וַיְהִי כִשְׁמֹעַ אֲדֹֽנִי־צֶדֶק מֶלֶךְ יְרוּשָׁלִַם כִּֽי־לָכַד יְהוֹשֻׁעַ אֶת־הָעַי וַיַּחֲרִימָהּ כַּאֲשֶׁר עָשָׂה לִֽירִיחוֹ וּלְמַלְכָּהּ כֵּן־עָשָׂה לָעַי וּלְמַלְכָּהּ וְכִי הִשְׁלִימוּ יֹשְׁבֵי גִבְעוֹן אֶת־יִשְׂרָאֵל וַיִּֽהְיוּ בְּקִרְבָּֽם׃ | 1 |
شۇنداق بولدىكى، يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى-زەدەك يەشۇئانىڭ ئايى شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنى مۇتلەق يوقاتقانلىقىنى، يېرىخو بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھىغا قىلغىنىدەك، ئايى بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلغىنىنى، گىبېئوندا ئولتۇرغۇچىلارنىڭ ئىسرائىل بىلەن سۈلھ تۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، |
וַיִּֽירְאוּ מְאֹד כִּי עִיר גְּדוֹלָה גִּבְעוֹן כְּאַחַת עָרֵי הַמַּמְלָכָה וְכִי הִיא גְדוֹלָה מִן־הָעַי וְכָל־אֲנָשֶׁיהָ גִּבֹּרִֽים׃ | 2 |
ئۇ ۋە خەلقى قاتتىق قورقتى؛ چۈنكى گىبېئون بولسا ئايىدىن چوڭ شەھەر بولۇپ، پايتەخت شەھەرلىرىدەك ئىدى؛ ئۇنىڭ ھەممە ئادەملىرى تولىمۇ باتۇر پالۋانلار ئىدى. |
וַיִּשְׁלַח אֲדֹנִי־צֶדֶק מֶלֶךְ יְרוּשָׁלִַם אֶל־הוֹהָם מֶֽלֶךְ־חֶבְרוֹן וְאֶל־פִּרְאָם מֶֽלֶךְ־יַרְמוּת וְאֶל־יָפִיעַ מֶֽלֶךְ־לָכִישׁ וְאֶל־דְּבִיר מֶֽלֶךְ־עֶגְלוֹן לֵאמֹֽר׃ | 3 |
شۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى-زەدەك ھېبروننىڭ پادىشاھى ھوھام، يارمۇتنىڭ پادىشاھى پىرئام، لاقىشنىڭ پادىشاھى يافىيا ۋە ئەگلوننىڭ پادىشاھى دەبىرگە خەۋەر ئەۋەتىپ: ــ |
עֲלֽוּ־אֵלַי וְעִזְרֻנִי וְנַכֶּה אֶת־גִּבְעוֹן כִּֽי־הִשְׁלִימָה אֶת־יְהוֹשֻׁעַ וְאֶת־בְּנֵי יִשְׂרָאֵֽל׃ | 4 |
مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ گىبېئونلارغا ھۇجۇم قىلىشىمىز ئۈچۈن ماڭا مەدەت بېرىڭلار؛ چۈنكى ئۇلار بولسا يەشۇئا ۋە ئىسرائىللار بىلەن سۈلھ تۈزۈۋالدى، ــ دېدى. |
וַיֵּאָסְפוּ וַֽיַּעֲלוּ חֲמֵשֶׁת ׀ מַלְכֵי הָאֱמֹרִי מֶלֶךְ יְרוּשָׁלִַם מֶֽלֶךְ־חֶבְרוֹן מֶֽלֶךְ־יַרְמוּת מֶֽלֶךְ־לָכִישׁ מֶֽלֶךְ־עֶגְלוֹן הֵם וְכָל־מַֽחֲנֵיהֶם וַֽיַּחֲנוּ עַל־גִּבְעוֹן וַיִּֽלָּחֲמוּ עָלֶֽיהָ׃ | 5 |
