< Rimliⱪlarƣa 8 >

1 Hulasilisaⱪ, Mǝsiⱨ Əysada bolƣanlar gunaⱨning jazasiƣa mǝⱨkum bolmaydu.
خۇلاسىلىساق، مەسىھ ئەيسادا بولغانلار گۇناھنىڭ جازاسىغا مەھكۇم بولمايدۇ.
2 Qünki Mǝsiⱨ Əysada bolƣan ⱨayatliⱪni bǝhx etidiƣan Roⱨning ⱪanuniyiti adǝmni gunaⱨⱪa wǝ ɵlümgǝ elip baridiƣan ⱪanuniyǝttin silǝrni halas ⱪildi.
چۈنكى مەسىھ ئەيسادا بولغان ھاياتلىقنى بەخش ئېتىدىغان روھنىڭ قانۇنىيىتى ئادەمنى گۇناھقا ۋە ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان قانۇنىيەتتىن سىلەرنى خالاس قىلدى.
3 Qünki [gunaⱨliⱪ] ǝt elip kelidiƣan ajizliⱪ tüpǝylidin Tǝwrat ⱪanuni ⱪilalmiƣanni Hudaning Ɵzi [ⱪildi]; U Ɵz Oƣlini gunaⱨkar ǝtlik ⱪiyapǝttǝ gunaⱨni bir tǝrǝp ⱪilixⱪa ǝwǝtip, ǝttiki mǝwjut gunaⱨni [ɵlümgǝ] mǝⱨkum ⱪiliwǝtti;
چۈنكى [گۇناھلىق] ئەت ئېلىپ كېلىدىغان ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى قىلالمىغاننى خۇدانىڭ ئۆزى [قىلدى]؛ ئۇ ئۆز ئوغلىنى گۇناھكار ئەتلىك قىياپەتتە گۇناھنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئەتتىكى مەۋجۇت گۇناھنى [ئۆلۈمگە] مەھكۇم قىلىۋەتتى؛
4 buning bilǝn [muⱪǝddǝs] ⱪanunning ⱨǝⱪⱪaniy tǝlipi ǝtkǝ ǝgǝxmǝydiƣan, bǝlki Roⱨⱪa ǝgixip mangidiƣan bizlǝrdǝ ǝmǝlgǝ axurulidu.
بۇنىڭ بىلەن [مۇقەددەس] قانۇننىڭ ھەققانىي تەلىپى ئەتكە ئەگەشمەيدىغان، بەلكى روھقا ئەگىشىپ ماڭىدىغان بىزلەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
5 Qünki ǝtkǝ boysunidiƣanlar ǝtkǝ has ixlarning oyida yüridu; Muⱪǝddǝs Roⱨⱪa boysunidiƣanlar bolsa, xu Roⱨⱪa ait ixlarning oyida yüridu.
چۈنكى ئەتكە بويسۇنىدىغانلار ئەتكە خاس ئىشلارنىڭ ئويىدا يۈرىدۇ؛ مۇقەددەس روھقا بويسۇنىدىغانلار بولسا، شۇ روھقا ئائىت ئىشلارنىڭ ئويىدا يۈرىدۇ.
6 Əttiki oy-niyǝtlǝr adǝmni ɵlümgǝ elip baridu; Muⱪǝddǝs Roⱨⱪa ait oy-niyǝtlǝr ⱨayatliⱪ wǝ hatirjǝm-amanliⱪtur;
ئەتتىكى ئوي-نىيەتلەر ئادەمنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ؛ مۇقەددەس روھقا ئائىت ئوي-نىيەتلەر ھاياتلىق ۋە خاتىرجەم-ئامانلىقتۇر؛
7 qünki ǝttiki oy-niyǝtlǝr Hudaƣa düxmǝnliktur; qünki ǝt Hudaning ⱪanuniƣa boysunmaydu ⱨǝm ⱨǝtta uningƣa boysunuxi mumkin ǝmǝs;
چۈنكى ئەتتىكى ئوي-نىيەتلەر خۇداغا دۈشمەنلىكتۇر؛ چۈنكى ئەت خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنمايدۇ ھەم ھەتتا ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى مۇمكىن ئەمەس؛
8 ǝttǝ bolƣanlar Hudani hursǝn ⱪilalmaydu.
