< Zǝbur 140 >

1 Nǝƣmiqilǝrning bexiƣa tapxurulup oⱪulsun dǝp, Dawut yazƣan küy: — Rǝzil adǝmdin, i Pǝrwǝrdigar, meni azad ⱪilƣaysǝn; Zorawan kixidin meni saⱪliƣaysǝn.
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ رەزىل ئادەمدىن، ئى پەرۋەردىگار، مېنى ئازاد قىلغايسەن؛ زوراۋان كىشىدىن مېنى ساقلىغايسەن.
2 Ular kɵnglidǝ yamanliⱪlarni oylimaⱪta; Ular ⱨǝr küni jǝm boluxup urux qiⱪarmaⱪqi.
ئۇلار كۆڭلىدە يامانلىقلارنى ئويلىماقتا؛ ئۇلار ھەر كۈنى جەم بولۇشۇپ ئۇرۇش چىقارماقچى.
3 Tilini yilanningkidǝk ittik ⱪilidu; Kobra yilanning zǝⱨiri lǝwliri astida turidu; (Selaⱨ)
تىلىنى يىلاننىڭكىدەك ئىتتىك قىلىدۇ؛ كوبرا يىلاننىڭ زەھىرى لەۋلىرى ئاستىدا تۇرىدۇ؛ سېلاھ.
4 Rǝzil adǝmning ⱪolliridin meni aman ⱪiliƣaysǝn, i Pǝrwǝrdigar; Putlirimni putlaxni ⱪǝstlǝydiƣan zorawan kixidin saⱪliƣaysǝn.
رەزىل ئادەمنىڭ قوللىرىدىن مېنى ئامان قىلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ پۇتلىرىمنى پۇتلاشنى قەستلەيدىغان زوراۋان كىشىدىن ساقلىغايسەن.
5 Tǝkǝbburlar mǝn üqün ⱪiltaⱪ, tanilarni yoxurup tǝyyarlidi; Yol boyida tor yaydi, Mǝn üqün tuzaⱪlarni saldi; (Selaⱨ)
تەكەببۇرلار مەن ئۈچۈن قىلتاق، تانىلارنى يوشۇرۇپ تەييارلىدى؛ يول بويىدا تور يايدى، مەن ئۈچۈن تۇزاقلارنى سالدى؛ سېلاھ.
6 Mǝn Pǝrwǝrdigarƣa: «Sǝn mening Tǝngrimdursǝn» — dedim; Yelinixlirim sadasiƣa ⱪulaⱪ salƣaysǝn, i Pǝrwǝrdigar;
مەن پەرۋەردىگارغا: «سەن مېنىڭ تەڭرىمدۇرسەن» ــ دېدىم؛ يېلىنىشلىرىم ساداسىغا قۇلاق سالغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
7 Pǝrwǝrdigar Rǝb nijatliⱪimning küqidur; Sǝn jǝng künidǝ beximni yepip ⱪoƣdiƣansǝn.
پەرۋەردىگار رەب نىجاتلىقىمنىڭ كۈچىدۇر؛ سەن جەڭ كۈنىدە بېشىمنى يېپىپ قوغدىغانسەن.
8 Rǝzil adǝmning ümidini ijabǝt ⱪilmiƣaysǝn, i Pǝrwǝrdigar; Ularning ⱨiylilirini aⱪⱪuzmiƣaysǝn; Bolmisa ɵzlirini qong tutuwalidu. (Selaⱨ)
رەزىل ئادەمنىڭ ئۈمىدىنى ئىجابەت قىلمىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئۇلارنىڭ ھىيلىلىرىنى ئاققۇزمىغايسەن؛ بولمىسا ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇۋالىدۇ. سېلاھ.
9 Meni ⱪorxiwalƣanlarning bolsa, Lǝwliridin qiⱪⱪan xumluⱪ ularning ɵz bexiƣa qüxsun;
مېنى قورشىۋالغانلارنىڭ بولسا، لەۋلىرىدىن چىققان شۇملۇق ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشسۇن؛
10 Üstigǝ qoƣlar yaƣdurulsun; Ular otⱪa, Ⱪaytidin qiⱪalmiƣudǝk ⱨanglarƣa taxliwetilsun;
ئۈستىگە چوغلار ياغدۇرۇلسۇن؛ ئۇلار ئوتقا، قايتىدىن چىقالمىغۇدەك ھاڭلارغا تاشلىۋېتىلسۇن؛
11 Tili qeⱪimqi adǝmning yǝr yüzidǝ orni bolmisun; Balayi’apǝt zorawanlarni tügǝxküqǝ owlaydu;
تىلى چېقىمچى ئادەمنىڭ يەر يۈزىدە ئورنى بولمىسۇن؛ بالايىئاپەت زوراۋانلارنى تۈگەشكۈچە ئوۋلايدۇ؛
12 Mǝn bilimǝnki, Pǝrwǝrdigar ezilgǝnlǝrning dǝwasini soraydu, Yoⱪsulning ⱨǝⱪⱪini elip beridu;
مەن بىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ئېزىلگەنلەرنىڭ دەۋاسىنى سورايدۇ، يوقسۇلنىڭ ھەققىنى ئېلىپ بېرىدۇ؛
13 Bǝrⱨǝⱪ, ⱨǝⱪⱪaniylar namingƣa tǝxǝkkür eytidu; Kɵngli duruslar ⱨuzurungda yaxaydu.
بەرھەق، ھەققانىيلار نامىڭغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ؛ كۆڭلى دۇرۇسلار ھۇزۇرۇڭدا ياشايدۇ.

< Zǝbur 140 >