شۇنداق قىلىپ ئامورىيلارنىڭ بەش پادىشاھى، يەنى يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى، ھېبروننىڭ پادىشاھى، يارمۇتنىڭ پادىشاھى، لاقىشنىڭ پادىشاھى ۋە ئەگلوننىڭ پادىشاھى ــ ئۇلار ئۆزلىرى بارلىق قوشۇنلىرى بىلەن بىللە چىقىپ، گىبېئوننىڭ ئۇدۇلىدا بارگاھ تىكىپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. |
וַיִּשְׁלְחוּ אַנְשֵׁי גִבְעוֹן אֶל־יְהוֹשֻׁעַ אֶל־הַֽמַּחֲנֶה הַגִּלְגָּלָה לֵאמֹר אַל־תֶּרֶף יָדֶיךָ מֵֽעֲבָדֶיךָ עֲלֵה אֵלֵינוּ מְהֵרָה וְהוֹשִׁיעָה לָּנוּ וְעָזְרֵנוּ כִּי נִקְבְּצוּ אֵלֵינוּ כָּל־מַלְכֵי הָאֱמֹרִי יֹשְׁבֵי הָהָֽר׃ | 6 |
بۇنىڭ بىلەن گىبېئونلىقلار گىلگالدىكى چېدىرگاھقا، يەشۇئانىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ: ــ سەن ئۆز قۇللىرىڭنى تاشلىۋەتمەي، دەرھال قېشىمىزغا كېلىپ مەدەت بېرىپ، بىزنى قۇتقۇزغىن؛ چۈنكى تاغلىق رايوندا ئولتۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلدى، ــ دېدى. |
וַיַּעַל יְהוֹשֻׁעַ מִן־הַגִּלְגָּל הוּא וְכָל־עַם הַמִּלְחָמָה עִמּוֹ וְכֹל גִּבּוֹרֵי הֶחָֽיִל׃ | 7 |
بۇنى ئاڭلاپ يەشۇئا بارلىق جەڭچىلەرنى، جۈملىدىن ھەممە باتۇر پالۋانلارنى ئېلىپ گىلگالدىن يولغا چىقتى. |
וַיֹּאמֶר יְהוָה אֶל־יְהוֹשֻׁעַ אַל־תִּירָא מֵהֶם כִּי בְיָדְךָ נְתַתִּים לֹֽא־יַעֲמֹד אִישׁ מֵהֶם בְּפָנֶֽיךָ׃ | 8 |
پەرۋەردىگار يەشۇئاغا: ــ ئۇلاردىن قورقمىغىن؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ئالدىڭدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، ــ دېدى. |
וַיָּבֹא אֲלֵיהֶם יְהוֹשֻׁעַ פִּתְאֹם כָּל־הַלַּיְלָה עָלָה מִן־הַגִּלְגָּֽל׃ | 9 |
يەشۇئا گىلگالدىن چىقىپ پۈتۈن كېچە مېڭىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز چۈشتى. |
וַיְהֻמֵּם יְהוָה לִפְנֵי יִשְׂרָאֵל וַיַּכֵּם מַכָּֽה־גְדוֹלָה בְּגִבְעוֹן וַֽיִּרְדְּפֵם דֶּרֶךְ מַעֲלֵה בֵית־חוֹרֹן וַיַּכֵּם עַד־עֲזֵקָה וְעַד־מַקֵּדָֽה׃ | 10 |
پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا تىرىپىرەن قىلدى، يەشۇئا ئۇلارنى گىبېئوندا قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ قىرىپ، بەيت-ھورونغا چىقىدىغان داۋان يولىدا قوغلاپ، ئازىكاھ بىلەن ماككەداھقىچە سۈرۈپ-توقاي قىلدى. |
וַיְהִי בְּנֻסָם ׀ מִפְּנֵי יִשְׂרָאֵל הֵם בְּמוֹרַד בֵּית־חוֹרֹן וַֽיהוָה הִשְׁלִיךְ עֲלֵיהֶם אֲבָנִים גְּדֹלוֹת מִן־הַשָּׁמַיִם עַד־עֲזֵקָה וַיָּמֻתוּ רַבִּים אֲשֶׁר־מֵתוּ בְּאַבְנֵי הַבָּרָד מֵאֲשֶׁר הָרְגוּ בְּנֵי יִשְׂרָאֵל בֶּחָֽרֶב׃ | 11 |