ئەتتە بولغانلار خۇدانى خۇرسەن قىلالمايدۇ.
9 Əmma silǝrgǝ kǝlsǝk, pǝⱪǝt Hudaning Roⱨi dǝrwǝⱪǝ iqinglarda yaxawatⱪan bolsa, silǝr ǝttǝ ǝmǝs, bǝlki Roⱨta yaxaysilǝr. Əmma Mǝsiⱨning Roⱨiƣa igǝ bolmiƣan adǝm bolsa, u Mǝsiⱨkǝ mǝnsuplardin ǝmǝs.
ئەمما سىلەرگە كەلسەك، پەقەت خۇدانىڭ روھى دەرۋەقە ئىچىڭلاردا ياشاۋاتقان بولسا، سىلەر ئەتتە ئەمەس، بەلكى روھتا ياشايسىلەر. ئەمما مەسىھنىڭ روھىغا ئىگە بولمىغان ئادەم بولسا، ئۇ مەسىھكە مەنسۇپلاردىن ئەمەس.
10 Lekin Mǝsiⱨ ⱪǝlbinglarda bolsa, teninglar gunaⱨ tüpǝylidin ɵlümning ilkidǝ bolsimu, ⱨǝⱪⱪaniyliⱪ tüpǝylidin roⱨinglar ⱨayattur.
لېكىن مەسىھ قەلبىڭلاردا بولسا، تېنىڭلار گۇناھ تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدە بولسىمۇ، ھەققانىيلىق تۈپەيلىدىن روھىڭلار ھاياتتۇر.
11 Ⱨalbuki, ɵlgǝn Əysani ɵlümdin Tirildürgüqining Ɵzidiki Roⱨ silǝrdǝ yaxisa, Mǝsiⱨni ɵlümdin tirildürgüqi ⱪǝlbinglarda yaxawatⱪan Roⱨi arⱪiliⱪ ɵlidiƣan teninglarnimu ⱨayati küqkǝ igǝ ⱪilidu.
ھالبۇكى، ئۆلگەن ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچىنىڭ ئۆزىدىكى روھ سىلەردە ياشىسا، مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى قەلبىڭلاردا ياشاۋاتقان روھى ئارقىلىق ئۆلىدىغان تېنىڭلارنىمۇ ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.
12 Xuning üqün, ⱪerindaxlar, biz ǝtkǝ ⱪǝrzdar ǝmǝs, yǝni uningƣa ǝgixip yaxaxⱪa ⱪǝrzdar ǝmǝsmiz.
شۇنىڭ ئۈچۈن، قېرىنداشلار، بىز ئەتكە قەرزدار ئەمەس، يەنى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياشاشقا قەرزدار ئەمەسمىز.
13 Qünki ǝtkǝ ǝgixip yaxisanglar, ⱨalak bolisilǝr; lekin Muⱪǝddǝs Roⱨⱪa tayinip ǝttiki ⱪilmixlarni ɵlümgǝ mǝⱨkum ⱪilsanglar, yaxaysilǝr.
چۈنكى ئەتكە ئەگىشىپ ياشىساڭلار، ھالاك بولىسىلەر؛ لېكىن مۇقەددەس روھقا تايىنىپ ئەتتىكى قىلمىشلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلساڭلار، ياشايسىلەر.
14 Qünki kimlǝrki Hudaning Roⱨining yetǝkqilikidǝ yaxisa, xularning ⱨǝmmisi Hudaning pǝrzǝntliridur.
چۈنكى كىملەركى خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشىسا، شۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇر.
