وحی درباره وادی رویا: الان تو را چه شد که کلیه بر بامهابرآمدی؟ | ۱ 1 |
ئالامەت كۆرۈنۈش بېرىلگەن جىلغا توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ سىلەر ھەممىڭلار ئۆگزىلەرنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغىنىڭلار زادى نېمە قىلغىنىڭلار؟ |
ای که پر از شورشها هستی وای شهرپرغوغا وای قریه مفتخر. کشتگانت کشته شمشیر نیستند و در جنگ هلاک نشدهاند. | ۲ 2 |
سىلەر خۇشاللىق دەبدەبىسىنى كۆتۈرىدىغان، ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان يۇرت، شادلىنىدىغان شەھەر؛ سىلەردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر قىلىچ بىلەن چېپىلغان ئەمەس، ياكى جەڭلەردە ئۆلگەن ئەمەس؛ |
جمیع سرورانت با هم گریختند و بدون تیراندازان اسیر گشتند. همگانی که در تو یافت شدند با هم اسیر گردیدند و بهجای دور فرارکردند. | ۳ 3 |
ئەمىرلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى بىراقلا قېچىشتى؛ ئۇلار ئوقياسىز ئەسىر بولدى؛ يىراققا قاچقان بولسىمۇ، سىلەردىن تېپىۋېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە ئەسىر بولدى. |
بنابراین گفتم نظر خود را از من بگردانیدزیرا که با تلخی گریه میکنم. برای تسلی من درباره خرابی دختر قومم الحاح مکنید. | ۴ 4 |
شۇڭا مەن: ــ «نەزىرىڭلارنى مېنىڭدىن ئېلىڭلار؛ مېنى قاتتىق يىغلاشقا قويۇڭلار؛ خەلقىمنىڭ بۇلىنىپ كېتىشى توغرۇلۇق ماڭا تەسەللى بېرىشكە ئالدىراپ ئۆزۈڭلارنى ئۇپراتماڭلار» ــ دېدىم. |
زیرا خداوند یهوه صبایوت روز آشفتگی وپایمالی و پریشانیای در وادی رویا دارد. دیوارها را منهدم میسازند و صدای استغاثه تا به کوهها میرسد. | ۵ 5 |
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگاردىن «ئالامەت كۆرۈنۈش بېرىلگەن جىلغا»نىڭ بېشىغا بىر كۈن چۈشىدۇ، ئۇ بولسا ئاۋارىچىلىك بولىدىغان، ئاياغ ئاستى قىلىنىپ پېتىقدىلىدىغان، ئادەملەر قايمۇقتۇرۇلىدىغان، سېپىل سوقۇلۇپ چېقىلىدىغان، تاغلارغا قاراپ يالۋۇرۇپ چىرقىرايدىغان بىر كۈنى بولىدۇ. |
و عیلام با افواج مردان و سواران ترکش را برداشته است و قیر سپر را مکشوف نموده است، | ۶ 6 |
ئېلام جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئادەملىرى بىلەن، ئاتلىق ئەسكەرلىرى بىلەن ئوقداننى كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، كىر بولسا قالقاننى ئېچىپ تەييار قىلىدۇ. |
و وادیهای بهترینت از ارابهها پرشده، سواران پیش دروازه هایت صف آرایی مینمایند، | ۷ 7 |
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئەڭ گۈزەل جىلغىلىرىڭ جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن تولۇپ كېتىدۇ، ئاتلىق ئەسكەرلەر دەرۋازاڭ ئالدىدا سەپ تارتىپ تۇرىدۇ. |
و پوشش یهودا برداشته میشود ودر آن روز به اسلحه خانه جنگل نگاه خواهیدکرد. | ۸ 8 |
ئۇلار يەھۇدانىڭ ئۈستىدىكى قالقاننى ئېلىپ تاشلايدۇ؛ بىراق سەن [زىئون] شۇ كۈنىدە «ئورمان سارايى»دىكى قوراللارغا ئۈمىد باغلىغانسەن؛ |
