< Zǝkǝriya 10 >

1 Pǝrwǝrdigardin «keyinki yamƣur» pǝslidǝ yamƣurni tǝlǝp ⱪilinglar; Pǝrwǝrdigar qaⱪmaⱪlarni qaⱪturup, ularƣa mol yamƣurlarni, xuningdǝk ⱨǝrbirigǝ etizda ot-qɵplǝrni beridu.
پەرۋەردىگاردىن «كېيىنكى يامغۇر» پەسلىدە يامغۇرنى تەلەپ قىلىڭلار؛ پەرۋەردىگار چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ، ئۇلارغا مول يامغۇرلارنى، شۇنىڭدەك ھەربىرىگە ئېتىزدا ئوت-چۆپلەرنى بېرىدۇ.
2 Qünki «ɵy butliri» bimǝnǝ gǝplǝrni eytⱪan, palqilar yalƣan «alamǝt»lǝrni kɵrgǝn, tuturuⱪsiz qüxlǝrni sɵzligǝn; ular ⱪuruⱪ tǝsǝlli beridu. Xunga hǝlⱪ ⱪoy padisidǝk tenǝp kǝtti; ular padiqisi bolmiƣaqⱪa, azar yemǝktǝ.
چۈنكى «ئۆي بۇتلىرى» بىمەنە گەپلەرنى ئېيتقان، پالچىلار يالغان «ئالامەت»لەرنى كۆرگەن، تۇتۇرۇقسىز چۈشلەرنى سۆزلىگەن؛ ئۇلار قۇرۇق تەسەللى بېرىدۇ. شۇڭا خەلق قوي پادىسىدەك تېنەپ كەتتى؛ ئۇلار پادىچىسى بولمىغاچقا، ئازار يېمەكتە.
3 Mening ƣǝzipim padiqilarƣa ⱪozƣaldi; Mǝn muxu «tekǝ» [yetǝkqilǝrni] jazalaymǝn; qünki samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigar Ɵz padisidin, yǝni Yǝⱨuda jǝmǝtidin hǝwǝr elixⱪa kǝldi; U jǝngdǝ ularni Ɵzining ⱨǝywǝtlik etidǝk ⱪilidu.
مېنىڭ غەزىپىم پادىچىلارغا قوزغالدى؛ مەن مۇشۇ «تېكە» [يېتەكچىلەرنى] جازالايمەن؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز پادىسىدىن، يەنى يەھۇدا جەمەتىدىن خەۋەر ئېلىشقا كەلدى؛ ئۇ جەڭدە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ھەيۋەتلىك ئېتىدەك قىلىدۇ.
4 Uningdin [yǝni Yǝⱨudadin] «Burjǝk Texi», uningdin «Ⱪozuⱪ», uningdin «Jǝng Oⱪyasi», uningdin «Ⱨǝmmigǝ ⱨɵkümranliⱪ Ⱪilƣuqi» qiⱪidu.
ئۇنىڭدىن [يەنى يەھۇدادىن] «بۇرجەك تېشى»، ئۇنىڭدىن «قوزۇق»، ئۇنىڭدىن «جەڭ ئوقياسى»، ئۇنىڭدىن «ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى» چىقىدۇ.
5 Xuning bilǝn ular jǝngdǝ, [düxmǝnlǝrni] koqilardiki patⱪaⱪni dǝssigǝndǝk qǝylǝydiƣan palwanlardǝk bolidu; ular jǝng ⱪilidu, qünki Pǝrwǝrdigar ular bilǝn billidur; ular atliⱪ ǝskǝrlǝrnimu yǝrgǝ ⱪaritip ⱪoyidu.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جەڭدە، [دۈشمەنلەرنى] كوچىلاردىكى پاتقاقنى دەسسىگەندەك چەيلەيدىغان پالۋانلاردەك بولىدۇ؛ ئۇلار جەڭ قىلىدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن بىللىدۇر؛ ئۇلار ئاتلىق ئەسكەرلەرنىمۇ يەرگە قارىتىپ قويىدۇ.
6 Mǝn Yǝⱨuda jǝmǝtini küqǝytimǝn, Yüsüpning jǝmǝtini ⱪutⱪuzimǝn; Mǝn ularni ⱪaytidin olturaⱪlixixⱪa ⱪayturimǝn; qünki Mǝn ularƣa rǝⱨim-xǝpⱪǝtni kɵrsitimǝn. Ular Mǝn ⱨeqⱪaqan taxliwǝtmigǝndǝk bolidu; qünki Mǝn ularning Hudasi Pǝrwǝrdigarmǝn; Mǝn ularƣa jawab berimǝn.
