< Dân Số 10 >

1 Chúa Hằng Hữu phán bảo Môi-se:
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
2 “Hãy làm hai chiếc kèn bằng bạc dát mỏng, dùng để triệu tập dân chúng hội họp và báo hiệu tháo trại lên đường.
سەن ئۆزۈڭگە ئىككى كاناي ياساتقىن؛ ئۇلارنى كۈمۈشتىن سوقتۇر. ئۇلار جامائەتنى يىغىشقا، شۇنداقلا جامائەتنى بارگاھلىرىنى يىغىشتۇرۇپ يولغا چىقىشقا چاقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
3 Khi muốn triệu tập toàn dân tại cửa Đền Tạm, thì thổi cả hai kèn.
ئىككى كاناي چېلىنغاندا پۈتكۈل جامائەت سېنىڭ يېنىڭغا جامائەت چېدىرى دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىدىغان بولسۇن.
4 Nếu có một loa thổi lên thì các nhà lãnh đạo tức các trưởng đại tộc Ít-ra-ên sẽ họp trước mặt con.
ئەگەر يالغۇز بىرى چېلىنسا، ئەمىرلىرى، يەنى مىڭلىغان ئىسرائ‍ىللارنىڭ مىڭبېشىلىرى سېنىڭ يېنىڭغا كېلىپ يىغىلسۇن.
5 Khi thổi kèn vang động dồn dập lần thứ nhất, đó là hiệu lệnh cho trại phía đông ra đi.
سىلەر قاتتىق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چالغاندا كۈن چىقىش تەرەپتىكى بارگاھلار يولغا چىقسۇن.
6 Khi kèn thổi vang động lần thứ hai, trại phía nam ra đi.
ئاندىن سىلەر ئىككىنچى قېتىم قاتتىق، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چالغاندا جەنۇب تەرەپتىكى بارگاھلار يولغا چىقسۇن؛ ئۇلار يولغا چىققان چاغدا كاناي قاتتىق، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چېلىنىشى كېرەكتۇر.
7 Lúc triệu tập, không được thổi kèn vang động dồn dập. Thổi kèn vang động dồn dập là hiệu lệnh xuất quân.
جامائەتنى يىغىلىشقا چاقىرىدىغان چاغدا، كاناي چېلىڭلار، ئەمما قاتتىق، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چالماڭلار؛
8 Người thổi kèn là các thầy tế lễ, con của A-rôn. Đây là một định lệ có tính cách vĩnh viễn, áp dụng qua các thế hệ.
ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى، كاھىن بولغانلار كانايلارنى چالسۇن؛ بۇلار سىلەرگە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد بىر ئەبەدىي بەلگىلىمە بولسۇن.
9 Khi các ngươi vào lãnh thổ mình rồi, mỗi khi xuất quân chống quân thù xâm lăng, phải thổi kèn vang động dồn dập; Chúa Hằng Hữu sẽ nghe và cứu các ngươi khỏi quân thù.
ئەگەر سىلەر ئۆز زېمىنىڭلاردا سىلەرگە زۇلۇم سالغان دۈشمىنىڭلار بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقساڭلار، قاتتىق، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ياد ئېتىلىپ، دۈشمىنىڭلاردىن قۇتۇلىسىلەر.
10 Cũng được thổi kèn trong những ngày vui mừng, những kỳ lễ, ngày đầu tháng, lúc dâng lễ thiêu, và lễ thù ân. Tiếng kèn sẽ nhắc nhở Đức Chúa Trời nhớ đến các ngươi. Ta là Chúa Hằng Hữu, Đức Chúa Trời của các ngươi.”
بۇنىڭدىن باشقا، خۇشال كۈنلىرىڭلاردا، بېكىتىلگەن ھېيتلىرىڭلاردا ۋە ئاينىڭ بىرىنچى كۈنلىرىدە، سىلەر كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنغىنىڭلاردا، قۇربانلىقلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ كاناي چېلىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن [كانايلار] سىلەرنى خۇدايىڭلارغا ئەسلەتكۈچى بولىدۇ؛ مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
11 Vào ngày hai mươi tháng hai, năm thứ hai, đám mây bay lên khỏi nóc Đền Giao Ước,
ئىككىنچى يىلى، ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمىنچى كۈنى بۇلۇت ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرىنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلدى؛
12 và người Ít-ra-ên từ hoang mạc Si-nai lên đường. Đi đến hoang mạc Pha-ran, đám mây dừng lại.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائ‍ىللار سىناي چۆلىدىن چىقىپ، يول ئېلىپ سەپەرلىرىنى باشلىدى؛ بۇلۇت پاران چۆلىدە توختىدى.