ئۇلار ئىسرائىلدىن قېچىپ، بەيت-ھوروننىڭ داۋانىدىن چۈشۈۋاتقاندا، پەرۋەردىگار تاكى ئۇلار ئازىكاھقا يەتكۈچە ئاسماندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چوڭ-چوڭ مۆلدۈر-تاشلارنى ياغدۇردى. ئۇلار ئۆلدى؛ مۇشۇ مۆلدۈرلەر بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئىسرائىللار قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەنلەردىن كۆپ ئىدى. |
אָז יְדַבֵּר יְהוֹשֻׁעָ לַֽיהוָה בְּיוֹם תֵּת יְהוָה אֶת־הָאֱמֹרִי לִפְנֵי בְּנֵי יִשְׂרָאֵל וַיֹּאמֶר ׀ לְעֵינֵי יִשְׂרָאֵל שֶׁמֶשׁ בְּגִבְעוֹן דּוֹם וְיָרֵחַ בְּעֵמֶק אַיָּלֽוֹן׃ | 12 |
ئاندىن يەشۇئا پەرۋەردىگارغا سۆز قىلدى، ــ يەنى پەرۋەردىگار ئامورىيلارنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا تاپشۇرغان كۈنىدە ئۇ ئىسرائىلنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: ــ «ئەي قۇياش، گىبېئون ئۈستىدە توختاپ تۇر! ئەي ئاي، ئايجالون جىلغىسى ئۈستىدە توختاپ تۇر!» |
וַיִּדֹּם הַשֶּׁמֶשׁ וְיָרֵחַ עָמָד עַד־יִקֹּם גּוֹי אֹֽיְבָיו הֲלֹא־הִיא כְתוּבָה עַל־סֵפֶר הַיָּשָׁר וַיַּעֲמֹד הַשֶּׁמֶשׁ בַּחֲצִי הַשָּׁמַיִם וְלֹא־אָץ לָבוֹא כְּיוֹם תָּמִֽים׃ | 13 |
شۇنى دېۋىدى، خەلق دۈشمەنلەردىن ئىنتىقام ئېلىپ بولغۇچىلىك قۇياش ماڭماي توختاپ تۇردى، ئايمۇ توختاپ تۇردى. بۇ ۋەقە ياشارنىڭ كىتابىدا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ قۇياش تەخمىنەن پۈتۈن بىر كۈن ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ ئولتۇرۇشقا ئالدىرىمىدى. |
וְלֹא הָיָה כַּיּוֹם הַהוּא לְפָנָיו וְאַחֲרָיו לִשְׁמֹעַ יְהוָה בְּקוֹל אִישׁ כִּי יְהוָה נִלְחָם לְיִשְׂרָאֵֽל׃ | 14 |
پەرۋەردىگار بىر ئىنساننىڭ نىداسىغا قۇلاق سالغان شۇنداق بىر كۈن ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان ۋە كېيىنمۇ بولۇپ باقمىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل ئۈچۈن جەڭ قىلدى. |
וַיָּשָׁב יְהוֹשֻׁעַ וְכָל־יִשְׂרָאֵל עִמּוֹ אֶל־הַֽמַּחֲנֶה הַגִּלְגָּֽלָה׃ | 15 |
ئاندىن يەشۇئا بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل گىلگالدىكى چېدىرگاھقا يېنىپ كەلدى. |
וַיָּנֻסוּ חֲמֵשֶׁת הַמְּלָכִים הָאֵלֶּה וַיֵּחָבְאוּ בַמְּעָרָה בְּמַקֵּדָֽה׃ | 16 |
ئەمما ئۇ بەش پادىشاھ بولسا قېچىپ ماككەداھتىكى غارغا يوشۇرۇنىۋالدى. |