و رخنه های شهر داود را که بسیارندخواهید دید و آب برکه تحتانی را جمع خواهیدنمود. | ۹ 9 |
سىلەر داۋۇتنىڭ شەھىرىنىڭ بۆسۈلگەن جايلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، پەستىكى كۆلچەك سۇلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ سۇ ئامبىرى قىلدىڭلار؛ |
و خانه های اورشلیم را خواهید شمرد وخانهها را به جهت حصاربندی دیوارها خراب خواهید نمود. | ۱۰ 10 |
يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەرنى ساناپ، ئۇلاردىن بەزىلىرىنى بۇزۇپ سېپىلنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلەتتىڭلار، |
و درمیان دو دیوار حوضی برای آب برکه قدیم خواهید ساخت اما به صانع آن نخواهید نگریست و به آنکه آن را از ایام پیشین ساخته است نگران نخواهید شد. | ۱۱ 11 |
شۇنداقلا كونا كۆلچەكتىكى سۇلارنى ئىككى سېپىل ئوتتۇرىسىغا يىغىپ ئامبار قىلدىڭلار؛ بىراق مۇشۇلارنى ياراتقۇچىغا ھېچ قارىمىدىڭلار، بۇرۇندىن بۇرۇن بۇلارنى شەكىللەندۈرۈپ بېكىتكۈچىگە ھېچ ئۈمىد باغلىمىدىڭلار! |
و در آن روزخداوند یهوه صبایوت (شما را) به گریستن و ماتم کردن و کندن مو و پوشیدن پلاس خواهدخواند. | ۱۲ 12 |
شۇ كۈنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار سىلەرنى يىغلاپ ماتەم تۇتۇشقا، چاچنى چۈشۈرۈپ پاينەكباش بولۇشقا، بۆز كىيىم كىيىشكە مۇراجىئەت قىلدى. |
و اینک شادمانی و خوشی و کشتن گاوان و ذبح کردن گوسفندان و خوردن گوشت ونوشیدن شراب خواهد بود که بخوریم و بنوشیم زیرا که فردا میمیریم. | ۱۳ 13 |
بىراق بۇلارنىڭ ئورنىدا، مانا خۇشاللىق ۋە شادلىق، كالىلارنى سويۇش، قويلارنى بوغۇزلاش، گۆشلەرنى يېيىش، شارابلارنى ئىچىش، «يەيلى، ئىچەيلى، چۈنكى ئەتە دۇنيادىن كېتىمىز» ــ دېيىشلەر بولدى! |
و یهوه صبایوت درگوش من اعلام کرده است که این گناه شما تابمیرید هرگز کفاره نخواهد شد. خداوند یهوه صبایوت این را گفته است. | ۱۴ 14 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قۇلىقىمغا ئايان قىلىندىكى، «بەرھەق، مۇشۇ گۇناھ سىلەر ئۆلمىگۈچە كەچۈرۈلمەيدۇ» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار. |
خداوند یهوه صبایوت چنین میگوید: «برو و نزد این خزانهدار یعنی شبنا که ناظر خانه است داخل شو و به او بگو: | ۱۵ 15 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار مانا شۇنداق دەيدۇ: ــ «بارغىن، مۇشۇ غوجىدار، ئوردىنى باشقۇرىدىغان مۇشۇ شەبنانىڭ يېنىغا كىرگىن، ئۇنىڭغا: ــ |
تو را در اینجا چهکار است و در اینجا که را داری که در اینجا قبری برای خود کندهای؟ ای کسیکه قبر خود را درمکان بلند میکنی و مسکنی برای خویشتن درصخره میتراشی.» | ۱۶ 16 |
ساڭا مۇشۇ يەردە نېمە بار؟ ياكى مۇشۇ يەردە كىمىڭ بار؟ بىرسى ئېگىزلىككە ئۆزى ئۈچۈن بىر گۆر قازغاندەك، ئۆزى قورام تاشتىن بىر قونالغۇنى يونۇغاندەك، ئۆزۈڭ ئۈچۈن بىر گۆر كولىدىڭمۇ؟ |
