وقتی که خداوند داوود را از دست شائول و دشمنان دیگرش رهانید، او این سرود را برای خداوند سرایید: | 1 |
پەرۋەردىگار ئۇنى بارلىق دۈشمەنلىرىدىن ھەم سائۇل پادىشاھنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان كۈنى، ئۇ پەرۋەردىگارغا بۇ كۈينى ئېيتتى: ــ |
خداوند قلعهٔ من است. او صخرهٔ من است و مرا نجات میبخشد. | 2 |
ئۇ مۇنداق دېدى: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ خادا تېغىم، مېنىڭ قورغىنىم، مېنىڭ نىجاتكارىمدۇر! |
خدایم صخرهٔ محکمی است که به آن پناه میبرم. او همچون سپر از من محافظت میکند، به من پناه میدهد و با قدرتش مرا میرهاند. نجاتدهندۀ من، مرا از ظلم میرهاند. | 3 |
خۇدا مېنىڭ قورام تېشىمدۇر، مەن ئۇنىڭغا تايىنىمەن ــ ئۇ مېنىڭ قالقىنىم، مېنىڭ قۇتقۇزغۇچى مۈڭگۈزۈم، مېنىڭ ئېگىز مۇنارىم ۋە باشپاناھىم، مېنىڭ قۇتقۇزغۇچىمدۇر؛ سەن مېنى زوراۋانلاردىن قۇتقۇزىسەن! |
او را به کمک خواهم طلبید و از چنگ دشمنان رهایی خواهم یافت. ای خداوند تو شایستهٔ پرستش هستی! | 4 |
مەدھىيىلەرگە لايىق پەرۋەردىگارغا مەن نىدا قىلىمەن، شۇنداق قىلىپ، مەن دۈشمەنلىرىمدىن قۇتقۇزۇلىمەن؛ |
مرگ، مرا در چنگال خود گرفتار کرده بود و موجهای ویرانگرش مرا در بر گرفته بود. | 5 |
چۈنكى ئۆلۈمنىڭ ئاسارەتلىرى مېنى قورشىۋالدى، ئىخلاسسىزلارنىڭ يامراپ كېتىشى مېنى قورقىتىۋەتتى؛ |
مرگ برای من دام نهاده بود تا مرا به کام خود بکشد. (Sheol h7585) | 6 |
تەھتىسارانىڭ تانىلىرى مېنى چىرمىۋالدى، ئۆلۈم سىرتماقلىرى ئالدىمغا كەلدى. (Sheol h7585) |
اما من در این پریشانی به سوی خداوند فریاد برآوردم و از خدایم کمک خواستم. فریاد من به گوش او رسید و او از خانهٔ مقدّسش نالهٔ مرا شنید. | 7 |
قىينالغىنىمدا مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدىم، خۇدايىمغا پەرياد كۆتۈردۈم؛ ئۇ ئىبادەتخانىسىدىن ئاۋازىمنى ئاڭلىدى، مېنىڭ پەريادىم ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىردى. |
آنگاه زمین تکان خورد و لرزید و بنیاد آسمان مرتعش شد و به لرزه درآمد، زیرا خداوند به خشم آمده بود. | 8 |
ئاندىن يەر-زېمىن تەۋرەپ سىلكىنىپ كەتتى، ئاسمانلارنىڭ ئۇللىرى دەھشەتلىك تەۋرەندى، سىلكىنىپ كەتتى؛ چۈنكى ئۇ غەزەپلەندى. |
دود از بینی او برآمد و شعلههای سوزانندهٔ آتش از دهانش زبانه کشید. | 9 |
ئۇنىڭ دىمىغىدىن ئىس ئۆرلەپ تۇراتتى، ئاغزىدىن چىققان ئوت ھەممىسىنى يۇتۇۋەتتى؛ ئۇنىڭدىن كۆمۈر چوغلىرى چىقتى؛ |
او آسمان را شکافت و نزول کرد، زیر پایش ابرهای سیاه قرار داشت. | 10 |
ئۇ ئاسمانلارنى ئېڭىشتۈرۈپ ئېگىپ چۈشتى، پۇتى ئاستىدا تۇم قاراڭغۇلۇق ئىدى. |
بر ارابهٔ آسمانی خویش سوار شد و با سرعت باد پرواز نمود. | 11 |
ئۇ بىر كېرۇب ئۈستىدە پەرۋاز قىلدى، ئۇ شامالنىڭ قاناتلىرىدا كۆرۈندى. |
او خود را با تاریکی پوشاند و ابرهای غلیظ و پر آب او را احاطه کردند. | 12 |
ئۇ قاراڭغۇلۇقنى، شۇنداقلا يىغىلغان سۇلارنى، ئاسمانلارنىڭ قويۇق بۇلۇتلىرىنى، ئۆز ئەتراپىدا چېدىرى قىلدى. |