וַיֻּגַּד לִיהוֹשֻׁעַ לֵאמֹר נִמְצְאוּ חֲמֵשֶׁת הַמְּלָכִים נֶחְבְּאִים בַּמְּעָרָה בְּמַקֵּדָֽה׃ | 17 |
شۇنىڭ بىلەن بىرسى يەشۇئاغا مەلۇم قىلىپ: ــ ئۇ بەش پادىشاھ تېپىلدى؛ ئۇلار ماككەداھتىكى غارغا يوشۇرۇنىۋاپتۇ، دېدى. |
וַיֹּאמֶר יְהוֹשֻׁעַ גֹּלּוּ אֲבָנִים גְּדֹלוֹת אֶל־פִּי הַמְּעָרָה וְהַפְקִידוּ עָלֶיהָ אֲנָשִׁים לְשָׁמְרָֽם׃ | 18 |
يەشۇئا: ــ ئۇنداق بولسا غارنىڭ ئاغزىغا چوڭ-چوڭ تاشلارنى يۇمىلىتىپ قويۇڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىدا ئادەملەرنى كۆزەتكە قويۇڭلار. |
וְאַתֶּם אַֽל־תַּעֲמֹדוּ רִדְפוּ אַחֲרֵי אֹֽיְבֵיכֶם וְזִנַּבְתֶּם אוֹתָם אַֽל־תִּתְּנוּם לָבוֹא אֶל־עָרֵיהֶם כִּי נְתָנָם יְהוָה אֱלֹהֵיכֶם בְּיֶדְכֶֽם׃ | 19 |
لېكىن سىلەر توختاپ قالماي دۈشمەنلىرىڭلارنى قوغلاپ كەينىدە قالغانلارنى قىرىڭلار؛ ئۇلارنى ئۆز شەھەرلىرىگە كىرگۈزمەڭلار، چۇنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بەردى، ــ دېدى. |
וַיְהִי כְּכַלּוֹת יְהוֹשֻׁעַ וּבְנֵי יִשְׂרָאֵל לְהַכּוֹתָם מַכָּה גְדוֹלָֽה־מְאֹד עַד־תֻּמָּם וְהַשְּׂרִידִים שָׂרְדוּ מֵהֶם וַיָּבֹאוּ אֶל־עָרֵי הַמִּבְצָֽר׃ | 20 |
ئاندىن شۇنداق بولدىكى، يەشۇئا بىلەن ئىسرائىللار بۇلارنى قىرىپ قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ يوقاتتى؛ لېكىن قېچىپ قۇتۇلغان بىر قالدۇق مۇستەھكەم شەھەرلىرىگە كىرىۋالدى. |
וַיָּשֻׁבוּ כָל־הָעָם אֶל־הַמַּחֲנֶה אֶל־יְהוֹשֻׁעַ מַקֵּדָה בְּשָׁלוֹם לֹֽא־חָרַץ לִבְנֵי יִשְׂרָאֵל לְאִישׁ אֶת־לְשֹׁנֽוֹ׃ | 21 |
ئاندىن بارلىق خەلق ماككەداھتىكى چېدىرگاھقا، يەشۇئانىڭ قېشىغا تىنچ-سالامەت يېنىپ كەلدى. ھېچكىم ئىسرائىللارغا قارشى ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. |
וַיֹּאמֶר יְהוֹשֻׁעַ פִּתְחוּ אֶת־פִּי הַמְּעָרָה וְהוֹצִיאוּ אֵלַי אֶת־חֲמֵשֶׁת הַמְּלָכִים הָאֵלֶּה מִן־הַמְּעָרָֽה׃ | 22 |
يەشۇئا: ــ غارنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، ئۇ بەش پادىشاھنى غاردىن چىقىرىپ مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ــ دېدى. |
וַיַּעֲשׂוּ כֵן וַיֹּצִיאוּ אֵלָיו אֶת־חֲמֵשֶׁת הַמְּלָכִים הָאֵלֶּה מִן־הַמְּעָרָה אֵת ׀ מֶלֶךְ יְרוּשָׁלִַם אֶת־מֶלֶךְ חֶבְרוֹן אֶת־מֶלֶךְ יַרְמוּת אֶת־מֶלֶךְ לָכִישׁ אֶת־מֶלֶךְ עֶגְלֽוֹן׃ | 23 |