13 Đây là lần đầu tiên họ ra đi sau khi nhận được huấn thị của Chúa Hằng Hữu do Môi-se truyền lại.
بۇ ئۇلارنىڭ بىرىنچى قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە يولغا چىقىشى بولدى.
14 Đại tộc Giu-đa ra đi trước tiên, dưới ngọn cờ của tộc mình, do Na-ha-sôn, con A-mi-na-đáp chỉ huy.
يەھۇدا بارگاھى ئۆزىنىڭ تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ ئالدى بىلەن يولغا چىقتى؛ قوشۇننىڭ باشلىقى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون ئىدى.
15 Thứ đến là đại tộc Y-sa-ca, do Na-tha-na-ên, con Xu-a chỉ huy.
ئىسساكار قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل ئىدى.
16 Sau đó đến đại tộc Sa-bu-luân, do Ê-li-áp, con Hê-lôn chỉ huy.
زەبۇلۇن قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب ئىدى.
17 Đền Tạm được tháo gỡ, các gia tộc Ghẹt-sôn và Mê-ra-ri khiêng đi.
ئاندىن ئىبادەت چېدىرى چۇۋۇلۇپ، گەرشوننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى.
18 Đi sau đền là đại tộc Ru-bên, dưới ngọn cờ mình, do Ê-li-sua, con Sê-đêu chỉ huy.
رۇبەن بارگاھى ئۆزىنىڭ تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يولغا چىقتى؛ قوشۇننىڭ باشلىقى شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر ئىدى.
19 Kế sau là đại tộc Si-mê-ôn, do Sê-lu-mi-ên, con Xu-ri-ha-đai, chỉ huy;
شىمېئون قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى زۇرى-شادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل ئىدى.
20 rồi đến đại tộc Gát, do Ê-li-a-sáp, con Đê-u-ên chỉ huy.
گاد قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف ئىدى.
21 Gia tộc Kê-hát ra đi, khiêng theo các vật thánh. Đền Tạm phải được dựng xong trước khi gia tộc Kê-hát đến nơi.
ئاندىن كوھاتلار مۇقەددەس بۇيۇملارنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى؛ ئۇلار يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئىبادەت چېدىرىنى [كۆتۈرگۈچىلەر] كېلىپ ئۇنى تىكلەپ قويۇشقانىدى.
22 Kế đến là đại tộc Ép-ra-im, do Ê-li-sa-ma, con A-mi-hút chỉ huy.
ئەفرائىم بارگاھى ئۆزىنىڭ تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يولغا چىقتى؛ قوشۇننىڭ باشلىقى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما ئىدى.
23 Rồi đến đại tộc Ma-na-se, do Ga-ma-li-ên, con Phê-đát-su chỉ huy.
ماناسسەھ قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل ئىدى.
24 Sau đó là đại tộc Bên-gia-min, do A-bi-đan, con Ghi-đeo-ni chỉ huy.
بىنيامىن قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان ئىدى.
25 Đại tộc Đan hướng dẫn đạo quân hậu tập do A-hi-ê-xe, con A-mi-sa-đai, chỉ huy, đi dưới ngọn cờ mình.
دان بارگاھى ھەممە بارگاھلارنىڭ ئارقا مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ، ئۆزىنىڭ تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يولغا چىقتى؛ قوشۇننىڭ باشلىقى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئەزەر ئىدى.
26 Sau đại tộc Đan là đại tộc A-se, do Pha-ghi-ên, con Óc-ran chỉ huy.
ئاشىر قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل ئىدى.
27 Đi sau cùng là đại tộc Nép-ta-li do A-hi-ra, con Ê-nan chỉ huy.
نافتالى قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا ئىدى.
