וַיְהִי כִשְׁמֹעַ כָּֽל־הַמְּלָכִים אֲשֶׁר בְּעֵבֶר הַיַּרְדֵּן בָּהָר וּבַשְּׁפֵלָה וּבְכֹל חוֹף הַיָּם הַגָּדוֹל אֶל־מוּל הַלְּבָנוֹן הַֽחִתִּי וְהָאֱמֹרִי הַֽכְּנַעֲנִי הַפְּרִזִּי הַחִוִּי וְהַיְבוּסִֽי׃ | 1 |
ئەمدى شۇنداق بولدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى، يەنى تاغلىق رايوندىكى، شەفەلاھ ئويمانلىقىدىكى، ئۇلۇغ دېڭىز بويىدىكى، لىۋاننىڭ ئۇدۇلىغىچە سوزۇلغان بارلىق يۇرتلاردىكى پادىشاھلار ۋە شۇنىڭدەك ھىتتىيلار، ئامورىيلار، قانائانىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار، يەبۇسىيلارنىڭ پادىشاھلىرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندا، |
וַיִּֽתְקַבְּצוּ יַחְדָּו לְהִלָּחֵם עִם־יְהוֹשֻׁעַ וְעִם־יִשְׂרָאֵל פֶּה אֶחָֽד׃ | 2 |
ھەممىسى بىر بولۇپ يەشۇئا بىلەن ئىسرائىلغا قارشى جەڭ قىلغىلى ئىتتىپاقلاشتى. |
וְיֹשְׁבֵי גִבְעוֹן שָׁמְעוּ אֵת אֲשֶׁר עָשָׂה יְהוֹשֻׁעַ לִֽירִיחוֹ וְלָעָֽי׃ | 3 |
ئەمما گىبېئون ئاھالىلىرى يەشۇئانىڭ يېرىخو بىلەن ئايىغا نېمە قىلغىنىنى ئاڭلىغاندا، |
וַיַּעֲשׂוּ גַם־הֵמָּה בְּעָרְמָה וַיֵּלְכוּ וַיִּצְטַיָּרוּ וַיִּקְחוּ שַׂקִּים בָּלִים לַחֲמוֹרֵיהֶם וְנֹאדוֹת יַיִן בָּלִים וּמְבֻקָּעִים וּמְצֹרָרִֽים׃ | 4 |
ئۇلار ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ، ئۆزلىرىنى [ئۇزۇن] سەپەردە بولغاندەك كۆرسىتىپ، ئېشەكلەرگە كونا تاغار-خۇرجۇن بىلەن كونا، يىرتىق-ياماق شاراب تۇلۇملىرىنى ئارتىپ، |
וּנְעָלוֹת בָּלוֹת וּמְטֻלָּאוֹת בְּרַגְלֵיהֶם וּשְׂלָמוֹת בָּלוֹת עֲלֵיהֶם וְכֹל לֶחֶם צֵידָם יָבֵשׁ הָיָה נִקֻּדִֽים׃ | 5 |
پۇتلىرىغا ياماق چۈشكەن كونا كەشلەرنى كىيىپ، كونا جۇل-جۇل ئېگىنلەرنى ئۈستىگە ئورىغان ئىدى؛ ئۇلار سەپەرگە ئالغان نانلارنىڭ ھەممىسى پاختىلىشىپ قۇرۇپ كەتكەنىدى. |
וַיֵּלְכוּ אֶל־יְהוֹשֻׁעַ אֶל־הַֽמַּחֲנֶה הַגִּלְגָּל וַיֹּאמְרוּ אֵלָיו וְאֶל־אִישׁ יִשְׂרָאֵל מֵאֶרֶץ רְחוֹקָה בָּאנוּ וְעַתָּה כִּרְתוּ־לָנוּ בְרִֽית׃ | 6 |
ئۇلار گىلگال چېدىرگاھىغا بېرىپ يەشۇئانىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارغا: ــ بىز يىراق يۇرتتىن كەلدۇق؛ بىز بىلەن ئەھدە تۈزسەڭلار، دېدى. |
ויאמרו וַיֹּאמֶר אִֽישׁ־יִשְׂרָאֵל אֶל־הַחִוִּי אוּלַי בְּקִרְבִּי אַתָּה יוֹשֵׁב וְאֵיךְ אכרות־אֶֽכְרָת־לְךָ בְרִֽית׃ | 7 |
لېكىن ئىسرائىللار ھىۋىيلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەر بىزنىڭ ئارىمىزدا تۇرۇۋاتقان مۇشۇ يەرلىكلەر بولۇشۇڭلار مۇمكىن؛ ئۇنداقتا بىز سىلەر بىلەن قانداقمۇ ئەھدە تۈزىمىز؟ ــ دېدى. |
וַיֹּאמְרוּ אֶל־יְהוֹשֻׁעַ עֲבָדֶיךָ אֲנָחְנוּ וַיֹּאמֶר אֲלֵהֶם יְהוֹשֻׁעַ מִי אַתֶּם וּמֵאַיִן תָּבֹֽאוּ׃ | 8 |
