< Zǝbur 71 >

1 Sǝndin, Pǝrwǝrdigardin panaⱨ tapimǝn; Meni ⱨǝrgiz yǝrgǝ ⱪaratmiƣaysǝn.
سەندىن، پەرۋەردىگاردىن پاناھ تاپىمەن؛ مېنى ھەرگىز يەرگە قاراتمىغايسەن.
2 Ɵz ⱨǝⱪⱪaniyliⱪingda meni ⱪutuldurƣaysǝn; Manga ⱪulaⱪ salƣaysǝn, Meni ⱪutⱪuzƣaysǝn!
ئۆز ھەققانىيلىقىڭدا مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن؛ ماڭا قۇلاق سالغايسەن، مېنى قۇتقۇزغايسەن!
3 Manga ɵzüm daim panaⱨlinidiƣan turalƣu ⱪoram tax bolƣaysǝn; Sǝn meni ⱪutⱪuzuxⱪa buyruⱪ qüxürgǝysǝn; Qünki Sǝn egiz texim, ⱪorƣinimdursǝn.
ماڭا ئۆزۈم دائىم پاناھلىنىدىغان تۇرالغۇ قورام تاش بولغايسەن؛ سەن مېنى قۇتقۇزۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەيسەن؛ چۈنكى سەن ئېگىز تېشىم، قورغىنىمدۇرسەن.
4 Hudayim, meni rǝzillǝrning ⱪolidin, Ⱨǝⱪⱪaniyǝtsiz, rǝⱨimsiz adǝmdin azad ⱪilƣaysǝn;
خۇدايىم، مېنى رەزىللەرنىڭ قولىدىن، ھەققانىيەتسىز، رەھىمسىز ئادەمدىن ئازاد قىلغايسەن؛
5 Qünki Sǝn mening ümidimdursǝn, i Rǝb Pǝrwǝrdigar, Yaxliⱪimdin tartipla mening tayanqimdursǝn;
چۈنكى سەن مېنىڭ ئۈمىدىمدۇرسەن، ئى رەب پەرۋەردىگار، ياشلىقىمدىن تارتىپلا مېنىڭ تايانچىمدۇرسەن؛
6 Baliyatⱪudiki waⱪittin baxlap mǝn Sanga tayinip kǝldim, Ɵzüng meni anamning ⱪarnidin qiⱪarƣuqisǝn; Mǝdⱨiyǝmning temisi bolsa ⱨǝrdaim Sǝn toƣruluⱪtur.
بالىياتقۇدىكى ۋاقىتتىن باشلاپ مەن ساڭا تايىنىپ كەلدىم، ئۆزۈڭ مېنى ئانامنىڭ قارنىدىن چىقارغۇچىسەن؛ مەدھىيەمنىڭ تېمىسى بولسا ھەردائىم سەن توغرۇلۇقتۇر.
7 Mǝn nurƣunlarƣa ƣǝyriy yaki karamǝt sanaldim; Qünki Sǝn mening mustǝⱨkǝm panaⱨgaⱨimdursǝn.
مەن نۇرغۇنلارغا غەيرىي ياكى كارامەت سانالدىم؛ چۈنكى سەن مېنىڭ مۇستەھكەم پاناھگاھىمدۇرسەن.
8 Aƣzim kün boyi mǝdⱨiyiliring ⱨǝm xan-xǝripinggǝ tolidu;
ئاغزىم كۈن بويى مەدھىيىلىرىڭ ھەم شان-شەرىپىڭگە تولىدۇ؛
9 Əmdi ⱪeriƣinimda meni taxlimiƣaysǝn; Maƣdurum kǝtkinidǝ, mǝndin waz kǝqmigǝysǝn.
ئەمدى قېرىغىنىمدا مېنى تاشلىمىغايسەن؛ ماغدۇرۇم كەتكىنىدە، مەندىن ۋاز كەچمىگەيسەن.
10 Qünki düxmǝnlirim manga ⱪarxi sɵzlixidu; Jenimni elixⱪa kɵzlǝwatⱪanlar ⱪǝstlixip: —
چۈنكى دۈشمەنلىرىم ماڭا قارشى سۆزلىشىدۇ؛ جېنىمنى ئېلىشقا كۆزلەۋاتقانلار قەستلىشىپ: ــ
11 «Huda uningdin waz kǝqti; Uni ⱪoƣlap tutuwelinglar, Qünki ⱪutuldurudiƣanlar yoⱪtur» — deyixidu.
«خۇدا ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى؛ ئۇنى قوغلاپ تۇتۇۋېلىڭلار، چۈنكى قۇتۇلدۇرۇدىغانلار يوقتۇر» ــ دېيىشىدۇ.
12 I Huda, mǝndin yiraⱪlaxmiƣaysǝn; I Hudayim, manga yardǝmgǝ tez kǝlgǝysǝn!
ئى خۇدا، مەندىن يىراقلاشمىغايسەن؛ ئى خۇدايىم، ماڭا ياردەمگە تېز كەلگەيسەن!
13 Jenimƣa küxǝndǝ bolƣanlar xǝrmǝndǝ bolup yoⱪitilisun; Ziyinimƣa intilgǝnlǝr rǝswaliⱪ ⱨǝm xǝrmǝndiqilik bilǝn ⱪaplansun;
جېنىمغا كۈشەندە بولغانلار شەرمەندە بولۇپ يوقىتىلىسۇن؛ زىيىنىمغا ئىنتىلگەنلەر رەسۋالىق ھەم شەرمەندىچىلىك بىلەن قاپلانسۇن؛
14 Biraⱪ mǝn bolsam, izqil ümidtǝ bolimǝn, Seni tehimu mǝdⱨiyilǝymǝn.
بىراق مەن بولسام، ئىزچىل ئۈمىدتە بولىمەن، سېنى تېخىمۇ مەدھىيىلەيمەن.
