< Rimliⱪlarƣa 5 >

1 Xunga etiⱪad bilǝn ⱨǝⱪⱪaniy ⱪilinƣan ikǝnmiz, Rǝbbimiz Əysa Mǝsiⱨ arⱪiliⱪ Huda bilǝn inaⱪ munasiwǝttǝ bolimiz.
شۇڭا ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنغان ئىكەنمىز، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناق مۇناسىۋەتتە بولىمىز.
2 U arⱪiliⱪ etiⱪad yolida bizni qing turƣuzidiƣan bu meⱨir-xǝpⱪitining iqigǝ kirix ⱨoⱪuⱪiƣa muyǝssǝr bolduⱪ, xuningdǝk Hudaning xan-xǝripigǝ baƣliƣan ümidimizdin xad-huram bolimiz.
ئۇ ئارقىلىق ئېتىقاد يولىدا بىزنى چىڭ تۇرغۇزىدىغان بۇ مېھىر-شەپقىتىنىڭ ئىچىگە كىرىش ھوقۇقىغا مۇيەسسەر بولدۇق، شۇنىڭدەك خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە باغلىغان ئۈمىدىمىزدىن شاد-خۇرام بولىمىز.
3 Xundaⱪ bolupla ⱪalmay, müxkül ǝⱨwallar iqidǝ xadlinimiz; qünki müxküllük sǝwrqanliⱪni, sǝwrqanliⱪ qidamliⱪni, qidamliⱪ ümidni elip kelidu, dǝp bilimiz.
شۇنداق بولۇپلا قالماي، مۈشكۈل ئەھۋاللار ئىچىدە شادلىنىمىز؛ چۈنكى مۈشكۈللۈك سەۋرچانلىقنى، سەۋرچانلىق چىداملىقنى، چىداملىق ئۈمىدنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ بىلىمىز.
4
5 Wǝ bu ümid bizni yǝrgǝ ⱪaritip ⱪoymaydu, qünki bizgǝ ata ⱪilinƣan Muⱪǝddǝs Roⱨ arⱪiliⱪ Hudaning meⱨir-muⱨǝbbiti alliburun ⱪǝlbimizgǝ ⱪuyulup exip taxti.
ۋە بۇ ئۈمىد بىزنى يەرگە قارىتىپ قويمايدۇ، چۈنكى بىزگە ئاتا قىلىنغان مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئاللىبۇرۇن قەلبىمىزگە قۇيۇلۇپ ئېشىپ تاشتى.
6 Qünki biz pǝⱪǝt amalsiz ⱪalƣinimizda, Mǝsiⱨ biz ihlassizlar üqün [Huda] bekitkǝn waⱪitta ɵzini pida ⱪildi.
چۈنكى بىز پەقەت ئامالسىز قالغىنىمىزدا، مەسىھ بىز ئىخلاسسىزلار ئۈچۈن [خۇدا] بېكىتكەن ۋاقىتتا ئۆزىنى پىدا قىلدى.
7 Birsining ⱨǝⱪⱪaniy adǝm üqün jenini pida ⱪilixi naⱨayiti az uqraydiƣan ix; bǝzidǝ yahxi adǝm üqün birsi pida boluxⱪa jür’ǝt ⱪiliximu mumkin;
بىرسىنىڭ ھەققانىي ئادەم ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئىش؛ بەزىدە ياخشى ئادەم ئۈچۈن بىرسى پىدا بولۇشقا جۈرئەت قىلىشىمۇ مۇمكىن؛
8 lekin Huda Ɵz meⱨri-muⱨǝbbitini bizgǝ xuningda kɵrsitiduki, biz tehi gunaⱨkar waⱪtimizda, Mǝsiⱨ biz üqün jenini pida ⱪildi.
لېكىن خۇدا ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى بىزگە شۇنىڭدا كۆرسىتىدۇكى، بىز تېخى گۇناھكار ۋاقتىمىزدا، مەسىھ بىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلدى.
9 Ⱨazir biz Uning ⱪeni bilǝn ⱨǝⱪⱪaniy ⱪilinƣan ikǝnmiz, ǝmdi U arⱪiliⱪ [kelidiƣan] ƣǝzǝptin ⱪutuluximiz tehimu jǝzmǝndur.
ھازىر بىز ئۇنىڭ قېنى بىلەن ھەققانىي قىلىنغان ئىكەنمىز، ئەمدى ئۇ ئارقىلىق [كېلىدىغان] غەزەپتىن قۇتۇلۇشىمىز تېخىمۇ جەزمەندۇر.
10 Qünki burun Hudaƣa düxmǝn bolƣan bolsaⱪmu, Oƣlining ɵlümi arⱪiliⱪ bizni Uning bilǝn inaⱪlaxturƣan yǝrdǝ, Uning bilǝn inaⱪlaxturulƣandin keyin, ǝmdi [Oƣlining] ⱨayati arⱪiliⱪ biz tehimu ⱪutuldurulmamduⱪ?!