اینکای مرد، خداوند البته تو را دورخواهد انداخت و البته تو را خواهد پوشانید. | ۱۷ 17 |
مانا ھەي پالۋان، پەرۋەردىگار سېنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىپ، چىڭ سىقىمداپ، |
والبته تو را مثل گوی سخت خواهد پیچید و به زمین وسیع تو را خواهد افکند و در آنجا خواهی مرد و در آنجا ارابه های شوکت تو رسوایی خانه آقایت خواهد شد. | ۱۸ 18 |
ئاندىن پومداقتەك سېنى بىپايان، يىراق بىر زېمىنغا تاشلىۋېتىدۇ. سەن ئاشۇ يەردە ئۆلىسەن، ھەم ئاشۇ يەردە ھەيۋەتلىك جەڭ ھارۋىلىرىڭمۇ قالىدۇ، ئى غوجاڭنىڭ جەمەتىگە شەرمەندىلىك كەلتۈرگۈچى! |
و تو را از منصبت خواهم راند و از مکانت به زیر افکنده خواهی شد. | ۱۹ 19 |
مەن سېنى مەنسىپىڭدىن ئېلىۋېتىمەن، شۇنىڭ بىلەن سېنى ئورنۇڭدىن چۈشۈرىۋېتىمەن. |
و در آن روز واقع خواهد شد که بنده خویش الیاقیم بن حلقیا را دعوت خواهم نمود. | ۲۰ 20 |
شۇ كۈنىمۇ شۇنداق بولىدۇكى، مەن ھىلقىيانىڭ ئوغلى ئۆز قۇلۇم بولغان ئېلىئاكىمنى چاقىرىمەن؛ |
و او را بهجامه تو ملبس ساخته به کمربندت محکم خواهم ساخت و اقتدار تو را بهدست اوخواهم داد و او ساکنان اورشلیم و خاندان یهودارا پدر خواهد بود. | ۲۱ 21 |
سېنىڭ تونۇڭنى كىيدۈرىمەن، سېنىڭ پوتاڭ بىلەن ئۇنىڭ بېلىنى چىڭ قىلىمەن؛ ھۆكۈمرانلىقىڭنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېرۇسالېمدىكىلەرگە ۋە يەھۇدا جەمەتىگە ئاتا بولىدۇ. |
و کلید خانه داود را بر دوش وی خواهم نهاد و چون بگشاید احدی نخواهدبست و چون ببندد، احدی نخواهد گشاد. | ۲۲ 22 |
داۋۇت جەمەتىنىڭ ئاچقۇچىنى مەن ئۇنىڭ مۈرىسىدە قويىمەن؛ ئۇ ئاچسا، ھېچكىم ئېتەلمەيدۇ، ئەتسە، ھېچكىم ئاچالمايدۇ. |
و او را در جای محکم مثل میخ خواهم دوخت و برای خاندان پدر خود کرسی جلال خواهد بود. | ۲۳ 23 |
مەن ئۇنى مۇقىم بىر جايغا قوزۇق قىلىپ بېكىتىمەن؛ ئۇ بولسا ئاتىسىنىڭ جەمەتى ئۈچۈن شەرەپلىك ھوقۇق-تەخت بولىدۇ؛ |
وتمامی جلال خاندان پدرش را از اولاد و احفاد وهمه ظروف کوچک را از ظروف کاسهها تا ظروف تنگها بر او خواهند آویخت. | ۲۴ 24 |
خەلق ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتىسىنىڭ جەمەتىنىڭ بارلىق شۆھرەتلىرىنى يۈكلەيدۇ؛ يەنى بارلىق ئۇرۇق-نەسىللىرىنى، بارلىق كىچىك قاچا-قۇچىلارنى، پىيالە-جاملاردىن تارتىپ بارلىق كۈپ-ئىدىشلارغىچە ئاسىدۇ. |
و یهوه صبایوت میگوید که در آن روز آن میخی که در مکان محکم دوخته شده متحرک خواهد گردید و قطع شده، خواهد افتاد و باری که بر آن است، تلف خواهد شد زیرا خداوند این راگفته است. | ۲۵ 25 |
شۇ كۈنىدە ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ مۇقىم جايغا بېكىتىلگەن قوزۇق بولسا، ئېگىلىپ كېتىدۇ ۋە كېسىپ تاشلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېسىلغان يۈكلەر ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ»، ــ چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق دېگەنىدى. |