ئۇلار شۇنداق قىلىپ بەش پادىشاھنى، يەنى يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى، ھېبروننىڭ پادىشاھى، يارمۇتنىڭ پادىشاھى، لاقىشنىڭ پادىشاھى ۋە ئەگلوننىڭ پادىشاھىنى غاردىن چىقىرىپ ئۇنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى. |
וַיְהִי כְּֽהוֹצִיאָם אֶת־הַמְּלָכִים הָאֵלֶּה אֶל־יְהוֹשֻׁעַ וַיִּקְרָא יְהוֹשֻׁעַ אֶל־כָּל־אִישׁ יִשְׂרָאֵל וַיֹּאמֶר אֶל־קְצִינֵי אַנְשֵׁי הַמִּלְחָמָה הֶהָלְכוּא אִתּוֹ קִרְבוּ שִׂימוּ אֶת־רַגְלֵיכֶם עַֽל־צַוְּארֵי הַמְּלָכִים הָאֵלֶּה וַֽיִּקְרְבוּ וַיָּשִׂימוּ אֶת־רַגְלֵיהֶם עַל־צַוְּארֵיהֶֽם׃ | 24 |
ئۇ پادىشاھلار يەشۇئانىڭ قېشىغا كەلتۈرۈلگەندە، يەشۇئا ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرىنى چاقىرىپ، ئۆزى بىلەن جەڭگە چىققان لەشكەر سەردارلىرىغا: ــ كېلىپ پۇتلىرىڭلارنى بۇ پادىشاھلارنىڭ گەدىنىگە قويۇڭلار، ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، ئۇلار كېلىپ پۇتلىرىنى ئۇلارنىڭ گەدەنلىرىگە قويدى. |
וַיֹּאמֶר אֲלֵיהֶם יְהוֹשֻׁעַ אַל־תִּֽירְאוּ וְאַל־תֵּחָתּוּ חִזְקוּ וְאִמְצוּ כִּי כָכָה יַעֲשֶׂה יְהוָה לְכָל־אֹיְבֵיכֶם אֲשֶׁר אַתֶּם נִלְחָמִים אוֹתָֽם׃ | 25 |
ئاندىن يەشۇئا ئۇلارغا: ــ قورقماڭلار ۋە ھېچ ھودۇقماڭلار، قەيسەر ۋە غەيرەتلىك بولۇڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەر ھۇجۇم قىلغان بارلىق دۈشمەنلىرىڭلارغا شۇنداق ئىشنى قىلىدۇ، ــ دېدى. |
וַיַּכֵּם יְהוֹשֻׁעַ אַֽחֲרֵי־כֵן וַיְמִיתֵם וַיִּתְלֵם עַל חֲמִשָּׁה עֵצִים וַיִּֽהְיוּ תְּלוּיִם עַל־הָעֵצִים עַד־הָעָֽרֶב׃ | 26 |
ئاندىن يەشۇئا پادىشاھلارنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈپ، جەسەتلىرىنى بەش دەرەخكە ئېسىپ قويدى؛ ئۇلار دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە كەچكىچە ئېسىقلىق تۇردى. |
וַיְהִי לְעֵת ׀ בּוֹא הַשֶּׁמֶשׁ צִוָּה יְהוֹשֻׁעַ וַיֹּֽרִידוּם מֵעַל הָעֵצִים וַיַּשְׁלִכֻם אֶל־הַמְּעָרָה אֲשֶׁר נֶחְבְּאוּ־שָׁם וַיָּשִׂמוּ אֲבָנִים גְּדֹלוֹת עַל־פִּי הַמְּעָרָה עַד־עֶצֶם הַיּוֹם הַזֶּֽה׃ | 27 |
كۈن پاتقاندا يەشۇئانىڭ بۇيرۇقى بىلەن كىشىلەر ئۆلۈكلەرنى دەرەخلەردىن چۈشۈرۈپ، ئۇلار ئىلگىرى يوشۇرۇنغان غارغا تاشلاپ، غارنىڭ ئاغزىغا چوڭ-چوڭ تاشلارنى قويۇپ قويدى. بۇ تاشلار تاكى بۈكۈنگە قەدەر شۇ يەردە تۇرماقتا. |
