< Zǝbur 144 >

1 Dawut yazƣan küy: — Ⱪollirimƣa jǝng ⱪilixni, Barmaⱪlirimƣa uruxni ɵgitidiƣan, Mening Ⱪoram Texim Pǝrwǝrdigarƣa tǝxǝkkür-mǝdⱨiyǝ ⱪayturulsun!
داۋۇت يازغان كۈي: ــ قوللىرىمغا جەڭ قىلىشنى، بارماقلىرىمغا ئۇرۇشنى ئۆگىتىدىغان، مېنىڭ قورام تېشىم پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن!
2 Mening ɵzgǝrmǝs xǝpⱪitim wǝ mening ⱪorƣinim, Mening egiz munarim wǝ nijatkarim, Mening ⱪalⱪinim wǝ tayanƣinim, mǝn Uningdin ⱨimayǝ tapimǝn; U Ɵz hǝlⱪimni ⱪol astimda boysundurƣuqidur!
مېنىڭ ئۆزگەرمەس شەپقىتىم ۋە مېنىڭ قورغىنىم، مېنىڭ ئېگىز مۇنارىم ۋە نىجاتكارىم، مېنىڭ قالقىنىم ۋە تايانغىنىم، مەن ئۇنىڭدىن ھىمايە تاپىمەن؛ ئۇ ئۆز خەلقىمنى قول ئاستىمدا بويسۇندۇرغۇچىدۇر!
3 I Pǝrwǝrdigar, Sǝn uningdin hǝwǝr alidikǝnsǝn, adǝm degǝn zadi nemǝ? Uning toƣruluⱪ oylaydikǝnsǝn, insan balisi degǝn nemǝ?
ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالىدىكەنسەن، ئادەم دېگەن زادى نېمە؟ ئۇنىڭ توغرۇلۇق ئويلايدىكەنسەن، ئىنسان بالىسى دېگەن نېمە؟
4 Adǝm bolsa bir nǝpǝsturla, halas; Uning künliri ɵtüp ketiwatⱪan bir kɵlǝnggidur, halas.
ئادەم بولسا بىر نەپەستۇرلا، خالاس؛ ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر كۆلەڭگىدۇر، خالاس.
5 I Pǝrwǝrdigar, asmanlarni egildürüp qüxkǝysǝn; Taƣlarƣa tegip ulardin is-tütǝk qiⱪarƣaysǝn;
ئى پەرۋەردىگار، ئاسمانلارنى ئېگىلدۈرۈپ چۈشكەيسەن؛ تاغلارغا تېگىپ ئۇلاردىن ئىس-تۈتەك چىقارغايسەن؛
6 Qaⱪmaⱪlarni qaⱪⱪuzup ularni tarⱪitiwǝtkǝysǝn; Oⱪliringni etip ularni ⱪiyⱪas-sürǝngǝ salƣaysǝn;
چاقماقلارنى چاققۇزۇپ ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەيسەن؛ ئوقلىرىڭنى ئېتىپ ئۇلارنى قىيقاس-سۈرەنگە سالغايسەن؛
7 Yuⱪiridin ⱪolliringni uzitip, Meni azad ⱪilƣaysǝn; Meni uluƣ sulardin, Yaⱪa yurttikilǝrning qanggilidin qiⱪarƣaysǝn.
يۇقىرىدىن قوللىرىڭنى ئۇزىتىپ، مېنى ئازاد قىلغايسەن؛ مېنى ئۇلۇغ سۇلاردىن، ياقا يۇرتتىكىلەرنىڭ چاڭگىلىدىن چىقارغايسەن.
8 Ularning aƣzi ⱪuruⱪ gǝp sɵzlǝydu, Ong ⱪoli aldamqi ⱪoldur.
ئۇلارنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ سۆزلەيدۇ، ئوڭ قولى ئالدامچى قولدۇر.
9 I Huda, mǝn Sanga atap yengi nahxa eytimǝn; Ontarƣa tǝngkǝx bolup Sanga küylǝrni eytimǝn.
ئى خۇدا، مەن ساڭا ئاتاپ يېڭى ناخشا ئېيتىمەن؛ ئونتارغا تەڭكەش بولۇپ ساڭا كۈيلەرنى ئېيتىمەن.
10 Sǝn padixaⱨlarƣa nijatliⱪ-ƣǝlibǝ beƣixlaysǝn; Ⱪulung Dawutni ǝjǝllik ⱪiliqtin ⱪutuldurisǝn.
سەن پادىشاھلارغا نىجاتلىق-غەلىبە بېغىشلايسەن؛ قۇلۇڭ داۋۇتنى ئەجەللىك قىلىچتىن قۇتۇلدۇرىسەن.
11 Meni ⱪutuldurƣaysǝn, yat yurttikilǝrning ⱪolidin azad ⱪilƣaysǝn; Ularning aƣzi ⱪuruⱪ gǝp sɵzlǝydu, Ong ⱪoli aldamqi ⱪoldur.
مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، يات يۇرتتىكىلەرنىڭ قولىدىن ئازاد قىلغايسەن؛ ئۇلارنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ سۆزلەيدۇ، ئوڭ قولى ئالدامچى قولدۇر.
12 Xundaⱪ ⱪilip oƣullirimiz yaxliⱪida puhta yetilgǝn kɵqǝtlǝrgǝ ohxaydu, Ⱪizlirimiz ordiqǝ nǝⱪixlǝngǝn tüwrüklǝrdǝk bolidu;
شۇنداق قىلىپ ئوغۇللىرىمىز ياشلىقىدا پۇختا يېتىلگەن كۆچەتلەرگە ئوخشايدۇ، قىزلىرىمىز ئوردىچە نەقىشلەنگەن تۈۋرۈكلەردەك بولىدۇ؛
13 Axliⱪ ambarlirimiz toldurulup, Türlük-türlük ozuⱪlar bilǝn tǝminlǝydiƣan, Ⱪoylirimiz otlaⱪlirimizda minglap, tümǝnlǝp ⱪozilaydiƣan;
ئاشلىق ئامبارلىرىمىز تولدۇرۇلۇپ، تۈرلۈك-تۈرلۈك ئوزۇقلار بىلەن تەمىنلەيدىغان، قويلىرىمىز ئوتلاقلىرىمىزدا مىڭلاپ، تۈمەنلەپ قوزىلايدىغان؛
14 Kalilirimiz boƣaz bolidiƣan; Ⱨeqkim besip kirmǝydiƣan, ⱨeqkim [jǝnggǝ] qiⱪmaydiƣan; Koqilirimizda ⱨeq jedǝl-ƣowƣa bolmaydiƣan;
كالىلىرىمىز بوغاز بولىدىغان؛ ھېچكىم بېسىپ كىرمەيدىغان، ھېچكىم [جەڭگە] چىقمايدىغان؛ كوچىلىرىمىزدا ھېچ جېدەل-غوۋغا بولمايدىغان؛
15 Əⱨwali xundaⱪ bolƣan hǝlⱪ nemidegǝn bǝhtliktur! Hudasi Pǝrwǝrdigar bolƣan hǝlⱪ bǝhtliktur!
ئەھۋالى شۇنداق بولغان خەلق نېمىدېگەن بەختلىكتۇر! خۇداسى پەرۋەردىگار بولغان خەلق بەختلىكتۇر!

< Zǝbur 144 >