ئۇلار يەشۇئاغا: ــ بىز سېنىڭ قۇللىرىڭمىز، دېدى. يەشۇئا ئۇلاردىن: ــ سىلەر كىم، قەيەردىن كەلدىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. |
וַיֹּאמְרוּ אֵלָיו מֵאֶרֶץ רְחוֹקָה מְאֹד בָּאוּ עֲבָדֶיךָ לְשֵׁם יְהוָה אֱלֹהֶיךָ כִּֽי־שָׁמַעְנוּ שָׁמְעוֹ וְאֵת כָּל־אֲשֶׁר עָשָׂה בְּמִצְרָֽיִם׃ | 9 |
ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ سېنىڭ قۇللىرىڭ بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ نامىنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى يىراق يۇرتتىن كەلدى. چۈنكى بىز ئۇنىڭ نام-شۆھرىتىنى ۋە ئۇنىڭ مىسىردا قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى، |
וְאֵת ׀ כָּל־אֲשֶׁר עָשָׂה לִשְׁנֵי מַלְכֵי הָאֱמֹרִי אֲשֶׁר בְּעֵבֶר הַיַּרְדֵּן לְסִיחוֹן מֶלֶךְ חֶשְׁבּוֹן וּלְעוֹג מֶֽלֶךְ־הַבָּשָׁן אֲשֶׁר בְּעַשְׁתָּרֽוֹת׃ | 10 |
شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىئورداننىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئامورىيلارنىڭ ئىككى پادىشاھى، يەنى ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھون بىلەن ئاشتاروتتا تۇرۇقلۇق باشاننىڭ پادىشاھى ئوگقا نېمە قىلغىنىنى ئاڭلىدۇق. |
וַיֹּאמְרוּ אֵלֵינוּ זְֽקֵינֵינוּ וְכָל־יֹשְׁבֵי אַרְצֵנוּ לֵאמֹר קְחוּ בְיֶדְכֶם צֵידָה לַדֶּרֶךְ וּלְכוּ לִקְרָאתָם וַאֲמַרְתֶּם אֲלֵיהֶם עַבְדֵיכֶם אֲנַחְנוּ וְעַתָּה כִּרְתוּ־לָנוּ בְרִֽית׃ | 11 |
شۇڭا ئاقساقاللىرىمىز بىلەن يۇرتتا تۇرغۇچى ھەممە خەلق بىزگە سۆز قىلىپ: ــ قولۇڭلارغا سەپەرگە لازىملىق ئوزۇق-تۈلۈك ئېلىپ، بېرىپ ئىسرائىللار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارغا: «بىز سىلەرنىڭ قۇللۇقۇڭلاردا بولىمىز؛ شۇڭا بىز بىلەن ئەھدە تۈزۈڭلار»، دەڭلار، دەپ بىزنى ئەۋەتتى. |
זֶה ׀ לַחְמֵנוּ חָם הִצְטַיַּדְנוּ אֹתוֹ מִבָּתֵּינוּ בְּיוֹם צֵאתֵנוּ לָלֶכֶת אֲלֵיכֶם וְעַתָּה הִנֵּה יָבֵשׁ וְהָיָה נִקֻּדִֽים׃ | 12 |
سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا قاراپ يولغا چىققان كۈنىدە بىز سەپىرىمىز ئۈچۈن ئۆيىمىزدىن ئالغان نان ئىسسىق ئىدى، مانا ھازىر ئۇ قۇرۇپ، پاختىلىشىپ كېتىپتۇ. |
וְאֵלֶּה נֹאדוֹת הַיַּיִן אֲשֶׁר מִלֵּאנוּ חֲדָשִׁים וְהִנֵּה הִתְבַּקָּעוּ וְאֵלֶּה שַׂלְמוֹתֵינוּ וּנְעָלֵינוּ בָּלוּ מֵרֹב הַדֶּרֶךְ מְאֹֽד׃ | 13 |
بۇ شاراب تۇلۇملىرى بولسا شاراب قاچىلىغاندا يېڭى ئىدى، مانا ئەمدى يىرتىلىپ كېتىپتۇ. بىز كىيگەن بۇ كىيىملەر ۋە كەشلەر سەپەرنىڭ ئىنتايىن ئۇزۇنلۇقىدىن كونىراپ كەتتى، ــ دېدى. |
וַיִּקְחוּ הָֽאֲנָשִׁים מִצֵּידָם וְאֶת־פִּי יְהוָה לֹא שָׁאָֽלוּ׃ | 14 |