15 Qünki silǝr ⱪobul ⱪilƣan roⱨ ⱪulluⱪⱪa ait ǝmǝs, xundaⱪla silǝrni ⱪayta ⱪorⱪunqⱪa salƣuqi birhil roⱨ ǝmǝs, bǝlki silǝr oƣulluⱪⱪa elip baridiƣan Roⱨni ⱪobul ⱪilƣansilǝr; U arⱪiliⱪ «Abba, ata!» dǝp nida ⱪilimiz.
چۈنكى سىلەر قوبۇل قىلغان روھ قۇللۇققا ئائىت ئەمەس، شۇنداقلا سىلەرنى قايتا قورقۇنچقا سالغۇچى بىرخىل روھ ئەمەس، بەلكى سىلەر ئوغۇللۇققا ئېلىپ بارىدىغان روھنى قوبۇل قىلغانسىلەر؛ ئۇ ئارقىلىق «ئاببا، ئاتا!» دەپ نىدا قىلىمىز.
16 Roⱨ bizning ɵz roⱨimiz bilǝn billǝ bizning Hudaning baliliri ikǝnlikimizgǝ guwaⱨliⱪ beridu.
روھ بىزنىڭ ئۆز روھىمىز بىلەن بىللە بىزنىڭ خۇدانىڭ بالىلىرى ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
17 Hudaning baliliri ikǝnmiz, ǝmdi mirashorlarmu bolimiz — Hudaning mirashorliri ⱨǝmdǝ Mǝsiⱨ bilǝn tǝng mirashor bolimiz — pǝⱪǝtla uning bilǝn tǝng azab-oⱪubǝt tartsaⱪla, uning bilǝn xan-xǝrǝptin tǝng bǝⱨrimǝn bolimiz.
خۇدانىڭ بالىلىرى ئىكەنمىز، ئەمدى مىراسخورلارمۇ بولىمىز ــ خۇدانىڭ مىراسخورلىرى ھەمدە مەسىھ بىلەن تەڭ مىراسخور بولىمىز ــ پەقەتلا ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئازاب-ئوقۇبەت تارتساقلا، ئۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپتىن تەڭ بەھرىمەن بولىمىز.
18 Qünki mǝn ⱨazirⱪi azab-oⱪubǝtlǝrning kǝlgüsidǝ bizdǝ axkarilinidiƣan xan-xǝrǝplǝrgǝ ⱨeq selixturƣuqiliⱪi yoⱪ dǝp ⱨesablaymǝn.
چۈنكى مەن ھازىرقى ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە بىزدە ئاشكارىلىنىدىغان شان-شەرەپلەرگە ھېچ سېلىشتۇرغۇچىلىقى يوق دەپ ھېسابلايمەن.
19 Qünki pütkül kainat Hudaning oƣullirining ayan ⱪilinixini intizarliⱪ bilǝn kütmǝktǝ.
چۈنكى پۈتكۈل كائىنات خۇدانىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئايان قىلىنىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە.
20 Qünki yaritilƣan kainat [Hudaning] [lǝniti astida ⱪelip], bimǝnilikkǝ qɵktürüldi. Bu, kainatning ɵz ihtiyari bilǝn ǝmǝs, bǝlki uni qɵktürgüqining iradisi bilǝn boldi wǝ xundaⱪ ümidi bilǝn boldiki, kainat ɵzimu qirixtin bolƣan ⱪulluⱪtin ⱪutⱪuzulup, Hudaning pǝrzǝntlirigǝ beƣixlinidiƣan xan-xǝrǝpkǝ tǝwǝ bolƣan ⱨɵrlükkǝ erixtürülüxtin ibarǝt idi.