چۈنكى بۇرۇن خۇداغا دۈشمەن بولغان بولساقمۇ، ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق بىزنى ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرغان يەردە، ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەمدى [ئوغلىنىڭ] ھاياتى ئارقىلىق بىز تېخىمۇ قۇتۇلدۇرۇلمامدۇق؟!
11 Buning bilǝnla ⱪalmay, ⱨazir biz Rǝbbimiz Əysa Mǝsiⱨ arⱪiliⱪ Huda bilǝn inaⱪlaxturulduⱪ, U arⱪiliⱪmu Hudaning Ɵzidin xadlinimiz.
بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ھازىر بىز رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناقلاشتۇرۇلدۇق، ئۇ ئارقىلىقمۇ خۇدانىڭ ئۆزىدىن شادلىنىمىز.
12 Xuningdǝk, gunaⱨning dunyaƣa kirixi birla adǝm arⱪiliⱪ boldi, ɵlümning dunyaƣa kirixi gunaⱨ arⱪiliⱪ boldi; xuning bilǝn gunaⱨ arⱪiliⱪ ɵlüm ⱨǝmmǝ adǝmgǝ tarⱪaldi; qünki ⱨǝmmǝ adǝm gunaⱨ sadir ⱪildi
شۇنىڭدەك، گۇناھنىڭ دۇنياغا كىرىشى بىرلا ئادەم ئارقىلىق بولدى، ئۆلۈمنىڭ دۇنياغا كىرىشى گۇناھ ئارقىلىق بولدى؛ شۇنىڭ بىلەن گۇناھ ئارقىلىق ئۆلۈم ھەممە ئادەمگە تارقالدى؛ چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلدى
13 (qünki Tǝwrat ⱪanunidin ilgirimu gunaⱨ dunyada bar idi, ǝlwǝttǝ; ⱨalbuki, ⱪanun bolmisa gunaⱨning ⱨesabi elinmaydu.
(چۈنكى تەۋرات قانۇنىدىن ئىلگىرىمۇ گۇناھ دۇنيادا بار ئىدى، ئەلۋەتتە؛ ھالبۇكى، قانۇن بولمىسا گۇناھنىڭ ھېسابى ئېلىنمايدۇ.
14 Xundaⱪtimu, ɵlüm Adǝm’ata waⱪtidin Musa pǝyƣǝmbǝr waⱪtiƣiqǝ insanlarƣimu ⱨɵküm sürdi; ular gǝrqǝ Adǝm’atining sadir ⱪilƣan itaǝtsizlikidǝk gunaⱨ sadir ⱪilmiƣan bolsimu, bu insanlarmu ɵlüm ⱨɵkümidin haliy bolmidi). Adǝm’atining ɵzi — keyin kelidiƣan Mǝsiⱨning bir bexarǝtlik ülgsidur;
شۇنداقتىمۇ، ئۆلۈم ئادەمئاتا ۋاقتىدىن مۇسا پەيغەمبەر ۋاقتىغىچە ئىنسانلارغىمۇ ھۆكۈم سۈردى؛ ئۇلار گەرچە ئادەمئاتىنىڭ سادىر قىلغان ئىتائەتسىزلىكىدەك گۇناھ سادىر قىلمىغان بولسىمۇ، بۇ ئىنسانلارمۇ ئۆلۈم ھۆكۈمىدىن خالىي بولمىدى). ئادەمئاتىنىڭ ئۆزى ــ كېيىن كېلىدىغان مەسىھنىڭ بىر بېشارەتلىك ئۈلگسىدۇر؛
15 ⱨalbuki, [Hudaning] xapaǝtlik sowƣiti Adǝm’atining itaǝtsizlikining pütünlǝy ǝksidur. Qünki birla adǝmning itaǝtsizliki bilǝn nurƣun adǝm ɵlgǝn bolsa, ǝmdi Hudaning meⱨir-xǝpⱪiti wǝ xuningdǝk birla adǝm, yǝni Əysa Mǝsiⱨning meⱨir-xǝpⱪiti arⱪiliⱪ kǝlgǝn sowƣat exip-texip turƣaqⱪa, nurƣun adǝmgǝ yǝtküzülüp tehimu zor nǝtijǝ ⱨasil ⱪildi!
ھالبۇكى، [خۇدانىڭ] شاپائەتلىك سوۋغىتى ئادەمئاتىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىدۇر. چۈنكى بىرلا ئادەمنىڭ ئىتائەتسىزلىكى بىلەن نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن بولسا، ئەمدى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە شۇنىڭدەك بىرلا ئادەم، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق كەلگەن سوۋغات ئېشىپ-تېشىپ تۇرغاچقا، نۇرغۇن ئادەمگە يەتكۈزۈلۈپ تېخىمۇ زور نەتىجە ھاسىل قىلدى!
16 Xu xapaǝtlik sowƣatning nǝtijisi bolsa, xu bir adǝmning gunaⱨining aⱪiwitigǝ pütünlǝy ohximaydu. Qünki bir adǝmning bir ⱪetim ɵtküzgǝn itaǝtsizlikidin qiⱪarƣan ⱨɵküm insanlarni gunaⱨkar dǝp bekitkǝn bolsimu, ǝmma xu xapaǝtlik sowƣat bolsa kɵpligǝn kixilǝrning nurƣun itaǝtsizlikliridin «ⱨǝⱪⱪaniy ⱪilinix»ⱪa elip baridu.