15 Ⱨǝⱪⱪaniyliⱪing, nijatliⱪing aƣzimda kün boyi bayan ⱪilinidu; Bular san-sanaⱪsizdur, bilginimdin kɵp artuⱪtur.
ھەققانىيلىقىڭ، نىجاتلىقىڭ ئاغزىمدا كۈن بويى بايان قىلىنىدۇ؛ بۇلار سان-ساناقسىزدۇر، بىلگىنىمدىن كۆپ ئارتۇقتۇر.
16 Mǝn Rǝb Pǝrwǝrdigarning büyük ixlirini jakarliƣan ⱨalda kelimǝn; Sening ⱨǝⱪⱪaniyliⱪingni yad etip jakarlaymǝn — Pǝⱪǝt Seningkinila!
مەن رەب پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈك ئىشلىرىنى جاكارلىغان ھالدا كېلىمەن؛ سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭنى ياد ئېتىپ جاكارلايمەن ــ پەقەت سېنىڭكىنىلا!
17 I Huda, Sǝn yaxliⱪimdin tartip manga ɵgitip kǝlgǝnsǝn; Bügüngǝ ⱪǝdǝr Sening ⱪilƣan karamǝt ixliringni jakarlap keliwatimǝn.
ئى خۇدا، سەن ياشلىقىمدىن تارتىپ ماڭا ئۆگىتىپ كەلگەنسەن؛ بۈگۈنگە قەدەر سېنىڭ قىلغان كارامەت ئىشلىرىڭنى جاكارلاپ كېلىۋاتىمەن.
18 Əmdi ⱨazir mǝn ⱪerip, aⱪ qaqliⱪ bolƣinimda, i Huda, Mǝn bu dǝwrgǝ [küqlük] bilikingni [jakarliƣuqǝ], Kelǝr ǝwladning ⱨǝmmisigǝ ⱪudritingni ayan ⱪilƣuqǝ, [Meni taxliwǝtmigǝysǝn]!
ئەمدى ھازىر مەن قېرىپ، ئاق چاچلىق بولغىنىمدا، ئى خۇدا، مەن بۇ دەۋرگە [كۈچلۈك] بىلىكىڭنى [جاكارلىغۇچە]، كېلەر ئەۋلادنىڭ ھەممىسىگە قۇدرىتىڭنى ئايان قىلغۇچە، [مېنى تاشلىۋەتمىگەيسەن]!
19 I uluƣ karamǝt ixlarni ⱪilƣan Huda, Ⱨǝⱪⱪaniyliⱪing pǝlǝkkǝ taⱪaxti; Sanga kimmu ohxax bolalisun!
ئى ئۇلۇغ كارامەت ئىشلارنى قىلغان خۇدا، ھەققانىيلىقىڭ پەلەككە تاقاشتى؛ ساڭا كىممۇ ئوخشاش بولالىسۇن!
20 Sǝn manga kɵp ⱨǝm eƣir külpǝtlǝrni kɵrsǝtkǝnikǝnsǝn, Meni ⱪaytidin yengilaysǝn, yǝr tǝgliridin ⱪayturup elip qiⱪisǝn;
سەن ماڭا كۆپ ھەم ئېغىر كۈلپەتلەرنى كۆرسەتكەنىكەنسەن، مېنى قايتىدىن يېڭىلايسەن، يەر تەگلىرىدىن قايتۇرۇپ ئېلىپ چىقىسەن؛
21 Sǝn mening izzǝt-ⱨɵrmitimni tehimu yuⱪiri ⱪilip, Ⱨǝr tǝrǝptin manga tǝsǝlli berisǝn.
سەن مېنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمنى تېخىمۇ يۇقىرى قىلىپ، ھەر تەرەپتىن ماڭا تەسەللى بېرىسەن.
22 Mǝn Seni rawab qelip mǝdⱨiyilǝymǝn, Sening ⱨǝⱪiⱪitingni mǝdⱨiyilǝymǝn, i Hudayim; Qiltar qelip Seni küylǝymǝn, i Sǝn, Israilning Muⱪǝddisi!
مەن سېنى راۋاب چېلىپ مەدھىيىلەيمەن، سېنىڭ ھەقىقىتىڭنى مەدھىيىلەيمەن، ئى خۇدايىم؛ چىلتار چېلىپ سېنى كۈيلەيمەن، ئى سەن، ئىسرائىلنىڭ مۇقەددىسى!
23 Sanga küylǝr eytⱪinimda, lǝwlirim tǝntǝnǝ ⱪilidu, Ɵzüng ⱨɵrlükkǝ qiⱪarƣan jenimmu xundaⱪ roⱨlinip eytidu;
ساڭا كۈيلەر ئېيتقىنىمدا، لەۋلىرىم تەنتەنە قىلىدۇ، ئۆزۈڭ ھۆرلۈككە چىقارغان جېنىممۇ شۇنداق روھلىنىپ ئېيتىدۇ؛
24 Tilim kün boyi ⱨǝⱪⱪaniyliⱪing toƣrisida sɵzlǝydu; Qünki manga yamanliⱪ ⱪilmaⱪqi bolƣanlar yǝrgǝ ⱪaritilip rǝswa ⱪilinidu.
تىلىم كۈن بويى ھەققانىيلىقىڭ توغرىسىدا سۆزلەيدۇ؛ چۈنكى ماڭا يامانلىق قىلماقچى بولغانلار يەرگە قارىتىلىپ رەسۋا قىلىنىدۇ.

< Zǝbur 71 >