28 Đó là thứ tự đội ngũ của người Ít-ra-ên khi họ ra đi.
بۇلار ئىسرائ‍ىللار يولغا چىققاندا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ مېڭىش تەرتىپى ئىدى؛ ئۇلار شۇ تەرىقىدە يولغا چىقتى.
29 Một hôm, Môi-se nói với anh vợ mình là Hô-báp, con Rê-u-ên, người Ma-đi-an, rằng: “Cuộc hành trình này sẽ đưa chúng ta đến đất hứa. Anh cứ theo chúng tôi, chúng tôi sẽ hậu đãi anh, vì Chúa Hằng Hữu đã hứa ban phước lành cho Ít-ra-ên.”
مۇسا ئۆزىنىڭ قېيناتىسى، مىدىيانلىق رېئۇئەلنىڭ ئوغلى ھوبابقا: — بىز پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغان يەرگە قاراپ سەپەر قىلىۋاتىمىز، ئۇ: «مەن ئۇ يەرنى سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىمەن» دېگەن؛ ئۆزلىرىنىڭ بىز بىلەن بىللە مېڭىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن، بىز سىلىگە ياخشى قارايمىز، چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل توغرۇلۇق بەخت-سائادەت ئاتا قىلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن، — دېدى.
30 Nhưng Hô-báp đáp: “Không được. Tôi phải về quê sống với bà con thân quyến.”
لېكىن ھوباب مۇساغا: — ياق، مەن ئۆز يۇرتۇم، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمغا كېتىمەن، — دېدى.
31 Môi-se năn nỉ: “Xin anh đừng bỏ về. Anh là người thông thạo việc cắm trại trong hoang mạc nên anh sẽ giúp chúng tôi rất đắc lực.
مۇسا ئۇنىڭغا: بىزدىن ئايرىلىپ كەتمىسىلە؛ چۈنكى سىلى چۆلدە قانداق بارگاھ قۇرىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىلا، سىلى بىزگە كۆز بولۇپ بەرسىلە.
32 Nếu anh đi với chúng tôi, thì chúng tôi sẽ chia sẻ với anh mọi thứ phước lành Chúa Hằng Hữu ban cho chúng tôi.”
شۇنداق بولىدۇكى، بىز بىلەن بىللە بارسىلا، كەلگۈسىدە پەرۋەردىگار بىزگە قانداق ياخشىلىق قىلسا، بىزمۇ سىلىگە شۇنداق قىلىمىز! — دېدى.
33 Vậy, họ rời núi Si-nai, đi đường trong ba ngày; Hòm Giao Ước của Chúa Hằng Hữu đi trước, tìm một nơi cho họ dừng chân.
ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگار تېغىدىن يولغا چىقىپ ئۈچ كۈن يول ماڭدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇلارغا ئارام ئالىدىغان يەر ئىزدەپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۈچ كۈن يول باشلاپ ماڭدى.
34 Đám mây của Chúa Hằng Hữu che họ hằng ngày trong lúc đi đường.
ئۇلار چېدىرلىرىنى يىغىشتۇرۇپ يولغا چىقىدىغان چاغلاردا، پەرۋەردىگارنىڭ بۇلۇتى ھامان ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بولاتتى.
35 Cứ mỗi lần Hòm Giao Ước đi, Môi-se cầu khẩn: “Lạy Chúa Hằng Hữu, xin đứng lên đánh kẻ thù tan tác! Đuổi kẻ ghét Ngài chạy dài!”
ئەھدە ساندۇقى يولغا چىقىدىغان چاغدا مۇسا: «ئورنۇڭدىن تۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ دۈشمەنلىرىڭ تىرىپىرەن بولسۇن؛ ساڭا ئۆچلەر يۈزۈڭنىڭ ئالدىدىن قاچسۇن!» — دەيتتى.
36 Và mỗi khi Hòm Giao Ước dừng lại, Môi-se cầu nguyện: “Xin Chúa Hằng Hữu trở lại với toàn dân Ít-ra-ên!”
ئەھدە ساندۇقى توختىغان چاغدا ئۇ: «قايتىپ كەلگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن ئىسرائىل خەلقى ئارىسىغا قايتىپ كەلگەيسەن!» — دەيتتى.

< Dân Số 10 >