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىدىن ئازراق ئالدى، لېكىن پەرۋەردىگاردىن يول سورىمىدى. |
וַיַּעַשׂ לָהֶם יְהוֹשֻׁעַ שָׁלוֹם וַיִּכְרֹת לָהֶם בְּרִית לְחַיּוֹתָם וַיִּשָּׁבְעוּ לָהֶם נְשִׂיאֵי הָעֵדָֽה׃ | 15 |
شۇنداق قىلىپ، يەشۇئا ئۇلار بىلەن سۈلھى تۈزۈپ، ئۇلارنى تىرىك قويۇشقا ئۇلار بىلەن ئەھد باغلىدى؛ جامائەت ئەمىرلىرىمۇ ئۇلارغا قەسەم قىلىپ بەردى. |
וַיְהִי מִקְצֵה שְׁלֹשֶׁת יָמִים אַחֲרֵי אֲשֶׁר־כָּרְתוּ לָהֶם בְּרִית וַֽיִּשְׁמְעוּ כִּי־קְרֹבִים הֵם אֵלָיו וּבְקִרְבּוֹ הֵם יֹשְׁבִֽים׃ | 16 |
ئۇلار ئەھدە باغلىشىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، بۇ خەلقنىڭ ئۆزلىرىگە قوشنا ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكى ئۇلارغا مەلۇم بولدى. |
וַיִּסְעוּ בְנֵֽי־יִשְׂרָאֵל וַיָּבֹאוּ אֶל־עָרֵיהֶם בַּיּוֹם הַשְּׁלִישִׁי וְעָרֵיהֶם גִּבְעוֹן וְהַכְּפִירָה וּבְאֵרוֹת וְקִרְיַת יְעָרִֽים׃ | 17 |
ئىسرائىللار سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۈچىنچى كۈنى ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىگە يېتىپ كەلدى؛ ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى گىبېئون، كەفىراھ، بەئەروت بىلەن كىرىئات-يېئارىم ئىدى. |
וְלֹא הִכּוּם בְּנֵי יִשְׂרָאֵל כִּֽי־נִשְׁבְּעוּ לָהֶם נְשִׂיאֵי הָֽעֵדָה בַּֽיהוָה אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵל וַיִּלֹּנוּ כָל־הָעֵדָה עַל־הַנְּשִׂיאִֽים׃ | 18 |
جامائەتنىڭ ئەمىرلىرى ئىلگىرى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارغا قەسەم قىلغان بولغاچقا، ئىسرائىللار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلمىدى. بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل جامائەت ئەمىرلەر ئۈستىدىن غوتۇلداشقىلى تۇردى. |
וַיֹּאמְרוּ כָל־הַנְּשִׂיאִים אֶל־כָּל־הָעֵדָה אֲנַחְנוּ נִשְׁבַּעְנוּ לָהֶם בַּֽיהוָה אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵל וְעַתָּה לֹא נוּכַל לִנְגֹּעַ בָּהֶֽם׃ | 19 |
لېكىن ئەمىرلەرنىڭ ھەممىسى پۈتكۈل جامائەتكە: ــ بىز ئۇلارغا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ [نامى] بىلەن قەسەم قىلىپ بەرگەچكە، ئۇلارغا قول تەگكۈزەلمەيمىز. |
זֹאת נַעֲשֶׂה לָהֶם וְהַחֲיֵה אוֹתָם וְלֹֽא־יִֽהְיֶה עָלֵינוּ קֶצֶף עַל־הַשְּׁבוּעָה אֲשֶׁר־נִשְׁבַּעְנוּ לָהֶֽם׃ | 20 |
بىز ئۇلارغا قىلغان قەسەمىمىز تۈپەيلىدىن، ئۈستىمىزگە غەزەپ چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى تىرىك قالدۇرۇشمىز كېرەك؛ ئۇلارغا شۇنداق قىلمىساق بولمايدۇ، دېدى. |
וַיֹּאמְרוּ אֲלֵיהֶם הַנְּשִׂיאִים יִֽחְיוּ וַיִּֽהְיוּ חֹטְבֵי עֵצִים וְשֹֽׁאֲבֵי־מַיִם לְכָל־הָעֵדָה כַּאֲשֶׁר דִּבְּרוּ לָהֶם הַנְּשִׂיאִֽים׃ | 21 |
