وحی درباره بیابان بحر: چنانکه گردباد در جنوب میآید، این نیز از بیابان از زمین هولناک میآید. | ۱ 1 |
«دېڭىزنىڭ چۆل-باياۋىنى» توغرىسىدا يۈكلەنگەن بىر ۋەھىي: ــ «جەنۇب تەرەپتە قويۇنتازلار ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندەك، دەھشەتلىك زېمىندىن بىر نېمىلەر كېلىۋاتىدۇ!». |
رویای سخت برای من منکشف شده است، خیانت پیشه خیانت میکند و تاراج کننده تاراج مینماید. ای عیلام برآی وای مدیان محاصره نما. تمام ناله آن را ساکت گردانیدم. | ۲ 2 |
ــ ئازابلىق بىر ۋەھىي-كۆرۈنۈش ماڭا ئايان قىلىندى؛ خائىن خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ، بۇلاڭچى بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىدۇ. «ئى ئېلام، ئورنۇڭدىن تۇر، چىق! مېدىئا، مۇھاسىرە قىلىپ قورشىۋال!» ئۇنىڭ سەۋەبىدىن كۆتۈرۈلگەن ھەممە نالە-پەريادلارنى تۈگىتىۋەتتىم. |
از این جهت کمر من از شدت درد پر شده است و درد زه مثل درد زنی که میزاید مرادرگرفته است. پیچ و تاب میخورم که نمی توانم بشنوم، مدهوش میشوم که نمی توانم ببینم. | ۳ 3 |
ــ شۇڭا ئىچ-باغرىم ئاغرىق-ئازاب بىلەن تولدى، تولغىقى تۇتقان ئايالنىڭ ئازابلىرىدەك، كۆرگەنلىرىمدىن تولغىنىپ كەتتىم، ئاڭلىغىنىمدىن پاراكەندە بولدۇم. |
دل من میطپید و هیبت مرا ترسانید. او شب لذت مرابرایم به خوف مبدل ساخته است. | ۴ 4 |
شۇڭا كۆڭلۈم پاراكەندە بولۇپ ھاسىراپ كەتتىم، مېنى دەھشەت قورقۇنچ باستى؛ ئۇ مەن زوق ئالىدىغان كېچىنى ساراسىمە بولىدىغان كېچىگە ئايلاندۇردى. |
سفره را مهیاساخته و فرش را گسترانیده به اکل و شرب مشغول میباشند. ای سروران برخیزید و سپرهارا روغن بمالید. | ۵ 5 |
ئۇلار داستىخان ۋە گىلەم-كۆرپىلەرنىمۇ سالىدۇ؛ ئۇلار يېيىشىدۇ، ئىچىشىدۇ؛ «ھەي ئېسىلزادىلەر، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ قالقاننى مايلاڭلار!» |
زیرا خداوند به من چنین گفته است: «برو ودیده بان را قرار بده تا آنچه را که بیند اعلام نماید. | ۶ 6 |
چۈنكى رەب ماڭا: ــ «بارغىن، كۆرگەنلىرىنى ئەينى بويىچە ئېيتىدىغان بىر كۆزەتچىنى تەخلەپ قويغىن» ــ دېگەنىدى. |
و چون فوج سواران جفت جفت و فوج الاغان وفوج شتران را بیند آنگاه به دقت تمام توجه بنماید.» | ۷ 7 |
ــ «ئۇ جەڭ ھارۋىلىرىنى، جۈپ-جۈپ ئاتلىق ئەسكەرلەرنى، جەڭ ھارۋىلىرىنى ئېشەكلەر بىلەن، جەڭ ھارۋىلىرىنى تۆگىلەر بىلەن كۆرگەندە، ئۇ دىققەت بىلەن، ناھايىتى دىققەت بىلەن كۆزەتسۇن!» |
پس او مثل شیر صدا زد که «ای آقا من دائم در روز بر محرس ایستادهام و تمامی شب بردیده بانگاه خود برقرار میباشم. | ۸ 8 |
ئۇ جاۋابەن شىردەك توۋلىدى: ــ «رەب، مەن كۆزەت مۇنارىدا ئۈزلۈكسىز كۈن بويى تۇرىمەن، ھەر كېچىدە كۆزەتتە تۇرىمەن؛ |