چۈنكى يارىتىلغان كائىنات [خۇدانىڭ] [لەنىتى ئاستىدا قېلىپ]، بىمەنىلىككە چۆكتۈرۈلدى. بۇ، كائىناتنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنى چۆكتۈرگۈچىنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولدى ۋە شۇنداق ئۈمىدى بىلەن بولدىكى، كائىنات ئۆزىمۇ چىرىشتىن بولغان قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇلۇپ، خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىگە بېغىشلىنىدىغان شان-شەرەپكە تەۋە بولغان ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈلۈشتىن ئىبارەت ئىدى.
22 Qünki pütkül kainatning ⱨazirƣiqǝ nalǝ-pǝryad kɵtürüp, tuƣut tolƣiⱪining azabini birliktǝ tartiwatⱪanliⱪini bilimiz.
چۈنكى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھازىرغىچە نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ، تۇغۇت تولغىقىنىڭ ئازابىنى بىرلىكتە تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز.
23 Yalƣuz kainat ǝmǝs, ⱨǝtta bizmu, yǝni [muⱪǝddǝs] Roⱨning tunji qiⱪarƣan mewisidin bǝⱨrimǝn bolƣan bizlǝrmu dilimizda nalǝ-pǝryad kɵtürmǝktimiz ⱨǝmdǝ [Hudaning] oƣulliri süpitidǝ ⱪobul ⱪiliniximizni, yǝni tenimizning nijatning ⱨɵrlükigǝ qiⱪirilixini intizarliⱪ bilǝn kütmǝktimiz.
يالغۇز كائىنات ئەمەس، ھەتتا بىزمۇ، يەنى [مۇقەددەس] روھنىڭ تۇنجى چىقارغان مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولغان بىزلەرمۇ دىلىمىزدا نالە-پەرياد كۆتۈرمەكتىمىز ھەمدە [خۇدانىڭ] ئوغۇللىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىمىزنى، يەنى تېنىمىزنىڭ نىجاتنىڭ ھۆرلۈكىگە چىقىرىلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز.
24 Biz ümidkǝ baƣlanƣaqⱪa tⱪuzulƣanikǝnmiz. Lekin ümid ⱪilinƣan nǝrsǝ kɵrülgǝn bolsa, u yǝnǝ ümid bolamdu? Kimmu kɵz aldidiki nǝrsini ümid ⱪilsun?
بىز ئۈمىدكە باغلانغاچقا، قۇتقۇزۇلغانىكەنمىز. لېكىن ئۈمىد قىلىنغان نەرسە كۆرۈلگەن بولسا، ئۇ يەنە ئۈمىد بولامدۇ؟ كىممۇ كۆز ئالدىدىكى نەرسىنى ئۈمىد قىلسۇن؟
25 Biraⱪ, tehi kɵrmiginimizgǝ ümid baƣliƣanikǝnmiz, uni sǝwrqanliⱪ bilǝn kütüximiz kerǝktur.
بىراق، تېخى كۆرمىگىنىمىزگە ئۈمىد باغلىغانىكەنمىز، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشىمىز كېرەكتۇر.
26 Xuningdǝk, insaniy ajizliⱪimizda [Muⱪǝddǝs] Roⱨ kelip bizgǝ yardǝm ⱪilidu; qünki ⱪandaⱪ dua ⱪiliximiz kerǝklikini bilmǝymiz. Lekin Roⱨning Ɵzi ipadiligüsiz nalǝ-pǝryad bilǝn biz üqün [Hudaning aldida] turup dua-tilawǝt ⱪilmaⱪta.
شۇنىڭدەك، ئىنسانىي ئاجىزلىقىمىزدا [مۇقەددەس] روھ كېلىپ بىزگە ياردەم قىلىدۇ؛ چۈنكى قانداق دۇئا قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلمەيمىز. لېكىن روھنىڭ ئۆزى ئىپادىلىگۈسىز نالە-پەرياد بىلەن بىز ئۈچۈن [خۇدانىڭ ئالدىدا] تۇرۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلماقتا.
