< Zǝbur 122 >

1 «Yuⱪiriƣa qiⱪix nahxisi» Ular manga: «Pǝrwǝrdigarning ɵyigǝ qiⱪayli» — deginidǝ, Xadlandim.
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» ئۇلار ماڭا: «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقايلى» ــ دېگىنىدە، شادلاندىم.
2 Putlirimiz dǝrwaziliring iqidǝ turuxⱪa nesip boldi, i Yerusalem!
پۇتلىرىمىز دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە تۇرۇشقا نېسىپ بولدى، ئى يېرۇسالېم!
3 I Yerusalem, sǝn jipsilaxturulup rǝtlik selinƣan bir xǝⱨǝrdursǝn;
ئى يېرۇسالېم، سەن جىپسىلاشتۇرۇلۇپ رەتلىك سېلىنغان بىر شەھەردۇرسەن؛
4 Ⱪǝbililǝr u yǝrgǝ qiⱪidu, Yaⱨning ⱪǝbililiri qiⱪidu; Israilƣa berilgǝn kɵrsǝtmǝ boyiqǝ, Pǝrwǝrdigarning namiƣa tǝxǝkkür eytix üqün qiⱪidu.
قەبىلىلەر ئۇ يەرگە چىقىدۇ، ياھنىڭ قەبىلىلىرى چىقىدۇ؛ ئىسرائىلغا بېرىلگەن كۆرسەتمە بويىچە، پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن چىقىدۇ.
5 Qünki u yǝrdǝ ⱨɵküm qiⱪirixⱪa tǝhtlǝr selindi, Dawutning jǝmǝtidikilǝrgǝ tǝhtlǝr selindi.
چۈنكى ئۇ يەردە ھۆكۈم چىقىرىشقا تەختلەر سېلىندى، داۋۇتنىڭ جەمەتىدىكىلەرگە تەختلەر سېلىندى.
6 Yerusalemning aman-hatirjǝmlikini izdǝp dua ⱪilinglar; Seni sɵygǝnlǝr ronaⱪ tapidu.
يېرۇسالېمنىڭ ئامان-خاتىرجەملىكىنى ئىزدەپ دۇئا قىلىڭلار؛ سېنى سۆيگەنلەر روناق تاپىدۇ.
7 Istiⱨkamliring iqidǝ aman-hatirjǝmlik bolsun, Ordiliring iqidǝ awat-aramliⱪ bolsun!
ئىستىھكاملىرىڭ ئىچىدە ئامان-خاتىرجەملىك بولسۇن، ئوردىلىرىڭ ئىچىدە ئاۋات-ئاراملىق بولسۇن!
8 Ⱪerindaxlirim ⱨǝm yar-buradǝrlirim üqün, Mǝn: «Aman-hatirjǝmlik iqingdǝ bolsun» — dǝymǝn.
قېرىنداشلىرىم ھەم يار-بۇرادەرلىرىم ئۈچۈن، مەن: «ئامان-خاتىرجەملىك ئىچىڭدە بولسۇن» ــ دەيمەن.
9 Pǝrwǝrdigar Hudayimizning ɵyi üqün, Sening ronaⱪ tepixingƣa intilimǝn!
پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئۆيى ئۈچۈن، سېنىڭ روناق تېپىشىڭغا ئىنتىلىمەن!

< Zǝbur 122 >