و اینک فوج مردان و سواران جفت جفت میآیند و او مزیدکرده، گفت: بابل افتاد افتاده است و تمامی تمثال های تراشیده خدایانش را بر زمین شکستهاند.» | ۹ 9 |
ــ ۋە مانا، ئۇ جەڭ ھارۋىلىرى جۈپ-جۈپ ئاتلىق ئەسكەرلەر بىلەن كېلىۋاتىدۇ!» ۋە يەنە جاۋاب بېرىپ شۇنداق دېگەن: ــ بابىل بولسا يىقىلدى، يىقىلىپ چۈشتى، ۋە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ھەربىر ئويما مەبۇدلىرىنى يەرگە تاشلاپ پارە-پارە قىلىۋەتتى!». |
ای کوفته شده من وای محصول خرمن من آنچه از یهوه صبایوت خدای اسرائیل شنیدم به شما اعلام مینمایم. | ۱۰ 10 |
ــ ئى مېنىڭ تېپىلگەن دانلىرىم، مېنىڭ خامىنىمدىكى بۇغدايلىرىم، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن ئاڭلىغاننى سىلەرگە ئېيتىپ بەردىم! |
وحی درباره دومه: کسی از سعیر به من ندا میکند که «ای دیده بان از شب چه خبر؟ ای دیده بان از شب چه خبر؟» | ۱۱ 11 |
«دۇماھ» توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي؛ بىرسى سېئىردىن كېلىپ مەندىن: ــ «ئى كۆزەتچى، كېچىنىڭ قانچىلىكى ئۆتتى؟ ئى كۆزەتچى، كېچىنىڭ قانچىلىكى ئۆتتى؟» ــ دەپ سورايدۇ. |
دیده بان میگوید که صبح میآید و شام نیز. اگر پرسیدن میخواهید بپرسید و بازگشت نموده، بیایید.» | ۱۲ 12 |
كۆزەتچى جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ: ــ «سەھەر كېلىدۇ، كېچىمۇ كېلىدۇ؛ يەنە سورىغىڭ بولسا، يەنە كېلىپ سورا؛ يولۇڭدىن قايتىپ ماڭا يېقىن كەل!» |
وحی درباره عرب: ای قافله های ددانیان در جنگل عرب منزل کنید. | ۱۳ 13 |
ئەرەبىيەنىڭ كېچىسى توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ «ئى دېدانلىقلارنىڭ كارۋانلىرى، سىلەر ئەرەبىيەدىكى جاڭگالدا قونۇپ قالىسىلەر؛ |
ای ساکنان زمین تیما تشنگان را به آب استقبال کنید و فراریان را به خوراک ایشان پذیره شوید. | ۱۴ 14 |
ئۇسساپ كەتكەنلەرگە سۇ ئاپىرىپ بېرىڭلار! ئى تېمادىكىلەر، نانلىرىڭلارنى ئېلىپ قاچقانلارنى كۈتۈۋېلىڭلار! |
زیرا که ایشان از شمشیرها فرارمی کنند. از شمشیر برهنه و کمان زه شده و ازسختی جنگ. | ۱۵ 15 |
چۈنكى ئۇلار قىلىچلاردىن، غىلاپتىن ئېلىنغان قىلىچتىن، كېرىلگەن ئوقيادىن، ئۇرۇشنىڭ ئازابىدىن قاچىدۇ. |
زانرو که خداوند به من گفته است بعد ازیکسال موافق سالهای مزدوران تمامی شوکت قیدار تلف خواهد شد. | ۱۶ 16 |
چۈنكى رەب ماڭا شۇنداق دېگەن: ــ بىر يىل ئىچىدە مەدىكار ھېسابلىغاندەك، ئاندىن كېدارنىڭ بار شەرىپى يوقىلىدۇ، |
و بقیه شماره تیراندازان و جباران بنی قیدار قلیل خواهد شدچونکه یهوه خدای اسرائیل این را گفته است. | ۱۷ 17 |
ئوقياچىلارنىڭ قالدۇقلىرى، يەنى كېدارنىڭ پالۋان-باتۇر بولغان ئوغۇللىرى ئاز قالىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى شۇنداق سۆز قىلغان». |