه ترتیب داده و خودش هم سرمست از باده است. پس چیزی به او نگفت. | 36 |
ئابىگائىل نابالنىڭ قېشىغا كەلدى؛ مانا، ئۇ ئۆيىدە شاھانە زىياپەتتەك بىر زىياپەت ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. نابال كۆڭلىدە خۇشال ئىدى ۋە ئىنتايىن مەست بولۇپ كەتكەنىدى. شۇڭا ئابىگائىل ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭغا ھېچ نېمە دېمىدى. |
صبح روز بعد که مستی از سر نابال پریده بود، زنش همۀ وقایع را برای او تعریف کرد. ناگهان قلب نابال از حرکت بازایستاد و او مثل تکه سنگی بر بستر خود افتاد. | 37 |
لېكىن ئەتىسى نابال مەستلىكتىن يېشىلگەندە ئايالى ئۇنىڭغا بولغان ۋەقەلەرنى دەپ بېرىۋىدى، ئۇنىڭ يۈرىكى ئۆلگەندەك بولۇپ، ئۆزى تاشتەك بولۇپ قالدى. |
و بعد از ده روز خداوند بلایی به جانش فرستاد و او مرد. | 38 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، تەخمىنەن ئون كۈندىن كېيىن نابالنى پەرۋەردىگار ئۇردى ۋە ئۇ ئۆلدى. |
داوود وقتی شنید نابال مرده است، گفت: «خدا خود انتقام مرا از نابال گرفت و نگذاشت خدمتگزارش دستش به خون آلوده شود. سپاس بر خداوند که نابال را به سزای عمل بدش رسانید.» آنگاه داوود قاصدانی نزد اَبیجایِل فرستاد تا او را برای وی خواستگاری کنند. | 39 |
داۋۇت نابالنىڭ ئۆلگىنىنى ئاڭلاپ: ــ پەرۋەردىگار مۇبارەكتۇر. چۈنكى ئۇ مەن نابالدىن تارتقان ھاقارەت ئۈچۈن دەۋايىمنى سوراپ ئۆز قۇلىنى يامانلىقتىن ساقلىدى؛ ئەكسىچە پەرۋەردىگار نابالنىڭ يامانلىقىنى ئۆز بېشىغا ياندۇردى، دېدى. ئاندىن ئابىگائىلنى ئۆز ئەمرىمگە ئالاي دەپ، ئۇنىڭغا سۆز قىلغىلى ئەلچى ماڭدۇردى. |
چون قاصدان به کرمل رسیدند به اَبیجایِل گفتند: «داوود ما را فرستاده تا تو را برایش به زنی بگیریم». | 40 |
داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرى كارمەلگە ئابىگائىلنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ سېنى ئەمرىمگە ئالاي دەپ داۋۇت ساڭا سۆز قىلغىلى بىزنى ئەۋەتتى، دېدى. |
اَبیجایِل تعظیم کرده، جواب داد: «من کنیز او هستم و آمادهام تا پاهای خدمتگزارانش را بشویم.» | 41 |
ئابىگائىل بولسا قوپۇپ يۈزىنى يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلىپ: ــ مانا، دېدىكىڭ غوجامنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشقا قۇل بولسۇن، دېدى. |
او فوری از جا برخاست و پنج کنیزش را با خود برداشته، سوار بر الاغ شد و همراه قاصدان نزد داوود رفت و زن او شد. | 42 |
ئاندىن ئابىگائىل شۇ ھامان ئۆزىگە ھەمراھ بولغان بەش چۆرىسى بىلەن ئېشەككە مىنىپ داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ كەينىدىن بېرىپ، ئۇنىڭ ئايالى بولدى. |
داوود زن دیگری نیز به نام اخینوعم یزرعیلی داشت. | 43 |
داۋۇت يىزرەئەللىك ئاھىنوئامنى ھەم خوتۇنلۇققا ئالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى ئۇنىڭغا خوتۇن بولدى. |
در ضمن شائول دخترش میکال را که زن داوود بود به مردی به نام فلطی (پسر لایش) از اهالی جلیم داده بود. | 44 |
لېكىن سائۇل داۋۇتقا خوتۇن قىلىپ بەرگەن قىزى مىقالنى گاللىمدىكى لائىشنىڭ ئوغلى فالتىغا خوتۇنلۇققا بەرگەنىدى. |