درخشندگی حضور او، شعلههای آتش پدید آورد. | 13 |
ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغان يورۇقلۇقتىن، ئوتلۇق چوغلار چىقىپ ئۆتتى؛ |
آنگاه خداوند، خدای متعال، با صدای رعدآسا از آسمان سخن گفت. | 14 |
پەرۋەردىگار ئاسماندا گۈلدۈرلىدى؛ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى ئاۋازىنى ياڭراتتى؛ |
او با تیرهای آتشین خود، دشمنانم را پراکنده و پریشان ساخت. | 15 |
بەرھەق، ئۇ ئوقلىرىنى ئېتىپ، [دۈشمەنلىرىمنى] تارقىتىۋەتتى؛ چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ، ئۇلارنى قىيقاس-سۈرەنگە سالدى؛ |
آنگاه به فرمان او آب دریا به عقب رفت و با دمیدن نفس خداوند خشکی پدید آمد. | 16 |
شۇنىڭ بىلەن دېڭىزنىڭ تەكتى كۆرۈنۈپ قالدى، ئالەمنىڭ ئۇللىرى ئاشكارىلاندى، پەرۋەردىگارنىڭ تەنبىھى بىلەن، دىمىغىنىڭ نەپىسىنىڭ زەربىسى بىلەن. |
خداوند از آسمان دست خود را دراز کرد و مرا از اعماق آبهای بسیار بیرون کشید. | 17 |
ئۇ يۇقىرىدىن قولىنى ئۇزىتىپ، مېنى تۇتتى؛ مېنى ئۇلۇغ سۇلاردىن تارتىپ ئالدى. |
مرا از چنگ دشمنان نیرومندی که از من تواناتر بودند، رهانید | 18 |
ئۇ مېنى كۈچلۈك دۈشمىنىمدىن، ماڭا ئۆچمەنلەردىن قۇتقۇزدى؛ چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈك ئىدى. |
وقتی در سختی و پریشانی بودم، دشمنان بر من هجوم آوردند، اما خداوند مرا حفظ کرد. | 19 |
كۈلپەتكە ئۇچرىغان كۈنۈمدە، ئۇلار ماڭا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى؛ بىراق پەرۋەردىگار مېنىڭ تايانچىم ئىدى. |
او مرا به جای امنی برد، او مرا نجات داد، زیرا مرا دوست میداشت. | 20 |
ئۇ مېنى كەڭرى-ئازادە بىر جايغا ئېلىپ چىقاردى؛ ئۇ مېنى قۇتقۇزدى، چۈنكى ئۇ مەندىن خۇرسەن بولدى. |
خداوند پاداش درستکاری و پاکی مرا داده است، | 21 |
پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمغا قاراپ ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتتى؛ قولۇمنىڭ ھالاللىقىنى ئۇ ماڭا قايتۇردى؛ |
زیرا از دستورهای خداوند اطاعت نمودهام و به خدای خود گناه نورزیدهام. | 22 |
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىنى تۇتۇپ كەلدىم؛ رەزىللىك قىلىپ خۇدايىمدىن ئايرىلىپ كەتمىدىم؛ |
همهٔ احکامش را بجا آوردهام و از فرمان او سرپیچی نکردهام. | 23 |
چۈنكى ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى ئالدىمدىدۇر؛ مەن ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن چەتنەپ كەتمىدىم؛ |
در نظر خداوند بیعیب بودهام، خود را از گناه دور نگاه داشتهام. | 24 |
مەن ئۇنىڭ بىلەن غۇبارسىز يۈردۇم، ئۆزۈمنى گۇناھتىن نېرى قىلدىم. |
خداوند به من پاداش داده است، زیرا در نظر او پاک و درستکار بودهام. | 25 |
ۋە پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمغا قاراپ، كۆز ئالدىدا بولغان ھالاللىقىم بويىچە قىلغانلىرىمنى قايتۇردى. |
خدایا، تو نسبت به کسانی که به تو وفادارند، امین هستی و کسانی را که کاملند محبت میکنی. | 26 |