וְאֶת־מַקֵּדָה לָכַד יְהוֹשֻׁעַ בַּיּוֹם הַהוּא וַיַּכֶּהָ לְפִי־חֶרֶב וְאֶת־מַלְכָּהּ הֶחֱרִם אוֹתָם וְאֶת־כָּל־הַנֶּפֶשׁ אֲשֶׁר־בָּהּ לֹא הִשְׁאִיר שָׂרִיד וַיַּעַשׂ לְמֶלֶךְ מַקֵּדָה כַּאֲשֶׁר עָשָׂה לְמֶלֶךְ יְרִיחֽוֹ׃ | 28 |
ئۇ كۈنى يەشۇئا ماككەداھنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھى بىلەن شەھىرىدىكى ھەممە خەلقنىڭ بىرىنىمۇ قويماي قىلىچلاپ مۇتلەق يوقاتتى؛ ئۇ يېرىخونىڭ پادىشاھىغا قىلغىنىدەك ماككەداھنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلدى. |
וַיַּעֲבֹר יְהוֹשֻׁעַ וְכָֽל־יִשְׂרָאֵל עִמּוֹ מִמַּקֵּדָה לִבְנָה וַיִּלָּחֶם עִם־לִבְנָֽה׃ | 29 |
ئاندىن يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىللار ماككەداھتىن چىقىپ، لىبناھقا بېرىپ لىبناھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. |
וַיִּתֵּן יְהוָה גַּם־אוֹתָהּ בְּיַד יִשְׂרָאֵל וְאֶת־מַלְכָּהּ וַיַּכֶּהָ לְפִי־חֶרֶב וְאֶת־כָּל־הַנֶּפֶשׁ אֲשֶׁר־בָּהּ לֹֽא־הִשְׁאִיר בָּהּ שָׂרִיד וַיַּעַשׂ לְמַלְכָּהּ כַּאֲשֶׁר עָשָׂה לְמֶלֶךְ יְרִיחֽוֹ׃ | 30 |
پەرۋەردىگار ئۇنىمۇ پادىشاھى بىلەن قوشۇپ ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى؛ يەشۇئا ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۇرۇپ، شەھىرىدىكى ھەممە خەلقنىڭ بىرىنىمۇ قويماي قىلىچلاپ ئۆلتۈردى؛ ئۇ يېرىخونىڭ پادىشاھىغا قىلغىنىدەك ئۇنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلدى. |
וַיַּעֲבֹר יְהוֹשֻׁעַ וְכָל־יִשְׂרָאֵל עִמּוֹ מִלִּבְנָה לָכִישָׁה וַיִּחַן עָלֶיהָ וַיִּלָּחֶם בָּֽהּ׃ | 31 |
ئاندىن يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىل لىبناھدىن چىقىپ، لاقىشقا بېرىپ، ئۇنى قامال قىلىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. |
וַיִּתֵּן יְהוָה אֶת־לָכִישׁ בְּיַד יִשְׂרָאֵל וַֽיִּלְכְּדָהּ בַּיּוֹם הַשֵּׁנִי וַיַּכֶּהָ לְפִי־חֶרֶב וְאֶת־כָּל־הַנֶּפֶשׁ אֲשֶׁר־בָּהּ כְּכֹל אֲשֶׁר־עָשָׂה לְלִבְנָֽה׃ | 32 |
پەرۋەردىگار لاقىشنى ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ ئۇلار ئىككىنچى كۈنىلا ئۇنى قىلىچ بىلەن ئېلىپ، دەل لىبناھقا قىلغىنىدەك، شەھىرىدىكى خەلقنىڭ بىرىنىمۇ قويماي قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. |