مەن يەھۇدا جەمەتىنى كۈچەيتىمەن، يۈسۈپنىڭ جەمەتىنى قۇتقۇزىمەن؛ مەن ئۇلارنى قايتىدىن ئولتۇراقلىشىشقا قايتۇرىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارغا رەھىم-شەپقەتنى كۆرسىتىمەن. ئۇلار مەن ھېچقاچان تاشلىۋەتمىگەندەك بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارمەن؛ مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن.
7 Əfraimdikilǝr palwandǝk bolidu, kɵngülliri xarab kǝypini sürgǝnlǝrdǝk huxallinidu; ularning baliliri buni kɵrüp huxallinidu; ularning kɵngli Pǝrwǝrdigardin xadlinidu.
ئەفرائىمدىكىلەر پالۋاندەك بولىدۇ، كۆڭۈللىرى شاراب كەيپىنى سۈرگەنلەردەك خۇشاللىنىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بالىلىرى بۇنى كۆرۈپ خۇشاللىنىدۇ؛ ئۇلارنىڭ كۆڭلى پەرۋەردىگاردىن شادلىنىدۇ.
8 Mǝn üxⱪirtip, ularni yiƣimǝn; qünki Mǝn ularni bǝdǝl tɵlǝp ⱨɵrlükkǝ qiⱪirimǝn; ular ilgiri kɵpiyip kǝtkǝndǝk kɵpiyidu.
مەن ئۈشقىرتىپ، ئۇلارنى يىغىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىمەن؛ ئۇلار ئىلگىرى كۆپىيىپ كەتكەندەك كۆپىيىدۇ.
9 Mǝn ularni ǝllǝr arisida uruⱪtǝk qaqimǝn; andin ular Meni yiraⱪ jaylarda ǝslǝydu; xuning bilǝn ular baliliri bilǝn ⱨayat ⱪelip, ⱪaytip kelidu.
مەن ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىدا ئۇرۇقتەك چاچىمەن؛ ئاندىن ئۇلار مېنى يىراق جايلاردا ئەسلەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بالىلىرى بىلەن ھايات قېلىپ، قايتىپ كېلىدۇ.
10 Mǝn ularni ⱪaytidin Misir zeminidin elip kelimǝn, Asuriyǝdinmu qiⱪirip yiƣimǝn; ularni Gilead wǝ Liwan zeminiƣa elip kirgüzimǝn; yǝr-zemin ularni patⱪuzalmay ⱪalidu.
مەن ئۇلارنى قايتىدىن مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ كېلىمەن، ئاسۇرىيەدىنمۇ چىقىرىپ يىغىمەن؛ ئۇلارنى گىلېئاد ۋە لىۋان زېمىنىغا ئېلىپ كىرگۈزىمەن؛ يەر-زېمىن ئۇلارنى پاتقۇزالماي قالىدۇ.
11 Xundaⱪ ⱪilip, U jǝbir-japa dengizidin ɵtüp, dengizdiki dolⱪunlarni uridu; Nil dǝryasining tǝgliri ⱪurup ketidu; Asuriyǝning mǝƣrurluⱪi wǝ pǝhri pǝs ⱪilinidu, Misirdiki xaⱨanǝ ⱨasimu yoⱪilidu.
شۇنداق قىلىپ، ئۇ جەبىر-جاپا دېڭىزىدىن ئۆتۈپ، دېڭىزدىكى دولقۇنلارنى ئۇرىدۇ؛ نىل دەرياسىنىڭ تەگلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ؛ ئاسۇرىيەنىڭ مەغرۇرلۇقى ۋە پەخرى پەس قىلىنىدۇ، مىسىردىكى شاھانە ھاسىمۇ يوقىلىدۇ.
12 Mǝn ularni Pǝrwǝrdigar arⱪiliⱪ küqǝytimǝn; ular Uning namida mangidu, dǝydu Pǝrwǝrdigar.
مەن ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئارقىلىق كۈچەيتىمەن؛ ئۇلار ئۇنىڭ نامىدا ماڭىدۇ، دەيدۇ پەرۋەردىگار.

< Zǝkǝriya 10 >