ۋاپادار-مېھرىبانلارغا ئۆزۈڭنى ۋاپادار-مېھرىبان كۆرسىتىسەن؛ غۇبارسىزلارغا ئۆزۈڭنى غۇبارسىز كۆرسىتىسەن؛ |
به اشخاص پاک، خود را پاک نشان میدهی، ولی با اشخاص حیلهگر، به زیرکی رفتار میکنی. | 27 |
ساپ دىللىقلارغا ئۆزۈڭنى ساپ دىللىق كۆرسىتىسەن؛ تەتۈرلەرگە ئۆزۈڭنى تەتۈر كۆرسىتىسەن؛ |
تو افتادگان را نجات میدهی، اما متکبران را سرنگون میکنی. | 28 |
چۈنكى سەن ئاجىز مۆمىن خەلقنى قۇتقۇزىسەن؛ بىراق كۆزلىرىڭنى تەكەببۇر ئۈستىگە تىكىپ، ئۇلارنى شەرمەندە قىلىسەن؛ |
ای خداوند، تو نور من هستی، تو تاریکی مرا به روشنایی تبدیل میکنی. | 29 |
چۈنكى سەن پەرۋەردىگار مېنىڭ چىراغىمدۇرسەن؛ پەرۋەردىگار مېنى باسقان قاراڭغۇلۇقنى نۇرلاندۇرىدۇ؛ |
با کمک تو به سپاهیان دشمن حمله خواهم برد و قلعههای آنها را در هم خواهم کوبید. | 30 |
چۈنكى سەن ئارقىلىق دۈشمەن قوشۇنى ئارىسىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتتۈم؛ سەن خۇدايىم ئارقىلىق مەن سېپىلدىن ئاتلاپ ئۆتتۈم. |
اعمال خداوند کامل و بینقص است و وعدههای او پاک و قابل اعتماد! خداوند از کسانی که به او پناه میبرند مانند سپر محافظت میکند. | 31 |
تەڭرىم ــ ئۇنىڭ يولى مۇكەممەلدۇر؛ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سىناپ ئىسپاتلانغاندۇر؛ ئۇ ئۆزىگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسىگە قالقاندۇر. |
کیست خدا غیر از یهوه و کیست صخرهٔ مستحکم غیر از خدای ما؟ | 32 |
چۈنكى پەرۋەردىگاردىن باشقا يەنە كىم ئىلاھتۇر؟ بىزنىڭ خۇدايىمىزدىن باشقا كىم قورام تاشتۇر؟ |
خدا به من قوت میبخشد و در راههایی که میروم مرا حفظ میکند. | 33 |
تەڭرى مېنىڭ مۇستەھكەم قورغىنىمدۇر؛ ئۇ يولۇمنى مۇكەممەل، تۈپ-تۈز قىلىدۇ؛ |
پاهایم را چون پاهای آهو میگرداند تا بتوانم بر بلندیها بایستم. | 34 |
ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمنى كېيىكنىڭكىدەك قىلىدۇ؛ ئۇ مېنى يۇقىرى جايلىرىمغا تۇرغۇزىدۇ؛ |
او دستهای مرا برای جنگ تقویت میکند تا بتوانم کمان مفرغین را خم کنم. | 35 |
قوللىرىمنى ئۇرۇش قىلىشقا ئۆگىتىدۇ، شۇڭلاشقا بىلەكلىرىم مىس كاماننى كېرەلەيدۇ؛ |
خداوندا، تو با سپرت مرا نجات دادهای، و از لطف توست که به این عظمت رسیدهام. | 36 |
سەن ماڭا نىجاتىڭدىكى قالقاننى بەردىڭ، سېنىڭ مۇلايىم كەمتەرلىكىڭ مېنى ئۇلۇغ قىلدى. |
زمین زیر پایم را وسیع ساختهای تا نلغزم. | 37 |
سەن قەدەملىرىم ئاستىدىكى جاينى كەڭ قىلدىڭ، مېنىڭ پۇتلىرىم تېيىلىپ كەتمىدى. |
دشمنانم را تعقیب میکنم و آنها را شکست میدهم و تا آنها را از بین نبرم، باز نمیگردم. | 38 |
مەن دۈشمەنلىرىمنى قوغلاپ يوقاتتىم، ئۇلار ھالاك بولمىغۇچە ھېچ يانمىدىم. |
آنها را چنان بر زمین میکوبم که زیر پاهایم بیفتند و برنخیزند. | 39 |
قايتا تۇرالمىغۇدەك قىلىپ، ئۇلارنى ھالاك قىلىپ يانجىدىم، ئۇلار پۇتلىرىم ئاستىدا يىقىلدى. |
تو برای جنگیدن مرا قوت بخشیدهای و دشمنانم را زیر پاهای من انداختهای. | 40 |
سەن جەڭ قىلىشقا كۈچ بىلەن بېلىمنى باغلىدىڭ؛ سەن ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى پۇتۇم ئاستىدا ئېگىلدۈردۈڭ؛ |