ئاندىن ئەمىرلەر جامائەتكە يەنە: ــ ئۇلارنى تىرىك قويۇڭلار؛ ھالبۇكى، ئۇلار پۈتكۈل جامائەت ئۈچۈن ئوتۇن يارغۇچى ۋە سۇ توشۇغۇچىلار بولىدۇ، دېدى. بۇ ئىش ئەمىرلەر جامائەتكە دېگەندەك بولدى. |
וַיִּקְרָא לָהֶם יְהוֹשֻׁעַ וַיְדַבֵּר אֲלֵיהֶם לֵאמֹר לָמָּה רִמִּיתֶם אֹתָנוּ לֵאמֹר רְחוֹקִים אֲנַחְנוּ מִכֶּם מְאֹד וְאַתֶּם בְּקִרְבֵּנוּ יֹשְׁבִֽים׃ | 22 |
ئۇ ۋاقىتتا يەشۇئا ئۇلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر ئارىمىزدىكى يەرلىكلەر تۇرۇپ، نېمىشقا بىز يىراقتىن كەلدۇق، دەپ بىزنى ئالدىدىڭلار؟ |
וְעַתָּה אֲרוּרִים אַתֶּם וְלֹֽא־יִכָּרֵת מִכֶּם עֶבֶד וְחֹטְבֵי עֵצִים וְשֹֽׁאֲבֵי־מַיִם לְבֵית אֱלֹהָֽי׃ | 23 |
بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئەمدى لەنەتكە قېلىپ، ئاراڭلاردا خۇدايىمنىڭ ئۆيى ئۈچۈن ئوتۇن يارىدىغان ۋە سۇ توشۇيدىغان قۇل بولۇشتىن بىرەر ئادەممۇ مۇستەسنا بولمايدۇ، ــ دېدى. |
וַיַּעֲנוּ אֶת־יְהוֹשֻׁעַ וַיֹּאמְרוּ כִּי הֻגֵּד הֻגַּד לַעֲבָדֶיךָ אֵת אֲשֶׁר צִוָּה יְהוָה אֱלֹהֶיךָ אֶת־מֹשֶׁה עַבְדּוֹ לָתֵת לָכֶם אֶת־כָּל־הָאָרֶץ וּלְהַשְׁמִיד אֶת־כָּל־יֹשְׁבֵי הָאָרֶץ מִפְּנֵיכֶם וַנִּירָא מְאֹד לְנַפְשֹׁתֵינוּ מִפְּנֵיכֶם וַֽנַּעֲשֵׂה אֶת־הַדָּבָר הַזֶּֽה׃ | 24 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆز قۇلى بولغان مۇساغا ئەمر قىلىپ، بارلىق زېمىننى سىلەرگە بېرىشكە، شۇنداقلا زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئالدىڭلاردىن يوقىتىشقا ۋەدە قىلغانلىقى قۇللىرىڭ بولغان پېقىرلارغا ئېنىق مەلۇم قىلىندى؛ شۇڭا بىز سىلەرنىڭ تۈپەيلىڭلاردىن جېنىمىزدىن جەزمەن ئايرىلىپ قالىمىز دەپ ۋەھىمىگە چۈشۈپ، بۇ ئىشنى قىلىپ سالدۇق. |
וְעַתָּה הִנְנוּ בְיָדֶךָ כַּטּוֹב וְכַיָּשָׁר בְּעֵינֶיךָ לַעֲשׂוֹת לָנוּ עֲשֵֽׂה׃ | 25 |
ئەمدى بىز قولۇڭغا چۈشتۇق؛ نەزىرىڭگە نېمە ياخشى ۋە دۇرۇس كۆرۈنسە شۇنى قىلغىن، ــ دېدى. |
וַיַּעַשׂ לָהֶם כֵּן וַיַּצֵּל אוֹתָם מִיַּד בְּנֵֽי־יִשְׂרָאֵל וְלֹא הֲרָגֽוּם׃ | 26 |
يەشۇئا ئەنە شۇنداق قىلىش بىلەن ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى؛ ئىسرائىللار ئۇلارنى ئۆلتۈرمىدى. |
וַיִּתְּנֵם יְהוֹשֻׁעַ בַּיּוֹם הַהוּא חֹטְבֵי עֵצִים וְשֹׁאֲבֵי מַיִם לָֽעֵדָה וּלְמִזְבַּח יְהוָה עַד־הַיּוֹם הַזֶּה אֶל־הַמָּקוֹם אֲשֶׁר יִבְחָֽר׃ | 27 |
لېكىن شۇ كۈنى يەشۇئا پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايدا جامائەت ئۈچۈن ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھى ئۈچۈن ئۇلارنى ئوتۇن يارغۇچىلار ۋە سۇ توشۇغۇچىلار دەپ بېكىتتى. ئۇلار بۈگۈنگە قەدەر شۇنداق قىلىپ كەلمەكتە. |