< Zǝbur 13 >

1 Nǝƣmiqilǝrning bexiƣa tapxurulup oⱪulsun dǝp, Dawut yazƣan küy: — I Pǝrwǝrdigar, ⱪaqanƣiqǝ? Sǝn meni mǝnggügǝ untumsǝn? Ⱪaqanƣiqǝ didaringni mǝndin yoxurisǝn?
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە؟ سەن مېنى مەڭگۈگە ئۇنتۇمسەن؟ قاچانغىچە دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرىسەن؟
2 Ⱪaqanƣiqǝ ⱨǝrküni ⱪayƣurup, ⱪǝlbimdǝ? Ⱪaqanƣiqǝ düxminim mǝndin xadlinip ƣalib yüridu?
قاچانغىچە ھەركۈنى قايغۇرۇپ، قەلبىمدە؟ قاچانغىچە دۈشمىنىم مەندىن شادلىنىپ غالىب يۈرىدۇ؟
3 Manga ⱪara, manga jawab bǝrgin, i Pǝrwǝrdigar Hudayim! Ɵlüm uyⱪusi meni besip kǝlgüqǝ, Kɵzümni yorutⱪaysǝn,
ماڭا قارا، ماڭا جاۋاب بەرگىن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم! ئۆلۈم ئۇيقۇسى مېنى بېسىپ كەلگۈچە، كۆزۈمنى يورۇتقايسەن،
4 Düxminimning: «Mǝn küqiyip uning üstidin ƣǝlibǝ ⱪildim» demǝsliki üqün, Rǝⱪiblirim sǝntürülgǝnlikimni kɵrüp xadlanmasliⱪi üqün, [kɵzümni yorutⱪaysǝn]!
دۈشمىنىمنىڭ: «مەن كۈچىيىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم» دېمەسلىكى ئۈچۈن، رەقىبلىرىم سەنتۈرۈلگەنلىكىمنى كۆرۈپ شادلانماسلىقى ئۈچۈن، [كۆزۈمنى يورۇتقايسەن]!
5 Biraⱪ mǝn bolsam Sening ɵzgǝrmǝs muⱨǝbbitinggǝ ɵzümni tapxurdum; Yürikim Sening nijatliⱪingdin xadlinidu;
بىراق مەن بولسام سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭگە ئۆزۈمنى تاپشۇردۇم؛ يۈرىكىم سېنىڭ نىجاتلىقىڭدىن شادلىنىدۇ؛
6 Mǝn Pǝrwǝrdigarƣa nahxa eytimǝn; Qünki U manga zor meⱨribanliⱪni kɵrsǝtti.
مەن پەرۋەردىگارغا ناخشا ئېيتىمەن؛ چۈنكى ئۇ ماڭا زور مېھرىبانلىقنى كۆرسەتتى.

< Zǝbur 13 >