Preface
Read
+
Publisher
Nainoia, Inc.
PO Box 462, Bellefonte, PA 16823
(814) 470-8028
Nainoia Inc, Publisher
LinkedIn/NAINOIA-INC
Third Party Publisher Resources
Request Custom Formatted Verses
Please contact us below
Submit your proposed corrections
I understand that the Aionian Bible republishes public domain and Creative Commons Bible texts and that volunteers may be needed to present the original text accurately. I also understand that apocryphal text is removed and most variant verse numbering is mapped to the English standard. I have entered my corrections under the verse(s) below. Proposed corrections to the Uyghur Bible (arabic script), 2-Chronicles Chapter 3 https://www.AionianBible.org/Bibles/Uyghur---Uyghur-Bible-Arabic/2-Chronicles/3 1) سۇلايمان يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگار ئاتىسى داۋۇتقا ئايان بولغان مورىيا تېغىدا، يەنى يەبۇسىي ئورناننىڭ خامىنىدا، داۋۇت تەييار قىلىپ قويغان يەردە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سېلىش ئىشىنى باشلىدى. 2) سۇلايماننىڭ سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلى، ئىككىنچى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنى ئۇ قۇرۇلۇشنى باشلىدى. 3) سۇلايمان سالغان خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلى مۇنداق: ــ ئۇزۇنلۇقى (قەدىمكى زاماندا قوللانغان ئۆلچەم بويىچە) ئاتمىش گەز، كەڭلىكى يىگىرمە گەز ئىدى. 4) ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز بولۇپ، ئۆينىڭ كەڭلىكىگە توغرا كېلەتتى؛ ئېگىزلىكى يىگىرمە گەز ئىدى؛ ئۇ ئىچىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى. 5) ئۇ ئۆينىڭ چوڭ زېلىنىڭ تاملىرىنى ئارچا-قارىغاي تاختايلىرى بىلەن قاپلاتتى، ئاندىن كېيىن ساپ ئالتۇن قاپلاتتى ۋە ئۈستىگە خورما دەرىخىنىڭ شەكلى بىلەن زەنجىر نەقىشلىرىنى ئويدۇردى. 6) ئۇ ئۆينى ئالامەت چىرايلىق قىلىپ تاملىرىنى يەنە ئېسىل تاش-ياقۇتلار بىلەن زىننەتلەتتى. ئۇ ئىشلەتكەن ئالتۇنلار پۈتۈنلەي پارۋايىم ئالتۇنى ئىدى. 7) ئۇ پۈتۈن ئۆينى، ئۆينىڭ لىملىرى، ئىشىك بوسۇغا-كېشەكلىرى، بارلىق تاملىرى ۋە ئىشىكلىرىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ ئۇ تامغا كېرۇبلارنىڭ نەقىشلىرىنى ئويدۇردى. 8) سۇلايمان يەنە ئەڭ مۇقەددەس جاينى ياساتتى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز بولۇپ (ئۆينىڭ كەڭلىكى بىلەن تەڭ ئىدى)، كەڭلىكىمۇ يىگىرمە گەز ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئىچىنى پۈتۈنلەي ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى؛ ئالتۇن جەمئىي بولۇپ ئالتە يۈز تالالنت ئىدى. 9) ئالتۇن مىقنىڭ ئېغىرلىقى جەمئىي ئەللىك شەكەل بولدى. بالىخانىلىرىنىڭ ئىچىمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلاندى. 10) ئەڭ مۇقەددەس جاي ئىچىدە ئۇ ئىككى كېرۇبنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. 11) ئىككى كېرۇبنىڭ قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەمئىي يىگىرمە گەز ئىدى؛ بىر كېرۇبنىڭ بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش گەز بولۇپ، ئۆينىڭ تېمىغا تېگىپ تۇراتتى؛ ئىككىنچى تەرەپتىكى قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ بەش گەز بولۇپ، ئىككىنچى بىر كېرۇبنىڭ قانىتىغا يېتەتتى. 12) يەنە بىر كېرۇبنىڭ قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ بەش گەز بولۇپ، ئۇمۇ ئۆي تېمىغا تېگىپ تۇراتتى؛ ئىككىنچى بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ بەش گەز بولۇپ، ئالدىنقى بىر كېرۇبنىڭ قانىتىغا يېتەتتى. 13) بۇ ئىككى كېرۇبنىڭ قاناتلىرى يېيىلغان ھالدا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى جەمئىي يىگىرمە گەز كېلەتتى؛ ئىككىلا كېرۇب ئۆرە تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، يۈزلىرى ئۆينىڭ ئىچىگە قارايتتى. 14) سۇلايمان يەنە كۆك رەڭلىك، سۆسۈن رەڭلىك، توق قىزىل ۋە ئاق رەڭلىك يىپ توقۇلمىلىرىدىن ۋە نەپىس كاناپتىن [ئۆينىڭ ئىچىدىكى] پەردىسىنى ياساتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېرۇبلارنى كەشتە قىلىپ توقۇتتى. 15) ئۆينىڭ ئالدىغا يەنە ئېگىزلىكى ئوتتۇز بەش گەز كېلىدىغان ئىككى تۈۋرۈك ياساپ قويدۇردى؛ ھەر تۈۋرۈكنىڭ بېشىنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز كېلەتتى. 16) ئۇ يەنە (ئىچكى كالامخانىدىكىدەك) مارجانسىمان زەنجىر ياسىتىپ، تۈۋرۈك باشلىرى ئۈستىگە ئورناتتى؛ ئۇ يۈز دانە ئانار ياسىتىپ ئۇلارنى زەنجىرلەرگە ئورناتتى. 17) ئۇ بۇ ئىككى تۈۋرۈكنى ئۆينىڭ ئالدىغا، بىرسىنى ئوڭ تەرىپىدە، بىرسىنى سول تەرىپىدە تۇرغۇزدى؛ ئۇ ئوڭ تەرەپتىكىسىنى ياقىن، سول تەرەپتىكىسىنى بوئاز دەپ ئاتىدى. Additional comments?
Refresh Captcha
The world's first Holy Bible un-translation!