ئاندىن خۇدا ياقۇپقا: ــ سەن ھازىر بەيت-ئەلگە چىقىپ، شۇ يەرنى ماكان قىل، ئۆزۈڭ ئاكاڭ ئەساۋدىن قېچىپ ماڭغىنىڭدا ساڭا كۆرۈنگەن [مەن] تەڭرىگە بىر قۇربانگاھ ياسىغىن، ــ دېدى. |
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئۆيىدىكىلەر ۋە ئۆزى بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېدى: ــ ئاراڭلاردىكى يات ئىلاھ بۇتلىرىنى تاشلىۋېتىپ، ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ ئېگىنلىرىڭلارنى يەڭگۈشلەڭلار. |
ئاندىن قوپۇپ بەيت-ئەلگە چىقىمىز. مەن شۇ يەردە قىيىنچىلىقتا قالغاندا دۇئايىمنى ئىجابەت قىلىپ، يۈرگەن يولۇمدا مېنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ كەلگەن تەڭرىگە قۇربانگاھ سالاي، ــ دېدى. |
شۇنىڭ بىلەن ئۆز قوللىرىدىكى ھەممە يات ئىلاھ بۇتلىرىنى، شۇنداقلا قۇلاقلىرىدىكى زىرىلەرنى چىقىرىپ ياقۇپقا بەردى. ياقۇپ بۇلارنى شەكەمدىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كۆمۈپ قويدى. |
ئاندىن ئۇلار سەپەرگە ئاتلاندى؛ ئەمما ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنى خۇدادىن بولغان بىر ۋەھىمە باسقاچقا، ئۇلار ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرىنى قوغلىمىدى. |
بۇ تەرىقىدە ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ ھەممىسى قانائان زېمىنىدىكى لۇز، يەنى بەيت-ئەلگە يېتىپ كەلدى. |
ئۇ شۇ يەردە بىر قۇربانگاھ ياسىدى؛ ئاكىسىدىن قېچىپ ماڭغىنىدا شۇ يەردە خۇدا ئۇنىڭغا كۆرۈنگىنى ئۈچۈن بۇ جاينىڭ ئىسمىنى «ئەل-بەيت-ئەل» دەپ ئاتىدى. |
رىۋكاھنىڭ ئىنىكئانىسى دەبوراھ بولسا شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ بەيت-ئەلنىڭ ئايىغىدىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە دەپنە قىلىندى. بۇ سەۋەبتىن شۇ دەرەخ «يىغا-زارنىڭ دۇب دەرىخى» دەپ ئاتالدى. |
ياقۇپ [شۇ يول بىلەن] پادان-ئارامدىن يېنىپ كەلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلدى. |
ئاندىن خۇدا ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ ئىسمىڭ ياقۇپتۇر؛ ئەمما مۇندىن كېيىن سەن ياقۇپ ئاتالماي، بەلكى نامىڭ ئىسرائىل بولىدۇ، دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسرائىل قويۇپ قويدى. |
ئاندىن خۇدا يەنە ئۇنىڭغا: ــ مەن ئۆزۈم ھەممىگە قادىر تەڭرىدۇرمەن؛ سەن نەسىللىنىپ، كۆپەيگىن؛ بىر ئەل، شۇنداقلا بىر تۈركۈم ئەللەر سەندىن پەيدا بولىدۇ؛ پادىشاھلارمۇ سېنىڭ پۇشتۇڭدىن چىقىدۇ. |
مەن ئىبراھىم ۋە ئىسھاققا بەرگەن زېمىننى ساڭا بېرىمەن، شۇنداقلا سەندىن كېيىنكى نەسلىڭگىمۇ شۇ زېمىننى بېرىمەن، ــ دېدى. |
ئاندىن خۇدا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەن جايدىن، ئۇنىڭ يېنىدىن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى. |
ياقۇپ خۇدا ئۆزى بىلەن سۆزلەشكەن جايدا بىر تاش تۈۋرۈكنى تىكلەپ، ئۈستىگە بىر شاراب ھەدىيەسىنى تۆكتى ۋە زەيتۇن مېيى قۇيۇپ قويدى. |
ياقۇپ خۇدا ئۆزى بىلەن سۆزلەشكەن شۇ جاينىڭ نامىنى «بەيت-ئەل» دەپ ئاتىدى. |
ئاندىن ئۇلار بەيت-ئەلدىن مېڭىپ، ئەفراتقا ئازغىنا يول قالغاندا، راھىلەنى تولغاق تۇتۇپ كېتىپ، قاتتىق تۇغۇت ئازابىدا قالدى. |
ئەمما تولغىقى قاتتىق ئېغىرلاشقاندا، تۇغۇت ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ قورقمىغىن، بۇ قېتىم يەنە بىر ئوغلۇڭ بولىدىغان بولدى ــ دېدى. |
شۇنداق بولدىكى، راھىلە جېنى چىقىش ئالدىدا، ئاخىرقى نەپىسى بىلەن ئوغلىغا «بەن-ئونى» دەپ ئىسىم قويدى؛ ئەمما ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنى «بەن-يامىن» دەپ ئاتىدى. |
راھىلە ۋاپات بولدى ۋە بەيت-لەھەم دەپ ئاتىلىدىغان ئەفراتنىڭ يولىنىڭ بويىغا دەپنە قىلىندى. |
ياقۇپ ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ ئۈستىگە بىر خاتىرە تېشى تىكلەپ قويدى. بۈگۈنگە قەدەر «راھىلەنىڭ قەبرە تېشى» شۇ يەردە تۇرماقتا. |
ئاندىن ئىسرائىل سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇپ مىگدال-ئېدىرنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئۆز چېدىرىنى تىكتى. |
ئىسرائىل ئۇ زېمىندا تۇرغان ۋاقتىدا، رۇبەن بېرىپ ئۆز ئاتىسىنىڭ كېنىزىكى بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى؛ ئىسرائىل بۇنى ئاڭلاپ قالدى. ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بار ئىدى: ــ |
لېياھدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: ــ ياقۇپنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەن ۋە شىمېئون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار ھەم زەبۇلۇن ئىدى. |
راھىلەدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: ــ يۈسۈپ ۋە بىنيامىن ئىدى. |
راھىلەنىڭ دېدىكى بىلھاھدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: ــ دان ۋە نافتالى ئىدى. |
لېياھنىڭ دېدىكى زىلپاھدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: ــ گاد بىلەن ئاشىر ئىدى. بۇلار بولسا ياقۇپقا پادان-ئارامدا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى ئىدى. |
ئەمدى ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ قېشىغا، ئىبراھىم ۋە ئىسھاق مۇساپىر بولۇپ تۇرغان كىرىئات-ئاربا، يەنى ھېبروننىڭ يېنىدىكى مامرەگە كەلدى. |
ئىسھاقنىڭ كۆرگەن كۈنلىرى بىر يۈز سەكسەن يىل بولدى. |
ئىسھاق تولىمۇ قېرىپ، كۈنلىرى توشۇپ، نەپەستىن توختاپ ۋاپات بولدى ۋە ئۆز قوۋمىنىڭ قېشىغا بېرىپ قوشۇلدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ ئۇنى دەپنە قىلدى. |