تو آنها را وادار به عقبنشینی و فرار مینمایی و من آنها را نابود میکنم. | 41 |
دۈشمەنلىرىمنى ماڭا ئارقىنى قىلىپ قاچقۇزدۇڭ، شۇنىڭ بىلەن مەن ماڭا ئۆچمەنلەرنى يوقاتتىم. |
فریاد برمیآورند، ولی کسی نیست که آنها را برهاند. از خداوند کمک میخواهند، اما او نیز به داد ایشان نمیرسد. | 42 |
ئۇلار تەلمۈردى، بىراق قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى؛ ھەتتا پەرۋەردىگارغا قارىۋىدى، ئۇمۇ ئۇلارغا جاۋاب بەرمىدى. |
من آنها را خرد کرده، به صورت غبار درمیآورم، و آنها را مانند گل کوچهها لگدمال میکنم. | 43 |
مەن ئۇلارنى سوقۇپ يەردىكى توپىدەك قىلىۋەتتىم؛ كوچىدىكى پاتقاقتەك مەن ئۇلارنى چەيلىۋەتتىم؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن پېتىقدىۋەتتىم. |
تو مرا از شورش قومم نجات دادهای و مرا رهبر قومها ساختهای. مردمی که قبلاً آنها را نمیشناختم اکنون مرا خدمت میکنند. | 44 |
سەن مېنى خەلقىمنىڭ نىزالىرىدىن قۇتقۇزغانسەن؛ سەن مېنى ئەللەرنىڭ بېشى بولۇشقا ساقلىدىڭ؛ ماڭا يات بولغان بىر خەلق خىزمىتىمدە بولماقتا. |
بیگانهها در حضور من سر تعظیم فرود میآورند و به محض شنیدن دستورهایم، آنها را اجرا میکنند. | 45 |
يات ئەلدىكىلەر ماڭا زەئىپلىشىپ تەسلىم بولىدۇ؛ ئاڭلىشى بىلەنلا ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلىدۇ؛ |
آنها روحیهٔ خود را باختهاند و با ترس و لرز از قلعههای خود بیرون میآیند. | 46 |
يات ئەلدىكىلەر چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار ئۆز ئىستىھكاملىرىدىن تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىدۇ؛ |
خداوند زنده است! شکر و سپاس بر خدای متعال باد که صخرهٔ نجات من است! | 47 |
پەرۋەردىگار ھاياتتۇر! مېنىڭ قورام تېشىم مۇبارەكلەنسۇن؛ نىجاتىم بولغان قورام تاش خۇدا ئالىيدۇر، دەپ مەدھىيىلەنسۇن! |
خدایی که انتقام مرا میگیرد، قومها را مغلوب من میگرداند، | 48 |
ئۇ، يەنى مەن ئۈچۈن تولۇق قىساس ئالغۇچى تەڭرى، خەلقلەرنى ماڭا بويسۇندۇرغۇچىدۇر؛ |
و مرا از چنگ دشمنان میرهاند. خداوندا، تو مرا بر دشمنانم پیروز گردانیدی و از دست ظالمان رهایی دادی. | 49 |
ئۇ مېنى دۈشمەنلىرىم ئارىسىدىن چىقارغان؛ بەرھەق، سەن مېنى ماڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن يۇقىرى كۆتۈردۈڭ؛ زوراۋان ئادەمدىن سەن مېنى قۇتۇلدۇردۇڭ. |
ای خداوند، تو را در میان قومها خواهم ستود و در وصف تو خواهم سرایید. | 50 |
مۇشۇ سەۋەبلىك مەن ئەللەر ئارىسىدا ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ نامىڭنى ئۇلۇغلاپ كۈيلەرنى ئېيتىمەن؛ |
خدا پیروزیهای بزرگی نصیب پادشاه برگزیدهٔ خود، داوود، میسازد، و بر او و نسلش همیشه رحمت میفرماید. | 51 |
ئۇ بولسا ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا زور قۇتقۇزۇشلارنى بېغىشلايدۇ؛ ئۆزى مەسىھ قىلغىنىغا، يەنى داۋۇتقا ھەم ئۇنىڭ نەسلىگە مەڭگۈگە ئۆزگەرمەس مۇھەببەتنى كۆرسىتىدۇ. |