شۇ شاپائەتلىك سوۋغاتنىڭ نەتىجىسى بولسا، شۇ بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنىڭ ئاقىۋىتىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىم ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكىدىن چىقارغان ھۆكۈم ئىنسانلارنى گۇناھكار دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما شۇ شاپائەتلىك سوۋغات بولسا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن ئىتائەتسىزلىكلىرىدىن «ھەققانىي قىلىنىش»قا ئېلىپ بارىدۇ.
17 Əmdi bir adǝmning itaǝtsizliki tüpǝylidin, ǝnǝ xu bir adǝm arⱪiliⱪ ɵlüm ⱨɵkümran bolƣan yǝrdǝ, [Hudaning] mol meⱨir-xǝpⱪitini, xundaⱪla ⱨǝⱪⱪaniyliⱪ bolƣan xapaǝtlik sowƣitini ⱪobul ⱪilƣanlar bir adǝm, yǝni xu Əysa Mǝsiⱨ arⱪiliⱪ ⱨayatta xunqǝ ƣalibanǝ ⱨɵkümranliⱪ ⱪilƣuqilar bolmamdu!
ئەمدى بىر ئادەمنىڭ ئىتائەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن، ئەنە شۇ بىر ئادەم ئارقىلىق ئۆلۈم ھۆكۈمران بولغان يەردە، [خۇدانىڭ] مول مېھىر-شەپقىتىنى، شۇنداقلا ھەققانىيلىق بولغان شاپائەتلىك سوۋغىتىنى قوبۇل قىلغانلار بىر ئادەم، يەنى شۇ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتتا شۇنچە غالىبانە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار بولمامدۇ!
18 Xunga, bir ⱪetimliⱪ itaǝtsizlik tüpǝylidin barliⱪ insanlar gunaⱨning jazasiƣa mǝⱨkum ⱪilinƣan bolsa, ohxaxla bir ⱪetimliⱪ ⱨǝⱪⱪaniy ǝmǝl bilǝn ⱨayatliⱪ elip kelidiƣan ⱨǝⱪⱪaniyliⱪ pütkül insanlarƣa yǝtküzülgǝn.
شۇڭا، بىر قېتىملىق ئىتائەتسىزلىك تۈپەيلىدىن بارلىق ئىنسانلار گۇناھنىڭ جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان بولسا، ئوخشاشلا بىر قېتىملىق ھەققانىي ئەمەل بىلەن ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان ھەققانىيلىق پۈتكۈل ئىنسانلارغا يەتكۈزۈلگەن.
19 Bir adǝmning bir ⱪetimliⱪ itaǝtsizliki arⱪiliⱪ nurƣun kixilǝr dǝrwǝⱪǝ gunaⱨkar ⱪilinip bekitilgǝndǝk, bir adǝmning bir ⱪetimliⱪ itaǝtmǝnliki bilǝnmu nurƣun kixilǝr ⱨǝⱪⱪaniy ⱪilinip bekitilidu.
بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىملىق ئىتائەتسىزلىكى ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر دەرۋەقە گۇناھكار قىلىنىپ بېكىتىلگەندەك، بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىملىق ئىتائەتمەنلىكى بىلەنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ھەققانىي قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ.
20 Əmdi Tǝwrat ⱪanuni insanning itaǝtsizlikliri kɵprǝk axkarlinip bilinsun dǝp kirgüzülgǝnidi. Lekin gunaⱨ ⱪǝyǝrdǝ kɵpǝygǝn bolsa, [Hudaning] meⱨir-xǝpⱪitimu xu yǝrdǝ tehimu exip taxti.
ئەمدى تەۋرات قانۇنى ئىنساننىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرى كۆپرەك ئاشكارلىنىپ بىلىنسۇن دەپ كىرگۈزۈلگەنىدى. لېكىن گۇناھ قەيەردە كۆپەيگەن بولسا، [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتىمۇ شۇ يەردە تېخىمۇ ئېشىپ تاشتى.
21 Xuningdǝk, gunaⱨ [insaniyǝtning] üstidin ⱨɵkümranliⱪ ⱪilip [ularni] ɵlümgǝ elip barƣinidǝk, [Hudaning] meⱨir-xǝpⱪiti ⱨǝⱪⱪaniyliⱪⱪa asaslinip ⱨɵkümranliⱪ ⱪilip, insanni Rǝbbimiz Əysa Mǝsiⱨ arⱪiliⱪ mǝnggülük ⱨayatliⱪⱪa erixtüridu. (aiōnios g166)
شۇنىڭدەك، گۇناھ [ئىنسانىيەتنىڭ] ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ [ئۇلارنى] ئۆلۈمگە ئېلىپ بارغىنىدەك، [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتى ھەققانىيلىققا ئاساسلىنىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئىنساننى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدۇ. (aiōnios g166)

< Rimliⱪlarƣa 5 >