سەككىزىنچى كۈنى مۇسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرىپ، |
ھارۇنغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن گۇناھ قۇربانلىقىغا بېجىرىم بىر موزاينى، كۆيدۈرمە قۇربانلىققا بېجىرىم بىر قوچقارنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرگىن، |
ئاندىن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ: ــ سىلەر گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە ئېلىپ كېلىڭلار، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر موزاي ۋە بىر قوزا ئېلىپ كېلىڭلار، ھەر ئىككىسى بېجىرىم، بىر ياشقا كىرگەن بولسۇن؛ |
پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سۇنۇشقا ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تورپاق بىلەن بىر قوچقارنى ئېلىپ، زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئاشلىق ھەدىيە بىلەن بىللە كەلتۈرۈڭلار؛ چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار ئۆزىنى سىلەرگە ئايان قىلىدۇ، دېگىن». |
ئۇلار مۇسا بۇيرۇغان نەرسىلەرنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى؛ پۈتكۈل جامائەت يېقىن كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇپ تۇردى. |
مۇسا: ــ مانا، بۇ پەرۋەردىگار بۇيرۇغان ئىشتۇر؛ بۇنى قىلساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى سىلەرگە ئايان بولىدۇ، دېدى. |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھارۇنغا: ــ سەن قۇربانگاھقا يېقىن بېرىپ گۇناھ قۇربانلىقىڭ بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى سۇنۇپ ئۆزۈڭ ۋە خەلق ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرگىن؛ ئاندىن خەلقنىڭ قۇربانلىقىنىمۇ سۇنۇپ، پەرۋەردىگار ئەمر قىلغاندەك ئۇلار ھەققىدە كافارەت كەلتۈرگىن» ــ دېدى. |
شۇنى دېۋىدى، ھارۇن قۇربانگاھقا يېقىن بېرىپ ئۆزى ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان موزاينى بوغۇزلىدى. |
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قاننى ئۇنىڭغا سۇنۇپ بەردى؛ ئۇ بارمىقىنى قانغا تەگكۈزۈپ، قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈردى، قالغان قاننى قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە قۇيدى. |
گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ مېيى بىلەن ئىككى بۆرەك ۋە جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ماينى ئېلىپ، پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارنى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈردى. |
گۆش بىلەن تېرىسىنى بولسا چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ ئوتتا كۆيدۈردى. |
ئاندىن ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغان [قوچقارنى] بوغوزلىدى؛ ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭغا قاننى سۇنۇپ بەردى؛ ئۇ بۇنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپتى. |
ئاندىن ئۇلار پارچە-پارچە قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى بېشى بىلەن بىللە ئۇنىڭغا سۇنۇپ بەردى؛ ئۇ بۇلارنى قۇربانگاھتا كۆيدۈردى. |
ئۇ ئىچ قارنى بىلەن پاچاقلىرىنى يۇيۇپ، بۇلارنىمۇ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈردى. |
ئاندىن ئۇ خەلقنىڭ قۇربانلىقىنى كەلتۈردى؛ خەلقنىڭ گۇناھ قۇربانلىقى بولغان تېكىنى بوغۇزلاپ، ئىلگىرى ھايۋاننى سۇنغاندەك ئۇنىمۇ گۇناھ قۇربانلىقى قىلىپ سۇندى. |
ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغان مالنى كەلتۈرۈپ بۇنىمۇ بەلگىلىمە بويىچە سۇندى. |
ئاندىن ئۇ ئاشلىق ھەدىيەنى كەلتۈرۈپ ئۇنىڭدىن بىر چاڭگال ئېلىپ ئەتىگەنلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىققا قوشۇپ قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈردى. |
ئاندىن خەلققە بولىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقى بولىدىغان تورپاق بىلەن قوچقارنى بوغۇزلىدى. ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ بەردى؛ ئۇ بۇنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپتى. |
ئۇلار تورپاق بىلەن قوچقارنىڭ ماي قىسمىنى، يەنى مايلىق قۇيرۇقى، ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان مايلىرىنى، ئىككى بۆرەك ۋە جىگەرنىڭ چاۋا مېيىنى ئېلىپ، |
بۇ ماي پارچىلىرىنى ئىككى تۆشنىڭ ئۈستىدە قويدى، [ھارۇن] بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈردى. |
ئاخىرىدا ھارۇن ئىككى تۆش بىلەن ئوڭ ئارقا پۇتىنى پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتتى. |
ئاندىن ھارۇن قوللىرىنى خەلققە قارىتىپ كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا بەخت تىلىدى؛ ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقىنى سۇنۇپ، [قۇربانگاھتىن] چۈشتى. |
مۇسا بىلەن ھارۇن جامائەت چېدىرىغا كىرىپ، يەنە يېنىپ چىقىپ خەلققە بەخت تىلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى پۈتكۈل خەلققە ئايان بولدى؛ |
پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن ئوت چىقىپ، قۇربانگاھ ئۈستىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن مايلارنى يۇتۇپ كەتتى. پۈتكۈل خەلق بۇنى كۆرۈپ، توۋلىشىپ، دۈم يىقىلىشتى. |