27 Insanlarning ⱪǝlbini inqikilǝp kɵzitip Ⱪariƣuqi bolsa, [Muⱪǝddǝs] Roⱨning oy-niyǝtlirining nemǝ ikǝnlikini bilidu; qünki U Hudaning iradisi boyiqǝ muⱪǝddǝs bǝndiliri üqün [Hudaning aldida] dua ⱪilip ɵtünmǝktǝ.
ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى ئىنچىكىلەپ كۆزىتىپ قارىغۇچى بولسا، [مۇقەددەس] روھنىڭ ئوي-نىيەتلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە مۇقەددەس بەندىلىرى ئۈچۈن [خۇدانىڭ ئالدىدا] دۇئا قىلىپ ئۆتۈنمەكتە.
28 Xundaⱪla xuni bilimizki, pütkül ixlar Hudani sɵyidiƣanlarning, yǝni uning mǝⱪsǝt-muddiasi boyiqǝ qaⱪirilƣanlarning bǝht-bǝrikitigǝ birliktǝ hizmǝt ⱪilmaⱪta.
شۇنداقلا شۇنى بىلىمىزكى، پۈتكۈل ئىشلار خۇدانى سۆيىدىغانلارنىڭ، يەنى ئۇنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسى بويىچە چاقىرىلغانلارنىڭ بەخت-بەرىكىتىگە بىرلىكتە خىزمەت قىلماقتا.
29 Qünki Huda aldin kɵngligǝ pükkǝnkixilǝrni, ularning kǝlgüsidǝ Ɵz Oƣlining obraziƣa ohxax bolidiƣinini, Oƣlining nurƣun ⱪerindaxliri arisidiki tunji oƣli bolidiƣinini aldin bǝlgiligǝn.
چۈنكى خۇدا ئالدىن كۆڭلىگە پۈككەنكىشىلەرنى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز ئوغلىنىڭ ئوبرازىغا ئوخشاش بولىدىغىنىنى، ئوغلىنىڭ نۇرغۇن قېرىنداشلىرى ئارىسىدىكى تۇنجى ئوغلى بولىدىغىنىنى ئالدىن بەلگىلىگەن.
30 Aldin bekitkǝn kixilǝrni U qaⱪirdi, qaⱪirƣan kixilǝrni U ⱨǝⱪⱪaniy ⱪildi; ⱨǝⱪⱪaniy ⱪilƣanlarƣa U xan-xǝrǝp ata ⱪildi.
ئالدىن بېكىتكەن كىشىلەرنى ئۇ چاقىردى، چاقىرغان كىشىلەرنى ئۇ ھەققانىي قىلدى؛ ھەققانىي قىلغانلارغا ئۇ شان-شەرەپ ئاتا قىلدى.
31 Undaⱪta, bu ixlarƣa yǝnǝ nemǝ dǝyli? Huda biz tǝrǝptǝ turƣanikǝn, kimmu bizgǝ ⱪarxi qiⱪalisun?!
ئۇنداقتا، بۇ ئىشلارغا يەنە نېمە دەيلى؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟!
32 Ɵz Oƣlinimu ayimay, Uni ⱨǝmmimiz üqün pida yoliƣa tapxurƣan [Huda], Uningƣa ⱪoxup ⱨǝmmini bizgǝ xǝrtsiz ata ⱪilmay ⱪalarmu?
ئۆز ئوغلىنىمۇ ئايىماي، ئۇنى ھەممىمىز ئۈچۈن پىدا يولىغا تاپشۇرغان [خۇدا]، ئۇنىڭغا قوشۇپ ھەممىنى بىزگە شەرتسىز ئاتا قىلماي قالارمۇ؟
33 Kimmu Hudaning talliƣanliri üstidin xikayǝt ⱪilalisun?! Huda ⱨǝⱪⱪaniy ⱪilƣan yǝrdǝ,
كىممۇ خۇدانىڭ تاللىغانلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلالىسۇن؟! خۇدا ھەققانىي قىلغان يەردە،
34 kimmu gunaⱨⱪa mǝⱨkum ⱪilalisun? Ɵlgǝn, xundaⱪla tirilgǝn wǝ Hudaning ong yenida turuwatⱪan, ⱨǝmdǝ biz üqün [Hudaning aldida] turup dua-tilawǝt ⱪiliwatⱪan Mǝsiⱨ xundaⱪ ⱪilarmu?!