אָז עָלָה הֹרָם מֶלֶךְ גֶּזֶר לַעְזֹר אֶת־לָכִישׁ וַיַּכֵּהוּ יְהוֹשֻׁעַ וְאֶת־עַמּוֹ עַד־בִּלְתִּי הִשְׁאִֽיר־לוֹ שָׂרִֽיד׃ | 33 |
ئۇ ۋاقىتتا گەزەرنىڭ پادىشاھى ھورام لاقىش شەھىرىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن چىقىپ كەلدى؛ لېكىن يەشۇئا ئۇنى بارلىق ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ ئۇرۇپ، ئۇلاردىن ھېچكىمنى تىرىك قويماي ئۆلتۈردى. |
וַיַּעֲבֹר יְהוֹשֻׁעַ וְכָל־יִשְׂרָאֵל עִמּוֹ מִלָּכִישׁ עֶגְלֹנָה וַיַּחֲנוּ עָלֶיהָ וַיִּֽלָּחֲמוּ עָלֶֽיהָ׃ | 34 |
ئاندىن يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىل لاقىشتىن چىقىپ، ئەگلونغا بېرىپ ئۇنى قامال قىلىپ، ئۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى. |
וַֽיִּלְכְּדוּהָ בַּיּוֹם הַהוּא וַיַכּוּהָ לְפִי־חֶרֶב וְאֵת כָּל־הַנֶּפֶשׁ אֲשֶׁר־בָּהּ בַּיּוֹם הַהוּא הֶחֱרִים כְּכֹל אֲשֶׁר־עָשָׂה לְלָכִֽישׁ׃ | 35 |
ئۇلار شۇ كۈنى شەھەرنى ئېلىپ، ئۇنىڭدىكى ئادەملەرنى قىلىچلىدى؛ شۇ كۈنى يەشۇئا شەھەردىكى بارلىق كىشىلەرنى تەلتۆكۈس يوقاتتى؛ ئۇ دەل لاقىشقا قىلغىنىدەك، ئۇلارغىمۇ شۇنداق قىلدى. |
וַיַּעַל יְהוֹשֻׁעַ וְכָֽל־יִשְׂרָאֵל עִמּוֹ מֵעֶגְלוֹנָה חֶבְרוֹנָה וַיִּֽלָּחֲמוּ עָלֶֽיהָ׃ | 36 |
ئاندىن يەشۇئا بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممىسى ئەگلوندىن چىقىپ ھېبرونغا بېرىپ، ئۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى. |
וַיִּלְכְּדוּהָ וַיַּכּֽוּהָ־לְפִי־חֶרֶב וְאֶת־מַלְכָּהּ וְאֶת־כָּל־עָרֶיהָ וְאֶת־כָּל־הַנֶּפֶשׁ אֲשֶׁר־בָּהּ לֹֽא־הִשְׁאִיר שָׂרִיד כְּכֹל אֲשֶׁר־עָשָׂה לְעֶגְלוֹן וַיַּחֲרֵם אוֹתָהּ וְאֶת־כָּל־הַנֶּפֶשׁ אֲשֶׁר־בָּֽהּ׃ | 37 |
ئۇلار ئۇنى ئېلىپ، دەل ئەگلوندا قىلغاندەك ئۇنىڭ پادىشاھىنى قىلىچلاپ، ئۇنىڭغا قاراشلىق ھەممە يېزا-كەنتلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق ھەممە ئادەمنىڭ ھېچبىرىنى قويماي قىلىچلاپ يوقاتتى. يەشۇئا شەھەرنى ۋە ئىچىدىكى بارلىق ئادەملەرنى مۇتلەق يوقاتتى. |
וַיָּשָׁב יְהוֹשֻׁעַ וְכָל־יִשְׂרָאֵל עִמּוֹ דְּבִרָה וַיִּלָּחֶם עָלֶֽיהָ׃ | 38 |
ئاندىن يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىللار دەبىرگە بېرىپ، ئۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى. |
