< Zǝbur 80 >

1 «Nilupǝrlǝr» degǝn aⱨangda; bir guwaⱨliⱪ; Asaf yazƣan küy: — Ⱪulaⱪ salƣaysǝn, i Israilning padiqisi, Yüsüpni ⱪoy padisidǝk beⱪip yetǝkligüqi; I kerublar otturisida Olturƣuqi, Nurlanƣaysǝn!
«نىلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا؛ بىر گۇۋاھلىق؛ ئاساف يازغان كۈي: ــ قۇلاق سالغايسەن، ئى ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى، يۈسۈپنى قوي پادىسىدەك بېقىپ يېتەكلىگۈچى؛ ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى، نۇرلانغايسەن!
2 Əfraim, Binyamin, Manassǝⱨlǝrning aldida ⱪudritingni ⱪozƣiƣaysǝn, Bizlǝrni ⱪutⱪuzƣili kǝlgǝysǝn!
ئەفرائىم، بىنيامىن، ماناسسەهلەرنىڭ ئالدىدا قۇدرىتىڭنى قوزغىغايسەن، بىزلەرنى قۇتقۇزغىلى كەلگەيسەن!
3 I Huda, bizni Ɵz yeningƣa ⱪayturƣaysǝn! Jamalingning nurini qaqⱪaysǝn, xunda biz ⱪutⱪuzulimiz!
ئى خۇدا، بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن! جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز!
4 I Pǝrwǝrdigar, samawiy ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Huda, Hǝlⱪingning dualiriƣa bolƣan ƣǝziping ⱪaqanƣiqǝ yalⱪunlap turidu?
ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، خەلقىڭنىڭ دۇئالىرىغا بولغان غەزىپىڭ قاچانغىچە يالقۇنلاپ تۇرىدۇ؟
5 Sǝn kɵz yaxlirini ularƣa ozuⱪ ornida ⱪilding, Kɵz yaxlirini ⱪaqa-ⱪaqilap ularƣa iqküzdung.
سەن كۆز ياشلىرىنى ئۇلارغا ئوزۇق ئورنىدا قىلدىڭ، كۆز ياشلىرىنى قاچا-قاچىلاپ ئۇلارغا ئىچكۈزدۇڭ.
6 Bizni ⱪoxnilirimizƣa talaxⱪa ⱪoydung; Düxmǝnlirimiz bizni mǝshirǝ ⱪilixidu.
بىزنى قوشنىلىرىمىزغا تالاشقا قويدۇڭ؛ دۈشمەنلىرىمىز بىزنى مەسخىرە قىلىشىدۇ.
7 I samawiy ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Huda, Bizni Ɵz yeningƣa ⱪayturƣaysǝn! Jamalingning nurini qaqⱪaysǝn, xunda biz ⱪutⱪuzulimiz!
ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن! جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز!
8 Sǝn Misirdin bir tüp üzüm kɵqitini elip kǝlding; Yat ǝllǝrni ⱨǝydiwetip, orniƣa uni tikting.
سەن مىسىردىن بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتىنى ئېلىپ كەلدىڭ؛ يات ئەللەرنى ھەيدىۋېتىپ، ئورنىغا ئۇنى تىكتىڭ.
9 Uning aldida yǝrni kǝng aqting; U qongⱪur yiltiz tartip, pütün zeminƣa yeyildi.
ئۇنىڭ ئالدىدا يەرنى كەڭ ئاچتىڭ؛ ئۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، پۈتۈن زېمىنغا يېيىلدى.
10 Uning sayisi taƣlarni ⱪaplidi; Ƣolliri ⱪudrǝtlik kedir dǝrǝhliridǝk ɵsti;
ئۇنىڭ سايىسى تاغلارنى قاپلىدى؛ غوللىرى قۇدرەتلىك كېدىر دەرەخلىرىدەك ئۆستى؛
11 U xahlirini dengizƣiqǝ, Pilǝklirini [Əfrat] dǝryasi boyliriƣiqǝ uzartti.
ئۇ شاخلىرىنى دېڭىزغىچە، پىلەكلىرىنى [ئەفرات] دەرياسى بويلىرىغىچە ئۇزارتتى.
12 Sǝn nemixⱪa uning ⱪaxalirini buzup, Mewisini ɵtüp ketiwatⱪanlarning üzüp elixiƣa yol ⱪoydung?
سەن نېمىشقا ئۇنىڭ قاشالىرىنى بۇزۇپ، مېۋىسىنى ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ئۈزۈپ ئېلىشىغا يول قويدۇڭ؟
13 Mana ormanliⱪtiki yawa tongguzlar uni yeriwatidu, Daladiki ⱨaywanatlar uningdin ozuⱪlinidu.
مانا ئورمانلىقتىكى ياۋا توڭگۇزلار ئۇنى يېرىۋاتىدۇ، دالادىكى ھايۋاناتلار ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىنىدۇ.
14 I samawiy ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Huda, Sǝndin ɵtünimizki, Yenimizƣa ⱪaytⱪaysǝn! Ərxtin ⱨalimizƣa nǝzǝr salƣaysǝn, Kelip bu üzüm telidin hǝwǝr alƣaysǝn!
ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، سەندىن ئۆتۈنىمىزكى، يېنىمىزغا قايتقايسەن! ئەرشتىن ھالىمىزغا نەزەر سالغايسەن، كېلىپ بۇ ئۈزۈم تېلىدىن خەۋەر ئالغايسەن!
15 Yǝni ong ⱪolung tikkǝn bu yiltizdin, Ɵzüng üqün mǝzmut yetixtürgǝn bu oƣlungdin hǝwǝr alƣaysǝn!
يەنى ئوڭ قولۇڭ تىككەن بۇ يىلتىزدىن، ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن بۇ ئوغلۇڭدىن خەۋەر ئالغايسەن!
16 Mana u otta kɵydürüldi, Kesiwetildi; Yüzüngdiki tǝnbiⱨiy ⱪarixingni kɵrüp ular ⱨalak bolmaⱪta;
مانا ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلدى، كېسىۋېتىلدى؛ يۈزۈڭدىكى تەنبىھىي قارىشىڭنى كۆرۈپ ئۇلار ھالاك بولماقتا؛
17 Ⱪolungni ong ⱪolungdiki adǝmgǝ, Yǝni Ɵzüng üqün mǝzmut yetixtürgǝn Insan oƣliƣa ⱪondurƣaysǝn;
قولۇڭنى ئوڭ قولۇڭدىكى ئادەمگە، يەنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن ئىنسان ئوغلىغا قوندۇرغايسەن؛
18 Xundaⱪ ⱪilƣanda biz Sǝndin ⱨǝrgiz qekinmǝymiz; Bizni yengiliƣaysǝn, xunda biz namingni qaⱪirip Sanga iltija ⱪilimiz.
شۇنداق قىلغاندا بىز سەندىن ھەرگىز چېكىنمەيمىز؛ بىزنى يېڭىلىغايسەن، شۇندا بىز نامىڭنى چاقىرىپ ساڭا ئىلتىجا قىلىمىز.
19 I Pǝrwǝrdigar, samawiy ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Huda, Bizni Ɵz yeningƣa ⱪayturƣaysǝn! Jamalingning nurini qaqⱪaysǝn, xunda biz ⱪutⱪuzulimiz!
ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن! جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز!

< Zǝbur 80 >