كىممۇ گۇناھقا مەھكۇم قىلالىسۇن؟ ئۆلگەن، شۇنداقلا تىرىلگەن ۋە خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان، ھەمدە بىز ئۈچۈن [خۇدانىڭ ئالدىدا] تۇرۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتقان مەسىھ شۇنداق قىلارمۇ؟!
35 Kim bizni Mǝsiⱨning meⱨir-muⱨǝbbitidin ayriwetǝlisun? Japa-muxǝⱪⱪǝtmu, dǝrd-ǝlǝmmu, ziyankǝxlikmu, aqarqiliⱪmu, yalingaqliⱪmu, heyim-hǝtǝrmu yaki ⱪiliqmu?
كىم بىزنى مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلىسۇن؟ جاپا-مۇشەققەتمۇ، دەرد-ئەلەممۇ، زىيانكەشلىكمۇ، ئاچارچىلىقمۇ، يالىڭاچلىقمۇ، خېيىم-خەتەرمۇ ياكى قىلىچمۇ؟
36 [Muⱪǝddǝs yazmilarda] eytilƣinidǝk: — «Seni dǝp kün boyi ⱪirilmaⱪtimiz, Boƣuzlinixni kütüp turƣan ⱪoylardǝk ⱨesablanmaⱪtimiz».
[مۇقەددەس يازمىلاردا] ئېيتىلغىنىدەك: ــ «سېنى دەپ كۈن بويى قىرىلماقتىمىز، بوغۇزلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان قويلاردەك ھېسابلانماقتىمىز».
37 Biraⱪ bizni Sɵygüqigǝ tayinip bularning ⱨǝmmisidǝ ƣaliplarning ƣalipi bolmaⱪtimiz;
بىراق بىزنى سۆيگۈچىگە تايىنىپ بۇلارنىڭ ھەممىسىدە غالىپلارنىڭ غالىپى بولماقتىمىز؛
38 Xuningƣa ⱪǝt’iy ⱪayil ⱪilindimki, mǝyli ɵlüm bolsun ⱨayatliⱪ bolsun, pǝrixtilǝr bolsun jin-xǝytan ⱨɵkümranlar bolsun, ⱨazirⱪi ixlar yaki kǝlgüsidiki ixlar bolsun, ⱨǝrⱪandaⱪ roⱨiy küqlǝr bolsun,
شۇنىڭغا قەتئىي قايىل قىلىندىمكى، مەيلى ئۆلۈم بولسۇن ھاياتلىق بولسۇن، پەرىشتىلەر بولسۇن جىن-شەيتان ھۆكۈمرانلار بولسۇن، ھازىرقى ئىشلار ياكى كەلگۈسىدىكى ئىشلار بولسۇن، ھەرقانداق روھىي كۈچلەر بولسۇن،
39 pǝlǝk bolsun ⱨang bolsun, xundaⱪla pütkül kainatta yaritilƣan ⱨǝrⱪandaⱪ baxⱪa bir xǝy’i bolsun, bizni Rǝbbimiz Mǝsiⱨ Əysada bolƣan Hudaning meⱨir-muⱨǝbbitidin ⱨeqⱪaqan ayriwǝtküqi bolalmaydu.
پەلەك بولسۇن ھاڭ بولسۇن، شۇنداقلا پۈتكۈل كائىناتتا يارىتىلغان ھەرقانداق باشقا بىر شەيئى بولسۇن، بىزنى رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا بولغان خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ھېچقاچان ئايرىۋەتكۈچى بولالمايدۇ.

< Rimliⱪlarƣa 8 >