וַֽיִּלְכְּדָהּ וְאֶת־מַלְכָּהּ וְאֶת־כָּל־עָרֶיהָ וַיַּכּוּם לְפִי־חֶרֶב וַֽיַּחֲרִימוּ אֶת־כָּל־נֶפֶשׁ אֲשֶׁר־בָּהּ לֹא הִשְׁאִיר שָׂרִיד כַּאֲשֶׁר עָשָׂה לְחֶבְרוֹן כֵּן־עָשָׂה לִדְבִרָה וּלְמַלְכָּהּ וְכַאֲשֶׁר עָשָׂה לְלִבְנָה וּלְמַלְכָּֽהּ׃ | 39 |
ئۇ شەھەرنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ھەممە يېزا-كەنتلىرىنى قىلىچ بىلەن ئۇرۇپ، پادىشاھىنى تۇتۇپ، بۇلاردىكى بارلىق ئادەملەرنىڭ ھېچبىرىنى قويماي تەلتۆكۈس يوقاتتى. يەشۇئا ھېبرونغا قىلغىنىدەك، لىبناھقا ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىغا قىلغىنىدەك، دەبىر بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلدى. |
וַיַּכֶּה יְהוֹשֻׁעַ אֶת־כָּל־הָאָרֶץ הָהָר וְהַנֶּגֶב וְהַשְּׁפֵלָה וְהָאֲשֵׁדוֹת וְאֵת כָּל־מַלְכֵיהֶם לֹא הִשְׁאִיר שָׂרִיד וְאֵת כָּל־הַנְּשָׁמָה הֶחֱרִים כַּאֲשֶׁר צִוָּה יְהוָה אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵֽל׃ | 40 |
بۇ تەرىقىدە يەشۇئا شۇ پۈتۈن يۇرتنى، يەنى تاغلىق رايوننى، جەنۇبىي نەگەۋ يۇرتىنى، شەفەلاھ ئويمانلىقىنى، داۋاندىكى يۇرتلارنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، ھەممە يۇرتنى ئىشغال قىلىپ بارلىق پادىشاھلىرى بىلەن مەغلۇپ قىلدى. ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار بۇيرۇغىنىدەك، ئۇ ھېچكىمنى قويماي، بەلكى نەپەسى بارلارنىڭ ھەممىسىنى مۇتلەق يوقاتتى. |
וַיַּכֵּם יְהוֹשֻׁעַ מִקָּדֵשׁ בַּרְנֵעַ וְעַד־עַזָּה וְאֵת כָּל־אֶרֶץ גֹּשֶׁן וְעַד־גִּבְעֽוֹן׃ | 41 |
يەشۇئا قادەش-بارنېئادىن تارتىپ گازاغىچە بولغان يۇرتلارنى، شۇنىڭدەك گوشەننىڭ پۈتكۈل يۇرتىنى تاكى گىبېئونغىچىمۇ ھۇجۇم بىلەن ئالدى. |
וְאֵת כָּל־הַמְּלָכִים הָאֵלֶּה וְאֶת־אַרְצָם לָכַד יְהוֹשֻׁעַ פַּעַם אֶחָת כִּי יְהוָה אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵל נִלְחָם לְיִשְׂרָאֵֽל׃ | 42 |
بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا يەشۇئا بۇ پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدى. چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئىسرائىل تەرەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلدى. |
וַיָּשָׁב יְהוֹשֻׁעַ וְכָל־יִשְׂרָאֵל עִמּוֹ אֶל־הַֽמַּחֲנֶה הַגִּלְגָּֽלָה׃ | 43 |
ئاندىن يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىل گىلگالدىكى چېدىرگاھقا يېنىپ كەلدى. |